مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3636|ئىنكاس: 0

جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن خائىن كۆپ چققان؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 03:01:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خائىن ئۆز ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار  ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە  چوغ  تارتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق كىشىلەر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلار بىلەن كۆرەش قىلىش تارىخىدا ئومۇمەن كۆرۈلىدۇ،جۇڭگومۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەمما جۇڭگودا خائىن كۆپ چىققان.ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ياپۇنىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان جۇڭگو ئەسكىرى بىر مىليۇندىن ئاشىدۇ.خائىنلارنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولىشى كىشىلەرنى ئويغا سالىدىغان مەسىلە.بەزىلەر:كىچىك خائىننىڭ چىقىشى ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن بولسا، چوڭ خائىننىڭ چىقىشى ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن،دېيىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئىش بۇنداق ئاددى ئەمەس،خائىننىڭ كۆپ چىقىشىدا  نۇرغۇن مۇرەككەپ  سەۋەپلەر بار.  
1،يېقىنقى  زاماندىكى  جۇڭگونىڭ بىرلىككە كىلەلمەسلىكى خائىننىڭ چىقىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ.  
2،سىياسى چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئىجدىمائىي زىددىيەت خائىن چىقىشىدىكى ئىجدىمائىي سەۋەپ.   
     مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا چىرىكلىك يامرايدۇ،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى  تۆۋەنلەيدۇ،بۇ ئېغىر ئىجدىمائى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ئىقتىسادىي ئارقىدا بولۇپ،خەلقنىڭ تۇرمۇش  سەۋىيىسى  ناھايىتى ناچار بولغان، بۇ خائىننىڭ كىلىپ چىقىشىغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسەتكەن.شەھەرلەردە نوپۇس كۆپ،باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بەك ئاز بولغاچقا تۆۋەن قاتلامدىكى خائىنلار ياشاش ئۈچۈن ياپۇن ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ  تۆۋەن قاتلامدىكى خائىنلار جەمىيەتتىكى ئىشسىزلار يەنى لۈكچەكلەر،مۇتىھەملەر،قاراقچىلار ۋە چىقىش  يولى  تاپالمىغان كىشىلەر.يەنە بىر قىسىم خائىنلار بولسا ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۇتۇپ كېلىنىپ خائىن بولۇشقا زورلانغان كىشىلەر.
3،مائارىپ جەھەتتىكى پەرق خائىننىڭ چىقىشىدىكى يەنە بىر چوڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەپ.  
     4-ماي ياشلار  ھەرىكىتىدىن كېيىن جۇڭگودا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئېنكار قىلىندى ئەمما مۇناسىپ ھالدا يېڭى مەدەنىيەت شەكىللەنمىدى،سىرىتقى مەدەنىيەت  بېسىمى ۋە بازار ئىگىلىكى  تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشى ۋە ئەخلاق قارىشىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى، خائىن قارىشىنىڭ پەيدا بولۇشى بۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك.
4،ياپۇنىيىنىڭ تەھدىدى،قايمۇقتۇرۇشى خائىننىڭ پەيدا بولىشىدىكى بىۋاستە سەۋەپ.  
    خائىننىڭ كۆپلەپ چىقىشى تاشقى موھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئەينى  چاغدا جۇڭگولۇقلاردا چەتئەلگە چوقۇنۇش، چەتئەلدىن قورقۇش ئىدىيىسى ۋە مىللى كەمسىتىش قارىشى ئەدەپ كەتكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغاچقا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى يوقاتقان.ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن خائىن ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە:ياپۇنىيەنىڭ ئىقتىسادىي  تەرەققى قىلغان،قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ،جۇڭگونىڭ ئۇنىڭغا  قارشى تۇرۇشقا قەتئى قۇربى يەتمەيدۇ،جۇڭگونىڭ ياپۇنىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا دۈشمەنگە ئەل  بولۇپ،ئۆز نەپسىگە چوغ تارتقان  ياخشى.  
    ياپۇنىيە ئەينى  يىللاردا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا<<شەرقى ئاسىيا  ئورتاق گۈللىنىش  چەمبىرىكى قۇرىمىز>>،<<ئاسىيالىقلارنى  قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمىز>> دىگەن دەپدەبىلىك شۇئارلارنى توۋلىغان،بۇ  بىر قىسم جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىخۇدلاشتۇرغان.  
   يۇقىرى دەرىجىلىك خائىن ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئىلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا،بۇ خائىن ئەمەلدارلار ئىچىدە ياپۇنىيىدە ئوقۇپ كەلگەنلەر كۆپ بولۇپ،ئىستاستىكا قىلىنغان 144ئادەمنىڭ 54 ياپۇنىيىدە ئوقۇپ كەلگەن.بۇ ياپۇنىيىنىڭ ئەينى چاغدا ياپۇنىيىگە چىقىپ ئوقۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ياپۇنپەرەس كىشىلەرنى  يېتىشتۈرۈشىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيىلىك مۇدداسىنى بىلگىلى بولىدۇ.  
    ئۇندىن باشقا ياپۇنىيىنىڭ ئەينى چاغدا جۇڭگودىكى 4چوڭ ئىشپىيۇنلۇق ئورنىنىڭ بىر كونكىرت ۋەزىپىسى خائىن يېتىشتۈرۈش  بولۇپ،ئۇلار مال دۇنيا،ھوقۇق بىلەن قىزىقتۇرۇش ياكى قۇرال بىلەن تەھدىد سېلىش ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيىسىنى چېرىتىپ،ئۇلارنى خائىن قىلغان.  

   يۇقۇرىدىكى مۇلاھىزىدە گەرچە  پەقەت جۇڭگودا ئەينى  ۋاقىتتا  نېمە ئۈچۈن خائىن كۆپ چىققانلىقى تەھلىل قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تەھلىللەر ۋاقىت ۋە مىللەت ئايرىمىسىدىن ھالقىغان دەپ قارايمەن،بۇ بىزنىڭ خائىننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئىگىلىشىمىزگە ئاز-تولا  پايدىسىز تىگىپ قالار.


http://koktugh.blogbus.com/logs/35174675.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~yilan~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-23 03:02 AM  


قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش