نېمىلەرنى ئويلا
ئاكتىپ ئەزا
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
2012-يىلى شىنجاڭ 17 تېخنىك مەكتەپ قۇرىدىكەن. مەكتەپ ئورنىنى تاللاش، كەىسپلەرنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە يەرلىك ئالاھىدە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىختىساسلىق تېخنىكىلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن.
تېخنىكوملار- يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسلىق يولى، 2011-يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايوندا تېخنىكا مەكتىپىدىن 74 بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 43مىڭ 485كە يەتتى. بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تۈپتىن قاندۇرالمايدۇ.
2012-يىلى تېخنىكوملار خىزمىتىدە تېخنىكىدا ئىختىساسلىقلاردىن قىلىش، تېخنىكا ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىپ، تېخنىكوملارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭىدىن مەكتەپ قۇرغاندىن باشقا يەنە كەسىپ تەسىس قىلىشتىمۇ تېخنىكوملارنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، 25 نۇقتىلىق كەىسپ ۋە 20 سەرخىل دەرسلىك تەسىس قىلىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن يىلدا 20مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالى تېخنىكتىن ئىككى مىڭىنى، زاپاس ئۇستىدىن مىڭىنى تەربىيەلەيدۇ، جەمئىيەتتىن تەربىيەلەيدىغانلارنى 300مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدۇ.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاش قىلىش
جاپا ئىچىدە ھالاۋەت
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ