ئانا تىلىمىزغا بۈگۈنلا ئەمەس،مەڭگۈ بايرام بولسۇن. يېشل مۇقاۋىلىق،بادام دوپپا كەيگەن مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئاشۇئۇيغۇر بالىسنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان32ھەرىپ ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئېلىپە كىتاب ئىدى، كىتاپنىڭ لاھىنىشمۇ پەقەت ئۇيغۇرغىلا خاس ئىدى. ئاشۇ تىلىمىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ ئاساسىي ئىدى، ،ئېلىپە كىتابىمىزنىڭ بەتلىرى ئازلىغان مەزمۇنلىرى مۇقاۋىلىرى ئۆزگەرتىلگەن پېتى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاز بىرقىسىم بالىلىرىغا قېلىپ قالدى.تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر تىلى مەخسۇس دەرسى ئۆمۇرلۇك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق دەرسىلىكىنى يەنە كىملەر ئەسلىيەلەيدۇ؟؟؟ نۇرغۇن مىللەت سۆيەرمائارىپچى،مەرىپەتچى، قەۋىم سەركىلىرىمىز قان-تەر بەدىلىگەئۇيغۇر ئۆز تىل دەرسىمىزنى يولغاقويدۇرغان ئىدى،ئۇلار كەتتى .كەتكەندىمۇ ئەۋلادلىرىغا كۆزى قىيماي كەتتى . مىللەتنىڭ جېنى بىزگە قالغانداتۈزكورئەۋلاد بولغان بىزئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىنى يوقاتتۇق، باھانە بىلەن ئۆزۈڭنىڭ تىلىنى ئالدىما ئۇيغۇر.ياشغان تۇپرىقىڭ گۇۋاھ بولالايدۇ، لىكىن باھانە سەۋەبنى ئۇنىڭدىن ئىزدىمە. يوقۇلۇشتىكى سەۋەپ پەقەت بىر:ئۇ بولسىمۇ قەدىرلىيەلمەسلىك. دۆلەت تىلىنى ئۆگنىشنى تەرەققىيات بەلگىلىدى،تەرەققىياتنى ئادەملەر ئەمەس,دەۋىر بەلگىلىگەن ئىدى. خۇيزۇچە ئەزان توۋلاپ XX古丽 XX江 دەپ ئىسىم قويدىغان كۈنلەرنى ھەربىر دوپپۇلۇقنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇدىيەلمەيمەن، خەقنىڭ تىلىغا مۇھتاجىم يوق،ھەم تىلەيمەن<<خەقنىڭ تىلىغا مۇھتاج قىلىمىغىن>>، مىللىتىمنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى يېزىقىدىنلا بىلۋالالىغۇدەك ئۆزۈمگەتەۋە يېزىقىم،نەچچە ئون تىلغا ئاساس سالغان تىلىم بار، لىكىن مەندە شۇ يېزىقىمنى،تىلىمنى قەدىرلىيەلمەسلىك بار. |