ئالاھىدە سەدىقە
(ھىكايە)
ئايشەم ئىسمايىل (تەبەسسۇم)
تۈنۈگۈننىڭياقى كىسەلخانىدا ياتىمەن.بېشىم داكا بىلەن ئوراپ تېڭىقلىق،پۇتۇم گىپىسلاپ ئېسىقلىق.ئوڭ قۇلۇمدا ئاسما ئوكۇل.ئۆز ھاجىتىمدىنمۇ چىقالمايمەن.ھەي...نەس باسسا شۇنداقمۇ باسامدۇ دەيمەن!؟تۇرۇپلا بولغان ئىشلارنى ئەسلەيمەن.ئەسلىگەنسىرى ئوغام قاينايدۇ...
كوچىدا كىتىۋاتاتىىم.قاشتاش بازىرىغا بېرىپ سودا قىلىشىم كىرەك ئىدى.كوچىدا ئادەملەر بەك جېق.خۇددى ھەممە ئادەم ئۆينى تاشلاپ بازارغا چىقىۋالغاندەك.تۇساتتىن يولنىڭ نېرىقى قاسنىقىدا ئىككى ياشلاردىكى ئوغۇل بالىنى كۆتۈرۈپ توپا باسقان چىرايىدىن بىچارىلىك ياغدۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەرگە تەلمۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بىر چوكانغا كۆزۈم چۈشتى.ئۇ دۇنيادا بارلىكى چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلاردىن شەپقەت قىلىپ ئاز-تۇلا سەدىقە بىرىشىنى ئۈتۈنەتتى.سول قولىدا پارچە -پۇرات پۇللار تۇراتتى.ئوڭ قۇلىدا كۆتۈرۈۋالغان بالىسىنىڭ توختىماي قىرقىراپ يىغلىشىدىن پەرۋاسىز ھالدا كىشىلەردىن سەدىقە تىلەش بىلەن ھەلەك ئىدى.چوكان ئوتتۇز ياشلار چامىسىدا بۇلۇپ ،خېلى چىرايلىق ئىدى.ئۈزەمچە ئۇنىڭ بۇنچە ياش تۇرۇپ بۇ يولغا مېڭىپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلانغاچ بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ قاپتىمەن.شۇچاغدا ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق زارى قايتىدىن باشلاندى ۋە قولى تېخىمۇ ئۇزۇن سوزۇلدى:
-خۇدايىم رەھمەت قىلسۇن ئاكا!ماڭا بىرنى بەرسىڭىز سىزگە خۇدايىم مىڭنى بەرسۇن!مۇشۇ بالامغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن! ئاتىغىنىڭىز بولسا بەرگەن بولسىڭىز جېنىم ئاكا!بالامنىڭ دادىسى كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن،ئۈزەم تۇل خۇتۇن.بالام كىچىك .مۇشۇ بىچارە بالامنى باقالمايۋاتىمەن.بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن جېنىم ئاكا،ھەققىڭىزگە دۇئا قىلاي...مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار ئوبدان ئاكا.ئىلتىپات قىلسىڭىز...
چوكانغا ،توغرىراقى قۇلىدىكى بالىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.بىچارە بالا كىچىككىنە تۇرۇپ يىتىم قاپتۇ.ھەي...پەلەكنىڭ چارقى...مەن بالىنىڭ ياش ۋە ماڭقا بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن يۈز-كۆزلىرىگە ئىچ ئاغرىتقاچ قاراپ چىققاندىن كىيىن يانچۇقۇمغا قول سالدىم.بەرمەي بۇلامدۇ!؟مۇشۇنداق بىچارىلەرگە بەرمىسەك كىمگە بىرىمىز!؟ئەدناسى،سودا قىلىپ يۈرۈپ تاپقانلىرىمىزنىڭمۇ،يەر تېرىپ ئالغانلىرىمىزنىڭمۇ،نىسىي-پىسىي قېلىپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىرىمىزنىڭمۇ ئۆشرە-زاكىتى بارغۇ ئاخىر!ھەي !بوپتۇلا،مۇشۇ تۇل خۇتۇن-يىتىم ئوغۇللارنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن.بزنىڭمۇ خەقكە تىۋىنماي،بىركىمگە زارلانماي ياشىغىنىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.خۇدايىم بىزنى شۇنداق كۈنلەردىن يىراق قىلغاي!
يانچۇقۇمدا پارچە-پۈتۈن بۇلۇپ جەمئىي 3800يۈەندەك پۇل بارئىدى.تاش بازىرىدا يۈرىدىغانلارنىڭ قايسىبىرى بىزدىن ئاز پۇل ئېلىپ يۈرىدۇ دەيسىلەر.بۇ تېخى ھېچقانچە ئەمەس.نەچچە يۈزمىڭنى قولتۇققا قىسىپ يۈرىدىغانلارمۇ جېق.بىراق ئەسلىدە بۇنداق بازارغا نەچچە يۈزمىڭنى ئەمەس،نەچچە يۈز كوينى ئېلىپ كىلىشكىمۇ بولمايدىكەن.مانا ھازىرقى بۇ ئەپتىم شۇ 3800كوينىڭ شاراپىتى...
مەن يانچۇقۇمدىن پۇللارنى ئېلىپ ئاراشلىرىدىن ئون-يىگىرمە يۈەنلىك پۇلنى ئىزدەۋاتسام ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.خىيالىمدا تېخى مەرتلىك قىلىپ بىراقلا ئونبەش-يىگىرمە يۈەننى بىرىپلىۋىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.تازا ئاختۇرۇپ ئىزدەۋاتسام ھېلىقى چوكان ئاللا-توۋىنى باشلىدى:
-ۋاي ئادەم بارمۇ؟مۇنۇ نائەھلى مىنىڭ پۇلۇمنى ئوغرىلىدى!ۋاي بالا تەككۈر ئوغرى!ۋۇ قىيامەتتە قارا قوپقۇر ئىپلاس !ئەكە پۇلۇمنى...ئۇيالمايدىغان ئوغرى.چوپچوڭ ئەركىشى تۇرۇپ نومۇس قىلماي قىلىپ يۈرگەن قېلىقىنى كۈرەيمۇ؟پوكانباي دىھقان دەپ بوزەك قىلماقچى مىنى...ئەكىلە پۇلۇمنى ۋۇ ئوغرى...ئاچا-سىڭىللىرىڭ يوقمۇ سىنىڭ...ۋاي لەنەت تەككۈر جوھوت...قان قۇسۇپ ئۆلىدىغان نىمىكەن بۇ...بايقاپ قالمىغان بولسام موكلا سالغۇدەككەن..
نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە تۇشمۇتۇشتىن ئادەملەر يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ مىنى ئوڭ-تەتۈر ئۇرغىلى تۇردى.ھېلىقى چوكان باشتا ۋارقىراپ قۇلۇمغا ئېسىلغاندەك قىلىۋىدى،ھايتنى-ھۇيت دىگىچە قۇلۇمدىكى پۇل يوق.تاياق ئاستىدا قالغاچقا ئۈزەمنى قوغداش ھەلەكچىلىكىدە باشقىسنى ئويلىغىدەك ھەپسىلەم يوق ئىدى.نىمىلەرنىدۇ دەۋاتىمەن،كىملەرگىدۇر يالۋۇرىۋاتىمەن.ئەمما زادى نىمە دەپ نىمە قىلغىنىم ئىسىمدە يوق.ئۇرىۋاتقانلار نىمىلەرنىدۇ دەپ تىللىغاچ بىر-بىرىگە ئۇرە دىسە تىپە دەپ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ.ئىشقىلىپ يۇمۇلانغان ھالەتتە قوللىرىم بىلەن ئۈزەمنى ھىمايە قىلىپ،كىرپىدەك تۈگۈلۈۋالدىم.باش-ئاياقلىرىمغا توختىماي تىگىۋاتقان مۇشلار قاچان توختىدىكىن تاڭ، بىركەمدە ئىسىمنى يىغىپ قارىسام چوڭ يولدا داق يەردە يېتىپتىمەن.ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلارنىڭ سەت ئالىيىپ قاراشلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا،ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق.ئورنۇمدىن تۇرۇشقا شۇنچە تىرىشىپ ھەرىكەت قىلساممۇ تۇرالمىدىم.ياردەمگە ئادەم چاقىراي دىسەم ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يەۋەتكۈدەك ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قۇيۇپ كىتىپ بارىدۇ.بولدىلا،يەنىلا ئۈزەم ئامال قىلاي .
ئالە شەرىڭنى!تېلفۇنمۇ يوق!قايسى تىجىمەل سوقتىكىنتاڭ ،تاياقتا سېلىپ بەرگەن ئوخشايمەن.غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كەتتىم...
قالغان ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.ساق يىرىمنىڭ تايىنى يوق.يەنە قانچىلىك ياتىمەنكىن بۇ گۆردە...
مەنبە: يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى