
1-ئۆزىڭدىن چوڭ بۇيۇك ئادەملەر بىلەن ئويناشما .

2-خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .

3-ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار چىدىماس ئادەم بىلەن سۆھبەتتە بولما .

4-بېخىل بىلەن سۆھبەتداش بولما .

5-نادان -جاھىللار بىلەن سۆھبەتلەشمە .

6-تۇراقسىز كىشى بىلەن دوس بولما .

7-يالغانچى بىلەن مۇئامىلە بولما .

8-ئۇرۇشقان ، جىدەلخۇر بىلەن ئۇلپەت بولما .

9-ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .

10-سېرىڭنى كىشىگە ئىيتما ، ئەيىپ ئىزدىگۇچىدىن قاچقىن ، ساڭا ھاجىتى چۇشكەن كىشىنى خار قىلما .

كېلىش مەنبەسى : قابۇسنامە دىگەن كىتابدىن ئېلىندى .