مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5428|ئىنكاس: 81

11 ماددىلىق بىتىم!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8773
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1888 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 05:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى،خۇددى داھىمىز ماۋجۇشى ئىيتقاندەك:-<< ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پۈتۈن جۇڭگۇ دىمگۇراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى >>.بۇ ئىنقىلاپ جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلىرىمىز،ئۈزىنىڭ بارىنى مۇشۇ ئىنقىلابقا ئاتىغان،ۋە ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان.بۇ ئىنقىلاپ 1944-يىلى 8-ئايدا ئالدى بىلەن نىلقىدا باشلانغان بولۇپ كىيىن بارا-بارا كىڭىيىپ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگە كەلگەندە غۇلجا ئازات قىلىنغان،ۋە 12-كۈنى ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان!ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا گومىنداڭ ئوفىستىر-ئەسكەرلىرى جايلاشقان ھەرەمباغ،لىياڭشاڭ،ئايدوروم قاتارلىق جايلاردىن گومىنداڭنى تازلايدۇ،ۋە 1945-يىلى1-ئاينىڭ باشلىرى مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلۇپ،جىڭ،شىخو،قاتارلىق جايلارغا يۈرۈش قىلىدۇ،كەينىدىن مىللىي ئارمىيە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەن ئوفىستىر سوپاخۇن باشچىلقىدا قوشۇن تەشكىللەپ مۇز داۋاندىن ھالقىپ ئاقسۇنى ئازات قىلىشقا ئەۋەتىدۇ،مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 9-ئايدا جىڭ ۋە شىخو ناھىللىرىنى ئازات قىلىدۇ،مۇز داۋاندىن چۈشكەن قىسىملارمۇ ئاقسۇنىڭ كوناشەھەر قاتارلىق جايلىرىنى ئازات قىلىپ ئاقسۇ يىڭىشەھەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ،شىمالغا يۈرۈش قىلغان قىسىملار بولسا داۋاملىق ئىلگىرلەپ چۆچەك،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئازات قىلىدۇ،دەل مۇشۇنداق شارائىتتا سوۋىت-جۇڭگۇ دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق سوۋىت كونسۇلى يىۋسىيىف ئارىغا چۈشۈپ ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدۇ،مىللىي ئارمىيە داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئۈرۈمچىگە 140 كىلومىتىر كىلىدىغان ماناس دەرياسى بويىدا توختايدۇ،ھەم گەنسۇدىكى مابۇفاڭ قىسىملىرىدىن بولغان ماچىڭشىياڭنىڭ ئاتلىق كورپوسى شىنجاڭغا كىرىدۇ،ھەر ئىككى تەرەپ كىلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ،گومىنداڭ تەرەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاڭ جىجۇڭ،ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى،ئوبۇلخەيرى تۆرە،رەھىمجان سابىر ھاجى قاتارلىق كىشلەر كىلىشىم ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يىغىلىدۇ،ئۇزۇنغا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرى 1946-يىلى1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىلى‹‹ 11 ماددىلىق تىنىچلىق بىتىمى ›› گە ئىمزا قويىدۇ،بۇ كىلىشىم شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدىكى تىنىچلىقپەرۋەر زاتلار بىلەن ئەكسىيەتچىلەر يەنى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى زاتلار بىلەن پانتۈركىزىمچى ئۇنسۇر ئىلىخان تۆرە ئۇتتۇرىسىدا نۇرغۇن كۆرەشلەر بولىدۇ ۋە ئىلىخان تۆرىنى ئىنقىلابى قوشۇندىن تازلاپ چىقىرىدۇ!

تۆۋەندە شۇ چاغلاردىكى ئىچكى كۆرەش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن،يەنى بىتىم توغىرسىدىكى تالاش-تارتىش بايان قىلىنغان ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىدىن پارچىغا نەزەر سالغايسىلەر:ـ

ـ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنى ئىتراپ قىلمىسا بۇ خىل كىلىشىم بىزگە يات!-دىدى ئىلىخان تۆرەم خاپا بولۇپ، ـ مەيلى دۇنيادا قانداق چوڭ كىلشىملەر بولسا بولىۋەرسۇن،بىز ھەرگىزمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇپ،بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كىلىشىم قىلالمايمىز!بۇنىڭ سەۋەبى بىر،ئۇ بىزنى ھۆكۈمەت دەپ ئىتراپ قىلمىدى!

ـ خوش،لەۋەي، ـ دىدى ھىكىمبەگ غوجام ۋىجىك،ئاقساقال بوۋايغا قاراپ قويۇپ، ـ ئاكىمىز بىزنى كىلشىم قىلىسەن دەۋاتسا،بىز بويۇن تولغاپ نىمىمۇ قىلالايتۇق، تەقسىر؟

ـ ئەخمەتجان ئەپەندىم ئورۇنلۇق گەپ قىلدى.كىلشىم باشلىنىپ بولدى،ئەمدى يىنىۋىلىشقا سەۋەب تاپالمايمىز.ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى دىگىنى بىزنى ئىتراپ قىلغىنى.مۇھىمى،بىز خەلقىمىزگە بىز خەلقىمىزگە پايدىلىق كىلىشىم لاھىيسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كىرەك.ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ،خەلقىمىز بەھرىمەن بولىدىغان بارلىق ئىشلارغا چىتىشلىق تەلەپلىرمىزنى بەلگىلمە سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كىرەك.ناۋادا بىز ئالىي ئاپتونۇمىيە ھوقوقىغا ئىرشەلىسەك بۇمۇ بىر چوڭ ئىش.تارىختا كۆرۈلمىگەن چوڭ ئىش بولىدۇ.

ـ ياق،ئابدۇكىرىم سىز يىراققا قاراڭ-دە،ـ دىدى ئىلىخان تۆرە بىشىنى تۇتقان ھالدا كۆزىنى يۇمۇپ بىر ئاز خىيال سۈرىۋالغاندىن كىيىن ئادىتى بويىچە ھەممە تەرەپكە تەكشى قارىۋىتىپ،ـ قوراللىق غازات قىلماق قىيىن،بىرە يۈز يىل،ئەللىك يىلدا بىر قىتىم نىسىپ بولىدىغان گەپ.شۇنچە قۇربان بەردۇق،بىر شىخو سوقۇشىدىلا يەتتە-سەككىز يۈز يىگىت كۆز يۇمدى.شۇنچە قۇربانلار بەدىلگە زالىم ھۆكۈمەتنى يىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرالمىساق شىھىدلىرىمىزغا نىمە دەيمىز،خەلقىمىزگە نىمە دەيمىز؟كاززاپ ھۆكۈمەت يىرىمىزگە پۇتىنى تىقىۋالسلا بىزگە كۈن بەرمەيدۇ.ئەللىك-.اتمىش يىلدىن كىيىن چۈمۈلىدەك كۆپىيىدۇ.چۈمۈلىمۇ مۇنار يىقىتىدۇ.جاڭ جىجون دىگەننىڭ چىرايلىق گەپلىرىگە ئالدىنىپ قالساق،ئەۋلادلارنىڭ قارغىشىغا قالىمىز بالام!

خوش،ئۇنداقتا ئۆزلىرى قانداق تەلەپ تەكلىپ بىردىلكىن،ھۆرمەتلى

ك تۆرەم جانابلىرى.

ـ بىزنى ھۆكۈمەت دەپ ئىتراپ قىلسۇن،بۇ بىرىنجى شەرت،ئاندىن كىيىن قالغان يەتتە ۋىلايەتتىن گومىنداڭنىڭ چىكىنىش يولىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز.يۈز مىڭ ئەسكىرى،ھۆكۈمەت-پۆكۈمەتلىرىنى زىيان-زەخمەتسىز چىگىردىن چىقىرىپ قويۇشقا ۋەدە بىرىمىز،بۇ ئىككىنچى شەرت.بۇنىڭغا كۆنمىسە ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم باشلايمىز،ئۆزى چىقمىغان دۈشمەن يە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ،يە ئاق بايراق چىقىرىپ قولىنى كۆتۈرىدۇ،يە بولمىسا گوبى چۆللىرىدە ئىچىرقاپ-قاغجىراپ تۈگەيدۇ.قايسى يولنى تاللىسا ئۆزى بىلسۇن،بۇ ئۈچىنچى شەرت!

ـ دۈشمەننىڭ يۈز مىڭ ئەسكىرىنى يوقۇتۇپ بولغۇچە،تەقسىز،بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭمۇ يىرىمى تۈگەپ بولارمىكىن.

ـ پەيغەمبەر رەسۇلىللامۇ مەككە كۇپپارلىرىنى يىڭىش ئۈچۈنشەھەرنى تاشلاپ مەدىنىگە چىكىنگەن.بىھۇدە قان تۆكۈش گۇناھ تەقسىر.دۈشمەن كۈچىيۋالاي دەپ بىتىم قىلىشقا رازى بوپتۇ.بىزمۇ كۈچىيۋالايلى-دە،ھەممە ۋىلايەتلەردە بىزنىڭكىلەر ۋالىي،ھاكىم بولۇۋالسا،ھەممە ۋىلايەتلەردە قوراللىق ئەسكەرلىرىمىز بولسا يۈرىكىمىز توم،گىپىمىز چوڭ بولىدۇ.گومىنداڭ زورايغىچە بىز زورىيىپ كەتمەيمىزمۇ!شىنجاڭدا تائىپىلەر ئىككى يۈز مىڭغا يەتمەيدىكەن،بىز ئۈچ-تۆت مىليون ئىكەنمىز.ئوتتۇز-قىرىق ئادىمىمىزگە ئاران بىرى توغرا كىلدىكەن.تەقسىر،ئىقىن سۇ بولۇپ تاشنى يەڭگىنىمىز تۈزۈك!

ـ سىلى مۇتائالى خەلپىتىم،- دىدى ئىلىخان تۆرەم خاپا بولۇپ،ـ بىزنىڭ يىرىمىز شورىسىز باغ،ھەممە يىقى ئوچۇق.جىياڭ كەيشى بىلەن سىتالىن دوسىت بولغانىكەن،ئالىي مۇختارىيەت دىگىنىڭىزقەغەزدىن يىپىلغان چىدىر بولۇپ قالىدۇ.مەن جاڭ جىجوڭ دىگەننىڭ تىنىچلىق،بىرلىك دىگىدىنلا پەيلىنىڭ يامانلىقىنى بىلدىم.

- پۈتۈن دۇنيادا قوراللىق توقۇنۇش تۈگىدى،- دىدى ئەخماتجان قاسىمى،- دۇنياۋىي يۈزلىنىش تىنىچلىق،خەلىقچىللىق،گۈللىنىش.خەلق ئۇرۇشتىن بىزار بولدى.قوراللىق توقۇنۇشقا دۇنيا ئەللىرىمۇ،دۇنيا خەلقىمۇ قارشى.بىز بىر ئاجىز مىللەت،خەلقىمىز خەلىقچىللىق،باراۋەرلىك،ھۆرلۈك-باياشاتچىلىققا تولىمۇ تەشنا.بۇنىڭ ئۈچۈن تىنىچلىق كىرەك.بىز دۇنيا ئەللىرىنىڭ،دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىغا،ھىسداشلىق قىلىشىغا موھتاج.بىز ئازراق پايدىنى دەپ دۇنيا جامائەتچىلكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ قالمايلى.ئۇنىڭ ئۈستىگە گومىنداڭ بۇ زىمىننى بىزگە ھەرگىز تاشلاپ بەرمەيدۇ.ۋاقتىچە بىز يىڭىپ دۈشمەننى قوغلاپ چىقارغان بىلەنمۇ،دۈشمەن نەچچە ئون ھەسسە،يۈز ھەسسە كۈچ توپلاپ بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.بىزنىڭ زىمىنىمىز قان دىڭىزىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن،خەلقىمىز بۇ خىل بالايىئاپەتكە چىدىيالمايدۇ!

ـ تىنىچلىق دۇنياۋىي ئىقىم،ـ دىدى قاسىمجان قەمبىرى،ـ ئەخماتجان قاسىمنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ ئورۇنلۇق،ھەممە ئارزۇ بىر كۈندىلا ئەمەلگە ئاشمايدۇـ دە!

ـ ئالىي ئاپتونومىيە بىرىشنى جىياڭ جىيشى ئۆزى ئىيتىپتۇ.جاڭ بۇجاڭنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ ياخشى.گەپ ئەلەمگە ئىشىشتا،ـ دىدى رەخىمجان سابىر ھاجىيوف،- شۇنىڭغا ئىرشىۋالساقمۇ چوڭ گەپ!

ـ ئىلىخان تۆرەم جانابلىرىنىڭ گەپلىرىمۇ ئورۇنلۇق،- دىدى ئەنۋەر مۇسابايوف،- يىراقنى كۆزلىمەي بولمايدۇ،ئەلاخان سۇلتاننى ئورۇسلار تۇتۇپ كەتكەندىن كىيىن،ئورۇسلار بۇ يەرنى ئون يىل سوراپ مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەردى،مانجۇلار قايتا كىرگەندە ئەپۇ ئومومىين قىلدى.لىكىن تاكى ھازىرغىچە ھۆكۈمەت ھىچكىمنى ئەپۇ قىلمىدى.گومىنداڭنىڭ مەقسىتى بۇ زىمىننى تۇتۇپ تۇرۇش،ئەمما ئاخىرقى مەقسىتى بىزنى يوقىتىش،ئۇ يوقاتقۇچە بىز ئۇنى يوقاتساق قالتىس بولارىدى.

ـ ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيسىنى،ئازاد رايونلارنىمو يوقىتىش،ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ بىزگە تاڭىدىكەن،ئۇرۇشخۇمارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كىرەك.ئەمما ئۇرۇشنى بىز باشلىساق بولمايدۇ:تىنىچلىق،دىموكراتىيە،بىرلىك،تەرەققىيات بىزنىڭ چوڭ سىياسىتىمىز بولۇشى كىرەك!

ئابدۇكىرىم ئابباسوف سۆزلەپ بولۇپ ئىھساقبىككە قارىدى.ئىھساقبىك:

ـ مىنىڭ تەكلىپىم دىموكىراتىيەـ خەلىقچىللىق سىياسىتىنى ئۆزىمىز ئىجرا قىلايلى.ئاۋازغا سالايلى،قايتا كىلشىم قىلىشقا قوشۇلدىغانلار كۆپمۇ،ياكى رەت قىلىپ ھوجۇم قىلىش كىرەك دەيدىغانلار كۆپمۇ،ئازچىللىق كۆپچىللىككە بويسۇنىدۇ.مانا بۇ خەلىقچىللىق بولىدۇ!ـ دىۋىدى،ھۆكۈمەتنىڭ ئون تۆت نەپەر ئەزاسىنىڭ تولىسى ئۇنى قوللىدى.ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ يىغىنى يىرىم كىچىگىچە داۋاملاشتى،ـ تالاش – تارتىش،ھەتتا ۋاقىرشىشلارمۇ بولدى،ئاخىرىدا تەكلىپ لاھىيسى تۈزۈلىدىغان بولدى.كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلاپ يازمىچە ماتىريال تەييارلاش ئەخمەتجان قاسىمىغا تاپشۇرۇلدى.

يىغىن تۈگىگەندىن كىيىن ئىلىخان تۆرەم نۇرىغا:

ـ ھەممىنى يىزىۋالدىڭمۇ،بالام،كىم ھەق،كىم ساتقۇن ئىكەنلىكىنى يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن كىيىن بىلىسەن،ئۇ چاغدا مەن يوق،سەن كۆرەلەيسەن.بۇ قىتىم خائىنلار يەڭدى.دائىم شۇنداقلار يىڭىپ كىلۋاتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن خەلىق زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ،-دىدى.

نۇرى ھەممىنى خاتىرلىۋالدى.ئۇ كۆڭلىدە ئەخمەتجان قاسىمىغا مايىل بولدى.ئۇنىڭ ھەممە ئىشتا خەلقنىڭ پايدىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشى ئۇنىڭغا ياقاتتى.

(يۇقىرقى مەزمۇنلار ‹‹ئانا يۇرت›› رومانى 3-قىسىم،1537-بەتتىن ئىلىندى)

بۇ مەزمۇنلانلارنىڭ داۋامى،يەنى پانتۈركىست ئۇنسۇر ئىلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆھبىتىگە نەزەر سالغايسىلەر...:ـ

ـ نۇرمۇھەممەت!

ـ لەۋەي،جانابىي رەئىس جۇمھۇر.

ـ كەلگىن،گەپ سورايمەن:ئەخمەتجاننىڭ ئورنىدا سەن بولغان بولساڭ ‹‹ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ›› دىگەن ئۇلۇغ نامنى‹‹ ئۈچ ۋىلايەت››دىگەن پۈچەك سۆزگە تىگىشكەن بولارمىدىڭ،بالام؟

ـ ھۆرمەتلىك تۆرەم جانابلىرى،زۆرۆرىيەت مۇھىم:بەزىدە زەر ياقىلىق تۈننىڭ سىرتىغا دىۋانىنىڭ جەندىسىنى كىيىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ، زۆرىيەت شۇنى تەلەپ قىلغاندا!...

ـ ھىم... ۋاقتى كەلگەندە جەندىنى سىلۋەتكىلى بولىدۇ،دىمەكچىمۇ سەن، بالام؟

- شۇنداق،رەئىس ئاتا!

ـ زۆرۆرىيەت دىدىدڭما؟ناۋادا بۇ زۆرۆرىيەت سىنى مەڭگۈ جەندە بىلەن ئۆتۈشكە قىستىسىچۇ؟جەندە كىيگەنىلىڭ ئۈچۈن قۇل بولۇشقا زورلىسىچۇ،بالام؟

ـ ئۇ چاغدا يىڭى زۆرۆرىيەت تۇغۇلىدۇ:جەندە ئىچىدىن خەنجەر چىقىدۇ تۆرەم ئاتا!

ـ ھاـ ھا-ھا ...پاھ،سىنىڭ تىلىڭ،سىنىڭ ئەقلىڭ!ئابلا باي قىزى بىلەن قوشۇلۇپ بىكار مەستۇ-مەستانە بولمىغانىكەن-دە!ماڭ،بالام،ئەخمەتجانغا ئىيىت،بۇ يەرگە كەلسۇن.

يىرىم سائەتكە قالماي،رەئىس جۇمھۇر ئىشخانىسىغا تولۇق ھەربىيچە كىيىنگەن،مۈرىسىگە پولكوۋنىك ئۇنۋانىلىق پاگون تاقالغان،كۆكرىكىگە بىرىنجى دەرىجىلىك ئىستىقىلالىيەت ئوردىنى قادالغان،يىڭىدىن چەكتۈرگەن بۇرۇتى ئۆزىگە ئالاھىدە ياراشقان يىگىت تاپسىدا پەيدا بولدى.ئۇ رەئىسىگە چاس بىرىپ تىك تۇردى:

ـ سالام سىزگە،ھۆرمەتلىك رەئىس جۇمھۇر،مارشال جانابلىرى!

ـ ھە،ھە بولدى.ھەر نىمە بولسا مىنىڭ كىملىكىم يادىڭىزدا تۇرۇپتۇ،بالام ئەخمەتجان قاسىمى.

ـ ئولتۇرۇڭ،ھۆكۈمەت ۋەكىلى،شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمى!

ـ خوپ،رەئىس جۇمھۇر جانابلىرى.

ـ خوپ،نىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت نامىنى ئۈچ ۋىلايەت دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇشقا رازى بولغىنىڭلارنى چۈشەندىم.بۇ بىر زۆرۆرىيەت،شۇنداقمۇ؟

ـ شۇنداق،تۆرەم جانابلىرى!بۇ نام دىگەن بىر شەكىل،گەپ بىتىمنىڭ مەزمۇنىدا.ئازراق يول قويۇپ،كۆپرەك مەنپەئەت ئىلىش بىزنىڭ ئومومىي پىرىنسىپىمىز.

ـ مۇھىم نۇقتىلار قايسىلار،مەسىلەن؟

ـ ھۆكۈمەت مەمۇرىي قۇرۇلمىسىدا،خەلىققە قاراتقان سىياسەتتە،ئارمىيمىزنى ساقلاپ قىلىش ۋە كۈچەيتىشتە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىش!

ـ كونكىرىت بىر نىمە تەييارلىدىڭلارمۇ؟

ـ بىز تۆت كىشى: مەن،ئابدۇكىرىم،باش كاتىپ ئابدۇرۇپ مەخسۇم،رەخىمجان ئاكىلار بىرلىشىپ ئون بىر ماددىلىق بىر لاھىيە تەييارلىدۇق.ئەتىكى ئومومىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز.

ـ مەن ھىلىھەم تۇيۇقسىز،گىتلىردەك كىلىشىم قىلىپ،بىخۇدلاشتۇرۇپ ھۇجۇم قىلىش نىيتىدە.ئۇلار بىلەن قىلغان كىلشىمدە بىزگە ھەرگىز ئۈستۈنلۈك يوق.ئۇلارنىڭ بىر پۇتى بۇ زىمىنغا دەسسەپ تۇردىكەن،شۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئاپەت.لىكىن مەنمۇ،سىزمۇ بىر كۈچنىڭ تىزگىنىلىكىدە.ئۇ كۈچ كۆزگە كۆرۈنمىگىنى بىلەن بىزنى تارتىپ،بوغۇپ تۇرۋاتىدۇ.مەن كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىغا قارشى تۇرمايمەن.بەشكە قارشى توققۇز ئاۋاز بىلەن كىلشىمگە يەنە بىرىش قارار قىلىندى.قارار كۈچكە ئىگە.ئەمما مەن بىر ئىشنى بىلمەكچىمەن بالام:يىۋسىيىف سىلەرنى قىستىدىمۇ؟

ـ يىۋسىيىف بىزگە مەسلىھەت بەردى:ئۇ ‹‹ جۇڭگۇ-سوۋىت ئىتىتىپاقى دوستلۇق-ئىتىپاقلىق شەرتنامىسى›› نىڭ:‹‹ سوۋىت ئىتتىپاقى جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ مەسىلسىدە جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلىشىش نىيتى يوق›› دىگەن يىرىنى ئوقۇپ بەردى.

ـ نىيتى يوق؟پاھ،قاراڭ بۇ گەپنى،نىيتى يوق ئادەم نىمىشقا بىزنى قوزغىدى،قوراللاندۇردى؟نىمىشقا بىزگە قوماندانلىق قىلدى؟باش قومانداندىن تارتىپ كوماندىر ئىزۋوتىغىچە ئۆز ئادەملىرىنى قويدى.غۇلجا،چۆچەك،ئالتايدا غەلىبە قىلدۇق،قايسى بىر جەڭدە ئۇلارنىڭ قوماندانلىقى يوقكەن؟

ـ سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ پاكىتنى رەت قىلغانىكەن،بىز شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بىز،ھۆرمەتلىك رەئىس جۇمھۇر،بۇ خىل ئىشلار تولىمۇ كۆپ.ھازىر پاكىت بىلەن يىزىلغان تارىخنى ۋاراقلايدىغان چاغ ئەمەس.خەلقىمىز زۇلۇمدىن،زۇلمەتتىن،خورلۇق،ئىزىلىشتىن قۇتۇلماق كىرەك،بىزگە زۆرۆرى مانا شۇ،بۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم.

ـ قۇربان بەرمەي قۇتۇلماق يوق بالام.كەلگۈسى ئەۋلادلار ئەركىن ياشىسۇن دىسەك،خەلقىمىزنىڭ يىرىمى قۇربان بولسىمۇ مەيلى،بۇ زوراۋانلارنى ياپۇننى جۇڭگۇدىن قوغلىغاندەك،گىرماننى سوۋىتتىن قوغلىغاندەك قوغلاپ چىقىرىش لازىم ئىدى بالام،تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق دىگەن گەپ مۇشۇنداق يەردە ئىشلىنىدۇ!

ـ ۋەزىيەت مۇرەككەپ،باشقىلار تىنىچلىق دەپ توۋلاۋاتسا بىز تەتۈر مۇقام توۋلىيالايمىزمۇ؟تىنىچلىق،خەلىقچىللىق،ھۆرلۈك دۇنياۋىي ئىقىم.تەتۈر ئىقىم دۈشمەنلىك بولۇپ قالىدۇ.ئابباسوف توغرا ئىيىتتى:بىزگە ئۇرۇشنى زورلاپ تاڭسا ئۇ چاغدا ئىلىشماي بولمايدۇ.

ئۇلارـ ئىككى خىل تەشەببۇسنىڭ ۋەكىللىرى يىرىم كىچىگىچە سۆزەشتى.لىكىن ئۇلاردا يەنىلا بىرلىككە كەلگەن پىكىر بولمىدى.ئەخمەتجان خوشلاشقاندا ئىلىخان تۆرەم:

ـ بىز كۆرمىگەننى سىلەر كۆرۈسىلەر بالام.كەلگۈسىدە يەنە سۆزلىشىش نىسىپ بولارـ دىدى ۋە،ـئۇستا سىياسەتچى بولماق تەس،ئۆز ئوقىڭىزنى باشقا بىرىنىڭ قولىدىن چىقىرالىسىڭىز مەن سىزنى پىشقان سىياسەتچى دەپ ماختار ئىدىم بالام!-دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى.

نۇرى ئەخمەتجان قاسىمىنى سىرتقا ئۇزىتىپ چىقتى،دىكابىرنىڭ ئاچچىق شامىلى دەرەخلەردىن يوپۇرماقلارنى ئۇچۇرۇپ چۈشۈرمەكتە،جۇمھۇرىيەت بىناسى جايلاشقان چوڭ باغ ياپراقلار بىلەن تولغان،يوللاردىمۇ ياپراقلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.

بۇ يۇقىردىكى بايانلار بولسا مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردون سابىرنىڭ گىگانىت ئەسىرى (ئانا يۇرت )رومانىدىن ئىلىندى.مەقسەت شۇ دەۋىردىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نەقىل ئالدىم،گومىنداڭ دائىرلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كىلىشىمدىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلدى،بىراق بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمۈرى گومىنداڭنىڭ كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش نەتىجىسىدىن كىيىن بىر يىلغا بارمايلا تارقاپ كەتتى،گومىنداڭ دائىرلىرى ئوخشاشلا جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيسى بىلەن تۈزۈلگەن كىلىشىمگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ،ئازاد رايونلارغا ئامىرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ھاۋادىن 500 مىڭ كىشلىك قوشۇن يۆتكەپ ئىچكى ئۇرۇش قىلدى،پارتىيمىز خەلىقنىڭ قوللىشى،ۋە مەدىتى ئاستىدا پۈتۈن مەملىكەتتىن گومىنداڭنى ئازاد قىلدى،جىياڭ جىيشى تەيۋەنگە قاچتى،1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانىلىقى جاكارلاندى!شىنجاڭدىكى گومىنداڭ قىسىملىرى گىنرال تاۋسىيۆنىڭ باشچىلقىدا ھەقىقەتكە قايتتى،مىللى ئارمىيە جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلق ئارمىيسىنىڭ 5-كورپوسى قىلىپ ئۆزگەرتلدى،(كىيىن 1962-يىلى جۇڭگۇ-ھىندىستان ئۇرۇشىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتتى.)ئاخىرى 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى،ۋە شىنجاڭ خەلقى شۇنىڭدىن ئىتىبارەن نۇرغۇنلىغان تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى!

پايدىلانغان مەنبەلەر:-‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانى 3-قىسىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 07:18 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hujanasirdin + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
mosajan0997 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 23098
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7814 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي يەتكۈزۈلگەن تارىخ كېيىنكىلەرگە ئۆتمۇش ھەققىدە چوڭقۇر تەجرىبە - ساۋاقلارنى قالدۇرىدۇ . ئۆز يۇرتىنىڭ، مىللىتىنىڭ ، جەمەتىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن كىشىدىن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش، خۇددى خورازدىن تۇخۇم توغۇشنى تەلەپ قىلغاندەكلا ئىش.

ئىنكاس يازغۇچىلار ئەقىلنى ھېسسىياتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تۇرۇپ ئىنكاس يازايلى، قالايمىقان ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىڭ!!!!

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15716
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6422 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولغۇلۇق بولدى . بۇرنقى ساۋاقلارنى كىيىنلەر يەكۈنلىسە بولىدۇ ...

ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن . بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000 مىڭى بولسۇن !

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8773
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1888 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى يىزىش جەريانىدا ئاساسەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس،گىگانىت ئەسەر،يەنى مەرھۇم يازغۇچىمىز (زوردۇن سابىر )بىڭ ئۈچ قىسىملىق تارىخى تىرولوگيسى ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىغا ئاساسەن يىزىپ چىقتىم،بۇ چىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى رومان بولۇپ،ئاپتور بى ئەسىرىگە يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان،(مەرھۇم بۇ ئەسىرىنى مىڭ گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقاپ،كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،ھەقىيقى تارىخىي پاكىتقا ئاساسەن يازغان!)شۇڭا تەۋسىيەم ئانا يۇرت رومانىنى ئوقۇمىغانلار بولسا بىر ئوقۇپ بىقىڭلار!ئۇيغۇر تارىخىدا بۇنىڭدەك ئەسەر قايتا مەيدانغا كىلىشى تەس!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

穿别的鞋,走自己的路

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15498
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6492 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداۋاتقان بىر رايۇن بار،ئۇ دەل ئوتتۇرا ئاسىيا،ئادەمنىڭ يۈرىكىىنى سوغۇرۇپ،ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك،بۇ رايۇننى يەر شارىدىن چىقىرىپ،دۇنيانى تىنچ ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.
ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلەر قاتلىمى ھەممىسى تاشكەنتتىكى سوتسىيالىزىم تەربىيسى ئالغان،بولشىۋىزىم روھى كۈچلۈك سىڭدۈرگەن رەھبەرلىك قاتلىمى ئىدى.
شۇ چاغدا زامان ،ماكان،تارىخىي ئېقىم شۇنداق بىر دەۋرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
مانا،بۈگۈن جوڭگۇدەك زېمىنى كەڭرى زېمىندا باي-باياشات ياشاۋاتىمىز!

كىشىلەرنىڭ مۈلكىگە تەگمە.چۈنكى،كىشىلەر دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ-يۇ،مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان ئادەمنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7383
تۆھپە نۇمۇرى: 508
توردا: 3126 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر تىمىسى بولسا مۇشۇنداق بولسا.ھەققەتەن ئۇقۇغۇدەك مول بىلىملىك تىما بوپتۇ.تىما ئىگسگە مىڭلاپ تەشۈككۈر بولسۇن.
بەزىلەر مۇنۇ مۇنبەردىن نەدىكى باسقۇنچۇلۇق تەسۋىرلەنگەن تىما ئىزدەپ ماراپ يۈرىگەن.....

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7383
تۆھپە نۇمۇرى: 508
توردا: 3126 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر تىمىسى بولسا مۇشۇنداق بولسا.ھەققەتەن ئۇقۇغۇدەك مول بىلىملىك تىما بوپتۇ.تىما ئىگسگە مىڭلاپ تەشۈككۈر بولسۇن.
بەزىلەر مۇنۇ مۇنبەردىن نەدىكى باسقۇنچۇلۇق تەسۋىرلەنگەن تىما ئىزدەپ ماراپ يۈرىگەن.....

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7585
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3224 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:23:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومان كىتاپلىرىدا ئۇچىرتىپتىكەنمەن ،لىكىن ئانا يۇرىت رومانىدا تېخىمۇ تۇلۇقى باركەن ،چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ،تېپىپ بۇنىمۇ بىر ئوقۇي ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!!!

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14843
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5754
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەتجان قاسىمى ۋە 11 ماددىلىق بىتىم!

ئۆزۆم ھەرجايدىمەن كۆڭلۈم سەندىدۇر!

يول سورىغان يولد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2614
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ قايتىلانمايدۇ.رۇسلار مۇناپىق،ھەممىدە ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ئويلايدۇ،بىزنىڭ مەنپەتىمىزنى ئەڭ كۆپ ۋەيران قىلغان چوشقىلار شۇ.ھازىرقى كۈنىمىز ياخشى،ئاللا ئىگەم تىخىمۇ ياخشى كۈنگە ئۇلاشتۇرغاي.:qiray121

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش