سۆيگۈمنى كەشتىلەپ ئەۋەتتىم ساڭا
بىر تىلەك تەنتەنە قىلىدۇ تىنماي،
چولغايدۇ ھاياجان يۈرەكنى،دىلنى،
بىلمەيمەن بۈگۈننىڭ مەنىسى نىمە؟
بىلگىنىم پەقەتلا تەبرىكلەش سېنى.
ە
غەيرەت ھەم ياخشىلىق تىلەيمەن ھەركۈن،
ھاياتلىق يولۇڭدا داۋان ئاشقۇچە.
بىلمەيمەن ئىگەمنىڭ كۈنى ئوخشاشقۇ،
بىلگىنىم تۇغۇلغان كۈنۈڭ باشقىچە.
ە
ھەق ئىمان ھەم ۋىجدان بولسا ھەمراھىڭ،
ئىجادىڭ،ئەجرىڭدىن نەپ تەگسە ئەلگە،
بىلمەيمەن ئاللاھنىڭ ھۆكىمى قانداق؟
بىلگىنىم سەنمۇ ھەم ئاشۇ ئۈمۈتتە.
ە
ھەركۈنى سەھەردە سەلكىن شامالدىن،
يوللايمەن سالامنى شۇنچىلىك ئىللىق،
بىلمەيمەن شاماللار يەتكۈزەر نىمە؟
بىلگىنىم قالىمەن تىلەپ ئامانلىق.
ە
سۆيگۈمنى كەشتىلەپ ئەۋەتتىم ساڭا،
قالغىنى قولۇمدا يىڭنىنىڭ ئىزى،
بىلمەيمەن ئاشىقلىق بولىدۇ قانداق؟
بىلگىنىم ئاددىيلا «سۆيىمەن سېنى».
ە
چەشمەزۇلال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-22 02:42 PM