كۈتۈلمىگەن جاۋاب
بىر ئەر خوتۇندىن ئاجراشماقچى بوپتۇ، بىراق بەش ياشلىق قىزىغا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي:
_ئاپىڭىز بەك قېرىپ كەتتى. ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ئەمەس. ئاپىڭىزنى چىرايلىق ئاپىغا ئالماشتۇرۇپ بېرەي، بولامدۇ؟_دەپتۇ. قىزچاق بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:
_بولمايدۇ، سېنىڭ ئاپاڭمۇ شۇنچە قېرىپ كەتتى، نېمىشقا ئۇنىلا ئالماشتۇرۋەتمەيسەن؟_ دەپتۇ.
شەخسىيەتچىلىك
قىز : بىز ئايرىلىپ كېتەيلى .
يىگىت : نېمىشقا ؟
قىز : ئىمتىھان ئاخىرلاشتى، كۈتۈپخاندىن ئورۇن ئېلىپ تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
يىگىت : بىراق مەن يۇرۇتقا كېتىدىغانغا ئىككى تال پويىز بېلىتى ئېلىپ قويۇپتىكەنمەن.
قىز : تازىمۇ، سىز بىلەن ئوينۇشۇپ قويدۇم.
قىيالماسلىق
تۆت ياشتىن ئاشقان قىزچاق ھەمىشە ئاپىسىغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك ئېلىپ بەر، دەپ جېدەل قىلىدىكەن. ئۇ بۇگۇن يەنە جېدەل قىپتۇ. ئاپسى :
_قىزىم، مەندە پۇل قالمىدى، _دەپتۇ. قىز بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن دەپتۇ :
_ئەمسە دادامنى سېتىۋىتەيلى.
_داداڭنى سېتۋەتسەك، ئۇ يوق بولۇپ قالمامدۇ، داداڭغا تۇرامسەن، يەيدىغان نەرسىگىمۇ؟
قىزچاق بىر ھازا ئويلىنىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا دەپتۇ :
_يەنىلا دادامنى سېتۋىتەيلىچۇ......
خەت توشۇغۇچى
بىر يىگىت ياخشى كۆرىدىغان قىزىغا سۆيگۈ خېتى يېزىپتۇ ۋە قىزنىڭ يەتتە ياشلىق ئىنسىگە بېرىپ :
_ساڭا ئىككى سوم بېرەي، بۇ خەتنى ھەدەڭگە بېرىپ قوي، _دەپلا تاپلاپتۇ.
يىگىت ئەتىسى قىزنىڭ قىزنىڭ ئىنسىدىن سوراپتۇ :
_خەتنى بەردىڭمۇ؟
_ئۆيدە ھەدەم يوقكەن، شۇڭا دادامغا بەرگەنتىم.
_ئاپلا، داداڭ نېمە دېدى؟
_دادام بەكمۇ ئاچچىقلىدى ۋە :
- «بۇ خەتنى ئۇ لالمىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر»
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشدەپ ماڭا بەردى.
_خەت قېنى ؟
_بايىلا سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي دەپ ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز، شۇڭا خەتنى دادىڭىزغا بېرىپ قويدۇم.
مەنبە :شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 24-فېۋرال سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KUTALQESI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-24 03:37 PM