 |
 |
 |
 |
2 مىليون يۈەنلىك دولان قويى دەۋاغا چېتىلىپ قالدى 
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بۇخەلچەم ئابدۇۋەلى ، خەيرىگۈل مەمەت خەۋەر قىلىدۇ : مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر قوي ئېلىم – سېتىم سودىسى دېلوسىغا سوت ئاچتى . ئىگىلىنىشىچە ، مەكىت ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق سادىق 2011 – يىلى 4 – ئىيۇن خالىقتىن بىر دولان قويىنى 2 مىليون يۈەنگە سودىلىشىپ ، شۇ كۈنىلا 1 مىليون 550 مىڭ يۈەننى خالقنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىۋەتكەن ۋە قالغان 450 مىڭ يۈەننى ئۈچ كۈندىن كېيىن بېرىدىغان بولۇپ قوينى ئەپكەتكەن ، بىراق قالغان پۇلنى قەرەلىدە بەرمىگەن . خالق سادىقنى ئىزدەپ مەكىت ناھىيىسىگە كەلگەندە ، سادىق قوينى ساتالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قىپقالغان پۇلنى شۇ يىلى 1 – ئاۋغۇستتىن ئىلگىرى بېرىش توغرىلىق ھۆججەت يېزىپ بەرگەن ، بىراق مۆھلەت توشقاندىمۇ پۇلنى بىرەلمىگەن ، نەتىجىدە خالق ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان . سادىق سوتتا نۆۋەتتە قوي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ، قوينى ساتالمىغاچقا ، خالقنىڭ ئۆزى بەرگەن 1 مىليون 550 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان . سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم – سېتىم توختامىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ ، سادىقنى خالققا 450 مىڭ يۈەن مال پۇلىنى قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلدى . تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
|
 |
 |
 |
 |
|