مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 891|ئىنكاس: 10

تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72214
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3390
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 02:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەيمىز!


سىز كالكوت تىلى (kalkoti) دەپ ئاڭلىغانمۇ؟  ئۇ بولسا پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى بىر كىچىك كەنىتتىكى 4000 غا يېقىن كەنىت ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىلدۇر، 2011-يىلى «ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» نى ئىشلىگەندە بۇ تىلنى خىرسقا دۇچ كەلگەن تىل قاتارىغا كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 خىل تىل ئىچىدە، %96 تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4 ىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 6000 خىل تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنكەن. مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا ( Irina Bokova) ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» گە ئاتاپ ئېلان قىلغان تەبرىك خېتىدە مۇنداق يازدى : « تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دىگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دىمەكلىكتۇر.»


دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.


ئىرىنا بوكوۋا تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنداق دېدى: «كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىزنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق، ئەقەللىيسى بىر تىلغا بولغان ھۆرمەت شۇ تىللىق كىشى بىلەن ھەقىقىي دىئالوگ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر....تىلنىڭ كۆپ خىللىقى بىزنىڭ ئورتاق مىراسىمىزدۇر. ئۇ بىر خىل ئىنتايىن ئاجىز مىراس....كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىر خىل ھاياتى كۈچكە تولغان بايلىق، بىز ئۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇرايلى.»
        بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان خەلق تىلنىڭ تەرەققىياتقىلا ئەمەس، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ئاساسىدىكى بىلىملىك جەمئىيەت قۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رولىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يىلقى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تىمىسى:  مائارىپتا كۆپ خىل تىلغا ئورۇن بېرەيلى!
(使用多种语言,促进全纳教育)(Multilingualism for inclusive education). بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق تەربىيىلىنىشى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئانا تىل ۋە باشقا كۆپ خىل تىلدىكى تەربىيە بولسا كەمسىتىشنى تۈگىتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق مەسىلىدۇر.
        تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت ئۆز-ئارا ماسلىشىش، مانا بۇلار ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت مەزمۇنىدۇر. كورىيەدە، جىجۇ ئارىلىدىكى 济洲语 تىل   2010-يىلى «ب د ت  مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» دە«ئەڭ خەتەرلىك تىل» قاتارىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ ئارالدىكى خەلقنىڭ تىلىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. سولۇمىن تاقىم ئاراللىرىدا، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى نۆۋەتتە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ ماروۋو تىلى (Marovo) دا مۇھىت ھەققىدىكى ئېنىسكىلوپېدىيىلىك كىتابنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى، ۋە شۇ ئارقىلىق بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش ۋە شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى. نىكاراگۇادا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى شۇ جايدىكى ۋە ئەسلى ئاھالىلەر ئارىسىدىكى بىلىم-ئۇچۇر سىستېمىسى تەتقىقات تۈرى بىلەن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونى ماياڭنا (Mayangna ) دىكى ئەسلىدىكى ئاھالىلەر بىرلىشىپ، ماياڭنا تىلى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نورۋېگىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىر توم ئىككى قىسىملىق ماياڭنا تىلى دەرسلىكى تۈزىدى، كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنى ئاساس قىلدى. نۆۋەتتە، بىر بۆلۈك ماياڭنا تىلىنى قوغدىغۇچىلار مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماياڭنا تىلى ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈردى، ۋە پۈتۈن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونىدىكى كەنىت يېزىلارغىچە دەرسخانىلاردا دەرس قىلىپ ئۆتمەكتە.
----------------------------------
مەنبە:ب د ت مائارىپ پەن -مەدەنىيەت كومىتېتى تور بېكىتى
تەرجىمىدە: كروران
سۈرەت كىرىشتۈرگۈچى: ئىلقۇت

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9018
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 04:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ana til 005555.jpg


بىلەمسىلەر دوسىتلار ~! بۈگۈن ئانا تىل بايرىمى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن باشقا ئىش قىلالمىساممۇ ،بۇ بايرامنى ئاددىي بولسىمۇ ،تەبىرىكلەش قارارىغا كەلدىم ! ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى،سۆيەيلى،ئاسرايلى !ئۇنۇتساڭ سەن ئانا تىلنى ،خۇدا ئۇرسۇن سېنى ! ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !نەدىكى ئاقماس <ئاشىق -مەشۇق بايرىمى>نى ئۆزىمىزگە سىڭدۇرۋالدۇق ! مانا مۇشۇنداق <ئانا تىل بايرىمى > ئەھمىيەتلىك بايرامنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشايلى !  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ،ئەلى كىرورەن ئىجراسىدىكى <ئانا تىل >دىگەن ناخشىنى سىلەرگە سۈنماقچىمەن ! ئۆزەمنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىيەلىگەنلىكىمدىن ۋە تەپەككۇر قىلالىغانلىقىمدىن ،ئۇيغۇر بۇلۇپ يارىلىپ قالغانلىقىمدىن ،ئىككى دۇنيالىقتا شەرەپ ھېساپلايمەن !






مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 05:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى قەدىرلەش شەرەپ ئۇنتۇش نۇمۇس . كۆپ تىللىق بولۇش دەپ ئانا تىلنى ئۇنۇتقان ئانا تىلدىن يانغان كىشى  ئادىمىلىكىدىن يانغان كىشى بولىدۇ . تۇنجى بولۇپ شۇ ئانا تىلىدا ئاغزى ئىچىلغان شۇ تىلدىن  يۈز ئۆرۈگەن كىشى يەنە نىمىدىن يۇز ئۆرۈمەيدۇ دىيەلەيسىز ...

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ئۇيغۇر تىلى !

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72214
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3390
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا مۇنۇ "ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا" ناملىق شىئىرنى سونىمەن!

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7575
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7694 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى ئاسىراش مەندىن باشلانسۇن دەيدىغان روھنى يېتىلدۈرەيلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئوزۇڭ كۇتۇرگەنن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63668
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3467
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ  تەشەككۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75074
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75074
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:53:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش