USBkey نى ( يەنى U盾 نى ) ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز
ئىقتىساد ۋە يۇقۇرى تېخىنىكنىڭ راۋاجلىنىشى، شۇنداقلا تۇرمۇش رېىتىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر بازارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشقا كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالدى. تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۇرمۇش رېتىمى تېز بولغان كىشىلەرگە يەنە بىر ياخشى يول ئاچتى. ئۇ بولسىمۇ ــ توردا مال سېتىۋېلىش.
ھەممە ئىشنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكى بولغىنىدەك، توردا مال سېتىۋېلىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كۆپ ئارتۇقچىلىقى ۋە بىر قىسىم كەمچىلىكىمۇ بار. ئارتۇقچىلىقىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەمما، بەزىدە ئالغان مال يوقاپ كىتىش... دېگەندەك بىر قىسىم ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ.
ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، تور سودىسىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە بانكانىڭ تەرەققىياتى ھەم بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بانىكلار ئاكتىپلىق بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەلقىلىشقا كىرىشتى. ئۇلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر خىل يېڭى مەھسۇلات بولغان USBkey نى ياساپ چىقتى. بۇ مەھسۇلات بىلەن خېرىدار، دۇكاندار ۋە بانكىلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىپ، سودا ياخشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. ئۇنداقتا بۇ مەھسۇلات زادى قانداق مەھسۇلات؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى نېمە؟
مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە خېلى ئويلىشىپ، باشقىلاردىن بۇ ھەقتە سۇئال سورىسام بەزىلەرتېخى USBkey نىمۇ تۈزۈك بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى تېخى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىمىز يېقىن كەلگۈسىدە ئىشلىتىشكە باشلايدىغان (بەزىلەرئاللىبۇرۇن ئىشلىتىشكە باشلىدى) بۇ مەھسۇلاتقا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىپ بۇتېمىنى يوللىدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بىز يېڭى چىققان مەھسۇلات ۋە تېخىنىكىغا ئىسىم قويۇشتا، ئالدى بىلەن شۇ مەھسۇلاتىنى چۈشۈنۈپ، ئاندىن ئانا تىل قائىدىسىگە ماس كىلىدىغان ئىسىم قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇدەپ ئولايمەن.
USBkey نىڭ ئاساسلىق ئېنىقلىمىسى مۇنداق:
ئۇ بىر خىل USBشەكىللىك ئەسۋاب ، كومپىيۇتېرغا چېتىلىش ئۇسۇلى USB بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئىچىدە يەككە پلاستىنكىلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ۋە ئەقلىي ئۆزەك بولىدۇ. ئۇنىڭدا مۇئەييەن ھەجىمدىكى بوشلۇق بولۇپ خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىك،شەخسىي ئۇچۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرىنى ساقلايدۇ. مال سېتىۋالغاندا مۇشۇ ئۇچۇرلار خېرىدارنىڭ كىملىكىنى بىىكىتىشكەئاساس بولىدۇ.
USBkey نىڭ ئەڭ چوڭ رولىدىن بىرسى، يوقۇرىدا دېيىلگەن ئۇچۇرلانىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن ساقلايدۇ.
قېنى ئەمدى تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقساق. بولسا بۇنىڭغا تېزرەك ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ، باشقا تىلدىكىسى ئومۇملىشىپ بولغىچە ئۇيغۇرچىسىنى ئومۇملاشتۇرساق.
قوشۇمچە:
1. ئاتالغۇ ياسىغاندا ئانا تىل قائىدىسىگە ئۇيغۇن ياسىساق.
2. ياىسغان ئاتالغۇنىىڭ مەنىسىنى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ماڭساق دەپ ئويلايمەن.
3. ئاتالغۇنىڭ ئىملاسىنمۇ بىرلىككە كەلتۈرسەك.
4. باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئوخشىمايدىغانپىكىر بولسا، ئېنىق قىلپ ئىزاھلاپ ئۆتسەك.
5.تۆۋەندە بۇ ئاتالغۇنىڭ بىرقانچە تىلدىكى ئاتىلىشى بېرىلدى، بۇلارنىڭ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتسەك دېمەكچى.
ئېنگىلىزچە:USBkey ( ئىككى سۆز قوشۇپ يېزىلىدىكەن)
خەنزۇچە:U盾
مەنبە:
شەۋقىي تورى