|
|
|
|
زۇلۇم قىلىش دىگەن نىمە؟
زۇلۇم قىلىش- ھەقسىزلىق قىلىش، يولسىزلىق قىلىش دىگەنلىكتۇر.
زۇلۇم قىلىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. ھەقسىزلىقنى قۇبۇل قىلمايدۇ.ئاللاھ تااللا زۇلۇم قىلىشنى قاتتىق يامان كۆرىدۇ. ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە؛‹‹سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن ،ئۇنۇڭغا بىز ئازابىمىزنى تېتىتىمىز››(1)دىگەن.
زۇلۇم يەنى ھەقسىزلىق ھەر تۈرلۈك بولۇپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش،زىيانغا ئۇچۇرتۇش،يامانلىق قىلىش،ھەققىنى يەۋىلىش ۋە باشقىمۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر ھەدىستە؛‹‹زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنلىرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىندۇر.››(2)دېگەن
يەنە بىر ھەدىستە ؛‹‹كىمكى باشقىلارنىڭ يېرىدىن بىر غېرىچ يەرنى ناھەق ئېلىۋالىدىكەن،قىيامەت كۈنىدە ئۇنۇڭ بوينىغا يەتتە ھەسسىسىى ئېسىلىدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن.
ھاياسىزلىق- ئىمانسىزلىقتۇر...
ھاياسىزلىق دىگەن نىمە؟
ھاياسىزلىق -گۇناھ،يامان ئىشلارنى ھىچكىمدىن تەپتارتماستىن ياكى خىجىل بولماستىن قىلىش دىگەنلىك بولۇپ ، ھاياسىزلىق ئىمانسىزلىق بىلەن تەڭ باراۋەر يامانلىقتۇر.پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام؛‹‹ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى بىر پۈتۈن نەرسە . ئۇلارنىڭ بىرى يوقالسا ،ئىككىنچىسىمۇ يوقىلىدۇ.››(3)دېگەن. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ‹‹ھاياسىزدا ئىمان يوق ›› دىگەن سۆزىمۇ بۇنۇڭغا ئاساسەن ئېيتىلغان بولىشى مۈمكۈن.
شەرمى- ھايا ۋە نومۇسلۇق بولۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛‹‹ھەر قانداق بىر دىننىڭ ئەخلاقى باردۇر ، ئىسلام دىننىڭ ئەخلاقى - ھايادۇر.››شەرىم -ھايا ۋە نومۇس ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇل تېمى. قسىقىسى ئىماننىڭ پوستى شەرم-ھايا ۋە نومۇستۇر . پوستى سويۇۋېتىلگەن دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك شەرم- ھايا ۋە نومۇستىن ئايرىلغان ئىنسانمۇ ئىمانى خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ . ۋىجدان بولسا ئىچكى نومۇسـۇر. شەرم -ھايا بىلەن نومۇسچانلىق ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى بېيىتىپ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يۇشۇرۇن گۈزەللىكتۇر.
ھاياسىزلىقنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
ئىمان بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدىكى بۈيۈك ئالاقە بولۇپ ، نەپسىنى پاكلاش ، ئەخلاقنى توغرۇلاش، ھەركەتنى دۇرۇسلاش قاتارلىقلار بۇ بۈيۈك ئالاقىنىڭ تەلىپى، بەلكى ئۇنۇڭ تۇنجى ئىزناسىدۇر . قەلىبنىڭ سەزگۈرلىگىنى ئاشۇرۇپ ، خاتالىقلار ۋە پەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغىچە بۇ تەلەبنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ .يامان ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماسلىق تەدرىجى ھالدا گۇناھلارنى قىلىشقا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ .ئاندىن ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ ئىمانمۇ يوقۇلىدۇ. ئاخىردا ئۆزىنى ئەڭ پەس ۋە تۆۋەن ئورۇندا كۆرىدۇ. مانا بۇ .ھاياسىزلىقنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدۇر.
(1)فۇرقات سۈرىسى 19- ئايەت
(2) مۇسلىم رىۋايىتى
(3) ئىمام ھاكىم رىۋايىتى
ئىسلامدىن 2000 سوئال -جاۋاپ دىگەن ئېلكىتاپتىن ئېلىندى.
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-24 11:19 PM
|
|
|
|
|
|