مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2469|ئىنكاس: 41

قايتا ئۇچرىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز ئۇخلاۋاتقان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45943
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 06:52:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا ئۇچرىشىش

1-بۆلۈم

كىچە ئاسمىنىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ يىراقلارغا تارقىلىۋاتقان ناخشا ئاۋازى بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كىچە جىمجىتلىقىنى بۇزماقچى بولغاندەك يىراق يراقلارغا تارقالماقتا.

مەن بىلىمنى باغلىدىم ،
قىل بىلەن ھەم سىم بىلەن.
ۋاپاسىزلىق قىلمىساڭ ،
ئۆمرىڭ ئۆتەر مەن بىلەن.

شۇنداق، گۈزەللىك بۇ شەھەرنىڭ كۈندۈزىگىلا ئەمەس كىچىسىگمۇ ھەمراھ ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرى كۈندۈزىلا ئەمەس كىچىسىمۇ شۇنداق قاينام تاشقىنلىققا تولغان، بەزىلەر مۇشۇ كىچىنىڭ گۈزەللكىدىن مەسخۇش بولوپ ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزسە يەنە بەزىلەر مۇشۇ قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلىرىنى كۈتىۋالىدۇ.
ھەممە كىشىنىڭ تۈنجى مۇھەببىتى بولىدۇ، بەزىلەر ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرىغا يىتىپ خۇشال خۇرام ياشىسا يەنە بەزىلەر ۋىسال شارابىنىڭ ھىدىنىمۇ ھىدلىيالماي ئازاپ ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ، شۇنداق، ھەممە كىشىلا ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرىغا يەتكەن ئەمەس.
-------------------------------------------------------------------
نۆۋەتتە شەھرىمىزدىكى تالانىتلىق ياش ناخشىچى، كارۋان ناخشا كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتئىلىنىڭ ئورۇنلىشىدا <<سىنى ئىزدەپ>> نامىلىق ناخشىسىدىن ھوزۇرلىنىمىز، قىنى مەرھەمەت، ھەممىىز قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن مەمەتئىلىجاننى سەھنىگە تەكلىپ قىلساق.
ئىلانچىنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا 30 ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلۇق، قوشوما قاشلىق، كۆزلىرىدىن ياشلىقنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، بىر يىگىت سەھنىگە چىقىپ مىھمانلارغا سالام بەرگەندىن كىيىن ناخشىسىنى باشىدى.
يىگىتنىڭ ناخشىسى شۇنچىلىك مۇڭلۇق ھەم يىقىملىق ئىدى، ناخشا ھەر بىر ئاڭلىغۇچىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ ئۆتەتتى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭدىكى بۇ تەبئى ئاۋاز ۋە چالغان مۇزىكىلىرىغا مەسخۇش بولوپ قول قويماي تۇرالمايتى.
رىستۇراننىڭ ئىچى مىھمانلار بىلەن لىق تولغان بولوپ كۆپ قىسىم مىھمانلار مەمەتئىلىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغىلى كىلەتتى، ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ياشلارلا ئەمەس چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتى.
شۇنداق، بۇ يىگىت بۈگۈنكى ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى  بۇ شەھەردىكى نامى چىققان داڭلىق ناخشچىى مەمەتئىلى ئىدى، ئۇنىڭ كىلىشكەن قەددى قامىتى ۋە ياڭراق ئاۋازى بۇ شەھەردىكى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇپ ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى.
ناخشا ئاخىرلىشىشغا مىھمانلار ئىچىدىن قىقاس كۆتۈرلۈشكە باشلىدى.
يەنە بىرنى ئوقوپ بەرسۇن، يەنە بىرنى.
مەمەتئىلى مىھمانلارغا قاراپ يەنە بىر قىتىم سالام بەرگەندىن كىيىن سۆزىنى .
مىھمانلارنىڭ ناخشامنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلىقىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقويدىغان <<ئۈمۈد>> ناملىق ناخشامنى مىھمانلارغا سۇنماقچىمەن، مىھمانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئون ئىككى ياز ئون ئىككى قىش،
سەندىن ئۈمۈد ئۈزمىدىم،
سىنى ئىزدەپ تاپارمەن،
سەندىن ئۈمۈد ئۈزمىدىم.

جانىم سىنى سىغىندىم،
سىنى قايدىن تاپارمەن.
مىنى بۇنچە قىينىما،
ئۆلسەم ئارام تاپارمەن.

ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى شۇنچىلىك مۇڭلۇم ھەم ھەسرەتلىك ئىدى،  ئۇ خۇددى ناخشىغا كىرىپ كەتكەندەك، خۇددى ئۆز ھىكايسىسنى بايان قىلىۋاتقاندەكلا ئىدى.
ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەمەتئىلى كىيىملىرىنى يۆتكىۋىلىپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئارقا سەھنىگە ئۆتتى ۋە كىيىمنى يۆتكەپ بولوپ پەسكە چۈشۈپ بىر قانچە قەدەم مىڭىشىغا ئارقىدىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋاى ئاڭلاندى.
- قايتاي دىگەن ئوخشىمامسىز؟
ئۇنىڭ ئارقىسىدىلا مۇشۇ رىستۇراننىڭ غوجايىنى ئەخمەت ئاكىنىڭ قىزى سەمىرە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، سەمىرە سەنئەت مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مۇشۇ شەھەردىكى خىلى داڭلىق ناخشىچلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ  بۇ شەھەردىكى خىلى داڭلىق بىر شىركەتتە ناخشىچى ھەم مودىل بولوپ ئىشلەۋاتاتتى، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئانچە مۇنچە كىلىپ رىستۇراننىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بەرگەچ ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا بىر ئىككى ناخشمۇ ئوقوپ قوياتتى، سەمىرە ئوقوش پۈتتۈرۈپ تۈنجى قىتىم رىستۇرانغا كەلگەن كۈنى رىستۇراندىكى بالىلار بۇ قىزنىڭ گۈزللكىگە ۋە ئوقوغان ناخشىلىرىغا قاراپ ئاغزىنى ئىچىپلا قالغان ئىدى.
سەمىرە دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان خۇشچاقچاق قىز بولوپ ھەر قانداق ئادەم بىلەن ئاسانلا چىقىشالايتى، رىستۇراندىكى ھەرقانداق كىشىگە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، شۇڭلاشقىمۇ رىستۇراندىكى ھەممەيلەن دىگۈدەك ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى، ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىدىن دائىم خۇشاللىقنىڭ ئىپادىسىنى تاپقىلى بولاتتى.
مەمەتئىلى سەمىرەگە قاراپ بىرنى كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى.
-شۇنداق گىلىم بەكلا ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ، بىرىپ دورامنى ئىچىۋالغاچ بىر ئاز ئارام ئىلىۋالايمىكىن دەيمەن.
-شۇنداقمۇ، مىنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە قايتاي دەپ تۇراتتىم، دوختۇرخانىغا بىللە بارسام كۆرىنىپ باقامسىز؟
-بولدى رەھمەت، سىزنى ئاۋارە قىلماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى، دوختۇرخانىغا ئەتە ئەتىگەن باراي،  سىزمۇ قايتىپ ئارام ئىلىڭ.
مەمەتئىلى گىتتارىنى ئالغاندىن كىيىن سىرىتقا قاراپ ماڭدى، ئۇ سىرىتقا چىققاندىن كىيىن يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ تاكسى ساقلاپ تۇردى، بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇنىڭ ئالدىغا  بىر ماشىنا كىلىپ توختىدى، بۇ ماشىنا ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بولغان سەمىرەنىڭ ماشىنىسى ئىدى.
-قىنى چىقىڭە، سىزنى ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كىتەي بو كىچىدە نەدىنمۇ ماشىنا تاپارسىز.
بولدى رەھمەت، سىزنى ئاۋارە قىلماي، ھىلىغىچە كىلىپمۇ قالار، بولدى مىڭىۋىرىڭ دىدى مەمەتئىلى سەمىرەگە بىرنى قاراپ قويوپ يىراقلارغا كۆز تىكىپ.
-نىمانچە جاھىلسىز، چىقىڭە بۇ يەردە تۇرسىڭىز سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، مەن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن دىدى قىز بويونلىرىغىچە قىزىرىپ.
مەمەتئىلى ئۇنىڭ بىلەن يەنە تالىشىپ تۇرىۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ماشىنىغا چىقتى.
-قەيەرگە ئاپىرىپ قويىمەن، ئۆيىڭىز قەيەردە؟
-بەخىت ئولتۇراق رايۇنىغا.
سەمىرە ماشىنىنى قوزغاتتى، ۋە ئۆزى ئامراق ناخشىسى <<ئۈمۈد>> نى قويدى، بۇ مەمەتئىلىنىڭ ئۆتكەن يىلى چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىسى ئىدى.
مەمەتئىلى قىزغا بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن يول تەرەپكە قاراپ ئولتۇردى.
سەمىرەمۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى كۈزىتىش ئەينىكىدىن مەمەتئىلىغا بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن دىدى.
-سىزدىن بىرگەپنى سورىسال بولارمۇ؟
-ئەگەر سورىسام مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولسڭىز سورىسىڭىز بولىدۇ.
بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن قىز سۆزىنى باشلىدى.
-بۇ ناخشىنى كىمگە ئاتاپ ئوقوغان ئىدىڭىز، قىز دوستىڭىزغىمۇ؟
مەمەتئىلى گەپمۇ قىلماستىن بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن يولدىن كۆزىنى ئۈزمەستىنلا دىدى.
-يولنى خاتا ماڭدىڭىز، ئاۋۇ يولدىن ماڭغان بولساق يىقىن ئىدى.
ياق، بۇ يولنى خاتا مىڭىپ قىلىش ئەمەس ئىدى، قىز مەمەتئىلى بىلەن بىر ئاز بولسىمۇ ئۇزاقراق پاراڭلىشىۋىلىش ئۈچۈن ئاتايىتىن مۇساپىسى ئۇزۇنراق بولغان يول بىلەن ماڭغان ئىدى.
-سەمىرە مەمەتئىلىگە لاپپىدە بىرنى قارىغاندىن كىيىن قىزارغان يۈزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئىلىپ قىچىپ ماشىنىنى ئارقىغا قايدۇردىدە يىقىن يول بىلەن بەخت ئولتۇراق رايۇنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ............


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atazat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-23 07:04 AM  


ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىرىيال ئامبىرى شىرنە ماتىرىيال ئامبىرى http://www.xirna.com ،ھەقسىز ماتىرىياللار چۈشۈرىۋىلىڭ.

بارلىقىم سەن ئامرىقىم ....

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 10:34:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەقەززامەن !  ئەسەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەي ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANHA204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-23 10:34 AM  


ياندا بارنىڭ يوقتۇر ئەتىۋارى ،
                ئىنسان دېگەن يوقنىڭ ئىنتىزارى...

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 10:46:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئاخرىنى ئوقۇپ بوپ ئنكاس يازاي.......

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71947
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 10:49:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئاخرى قاچان چىقا .....؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 10:51:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەن بېلىمنى باغلىدىم» دېيىش كېرەكقۇ دەيمەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1042
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2205
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:47:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئەسەرنى يېزىشنى باشلاپسىزدە، «مەن ساڭا ئاشىق » دىگەن ئەسىرىڭىزنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقىغان ئىدىم، مەن مۇشۇنداق ناخشا مۇزىكىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلاردىن.
بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ بېشى ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن كۆپرەك يوللىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ، ئەمدى ئوقۇشۇمغىلا  تۈگەپ قالدى، بولسا جىق_جىق يوللىسىڭىزكەن، بۇ ئىجادىيىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلىق چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

سىز ئۇخلاۋاتقان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45943
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:51:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىۋاتىمەن، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، لىىن كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، كەچكىچە چوقوم بىر توقام يىزىپ يوللىۋىتىمەن.

ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىرىيال ئامبىرى شىرنە ماتىرىيال ئامبىرى http://www.xirna.com ،ھەقسىز ماتىرىياللار چۈشۈرىۋىلىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:59:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىستۇراننىڭ غوجايىنى بۇپ قاپتۇ  .    خوجاينى بولسا .....
سىزدىن بىر گەپنى سورىسال بۇلارمۇ ؟ .   سورىسام بۇلارمۇ  بولسا...

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 12:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق تەھرىر لەپ قويسىڭىز بولغۇدەك .
ئەيىپكە بۇيرىماڭ ..........

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 12:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەقەززا بۇلۇۋاتىمىز............

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش