ئىگىلىك تورى ‹‹ئىقتىساد كۆزنىكى›› پروگراممىسىدا زىيارەتتە ...
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !
ئىگىلىك تورىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرى، سىلەرگە پەخىرلەنگەن ھالدا يەنە خوش خەۋەرنى ئېيتماقچىمەن .
ھازىر ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىقتىسادى كەسپىي تور بەتلەر تېز تەرەققىي قىلىپ خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ۋە ئەمەلىي نەپلەرنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ ! بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر بۇرۇن قۇرۇلغان ھەم بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان "ئىگىلىك تورى" ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.
يېقىندا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى "ئىقتىساد كۆزنىكى" پروگراممىسىدا ئىگىلىك تورى مەخسۇس زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەمدە زىيارەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسدا 2012- يىل 2- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا بىر ھەپتە تەكرار قويۇلۇپ بولدى.
زىيارەتتە، ئىگىلىك تورىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش، ھازىر تورداشلىرىمىز ئەڭ قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەر، ئىگىلىك تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات پىلانلىرى ۋە نىشانلىرى قىسقىچە سۆزلەندى.
ناۋادا تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار تۆۋەندىكى زىيارەت جەريانىغا دېققەت قىلغايسىلەر ...
بۇ فىلىم تېلېۋىزوردا قويۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋە تورداشلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك تورىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىغا ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ۋە نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەر ئىگىلىك تورى زىيارىتىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن كىيىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىگىلىك تورىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىگىلىك تورىدىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن "ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىقتىساد كۆزنىكى" پروگراممىسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بارلىق تورداشلار ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تورىنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
http://www.igilik.net/bbs/
2012- يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى