مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1038|ئىنكاس: 4

رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمكى «قۇرىغار» نامى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمكى نوپۇزلۇق نامى « قۇرىغار»دىگەن ئاتالغۇ  توغىرسىدا

ئەزىز ھېيىت كۈن :ئالپامىش



    رايۇنىمىزنىڭ ھازىرقى «شىنجاڭ »دىگەن نامى 1884-يىلى  چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغاندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە مەزكۇر رايۇننى شۇ نام بىلەن ئاتاش تەكلىپىنى زوزوڭتاڭ بەرگەن.چىڭ سۇلالىسى 1884-يىلى رەسمى تۈردە شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان.شۇ چاغدىن باشلاپ ئانا ماكانىمىز بولغان مەزكۇر رايۇننىڭ « شىنجاڭ» دىگەن خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقىنىغا بۇ يىل دەل 129 يىل بولدى.  مەزكۇر رايۇن 1884-يىلدىن 1955-يىلغىچە «شىنجاڭ ئۆلكىسى»  دەپ ئاتالغان بولۇپ،«ئۆلكە » نامى بىلەن ئاتالغان ۋاقتى 71 يىللىق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر    ئاپتۇنۇم رايۇنى » قۇرۇلدى.مەزكۇر رايۇن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى » دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقىلى بۇ يىل 58 يىل بولدى.      مەزكۇر رايۇن خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن باشلاپ ئاساسلىغى «غەربى يۇرت » دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.تارىختا « غەربى يۇرت » دىگەن نام كەڭ مەنا ۋە تار مەنانىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.كەڭ مەنىدىن ئالغاندا «غەربى يۇرت » ئاتالغۇسى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە ئوتۇرا ئاسىيا رايۇنى،ھەم كاسپى دېڭىزى قىرغاقلىرىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.تار مەنىدىن ئالغاندا «غەربى يۇرت» ئاتالغۇسى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى كۆرسىتەتتى.مەزكۇر رايۇن تۈركى تىللىق خەلقلەر تەرپىدىن قەدىمقى زاماندا «تۇران»«تۇرانىيە» «قۇرىغار» دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.19-20-ئەسىرلەردە بولسا پانتۈركىزىم،پان ئىسلامىزىمچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئەكسىيەتچى مىللەت بۆلگۈنچى كۈچلىرى تەرپىدىن «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتالغان.«تۇران» « تۇرانىيە » دىگەن ناملار مىلادىدىن ئاۋالقى3-ئەسىردىن مىلادىيە 3-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تارىخ سەھنىسىدە زور تەسىر قوزغىغان تۈركى تىللار سېسىتمىسىدىكى مىللەت-ھونلار نىڭ زىمىنى دائىرسى شۇنداقلا مىلادىيە 552-يىلىدىن 658-لغىچە دەۋىر سۈرگەن كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ،مىلادىيە 682-يىلدىن 744-يىلغىچە مەۋجۇت بولغان كىيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ زىمىن تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ،«تۇران» ياكى «تۇرانىيە» نىڭ دائىرسى شەرقتە جەنۇبى سىبىريە،بايقال كۆلى،موڭغۇلىيە ئىگىزلىكى،غەرىپتە بالقاش كۆلى،كاسپى دېڭىزى،سىر-ئامۇ دەرياسى،تالاس دەرياسى ساھىلى، شىمالدا كاپكاز تاغلىرى،ئورال تاغلىرى،يېنسەي دەرياسى ساھىلى،جەنۇپتا سەدىچىن سېپىلى،ئىچكى موڭغۇل تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.ھازىرقى «شىنجاڭ» رايۇنى « تۇران» نىڭ مەركىزى رايۇنى ئىدى.«تۇران» ئاتالغۇسى ئەڭ ئاۋال ئىران شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» ناملىق داستانىدا «ئىران بىلەن تۇران» نىڭ سۆھبىتى » دىگەن ماۋزۇدا بايان قىلنغان بولۇپ،تۇران پادىشاھى ئافارسىياپ (تۈركى تىلدا ئاتالىشى تۇڭا ئالىپ ئەر ياكى ئالىپ ئەرتوڭا بولۇپ،مەنىسى يېڭىلمەس ئەر،قاپلاندەك جەسسۇر ئەر دىگەن  مەنىدە) نىڭ ئىران زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئىراننى مۇستەملىكە  قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.شۇ ۋەقەلەر بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ،ۋەقە جەريانى «ئاۋىستا» دىمۇ(بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇن يېزىلغان كىتاپ) بايان قىلىنغان.ئەمما مەزكۇر رايۇننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان نام « قۇرىغار» دىگەن نامدۇر  . ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايۇنى قەدىمكى زاماندا نىمە دەپ ئاتىغان ؟ دىگەن سۇئالغا  ئورخۇن مەڭگۈ تېشى ئابىدىلىرىنىڭ بىرى بولغان «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»(مىلادى 732-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ قوشتۇ-سايدام دىگەن يېرىگە ئورنىتىلغان)2-8-قۇرلار شۇنداقلا مىلادىيە 720-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ بايىن چوقتۇ دىگەن يېرىگە ئورنىتىلغان «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» 17-قۇر بولۇپ جەمى 2 مەڭگۈ تاش ئابىدىسىنىڭ 3 يېرىدە خاتىرلەنگەن «قۇرىغار » دىگەن نام ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.
  ئەنۋەربايتۇر،ەيىرنىسا سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » ناملىق كىتاپىنىڭ بېتىدە «قۇرىغار» مەنىسى:«غەرپ تەرەپ» دەپ  بايان قىلىش بىلەن بىرگە «قۇرىغار»دىگەن سۆز جۇغراپىيلىك ئۇقۇم بولۇپ،ئۇ تار ۋە كەڭ ئىككى خىل مەنىگە ئىگە.تارمەنىدىن ئېيتقاندا قۇرىغار رايۇنى پەقەت ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە ئەرەب دۆلەتلىرى،ئىران،كاپكاز تاغلىرى،كاسپى دېڭىز ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى،جەنۇپتا پاكىستان،ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.»دەپ يازىدۇ.(يۇقۇرقى كىتاپ  168-202-بەتلەر)                                                   يۇقۇرقى باياندا كۆرۈلۈپ تۇرۇدىكى «قۇرىغار» دىگەن نام بىرىنچىدىن: تەرەپنى (غەرپ تەرەپنى )،ئىككىنچىدىن خاس جاي  نامىنى يەنى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىنى،ئۈچۈنچىدىن كەڭ دائىرنىيەنى رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنۋېلىشقا بولىدۇ.مېنىڭچە «قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ تار مەنىسى يالغۇز تارىم ئويمانلىغىنى كۆرسەتمەستىن تاغ،دەريا،قاتناش،يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە چەمبەرچەس باغلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە كۆرۈنىدىغان بۈگۈنكى شىنجاڭ ( قۇرىغار) رايۇنىنى كۆرسىتىدۇ  دىسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.ئەمىليەتتىمۇ مەزكۇر نامنىڭ تار مەنىسىنى سەل كېڭەيتىپ،كەڭ مەنىسىنى ھازىرقى تارىخى شارا ئىتقا ئۇيغۇنلانشتۇرۇپ «قۇرىغار بىلەن شىنجاڭ باراۋەر نام» دەپ چۈشەنسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ئەھۋال شۇكى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » ناملىق كىتاپنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تەۋە تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە «قۇرىغار رايۇنى» دەپ ئېلىنغان.مېنىڭچە يۇقۇرقى كىتاپ شىنجاڭ رايۇنى  دىگەن نامغا باراۋەر بولغان نام «قۇرىغار رايۇنى » دەپ ئاتاش-يېزىشنى باشلاپ بەرگەن چوڭ ھەجىملىك كاتتا تارىخى ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.                                                 «قۇرىغار » ئاتالغۇسىنىڭ يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە كونكىرت مەنا ئۇقۇممى بار.شۇ ئۇقۇم مەزكۇر رايۇنىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپمۇ بوستانلىق بەلۋاغلىرىنىڭ جايلىشىشى بىلەن  زىچ باغلىنىشقا ئىگە.
«قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە (تۈركى تىللاردىكى سۆز) ئاتالغۇ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش بىرىنچى موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.«قۇر.قۇررى» دىگەن سۆزلەر تىلىمىزدا ھازىرمۇ «رەت،قاتار » دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.«رەت-رەت كوچىلار»«قاتار-قاتارمەھەلىلەر»دىگەن سۆزلەرنى زۈرۈربولغاندا ئىشلىتىمىز.«غار»سۆزى«جاي،ماكان،يۇرت،شەھەر،بوستانلىق» دىگەن مەنىلەنى بىلدۈرىدۇ.«قۇرىغار» ئاتالغۇسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس-ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نام ئىكەنلىكى بىزئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدىغان يادىرۇلۇق مەسىلە  ھېساپلىنىدۇ.بىر رايۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇ رايۇننىڭ ئۆزگىرىپ قالمايدىغان تەبى ئالاھىدىلىكى بولۇپ يەر شەكلىتۈزۈلۈش ھالىتىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ.قۇرىغار(شىنجاڭ)رايۇنى يىراق قەدىمقى زاماندىلا ئىگىزلىك  بىلەن ئويمانلىق،بوستانلىق بىلەن چۆللۈك،تاغلىق بىلەن تۈزلەڭلىك،مۇنبەت تۇپراق بىلەن شۇر تۇپراق تۇتىشىپ كەتكەن قۇرۇقلۇق بەلبىغى بولۇپ شەكىللەنگەن.ئەزەلدىن مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىدا «تۇتاش بوستانلىق،تۇتاش مەھەللە،تۇتاش شەھەرلەر،تۇتاش يۇرتلار» بولغان ئەمەس بەلكى ئارلىقتا «ئۈزۈكلۈك» مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.شۇ «ئۈزۈكلۈك» بوستانلىق بىلەن بوستانلىق،بىر يۇرت بىلەن يەنە بىر يۇرت ئوتتۇرسىدىكى چۆللۈك،قاقاسلىقنى،ياكى تاغ،ئېدىرنى،سايلىقنى كۆرسىتىدۇ.شۇ ھالەت ھازىرمۇ ساقلانماقتا.  گەرچە تەرەققىيات زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن يەنى بىر ناھىيە بوستانلىقى بىلەن يەنە بىر ناھىيە بوستانلىقىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان مەنزىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ چوڭ جەھەتتە «رەت-رەت بوستانلىق» «قاتار-قاتار يۇرتلار»نى «بىر تۇتاش»قىلىۋېتىدىغان ھالەت شەكىللەنگىنى يوق.بىز ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن بىرمىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى مەزكۇر رايۇننى «قۇرىغار» دەپ ئاتىغانلىغىغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز لازىم.چۈنكى مەزكۇر رايۇنىمىزنى قەدىمكى زاماندا «قۇرىغار» دەپ ئاتاش ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولۇپ قالماستىن بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ،كەلگۈسىدىمۇ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.«قۇرىغار»دىگەن نامنىڭ غەيرىلىكى شۇنداقلا قىلچە ئەكسىيەتچىل مەنىسى يوق.ئوچۇق ئېيتقاندا «قۇرىغار» ئاتالغۇسى سىياسى نام بولماستىن بەلكى بىرمىللى تىلدىكى جۇغراپىيلىك نام.بۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.«شەرقى تۈركىستان » ئاتالغۇسىنى بۆلگۈنچى كۈچلەر مەخسەتلىك ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن.ئەمما «قۇرىغار» دىگەن نام ۋەتەن بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتپاقلىقى،مۇقىملىق،تەرەققىياتقا قىلچە زىيانلىق تەسىرى يوق بولغان مىللى تىلدىكى جۇغراپىيلىك نام.«قۇرىغار»ئاتالغۇسىنىڭ ھەجمىنىڭ ئىخچام،مەناسىنىڭ دەلمۇ-دەللىكى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.يەر-جاي ناملىرىنى تاللاشتا (ئىسىم قويۇشتا) ئاتالغۇنىڭ ھەجمى ئىخچام،مەناسىنىڭ دەل بولىشى مۇلاھىيزە قىلىندىغان موھىم نوقتىلارنىڭ بىرى.بۇ جەھەتتە «قۇرىغار» سۆزى ئەڭ مۇۋاپىق سۆزدۇر.«قۇرىغار»ئاتالغۇسى مىللى تىلدىكى نام بولۇش شۇنداقلا قەدىمكى نام بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر.چۈنكى مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە نام بىلەن ئاتاشنى يولغا قويۇشتا يۇقۇرقى مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا «قۇرىغار ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى » دەپ ئاتاشتن باشقا مۇۋاپىق سۆز يوق.گەپنى يەنە «شنجاڭ» ئاتالغۇسنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن
باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.1880-يىللاردىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلىشى ۋە قۇرىغار رايۇنىنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىشى تامامەن توغرا.چۈنكى ئەينى دەۋىردە 1-ۋە2-قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرىشى ئاخىرلىشىپ چىڭ سۇلاسى تاشقى  جەھەتتە جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،تەڭ  ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالىشىشقا باشلىغان،ئىچكى جەھەتتە يېخىتۇەن قوزغىلىڭى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ زور كۆلەمدە بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغان،قىسقىسى ئىچكى –تاشقى جەھەتتە خەۋپكە يولۇقۇپ،دۆلەت زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ  كەتكەن شارائىتتا زوزوڭتاڭنىڭ چارروسسىيىدىن ئىلىنى قايتۇرۋېلىپ چېگرا رايۇننى ساقلاپ قېلىشى زور غەلبە ئىدى.مەزكۇر رايۇننى  ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلغاندا چىڭ سۇلالىسىغا بىۋاستە قاراشلىق زىمىن بولاتتى.چارروسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قۇرىغار رايۇنىنى بۆلىشىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى،دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى.ئەينى دەۋىردىكى شارائىتتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يۇقۇرقى قاتلامىدىكىلەر ۋە زوزوڭتاڭ قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قەدىمكى زامان جوڭگو تارىخى ۋە قەدىمقى زامان قۇرىغار تارىخىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئەمەس.شۇڭا ئۇلار قۇرىغارنىڭ قەدىمقى زامان يەنى غەربى خەن سۇلالىسى زاما نىدىن بۇيان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرۇلغان سۇلالىلەرگە «يېڭى زىمىن » ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا 1955- يىلى مەزكۇر رايۇن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇپ قۇرۇلغاندىمۇ يەنە «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.چۈنكى  ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىز يېڭى ئازات قىلىنغان بولۇپ،شۇ مەزگىلدە يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى،تارىخ ۋە ئارخىلوگىيە تەتقىقاتىدىن  سۆز ئاچقىلى بولمايتى.ئۇندىن باشقا مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىنىڭ تارىختىكى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن بىر بوشلىقى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مىللى تىلدا(تۈركى تىللاردا) ئاتىلىدىغان نامىنىڭ بولماي كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.                                   ئالىم ئىمىن تۇرسۇن «تارىمدىن تامچە»ناملىق كىتاپىدا بۇنىڭدىن 2250-يىل ئىلگىركى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مەزكۇر(قۇرىغار)رايۇنىدا « شەھەر بەگلىكلىرى»نىڭ بارلىققا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.«شەھەر بەگلىكلىرى-شەھەر دۆلەتلىرى» ئەمىليەتتە ھەقىقى مەنىدە ئېيتقاندا «مۇستەقىل شەھەرلەر-مۇستەقىل يۇرتلار  ئىدى.«مۇستەقىل شەھەرلەر-مۇستەقىل يۇرتلار» ئەشۇ يىراق   قەدىمكى زاماندا «رەت-رەت بوستانلىقلار» دا قۇرۇلغان.«قۇرىغار» دىگەن نام شۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ «رەت-رەت بوستا   نلىق»«قاتار-قاتار يۇرتلار» دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.مىلادىدىن  ئاۋالقى 176-يىلى ھونلارنىڭ 2-تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت قۇرىغار رايۇننى بېسىۋالغان.ھونلار دەۋرىدىن باشلاپ قۇرىغاردىكى ھەر قايسى يۇرتلار تاشقى زور بىركۈچنىڭ ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا،  ئۆزلىرىنى ئىتپاقلاشتۇرىغا مۇھتاج بولۇپ كەلگەن.غەربى خەن سۇلاسى زامانىسىدىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقۇرى  قاتلىمىدىكىلەر قۇرىغار رايۇنىدىكى خەلقلەرنىڭ شۇ خىل مۇھتاجلىغىنى،تەلىپىنى جايىدا ئورۇنلىغان.قۇرىغان رايۇنىدىكىلەر يىراق قەدىمقى زاماندىن باشلاپ ئۆز-ئارا مۇستەھكەم ئىتپاقلىشالىغان،پۈتكۈل قۇرىغار رايۇننى بىر گەۋدە قىلغان بىر پۈتۈن دۆلەتنى قۇرالىغان ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ تارىخچىلىرىلا ئەمەس ئۇيغۇر،قىرغىز، قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخچىلىرى يازغان ئەسەرلەردىمۇ بۇ ئەھۋال ئوتتۇرغا قويۇلغان.ئۈزۈك-ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئايرىم-ئايرىم ئولتۇراقلىشىش خەلق-قەۋمنىڭ تارقاق مەۋجۇت بولۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.مانا بۈ مەزكۇر رايۇننىڭ مىللى تىلدا تارىختىن بۇيان ئورتاق بىر نامىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغىچە   ساقلانماي كېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.مىلادىيە –9ئەسىرگىچە مەزكۇر رايۇننىڭ تۈركى تىللاردىكى«قۇرىغار»دىگەن نامى ساقلانغان بولسىمۇ 9-ئەسىردىن كىيىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن. قۇرىغار(مەزكۇر) رايۇننىڭ ھازىرغىچە مىللى تىلىمىزدا ئاتىلىدىغان نامىنىڭ ساقلانمىغانلىقىغا تارىخى ساۋاقلارنى كۆزدە تۇتقاندا ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامى مىلادىدىن ئاۋالقى 3-ئەسىردىن تاكى 1500-يىللارغىچە جەمى 1800يىل مەۋجۇت  بولغان بولسىمۇ 16-ئەسىردىن باشلاپ «مۇسۇلمان،ئالتە  شەھەرلىك»دىگەن ناملار بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن.20-ئەسىرنىڭ بېشىدا (1910-يىللىرى) نەزەر خوجا ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئۇيغۇر ئوغلى »تەخەلۇسى بىلەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامىنىڭ ئەسلىدە «ئۇيغۇر» ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان.1934-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك فىرقە(ھۆكۈمەت) «ئۇيغۇر مىللىتى» دىگەن نامنى بىكىتكەن.دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامى 300 يىل يوقاپ(ئۇنتۇلۇپ) كېتىپ،ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ توختىماي پىداكارلىق كۆرسىتىشىدە ئەسلىگە كەلگەن.بىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مىللەت نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن خەلق بولۇش تارىخىمىزنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۆز دىيارىمىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى نامىنىڭ ساقلانماي كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.                                          «شىنجاڭ»ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگىلى 129 يىل بولغان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغىلى 58 يىل   بولغان  بۈگۈنكى كۈندە بىر تەرپتىن خەنزۇچە قويۇلغان «شىنجاڭ » ئاتالغۇسىنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقى ياكى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ئويلىنىدىغان مەسىلە قاتارىغا قويۇش كېرەك.شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى قۇرۇلغان 58 يىلدىن بۇيان مەزكۇر جاينىڭ مىللى تىلدا يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاتىلىدىغان نامىنىڭ يوق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىش كېرەك.
     ئالدى بىلەن «شىنجاڭ» دىگەن خەنزۇچە نام ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ نامنىڭ 1884-يىلدىن بۈگۈنگىچە 129 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ دەپ ئاتىلىپ كېلىشىنى توغرا  دىيىش مۇۋاپىق بولسىمۇ ئېلىمىزنىڭ ھەم قۇرىغار (شىنجاڭ ) رايۇنىنىڭ 2000 يىلدىن كۆپەرەك تارىخى ئەمىليىتىنى كۆزدە تۇتقاندا توغرا ئەمەس.يەنى «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ ) دىگەن نام مەزكۇر رايۇننىڭ غەربى خەن سۇلا لىسىنىڭ خەن ۋۇدى (مىلادىدىن ئاۋالقى 60-يىلى) زامانىدىلا ئېلىمىز خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن تارىخى ئەمىلىيىتى بىلەن زىت بولۇپ قالىدۇ.1884-يىلدىكى تارىخى ۋەزىيەتتە «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ) دىگەن نامنىڭ قويۇلىشى شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەققازاسىدىن بولغان.تارىخى ئەمىليەتنى كۆزدە تۇتقاندا 1800 يىللىق ۋاقىتنى يوققا چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.ئوچۇق ئېيتقاندا بۇنىڭدىن 2070 يىل ئىلگىرى مەزكۇر رايۇننىڭ ئېلىمىزگە تەۋە بولۇشقا باشلىغانلىقىنى يوققا چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا   ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل ئومۇمى تارىخى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىنى «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ) دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغىلى 60 يىل بولدى.قۇرىغار تەتقىقاتى پەنلەر ۋە ساھەلەر بويىچە زور بۆسۈشكە ئېرىشتى.ھازىر « شىنجاڭ» دىگەن نامۇۋاپىق ئىسىمنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق،دەل نام-ئسىم قويۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى.شىنجاڭ دىگەن خەنزۇچە نامنىڭ نامۇۋاپىقلىقىدىن باشقا   يەنە مەزكۇر جاينىڭ ئۇيغۇرچە نامىنىڭ يوق بولۇپ كېلىشىمۇ مەزكۇر جايغا مۇۋاپىق نام-ئىسىم  قويۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
   خەنزۇچە قەدىمقى ناملار ئىچىدە « غەربى يۇرت » دىگەن ئاتالغۇ 1700 يىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ئېنىق،كونكىرت    بولغان  جاي تەۋەلىكىكىگە قارىتىلماستىن شەرققە-ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە نىسبەتەن غەرىپكە سوزۇلۇپ جايلاشقان ناھايىتى كەڭ  زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قىسقىسى غەربى يۇرت دىگەن نام مەزكۇر رايۇننىڭ خاس نامى ئەمەس.
  مەزكۇر رايۇنغا قايسى مىللەت تىلىدىكى نام بولسۇن مەزكۇر رايۇننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيسىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان،مەزكۇر رايۇننىڭ خاس نامى بولالاليدىغان نام-ئىسىمنى قويۇشتا يېڭىدىن قويۇش ۋە قەدىمقى نام-ئىسىمنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەگەر قەدىمقى نام-ئىسىم بولسا يېڭىدىن نام قويۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. «قۇرىغار» دىگەن نام مېنىڭچە مەزكۇر رايۇننىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.بۇ نامنى قوللىنىشتا بىر مەزگىل «قۇرىغار(شىنجاڭ) ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى » «قۇرىغار رايۇننى» «قۇرىغار»(شىنجاڭ) شەكلى ئىشلىتىلسە قۇرىغار دىگەن نام مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا ئومۇملىشىدۇ.مېنىڭچە «قۇرىغار» ئاتالغۇسىنى  ماقالىلىرىمىزدا،نوتۇقلىرىمىزدا،سۆھبەتلىرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمىز ئىشلىتىپ ئادەتلەنگىنىمىز ياخشى.چۈشەندۈرۈش ،ئىزاھلاش توغرا بولسا خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قېرىنداش مىللەتلەرمۇ «شىنجاڭ »(يېڭى زىمىن) دىگەن نامنىڭ پۈتكۈل جوڭگو تارىخى نوقتىسىدىن مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنداقلا «قۇرىغار» دىگەن نامنى ئۆز تىللىرىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى قائىدىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قوللىنىلدىغان بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا بۇ مەسىلە تەبى ھەل بولىدۇ.تىل –يېزىق كومىتىتى،يەر-جاي ناملىرى ئىشخانىسى،سىياسى كېڭەش ئەزالىرى،خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان،ئاخىرىدا خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىردىغان ئىشلار «قۇرىغار» دىگەن نام خەلق ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلسا ياخشى بولىدۇ.
    مەن يۇقۇردا «قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ مەزكۇر رايۇنىمىزنىڭ تارىخىغا،جۇغراپىيسيگە،يەرلىك ئالاھىدىلىككە،مىللى خۇسۇسىيەتىگە،سىياسىغا،ئىتپاققلىققا ئۇيغۇن بولغان نام-ئىسمى بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلدىم.بۇ تېمىنىڭ ھەممەيلەن تەرپىدىن ئويلىنىپ كۆرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.لىكىن مەن بۇ تېمىنى كۆتۈرۋېلىپ داۋراڭ سالغۇچىلارنىڭ،ھەتتا بۇرمىلاپ ،قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مىللى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ چىقىشىغا قەتى قارشى.يۇقۇرقى ماقالەمدە گەۋدىلەنگىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئىلمىيلىك،شۇنداقلا مىللى تىرىتورىيىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان مەزمۇنلاردۇر.سوتسىيالىستىك جەمىيىتىمىزدە دىمكىراتىيە يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىقى ئەمەلىيەت بولغانلىقتىن مەن بۇ ماقالىنى يازدىم.  
         
       2011-يىل، بۈگۈر

       مەنبە :  ئۆز ئىجادىيتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 09:04 PM  


ھەر ۋاقىت ھۇشيار

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5568
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1337 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 09:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايۇنى قەدىمكى زاماندا نىمە دەپ ئاتىغان ؟ دىگەن سۇئالنى مەن بۇرۇن كۆپ سورىغانتىم.


لىكىن ھىچكىشى بۇ سۇئالىمغا جاۋاب بىرىپ باقمىغان. مۇنبەردە بۇ سۇئالىم ئۆچۆرىۋىتىلگەن ئىدى.

                                          قۇرىغار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۋاس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 10:18 PM  


يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىنكاسقا قايتۇرۇلغان پىكىر:
   بىرىنچى: يەر-جاي نامى بولۇپمۇ چوڭ رايۇن نامى «چۆرىۋېتىمىز» دەپلا چۆرىۋېتىدىغان ئەخلەت خالتىسى ئەمەس.ئۇ قايسى مىللەت تىللىدىكى نام بولسۇن قۇيۇلۇش سەۋەبى،مەۋجۇت بولۇش تارىخى شۇنداقلا يەنە مەلۇم مەزگىل داۋاملىشىش مۇقەرەرلىكىگە ئىگە.بىز ئىنكاس يازغاندا  مەسۇليەتچانلىق تۇيغۇسىدا بولۇشنى ئۈگىنىۋالايلى.نىمە دىگۈمىز كەلسە شۇ بويىچە سۆزلىمەي،سۆزىمىزنىڭ قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىپ پىكىر قىلايلى.
    ئىككىنچى:«قۇرىغار» دىگەن نام مەن خالىغانچە كۆتۈرۈپ چىققان نام ئەمەس.ھەم خاللىغانچە قويىۋاللى دىگەن نام ئەمەس.ئۇ مەزكۇر رايۇنىمىزنىڭ 1500 يىللق تارىخىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى تەرپىدىن قويۇلۇپ ئىشلىتىلگەن ۋە مەڭگۈ تاشتا رەسمى خاتىرلەنگەن نام.مەن «ئۆزىمىز خالىغانچە نام قويىۋالمىزمۇ ؟» دىگەن توردىشىمىزنىڭ يۇقۇرقى ماقالىنى تەپسىلى،ئىنچىكى،پىششىق كۆرۇپ،مەزمينىنى تولۇق،ھەقىقى چۈشىنىپ مەسۇليەتچان پوزىتسىيەدە تۇرۇپ پىكىر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    ئۈچۈنچى : مەن يۇقۇرقى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئېنىق ئوتتۇرغا قويدۇم.بىز تەمكىن،سالماق،ئىلمىي شۇنداقلا كەڭ ۋە ئەتراپلىق نەزەر بىلەن مەسىلىلەرگە قارىشىمىز كېەك.مەن تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى دەۋاتقان گەپنىڭ تەسىرىگە دىققەت قىلىپ ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ،بىر تەرەپلىمە،مۇجىمەل ،مەسۇليەتسىز ھالدا ئىنكاس يازماسلىقىنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31074
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3824 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى ئۇقۇم ئىكەن. بۇنداق تېمىنى  قىززىققان، ئاق- قارىنى ئايرىشقا ئىنتىلمەيدىغان ، ھە دىسە تىللاش، سوقۇش، غەيۋەتكە ئاتلىنىدىغان ئۇششاق بالىلار غا تاشلاپ بەرمەي،بىلىم سەۋىيىسى يۇقۇرى،  ساپالىق، تەتقىق قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىساتى بار ئەزالار توپلانغان مۇنبەرلەرگە يوللىسىڭىزچۇ.  بىرسىنىڭمۇ بارماقلىرىدىن ئىلمىي سۆز چىقماپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 10:48 PM  


اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر قېلىپ قالغان بىر سائەت بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7407
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 6935 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى مەسىللەرگە باھا بەرگەندە ئىلمى بۇلايلى ئاغزىمىزغا كەلگەنچە سۆزلىمەيلى مۇنازىرە پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ.

كۇكۇيۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش