ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(6)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ X* }& Y+ s) o: ?1 f, G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Y0 ?% T1 M3 P: J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, m, C. k# @" J: \3 zتەتۈرلىك
دەۋا قىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئادىل ھۆكۈم ئازىيىۋاتىدۇ؛
دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلار كۆپىيىۋاتىدۇ، «سوۋغات» ئالمىسا ئوچۇق چىراي ئاچىدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ؛
تاپشۇرۇق كۆپىيىۋاتىدۇ، تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئازىيىۋاتىدۇ؛
سۈت ساتقۇچى كۆپىيىۋاتىدۇ، سۇ ئارىلاشتۇرمىغان سۈت ئازىيىۋاتىدۇ؛
ئوقۇغان-بىلگەن زىيالىيلار كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەققانىيەت ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ؛
كىتابلار كۆپىيىۋاتىدۇ، كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ؛
يىغىن ۋە قۇرۇق گەپ كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ئىش ئازىيىۋاتىدۇ؛
تاراتقۇلار كۆپىيىۋاتىدۇ، راست گەپ ئازىيىۋاتىدۇ...
(نوشىرۋان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ?2 W9 [1 D. X5 @3 \# o1 w4 y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: a; G5 `' f- }& g: e% G) V+ {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" W2 M: r* B) W. H, ~5 w9 Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* K) e' m: V* M7 d, [
پوپۇزا قىلىش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a* V$ }. G6 ^9 a4 U# n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 o3 }5 x" }$ r3 C8 }1 ?3 l; jئىدارىدە يىغىن ئاچقاندا، باشلىقنىڭ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كېتىدۇ، ئۈستەلگە ئۇرۇپ، ھۆركىرەپ سۆزلەپ كېتىدۇ. شۇنداق ئەلپازدا تەنقىت قىلىۋاتقىنى، پوپۇزا قىلىۋاتقىنى ئىشقا كېچىكىپ قالغان، بالدۇر كېتىپ قالغان دېگەندەك ئىشلار. بۇنداق پوپۇزا قىلىش تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنداق ئىشلار تۈگەپ قالمايدۇ.
باشلىق بۇنچىلىك پوپۇزا قىلىشنىڭ ئادەتتىكىچە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيە رەھبەرلىرى بىزنى تەنقىت قىلغاندەك تەنقىت قىلساق، ھۇشۇڭلاردىن كېتىسىلەر دەپ قويىدۇ. بۇنداق پوپۇزا قىلىش مەكتەپلەردە، يېزا-كەنتلەردە تېخىمۇ ئومۇملاشقان.
ئادەتتىكى كادىرلار ئۇنداق پوپۇزىنى قېتىغا ئېلىپ قويمايدۇ، قورقۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار خىيانەت قىلمىغان، پارا ئالمىغان. پوپۇزا قىلىپ، قورقۇتۇپ تۇرۇشقا تېگىشلىك خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلاردۇر. پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ يىغىن سەھنىسىدىكى، تېلېۋىزور ئىكرانىدىكى سالاپەتلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىنىپ كەتمەڭ، ئۇلارنىڭ غوجا ئاكىسى قاپىقىنى تۈرۈپ، ئۈستەلگە ئۇرۇپ پوپۇزا قىلىپ قويىدىغان بولسا، يۈرىكى گۈپۈلدەپ، كۆڭلى پەرىشان بولىدۇ، كىم مېنى پاش قىلىۋەتكەندۇ دەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ. يېگىنى-يېگەن، ئىچكىنى–ئىچكەن بولماي، ئەس-ھۇشىنى يوقىتىدۇ. «پۇتى كۆيگەن توخۇ»نىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھارامخورلۇقى ئۆزلىرىگە ئايان.
(نوشىرۋان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' [6 r' Z6 t6 w0 ~$ v; _; |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ ~4 t* h4 Y0 t/ I: w$ Wدۆڭگەش
70 ياشتىن ئاشقان بوۋاينىڭ داۋالىنىش ھەققى تالونىدا «تۇغدۇرۇش ھەققى» دەپ چىقىپتۇ. بۇنى كومپيۇتېرنىڭ چاتىقى دەپتۇ؛
مەلۇم ئىدارىنىڭ كادىرى سولامچىلىققا چېتىلىپ قاپتۇ، ئۇنى ۋاقتلىق خادىم ئىدى دەپتۇ؛
پارىخور ئەمەلدار تۇتۇلغاندا، پارا بېرىلگەن پۇلنى مەن ئالمىغان، خوتۇنۇم ئۇقماي ئېلىپ قاپتۇ دەپتۇ؛
يول ياسىلىپ بىرەر يىل بولا-بولماي بۇزۇلۇپ كەتسە، يولدا ماڭغان ماشىنىلار پىلاندىكىدىن بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ دەپتۇ؛
ناھەق قامالغان گۇماندار تۆلەم تەلەپ قىلسا، ئۆزى يالغان ئىقرار قىلغانلىقتىن قامالغانكەن دەپتۇ؛
يۈندە ماي بازاردا سېتىلىۋاتسا، ئۇنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم يوق دەپتۇ.
(نوشىرۋان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 v2 f2 l; Q; @1 m" C) @" }
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=525
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 L, n- W) c/ P ~0 V) m- c9 y" q& ~