مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 864|ئىنكاس: 11

ساختا دورا ياساپ سېتىش دېلوسىدىكى تازىلىق ئىشچىسى تۇتۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18584
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساختا دورا ياساپ سېتىش دېلوسىدىكى تازىلىق ئىشچىسى تۇتۇلدى



W020120209777706035483.jpg


ئۆتكەن يىلى نويابىردا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلغان ئالاھىدە زور ساختا دورا ياساش، سېتىش دېلوسى ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى 29 ئۆلكىگە چېتىلغان، دېلو قىممىتى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، 1800چە جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان ئەڭ چوڭ ساختا دورا ياساپ سېتىش دېلوسى بولۇپ قالدى. ئەگەر بۇ دېلو ئېسىڭىزدە بولسا، ئۇنداقتا مۇنداق ئىنچىكە تەپسىلاتلارمۇ يادىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ دېلونىڭ پاش بولۇشىغا سەۋەب بولغان تۇنجى يىپ ئۇچىنى يىۋۇ قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى شەھەردىن چىققان تاكسىلارنى ئادەتتىكىچە تەكشۈرگەن ساقچىلار بايقىغان، چۈنكى ئۇلار بىر مۇنچە دورا قېپىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر يولۇچىغا دىققەت قىلغان ۋە ئۇنى تۇتقانىدى. چۈنكى نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ يولۇچىغا مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئادەم تۇتۇلغان، ساقچى دائىرىلىرى بۇ دورا قاپلىرىنى يىغقان ۋاڭ فامىلىلىكنى ساختا دورا ياساش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغانىدى.

51 ياشلىق ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ دوختۇرخانىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا ئۇزاق يىل بولغانىدى، ۋاڭ فامىلىلىك يېقىنقى بىر، ئىككى يىلدا ھەرقايسى سېسترالار پونكىتىدىكى ئەخلەت خالتىلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان. ئەمما بۇنىڭغا ئۇنىڭ خىزمەتتە تىرىشچان تازىلىق ئىشچىسى ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان بولماستىن، ئەكسىچە بۇ ئەخلەت خالتىلىرىدىكى دورا قاپلىرىغا بولغان قىزىقىش تۈرتكە بولغان.

2009-يىلى نويابىردا ئۆزىنى كېرەكسىز دورا قاپلىرىنى سېتىۋالغۇچى دەپ ئاتىۋالغان لى فامىلىلىك دوختۇرخانىدا تازىلىق قىلىۋاتقان ۋاڭ فامىلىلىكنى خالىي جايلىرىغا باشلاپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا «بەيشىنتۇڭ»، «بولىۋېي» دېگەندەك بىرنەچچە خىل دورىنىڭ قېپىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:«بۇ خىل دورا قاپلىرىنى ئىچىدىكى چۈشەندۈرۈشى بىلەن يىغىپ قويۇڭ، مەن قەرەللىك كېلىپ سېتىۋالىمەن».

«دورا قېپىنى يىغىپ سېتىش كېرەكسىز قەغەزنى يىغىپ ساتقانغا ئوخشاشقۇ، دەپ ئويلاپ، باشقىلار پۇل خەجلەپ سېتىۋالغاندىكىن، ئۇ دورا قاپلىرىنى يىغىشقا باشلىدىم»-دېدى ۋاڭ فامىلىلىك. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىدا تۈرلۈك دورا قاپلىرىنى يىغىشقا ئالاھىدە كۈچىدى، ھەرقايسى بۆلۈم ۋە ھەر قايسى ئاغرىقخانا رايونىدىكى سېسترالار دورىنى ئىشلىتىپ بولۇپ ئەخلەت خالتىسىغا تاشلىۋەتكەن دورا قاپلىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ نەزىرىدە ئەخلەت بولماي قالدى. ئۇ ھەر قېتىم چۈشەندۈرۈشى بار دورا قاپلىرىنى يىغىپ رەتلىگەندىن كېيىن، خالتىغا قاچىلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتەتتى.

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ 2009-يىلى نويابىردىن بۇ يىل ئىيۇلغىچە نۇرغۇن كېرەكسىز دورا قېپىنى يىغىپ لى فامىلىلىككە ساتقانلىقىنى، ھەر قېتىمدا ساتقان دورا قېپىنىڭ نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى، بەزىدە 500-600 يۈەنلىك «سودا قىلغانلىقىنى» ئېنىقلىدى. ئۇ، بۇ دورا قاپلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يۈەندىن ساتقان.

ساقچى دائىرىلىرى ۋاڭ فامىلىلىكنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان ئۆيىدىكى تۈرگە ئايرىپ، رەتلەپ قويۇلغان نەچچە مىڭ تال دورا قېپىنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە بىر ھازاغىچە نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى. ساقچىلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، يالغۇز ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچە كۆپ دورا قېپىنى يىغقانلىقى ئىدى، دېمىسىمۇ بۇ يەردە بىر غەلىتىلىك بار ئىدى.

ۋاڭ فامىلىلىك مۇنداق دېدى:«لى فامىلىلىك دورا قېپى ئالغىلى كۈن ئارىلاپ كېلىدىغان بولۇۋالدى، مەن يېتىشەلمەي قالدىم، توختاپ قالاي دېسەم، بۇ ئىشنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، شۇڭا دوختۇرخانىدا ‹شېرىك› توپلاش يولىنى تۇتتۇم؛ مەن باشقا تازىلىق ئىشچىلىرى تېرىپ كەلگەن دورا قاپلىرىنىڭ دانىسىنى بەش پۇڭدىن سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم، ئاندىن تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ لى فامىلىلىككە ساتتىم. لى فامىلىلىكنىڭ دورا قېپىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى بىر ئىشلارنى ھېس قىلدىم ۋە سەل قورقۇپ قالدىم، چۈنكى دوختۇرخانىدا دورا قېپى ساتقانلىقىمنى بىلىپلا قالسا، ئىشتىن قوغلاش بەلگىلىمىسى بار ئىدى. بىراق قولۇمغا كىرىۋاتقان پۇلنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا، بۇ ئىشتىن قول ئۈزگۈم كەلمەيتتى».

ۋاڭ فامىلىلىك يەنە مۇنداق دېدى:«ماڭا لى فامىلىلىكنىڭ سېتىۋالغان بۇ دورا قاپلىرىنى كېرەكسىز بۇيۇم قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمايدىغانلىقى، چوقۇم ساختا دورا ياسايدىغانلىقى ئايان ئىدى، مەندىن دورا قېپى سېتىۋالىدىغان لى فامىلىلىك دەل نۇرغۇن دورا قېپىنى تاكسىغا بېسىپ كېتىۋاتقاندا تۇتۇلغان ھېلىقى ئادەم شۇ ئىدى». لى فامىلىلىك ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن ۋاڭ فامىلىلىكتىن دورا قاپلىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بېيجىڭدىكى تاغامغا ئەۋەتتىم، ئۇنىڭغا ساختا دورا قاچىلىناتتى...».

دوختۇرخانىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى ئەخلەت ساندۇقىدىكى كېرەكسىز دورا قېپىنى تېرىپ ساتقان تۇرسا، نېمىشقا ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ؟ بۇ دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2009-يىلى ‹ساختا، ناچار دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا ئالاقىدار جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا دائىر مەسىلىلەرگە چۈشەنچە›نى تارقاتتى، بۇ ‹چۈشەنچە›دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن:‹باشقىلارنىڭ ساختا، ناچار دورا ياساپ ساتقانلىقىنى بىلىدىغان ياكى بىلىشكە تېگىشلىكلەر تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ...ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ياكى خام ماتېرىيال، قوشۇمچە ماتېرىيال، ئوراپ قاچىلاش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىسە...».

شۇڭا تەپتىش ئەمەلدارى مۇنداق دەپ قارىغان:ۋاڭ فامىلىلىك باشقىلارنىڭ ساختا دورا ياساپ ساتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ھەرخىل دورا قېپى، چۈشەندۈرۈشى ۋە ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسىنى يىغقان، ئاندىن ئۇلارنى ساختا دورا ياساپ ساتىدىغانلارغا ساتقان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-23 11:10 PM  


قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز رەخمەت سىزگە

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن بۇنى:qiray13 ....نەپسىنىڭ كەيىنگە كىرسە شۇ ......

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئۇنۇتقىن يۇرۇگۇم ئۇ ئازاپلارنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5823
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5456
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:37:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەر نىمە بۇلۇپ كەتتى

بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي پەسەندى توڭگۇزلار!!! شۇ قاپنىڭ ئىچىگە قاچىلانغان ساختا دورىلار نۇرغۇن كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان بىچا رىلەرنىڭ پۇللىرىنى يوق قلغاندۇ .تىخى بايقالمىغان مۇشۇنداق پەسەندىلەردىن يەنە قانچىسى باردۇ:qiray11ئالدىرىماي قىيناپ ئۆلتۈرېۋەتسە دەيمەن مۇشۇنداق پەس ئەبلەخلەرنى :qiray3 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-23 11:55 PM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76414
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 12:19:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم بۇ ئىشنى ئەمدى .....

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107461
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6943 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 03:25:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا اللە رەببىم ... نىمانچە كىشىلەردۇ بۇ ؟ بۇلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ بېرىپ بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى بىر ئۆزلىرى ئالغايلا. ئىھتىياجلىق شۇ كىشىلەرنى ساختا ماللاردىن ساقلىغايلا.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75600
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 12:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق بۇنداق دورىلار ئەتراپىمىزدىكى دورىخانىلاردا كۆپ،يىقىندا تېخى زۇكام بولۇپ قىلىپ بىر خۇسۇسى ئامبولاتورىيەگە كىرىپ تەكشۈرتتۈم، دوختۇر ماڭا:ئاسما ئوكۇلنىڭ ياخشىراقىنى سېلىپ قۇيايمۇ ياكى ئادەتتىكىسىنى دىمەسمۇ،ئاچچىقىمدا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم بۇ جايدىن........
تېمىڭىزغا رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41220
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 03:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلمايدىغان ئىشى يوقتە بۇكىشىلەرنىڭ  توۋا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئابدۇللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72708
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 481
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 06:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىليەتتە خاراكتىر جەھەتتىن قاتىللىقتىن ھىچبىر پەرقى يوق ئىشلار  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش