Windows 8 نىڭ 109 خىل تىلدىكى تىل بولىقى چىقىدۇ.
مىكروسوفت شىركىتى بۈگۈن Building Windows8 بلوگىدىكى ماقالىسىدا Windows8 نىڭ كۆپ تىلنى قوللاش ئىقتىدارىنى تونۇشتۇردى، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows8 ۋىندوۋىس 7 گە سېلىشتۇرغاندا ئاز دېگەندە ئۇيغۇرتىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14خىل تىلدىكى ئارا يۈزنى كۆپ قوللايدىكەن، ئالدىنقى نەشىرلىرىدە قوشۇلغان ئارا يۈز تىل بولاقلىرىنى قوشقاندا قوللايدىغان ئارا يۈز تىلى 109 خىل بوپتۇ، بۇ رەقەم ئالما قاتارلىق باشقا شىركەتلەرنىڭ كۆپ تىلنى قوللاش كۈچىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىپتۇ. مىكروسوفت شىركىتى يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ مىللەت مەدىنىيىتىنى قوللاش يولىدا يەنىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېڭى قوشۇلغان 14خىل ئارا يۈز تىللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
ئېنگىلىز تىلى(ئەنگىلىيە)
پەنجاپ تىلى(پاكىستان)
سىندى تىلى (پاكىستان)
مەركىزى كورد تىلى (ئىراق)
ئۇيغۇر تىلى (جۇڭگو)
بېلىروس تىلى(بېلىروسىيە)
كىنيارۋاندا تىلى(رىۋاندا)
تايگىرىنيا تىلى(ئېفئوپىيە)
تاجىك تىلى(تاجىكىستان)
ۋولف تىلى(سېنگال)
كۋىچوئىد تىلى(گۋاتېمالا)
شوتلاندىيە گائېل تىلى(ئەنگىلىيە)
چېروكى تىلى(ئامېرىكا)
ۋالېنسىيا تىلى(ئىسپانىيە)
يەنە بىر تەكىتلىمەي بولمايدىغان ئالاھىدىلىكى Windows8 دە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تىل باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ. Windows8 پروگراممىرلار سىناق قىلىش نۇسخىسىدا كونتىرول تاختىدا مەخسۇس «تىل»ئارا يۈزى قوشۇلغان، بۇرۇنقى ئارا يۈز تىلى، كىرگۈزگۈچ ،قول بىلەن كىرگۈزۈش قاتارلىق تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاللانمىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرلىدىكەن.
بۇ ئارا يۈزدە «تىل تىزىمىلكى»نى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن، يەنە ئالدىنلىق تەرتىپى بويىچە، كۆپ خىل تىلنى قوشقىلى بولىدىكەن، يۇمشاق دېتال ئارا يۈز تىلى، كىرگۈزگۈچ مۇشۇ ئالدىنلىق تەرتىپى بويىچە كۆرسىتىلىدىكەن. Windows8 نىڭ ئالدىدىكى نەشىرلىرىدە، ئەگەر كۆپ تىل ئەپلىرى نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسى تىلىنى (ئاددىلاشتۇرۇلغان خەنزۇتىلى) ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا،پەقەت ئېنگىلىزتىلى ئارا يۈزى بىلەن كۆرسىتىلەتتى، ئىشلەتكۈچىلەر گەرچە ئۈچىنچى خىل تىلدا كۆرۈپ چۈشىنەلىسىمۇ،ئۈچىنچى خىل تاللاش (مەسىلەن مۇرەككەپ خەنزۇتىلى) يوق ئىدى.
تولۇقلىما: Windows نىڭ كۆپ تىل ئارا يۈز قاچىلاش بولىقى 2 گە بۆلىنىدۇ:
LP (تىل بولىقى، يەنى MUI):
ئارا يۈز تىلىدىن باشقا، يەنە تىلنىڭ تولۇق يەرلىكلەشتۈرۈشىنى قوللىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پەقەت يېتەكچى نەشىرى ۋە كارخانا نەشىرىگىلا قاچىلاشقا بولىدۇ.
LIP(ئارا يۈز تىل بولىقى):
پەقەت ئاساسلىق ئارا يۈز تىلى ۋە ياردەم ھۆججىتىلا تەرجىمە قىلىنغان، تولۇق يەرلىكلەشتۈرۈلمىگەن.
كارخانا نەشىرى ۋە يېتەكچى نەشىرىدىن باشقا نەشىرلەرگە ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
Windows نۆۋەتتە قوللايدىغان ئارا يۈز تىل بولاقلىرى ئادرېسى:
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/downloads/languages
مەنبەسى:
http://cnbeta.com/articles/173647.htm دىن تەرجىمە قىلىندى
تېما ئالىپ تورىدىكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ تېمىسىدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكىرىلدى ئەسلى تېما مەنبەسى:
http://www.alip.biz/thread-3168-1-1.html