مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1829|ئىنكاس: 18

مەشھۇر دىننى ئولىما ئەككاش ۋە بۈگۈر ناھىيىسىدىكى ئەككاش :ئالپامىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:37:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئەككاش ۋە بۈگۈر ناھىيەسىدىكى

ئەككاش مازىرى توغرىسىدا


ئەزىز ھېيتكۈن:  ئالپامىش
   ئەككاش مازىرى — بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىگە جايلاشقان. بۈگۈر بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 250 مېتىر كېلىدۇ. 2009-يىلى 6-ئايدا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 3- قېتىملىق تەكشۈرۈش» تە ئۆلچەنگەن جۇغراپىيەلىك كوردىناتى شەرقىي مېرىدىيان 41،46،09.1، شىمالىي پاراللىل 84،15،27.3 كە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر مازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 80 مو ئەتراپىدا بولۇپ، شەرق، شىمال، جەنۇب تەرەپلىرى بۈگۈر بازىرىنىڭ مەتە كەنتى، غەرب تەرىپى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ناھىيە ئۆستىڭى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەككاش مەقبەرىسى مەزكۇر مازارنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. بۇ جايدىكى پۈتكۈل قەبرىستانلىق ئەككاش مەقبەرىسىنىڭ نامى بىلەن «ئەككاش مازىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. مازار جايلاشقان ئورۇن ئۆتمۈشتە «مازارباغ كەنتى» دەپ ئاتالغان. مەزكۇر مازار كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەركەشۋەلىيۇللا مازىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە تارىختا «ئەككاش مازار» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بايانلاردا «ئەككاش مازار» دەپ ئېلىندى.
ئەككاش مازىرى 1990-يىلى نەشر قىلىنغان «بۈگۈر تەزكىرىسى» نىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىدا «مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى» سەھىپىسىدە رەسمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان. «بۈگۈر تەزكىرىسى» دە: مەزكۇر مازارنىڭ مازارباغ مەھەللىسىگە جايلاشقانلىقى، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 150 مو كېلىدىغانلىقى، 1760-يىلى دولان ئۇيغۇرلىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ جاينى قەبرىستانلىققا تاللىغانلىقىنى، يېڭى ئۆستەڭ شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلۇپ قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغانلىقى، 1790-يىلى يەكەنلىك دىنىي زاتلاردىن ئەركەشۋەلىيۇللا بىلەن ھەسەن ئاخۇن بۈگۈرگە كېلىپ دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئۆزلىرى ۋاپات بولغاندا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغانلىقى، ئىككىسى ئىلگىرى-كېيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغانلىقى، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ نامى «ئەركەشۋەلىيۇللا مازىرى» دەپ ئاتالغانلىقى ۋە 200 يىلدىن كۆپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەشھۇر مازار بولۇپ كەلگەنلىكى، مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە مازارنىڭ كۆلىمى 100 مودىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، مازار چۆرىسىگە قاشا تام سېلىنىپ تۆت تەرەپكە بىردىن دەرۋازا بېكىتىلگەنلىكى، شەرقىي دەرۋازا ئۈستىگە بىر پەشتاق ياسالغانلىقى، مازار ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ گۈمبەزدىن بەشى، ئوتتۇرا ھال گۈمبەزدىن 13 ى، رىشاتكىلىق قەبرىدىن 150 ى، كونگۇرلۇق قەبرىدىن 250 ى بار ئىكەنلىكى، ئۆستەڭنىڭ غەرب تەرىپىگە مەسچىت سېلىنغانلىقى، مەسچىت چوڭ-كىچىك سەككىز گۈمبەزدىن تەشكىل تاپقانلىقى، مەسچىت ئالدىدا ئىككى تۈپ سېدە ۋە 300 تۈپتىن كۆپ قاراتېرەك بار ئىكەنلىكى، مىنگو دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەر يىلى 5-ئايدىكى ئايماق بايراملىرىدا خەلق ئاممىسى گۆش، ياغ، ئۇن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مەزكۇر مازارغا ئېلىپ كېلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغانلىقى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، مەزكۇر مازار 1955-يىلى 1-قېتىم رېمونت قىلىنغانلىقى، 1979-يىلى 2-قېتىم، 1982-يىلى 3-قېتىم رېمونت قىلىنغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.
شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئۆستەڭنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان ئەككاش مازىرىنىڭ يەنە بىر بۆلىكى 20-ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا تۈزلىۋېتىلگەن. ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى ئەككاش مازىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدۇر. مەزكۇر مازار بۈگۈردىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق بولغانلىقتىن، تاكى 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مېيىتى قويۇلۇپ كەلگەن. 2008-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شەھەر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى بىلەن مەزكۇر ئورۇنغا مېيىت قويۇش توختىتىلدى.
ئەككاش مازىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش، ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدە قوغدالدى ۋە رېمونت قىلىندى. 1989-يىلى «بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى تىزىملىكى» گە، 1990-يىلى «بۈگۈر تەزكىرىسى» گە كىرگۈزۈلدى. 1998-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر مازار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ئورنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قوغدىلىپ كەلدى. مەزكۇر مازار 1995-يىلى دوكتور راھىلە داۋۇت يازغان «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابقا شىنجاڭدىكى مەشھۇر مازارلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى. 2009-يىلى «مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش» مەزگىلىدە تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننىڭ بىرى قىلىندى. 2010-يىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن «دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» غا يوللاپ بېرىلدى.
ئەككاش مازىرى «بۈگۈر تەزكىرىسى»، «ئۇيغۇر مازارلىرى»، شۇنداقلا «دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈلۈشتىن تاشقىرى، بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى يېزىلغان «تارىخى ھەمىدى» ۋە «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق مەشھۇر ئىككى تارىخىي كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، يۇقىرىقى ئىككى كىتاب مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى تەرىپىدىن يېزىلغان. «بۈگۈر تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، ئەككاش مازىرىنىڭ تارىخى 250 يىلغا سوزۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. «تارىخى ھەمىدى» ۋە «تارىخى ئەمىنىيە» گە ئاساسلانغاندا بولسا، مەزكۇر مازارنىڭ تارىخى يەنە 1100 يىل ئىلگىرىگە، يەنى 650-يىلى ئۆپچۆرىسىگە سۈرۈلۈپ، 1360 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
«تارىخى ھەمىدى» نىڭ 146-، 147-، 148- بەتلىرىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۇەن يىللىرىدا (تاڭ تەيزۇڭ زامانىدا) مەككىدىن جۇڭگوغا 8 كىشىلىك دىن تارقىتىش ئۆمىكى ئەۋەتىلگەنلىكى، سەپەر ئۇتۇقلۇق بولمىغاچقا ئاخىرقى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ يېقىن ئۈممەتلىرى (ئەگەشكۈچىلىرى) دىن «ئەككاش، ۋەققاس، قاس» ئىسىملىك 3 كىشىنى باشچى قىلىپ 2-قېتىم جۇڭگوغا ئۆمەك ئەۋەتكەنلىكى، قايتىش سەپىرىدە ۋەققاس جايىگۇەندە ۋاپات بولغانلىقى، قاس مەككىگە يالغۇز قايتىپ كەتكەنلىكى، بۈگۈردە «ئەككاش» دەپ ئاتىلىدىغان ماقام (ئۇلۇغ) مازار بولۇپ، ئىنتايىن مەشھۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئەمما «تارىخى ئەمىنىيە» دىكى بايان «تارىخى ھەمىدى» دىكىدىن پەرقلىنىدۇ. «تارىخى ئەمىنىيە» دە كىشى ئىسىملىرى «قاس، ۋەققاس، ئاس» دەپ ئېلىنغان. شۇنداقلا ۋەققاسنىڭ گۇاڭجۇغا كەلگەندە ۋاپات بولغانلىقى، قاس بىلەن ئاس قايتىش سەپىرىدە جايىگۇەنگە كەلگەندە كەينى-كەينىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئىككى ئەسەردىكى باياننى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى » نى «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن يازغان بولۇپ، «تارىخى ھەمىدى» دىكى باياننى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تارىخىي ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايانغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر بايان راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 240-بېتىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۇەن يىللىرىدا (627-649) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەيس، ۋەققاس، ئۈۋەيس قاتارلىق 3 كىشىنى دىن تارقىتىش ئۈچۈن جۇڭگوغا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سۇ يولى بىلەن بېرىپ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن قايتقانلىقى، بېرىش سەپىرىدە ۋەققاس گۇاڭجۇدا ۋاپات بولغانلىقى، قايتىش سەپىرىدە ئۈۋەيس خېشى كارىدۇرىدا، قەيس قۇمۇلنىڭ شىڭشىڭشادا ۋاپات بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. «تارىخى ھەمىدى»، «تارىخى ئەمىنىيە»، «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق ئۈچ كىتابتىكى تاڭ دەۋرىدە جۇڭگوغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش سەپىرى ھەققىدىكى باياننى بىرلەشتۈرگەندە، ئەينى دەۋردە جۇڭگوغا ۋەققاس، قەيس، ئەككاش ئىسىملىك ئۈچ كىشىنىڭ دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇلار بېرىشتا سۇ يولى بىلەن سەپەر قىلغانلىقى، گۇاڭجۇغا بارغاندا ۋەققاس ۋاپات بولغانلىقى، ئۇلار تاڭ پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، قايتىشتا قۇرۇقلۇق يولى بىلەن قايتقانلىقى، خېشى كارىدورىغا كەلگەندە (جايۈگۇەن، خېشى كارىدورى، شىڭشىڭشا چوڭ جەھەتتە بىر دائىرىگە كىرىدۇ) قەيس ۋاپات بولغانلىقى، بۈگۈرگە كەلگەندە ئەككاش ۋاپات بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ داڭلىق ساھىب (دىنى ئولىما) نىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەككىگە قايتالمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
قەيس غوجام مازىرى قۇمۇل شەھىرى چاھارباغنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قەيس غوجامنىڭ جەسىتى 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن قۇمۇل شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، 10 مىڭ كىشىلىك داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. قەيس غوجام جەسىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ھازىرغىچە «غوجام مازار» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرىدا جۇڭگوغا 3 كىشىنىڭ دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاساسسىز رىۋايەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ 3 كىشىنىڭ جۇڭگوغا سۇ يولى بىلەن دىن تارقىتىشقا بارغانلىقىمۇ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. چۈنكى، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كۆپلىگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ، جۈملىدىن ئەرەب سودىگەرلىرى دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
ئەككاشنىڭ بۈگۈردە ۋاپات بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن نورمال ئىش. چۈنكى، بۈگۈر قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختا بۈگۈردىن دىن تارقاتقۇچىلار، ھەربىي قوماندانلار، سودا كارۋانلىرى، لەشكىرى قىسىملار ئۆتكەن. ئەككاشنىڭ بۈگۈردە ۋاپات بولۇپ بۈگۈردە دەپنە قىلىنغانلىقى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. ئەمما بۇ 3 كىشى جۇڭگوغا سەپەر قىلىپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن مەزگىل، تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقىتىشقا ئاتلانغان مەزگىل بولۇپ، ئىسلام دىنى غەربىي يۇرتتا كەڭ تارقالمىغان مەزگىل ئىدى. 961-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ 2-ئەۋلاد خاقانى مۇسا بۇغراخان ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، ئاقسۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئاقسۇ، كۇچا، بۈگۈر، كورلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، توخسۇندىن ئۆتۈپ ئۇدۇل قاراغوجا (ھازىر پىچاننىڭ بىر يېزىسى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندىن تارتىپ تاكى 1352-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان 24 يېشىدا ئىسلام دىنىغا كىرىپ، 160 مىڭ موڭغۇل ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان 400 يىلغا يېقىن تارىخىي جەرياندا، ئاقسۇنىڭ شەرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولغان. شۇڭا، ئەككاش 650-يىلىدىن ئىلگىرى بۈگۈردە ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغانلىقى ۋە تارىختا تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
«بۈگۈر تەزكىرىسى» دە بايان قىلىنغان ئەركەشۋەلىيۇللا بىلەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەككاش ئىسىملىك مەشھۇر دىنىي ئۆلىمانىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟ 1790-يىلى بۈگۈرگە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى كەلگەن ئەركەشۋەلىيۇللانىڭ تاڭ دەۋرىدە بۈگۈردە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئەككاش بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى يوقلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن 1670-يىلى باش كۆتۈرۈپ چىققان ئاپاق غوجا باشلامچىلىقىدىكى سوپىزم تەرەپدارلىرى دىننىڭ سىياسىي ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقتەك ئېتىقاد ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن تاشقىرى، پىر، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا، مازار-ماشايىخلارغا چوقۇنۇش ئىدىيىسىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. 17-، 18-، 19- ئەسىرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭنى مەركەز قىلغان پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىدا سوپىزىملىق ۋە مازارلارغا چوقۇنۇش ۋەزىيىتى ئەۋج ئالدى. 1790-يىلى يەكەندىن كەلگەن ئەركەشۋەلىيۇللانىڭ پىر-ئەۋلىيالارغا، ئۇلۇغلارغا چوقۇنۇش ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى، دىنىي قىسسە ۋە رىۋايەتلەردىن قەدىمكى زاماندا بۈگۈردە «ئەركەش» ئىسىملىك بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۆزىنى ئەشۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ چوقۇنغۇچىسى، ئەگەشكۈچىسى دەپ قاراپ، ئۆزىگە «ئەركەشۋەلىيۇللا» دېگەن دىنىي نامنى قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەركەشۋەلىيۇللا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. «ۋەلى» ئاتالغۇسى «ۋارس، ئورۇن باسار، ئىز باسار» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، «ئەركەشۋەلىيۇللا» دېگەن نام «ئەركەش (ئەككاش) نىڭ ۋارىسى، ئىزباسارى» دېگەنلىكتۇر. دېمەك «ئەركەش مازار»، «ئەركەشۋەلىيۇللا مازار» دېگەن ناملار تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭدىن 1350 يىل بۇرۇن بۈگۈردە ۋاپات بولغان مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئەككاشنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «بۈگۈر تەزكىرىسى» دىكى بايان بىلەن «تارىخى ھەمىدى» دىكى باياننىڭ تارىخى چوڭقۇرلىقى ئوخشىمايدۇ. «بۈگۈر تەزكىرىسى» دىكى ئەركەشۋەلىيۇللا ھەققىدىكى بايان بۈگۈردىكى يەرلىك ئۆلىمالار تەمىنلىگەن چۈشەنچە بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەمما «تارىخى ھەمىدى» دىكى «ئەككاش» ھەققىدىكى بايان شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان قەدىمكى ھېكايە، رىۋايەت بولۇش بىلەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، موللا مۇسا سايرامى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى توپلىغان مول بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرى ئاساسىدا «تارىخى ھەمىدى» دىن ئىبارەت مەشھۇر تارىخى ئەسەرنى يېزىپ چىققان. موللا مۇسا سايرامى ئەركەشۋەلىيۇللادىن 100 يىل كېيىن ياشىغان ئىلىم ئەھلى بولسىمۇ، بۈگۈردىكى پۈتكۈل شىنجاڭغا مەشھۇر بولغان مازارنى «ئەركەشۋەلىيۇللا مازىرى» دەپ ئاتىماستىن، تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ «ئەككاش مازار» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن موللا مۇسا سايرامىنىڭ بۈگۈردە بىر مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن مازارنىڭ نامىنىڭ «ئەككاش» دېگەن مەشھۇر دىنىي شەخسنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەك، «ئەككاش» دېگەن نام: بىرىنچىدىن، بىر مىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى بۈگۈردە ۋاپات بولغان ئەككاش ئىسىملىك دىنىي ئۆلىمانىڭ نامى. ئىككىنچىدىن، شۇ شەخسنىڭ مەقبەرىسى (ھۆرمەت نام، ئاددىي شەخسلەرنىڭ جەسىتى قويۇلغان يەر قەبرە دېيىلىدۇ) نىڭ نامى. ئۈچىنچىدىن، پۈتكۈل قەبرىستانلىقنىڭ نامىدۇر.
قەبرىستانلىق بىلەن مازار ئوخشاشلا جامائەت قەبرىستانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئىككىسى تەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم ئەمەس. قەبرىستانلىق ئادەتتە مەلۇم ئېھتىياج (قۇرۇلۇش ياكى باشقا ئىشلار) سەۋەبىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندە تۈزلىنىپ يوقىتىۋېتىلىدۇ. ئەمما مازار ئوخشىمايدۇ. مازار مەلۇم بىر ئۇلۇغ كىشى (مەشھۇر دىنىي ئۆلىما، مەشھۇر خان-پادىشاھ، مەشھۇر ئالىم، مەشھۇر قەھرىمان) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ قەبرە تۇرغۇزۇش (گۈمبەز قوپۇرۇش) قائىدىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلارغا، ئۇلۇغ دىنىي ئۆلىمالارغا، ئۇلۇغ ئالىملارغا، مەشھۇر قەھرىمان-باتۇرلارغا چوقۇنۇش ئىدىيەسى ۋە ئادىتى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇڭا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، مەھمۇد كاشىغەرى مازىرى، ئارسلانخان مازىرى، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى قاتارلىق مەشھۇر مازارلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان بۇزۇۋېتىلمەي ساقلىنىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ ئادەتتىكى قەبرىستانلىقلاردەك تۈزلىۋېتىلمەسلىكى، يوقىتىۋېتىلمەسلىكىدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلارغا، ئۇلۇغلارغا، قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش، چەكسىز ھۆرمەت  قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىدۇر. كۆپلىگەن مازارلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، قەبرە يوقلاش، زاراخەتمە قىلىش، غېرىب-غۇرۋا ۋە جانلىقلارغا نەزىر بېرىش، دىنىي تۈستىكى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنى بولۇپ، چوڭ-كىچىك ياشتىكى جامائەتنىڭ ھەممىسى ئەجدادلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى، ئۇلۇغ دىنىي ئۆلىما، بۈيۈك ئالىم، مەشھۇر قەھرىمانلارغا ئىخلاس قىلىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان كونكرېت مەيدان بولۇش رولىنى ئوينىغان. شۇڭا، مازارلار كىشىلەر تەرىپىدىن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قوغدىلىپ قالماستىن «مۇقەددەس» دەپ قارىلىپ ئىنتايىن ئۇلۇغلانغان. ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، يەنى چوڭ ئۇرۇش-قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ يۇرت-ماكان خانىۋەيران قىلىۋېتىلسىمۇ، كىشىلەر مۇقەددەس ئورۇن بولغان مازارلارنى جان-جەھلى بىلەن ساقلاپ قالغان. شىنجاڭدىكى ئالدى مىڭ نەچچە يۈز يىللىق، كەينى بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مازارلارنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشى تەبىئىي بولغان ئىش ئەمەس. ئۇ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مازارلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بىلىپ پۈتۈن نىيەت، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
داڭلىق مازارلاردا ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرىسىگە مەخسۇس قارىغۇچى شەيخلەر قويۇلىدىغان بولۇپ، مەقبەرىگە قارىغۇچى شەيخلەر ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرىسى يېنىدىكى گەمە ئۆيلەردە يېتىپ-قوپۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سەدىقە ۋە خالىس ياردىمىدە يېمەك-ئىچمىكىنى ھەل قىلىپ ئۆمۈر بويى ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرىسىگە قارىغان. ئۇلار ئۇلۇغلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بىلگەنلىكتىن ھاياتىنى ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرىسىگە قاراشقا ئاتىۋەتكەن. شۇ ئارقىلىق ساۋابلىق تېپىش ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ئىزىنى بېسىش يولىنى تاللىۋالغان. ئۇلارنىڭ چەكسىز ئىخلاسى كىشىلەرنى قايىل قىلغان ۋە تەسىرلەندۈرگەن بولغاچقا، ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ قالماستىن، مازارلارنى شەك كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان مۇقەددەس جاي بىلگەن. بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭدا 1000 يىلدىن كۆپەرەك داۋام قىلغان. مانا بۇ مازارلارنىڭ تاشلىنىپ قالماسلىقى، كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە يوقىتىلىۋېتىلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
زاراتگاھلىق، قەبرىستانلىق ئاتالغۇلىرى بىلەن مازار ئاتالغۇسى ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىتى قويۇلىدىغان قەبرىگاھلارنىڭ ھەممىسى قەبرىستانلىق، زاراتگاھلىق دەپ ئاتىلىدۇ. مازار چوقۇم ئەل-جامائەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇلۇغ ئادەمنىڭ جەسىتى قويۇلغان قەبرىگاھ بولۇشى كېرەك، شۇندىلا «مازار» دەپ ئاتىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئەندىزىدىن خەۋەرسىز كىشىلەر قەبرىستانلىق بىلەن مازارنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەي ئىككى ئۇقۇمنى پۈتۈنلەي ئوخشاش مەنىدە دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن قەبرىستانلىقلار «مازار» دەپ ئاتىلىش ئۆلچىمىگە توشمىسىمۇ نادان كىشىلەر تەرىپىدىن «مازار» دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ خاتا ئاتاشتۇر. ئادەتتە قەبرىستانلىق ھەممە جاي، مەھەللىلەردە بولىدۇ. مازار بولسا ئىنتايىن ئاز ساندا بولىدۇ. جۈملىدىن بۈگۈردە جامائەت قەبرىستانلىقى كۆپ. مازارلاردىن ئەركەش مازىرى، قاراچاچ مازىرى، تاغ مازىرى، ئۇلۇغ ئاتا مازىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ، مازارلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس.
ئەككاش (ئەركەش) مازىرىدىكى ئەككاش مەقبەرىسى ئىككى خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بىرى، مەقبەرەنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك. ئەككاش مەقبەرىسى مازارنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 2.5 مو كۆلەمدىكى تۆپىلىك ئۈستىگە جايلاشقان. مەقبەرە تۇرغۇزۇلۇشتىن ئىلگىرى شۇ ئورۇننىڭ تەكشى يەر ئىكەنلىكىنى، توپا دۆۋىلىنىپ 2 مېتىر ئېگىزلىتىلگەندىن كېيىن چىڭدىلىپ مەقبەرىگە جاي قىلىنغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. توپا دۆۋىلەپ ئېگىزلىتىلىشتىكى سەۋەب، غەرب تەرەپتە ئۆستەڭ بولۇپ، كەلكۈن كەلگەندە تاشقىن سۇنىڭ مەقبەرىنى بېسىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كۆزدە تۇتۇلغانلىقىدۇر. تۆپىلىكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا مەقبەرە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، چۆرىسىگە 4.5 مېتىر ئېگىزلىكتە يۇمىلاق گۈمبەز قوپۇرۇلغان. گۈمبەزنىڭ ئاستى 90 سانتىمېتىر ئېگىزلىككىچە خىش بىلەن سېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلۇپ سامانلىق لاي بىلەن سىلىق سۇۋالغان. گۈمبەزنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىنىڭ ئايلانمىسى 1.5 مېتىر، ئاستىنقى تەرىپىنىڭ ئايلانمىسى 10 مېتىر كېلىدۇ. گۈمبەزنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە مەقبەرىگە كىرىش ئېغىزى جايلاشتۇرۇلغان. گۈمبەزنىڭ ئاستىدىكى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان قىسمىدا تۆت تەرەپكە تۆت تەكچە چىقىرىلغان. تەكچىلەر (ھاۋا كىرىش ئېغىزى) نىڭ ئۈستى ئەگمە شەكىلدە، ئاستى چاسا شەكىلدە چىقىرىلغان. ئەككاش مەقبەرىسىنىڭ ئورنى ئېگىز بولغانلىقتىن يىراق جايدىمۇ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. يەنە بىرى، گۈمبەزنىڭ 7 مېتىر غەربىدە بىر كونا كېسەك (گەمە) ئۆي ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، شەرق–غەرب ئۇزۇنلىقى 3.5 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 3 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. گەمە ئۆينىڭ غەربىي تېمى كەينىگە تىيەك ئورنىدا بىر كۈنگۈرە تام سېلىنغان بولۇپ، گەمە ئۆينىڭ غەربىي تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكىگە مۇداپىئە بولۇش رولىنى ئوينىغان. گەمە ئۆينىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدىن جەنۇبقا سوزۇلغان 7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 2 مېتىر ئېگىزلىكتە توغرا كېسەك تام ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، تامنىڭ جەنۇبىي ئۇچى غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى يەنە بىر كونا گەمە ئۆيگە تۇتىشىدۇ. ئۈستۈنكى تەرەپتىكى گەمە ئۆي مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئۈستى يېپىق، جەنۇب تەرەپتىكى تېمىغا ئورنىتىلغان ياغاچ ئىشىككە قۇلۇپ سېلىنغان. غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى كونا گەمە ئۆينىڭ يېرىمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 3 مېتىر، كەڭلىكى 2.90 سانتىمېتىر كېلىدۇ. گۈمبەزنىڭ غەرب ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى كونا ئىككى ئېغىز گەمە ئۆي ئۆتمۈشتە ئەككاش مەقبەرىسىگە قارىغۇچى شەيخلەر تۇرغان ئۆي ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن ئەككاش مەقبەرىسى ۋە يېنىدىكى گەمە ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەن. 1979-يىلى، 1982-يىلى بولۇپ جەمئىي ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنىپ، ئەككاش مەقبەرىسىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەككاش مەقبەرىسى ۋە گۈمبەز يېنىدىكى گەمە ئۆيلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئەككاشنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ دىنىي ئۆلىما ئىكەنلىكىنى، كىشىلەر قەلبىدە تارىختىن بۇيان ئىنتايىن يۈكسەك ئورۇن تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئەككاشنىڭ كىم ۋە قانچىلىك ئۇلۇغ كىشى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسى بويىچە ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس دەپ قاراپ كەلگەن. كىشىلەر تاكى 1990-يىللىرىغىچە ئەككاش مازىرىنىڭ غەربىدىكى چوڭ يولدىن ئۆتكەندە، مازارنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ ئات-ئۇلاقتىن چۈشۈپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئاندىن يولىغا راۋان بولغان. بۇ خىل ئادەت يېزا كىشىلىرى ئىچىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا. كىشىلەر ئارىسىدا «ئەركەش مازارنى بىر قېتىم تاۋاپ قىلسا مەككىگە بىر قېتىم بېرىپ ھەج قىلغاندەك ساۋابلىق تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن رىۋايەت خاراكتېرلىك سۆز تارقالغان. بۇ سۆز 1790- يىلىدىكى ئەركەشۋەلىيۇللاغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى 650-يىللىرى ئەتراپىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بۈگۈردە ۋاپات بولغان ساھىبى (يېقىن ئەگەشكۈچىسى) ئەككاشنىڭ ئۇلۇغلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان سۆزدۇر.
ئەككاش مازىرىنى قۇمۇلدىكى قەيس غوجام مازىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا تامامەن بولىدۇ. قۇمۇلدىكى قەيس غوجام مازىرىدىكى قەيس مىيىتى شىڭشىڭشادا بايقالغان بولۇپ، بايقالغان چاغدا كېپەن ئۈستىگە ئەرەبچە سۆزلەر يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان. «ئۇيغۇر مازارلىرى» ۋە «تارىخى ھەمىدى» ناملىق كىتابلاردىكى، بولۇپمۇ «تارىخى ھەمىدى» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، خۇيزۇلار (يۇقۇرقى كىتابتا «تۇڭگانلار» دەپ ئېلىنغان) نىڭ ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى زامانىدا جۇڭگوغا كېلىپ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە سودا قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئەرەبلەرنىڭ يەرلىك خەلق (خەنزۇلار) ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قەيس غوجام مەقبەرىسىنى دەسلەپ بايقىغۇچى ۋە ئاسرىغۇچىلارمۇ خۇيزۇلار بولۇپ، 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا مەلۇم بولغان.
تاڭ سۇلالىسى زامانىدا ئۈچ كىشى باشلامچىلىقىدىكى ئىسلام دىن تارقىتىش ئۆمىكىنىڭ جۇڭگوغا كەلگەنلىكى تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەدۇر. شۇ ئۈچ كىشى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دەسلەپ ئومۇملاشقان مەزگىلدە شەرققە، يەنى جۇڭگوغا تۇنجى سەپەر قىلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچى ئەرەب دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ يولباشچىلىرىدۇر. ئۈچ نەپەر دىن تارقاتقۇچى ئىچىدە ئىككى نەپەر شەخسنىڭ مەقبەرىسىنىڭ شىنجاڭدا (قەيسنىڭ مەقبەرىسى قۇمۇلنىڭ شەرقىدە، ئەككاش مەقبەرىسى بۈگۈردە) بايقىلىشى ئىسلام دىنى تارىخى ۋە شىنجاڭ تارىخىدىكى مۇھىم ئىشتۇر. بۇ ئىش ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپ مىلادى 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگوغا كىرىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە ئومۇملىشىش جەريانى بولسا نەچچە يۈز يىل كېيىنكى ئىش. ئەككاش مەقبەرىسى بىلەن قەيس مەقبەرىسىنىڭ 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شىنجاڭدا كەڭ تونۇلۇپ بولالماسلىقى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە 14-، 15-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئاندىن ئومۇملاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەككاش مازىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى ئىككى خىل تارىخىي قىممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئەككاش مەقبەرىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتى. بۇ 650-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 1360 يىللىق ۋاقىتنى، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپ تارقالغان ۋاقتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بۈگۈرنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغانلىقى، دىن تارقاتقۇچى ۋە باشقا تۈرلۈك مەقسەتتە سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ بۈگۈردىن ئۆتكەنلىكى ياكى بۈگۈردە ۋاپات بولغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. بۇ يەنە ئىلمىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي تارىخنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوچۇق ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى ئەلمىساقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن تەبىئىي دىن بولماستىن، باشقا سۈنئىي دىنلار (بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتۇلىك دىنى) غا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن، ئېنىق ئېيتقاندا مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن 632–يىلى ئىجاد قىلىنغان ۋە تەدرىجىي دۇنياغا تارالغان دىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنى، شامان دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قىسقىسى، ئىسلام دىنىنىڭ 6-ئەسىردىن كېيىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسلام دىنىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان تارىخىي پاكىتتۇر. مانا بۇ ئەككاش مەقبەرىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتىدۇر.
ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشەنچىسىدە: ئەلمىساقتىن ئالەمنى خۇدا ياراتقان، ئادەملەرنىمۇ خۇدا ياراتقان، ئىسلام دىنى ئەلمىساقتىن بۇيان مەۋجۇت، دەپ قارايدىغان تار ۋە خاتا ئىدىيە مەۋجۇت. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مىڭ ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرىنى كۆرسىتىدىغان ماددى پاكىت بولسا، ئەككاش مازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مازارلار 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئېتىقادى باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماددى پاكىتتۇر.
يەنە بىرى، ئەككاش مازىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى. ئەككاش مەقبەرىسىنى يادرو قىلغان ئەككاش مازىرى 260 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تەرەپلەرنى نامايەن قىلىپ قالماستىن، بۈگۈر ئۇيغۇرلىرىنىڭ 260 يىلدىن بۇيانقى تارىخى، ئۆرپ-ئادىتى، يوسۇنى، ئاممىۋى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ يورۇتۇپ بېرىدىغان يادىكارلىق خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.
ئەككاش مازىرى−ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن، بۈگۈرنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخى نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇر مازار مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن، يېقىنقى زامان بۈگۈر تارىخى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بۈگۈردىكى ئۇيغۇر مازار مەدەنىيىتى بىناكارلىقى قۇرۇلۇشىدىكى ۋەكىللىك نامايەندە ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ۋەكىل خاراكتېرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى تونۇتۇشتا ئۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە. ساياھەتچىلىك−يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسپ. مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساياھەتچىلىكى بولسا مەلۇم بىر جاينىڭ تارىخى ۋە مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ساياھەتچىلەرگە تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ جاي ھەققىدە بەلگىلىك تەسىرات ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. ئەككاش مازىرى−بۈگۈرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت يېڭى ساھەنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا چوڭقۇر تارىخىي قىممىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ قالماستىن، قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان بۈگۈر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


   پايدىلانغان ماتېرىياللار:
   1. «بۈگۈر تەزكىرىسى»، 1990-يىلدىكى نەشرى.
   2. «بۈگۈر تارىخى ماتېرىياللىرى»، 1-، 2-قىسىم، 1992-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
   3. «بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈش مەلۇمات جەدۋىلى»، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى 2009-يىلى تۈزگەن (ئىچكى ماتېرىيال).
   4. «بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن دوكلات»، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى 2010-يىلى تۈزگەن.
   5. راھىلە داۋۇت: «ئۇيغۇر مازارلىرى»، 2001-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
   6. موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە»، 1989-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
   7. موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى»، 1988-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
   8. ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا: «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
   9. باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللار.


(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا)




ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇيەردىمۇ 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر مازار بار  .مازار  نامى : قوشقار ئاتام مازىرى بۇ مازارنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر چوڭ ئۆتەڭيول بۇلۇپ بۇرۇنقى ئاتا بوۋىللىرىمىز بۇ يولدىن ئۆتكەندە  بۇ مازارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئات - ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە بولسا كەلگەن دە ئالدىچە دۇئا قىلغان بولسا قايتقاندا ئۇغىغا تەتۈ مىنىپ مازاردىن خېلى يىراقلاپ كەتكۈچە دۇئادىن قولىنى چۈشۈرمەيدىكەنتۇق.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 01:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلا  بالايى -ئاپەتلەردىن، بۇران-چاپقۇنلاردىن ھىچ نەرسە ئامان قالماي،    بىزگە ئەجداتلادىن ئاز بولسىمۇ  يادىكارلىق سۈپىتىدە مۇشۇ مازار ماشايىخلار نىڭ قالغانلىقىغا بەكمۇ  ھەيرانمەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39897
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3941
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 01:29:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنى مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان دەڭ ،ئۇنداقتا  قۇرئاننىڭ تىل ئۇسلۇبىنىڭ بالاغەت ۋە پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن  ئالىملار  ئىتراپ قىلىدۇ ، قۇرئاننىڭ ئىلمى مۆجىزىلىرى  ھازىرقى زامان پەن - تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ ، ئۇنداقتا  ھېچبىر ئۇستاز تەربىيسى كۆرمىگەن ساۋاتسىز مۇھەممەت پەيغەمبەر بۇنداق مۆجىزىگە تولغان پاساھەتلىك كىتاپنى قانداق تۇزۇپ چىققاندۇ ؟      ئاللا ئىسلام دىنىنى  7- ئەسىردە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق  ۋۇجۇتقا چىقارغان دىسىڭىز توغرا بولارمىكىن . ئەگەر  ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەيدىغانلاردىن بولمىسىڭىزلا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

زۇلفى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29160
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5301
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2245 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 04:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداش! سىز ئەڭ ئاۋال قۇرئان كەرىمنى پەيغەمبەرلەر تارىخىنى ،ھەدىسلەرنى كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن ،ئاندىن بۇ ئىلمى ماقالىڭىزنى يازغان بولسىڭىز بولاركەنتۇق،ھازىر سىزنىڭ ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئېتىقات كۆزقارىشىنى ،جۈملىدىن ئۈزىڭىزنىڭ كىشىلىك ھايات كۆزقارىشىڭىزنى چۈشەنمەيدىغانلىغىڭىز  چىقىپلا تۇرىدۇ،ئىلمى مۇئامىلە قىلايلى! ئاچچىغىمنى بېسىۋالمىغان بولسام سىزنى بىر دۆتكە چىقىرىۋەتكىم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73629
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3375
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 04:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دولەتنىڭ قۇرلىشىغا كەپقالسا قانداق قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72252
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
idayat920 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-21 04:37 PM
دولەتنىڭ قۇرلىشىغا كەپقالسا قانداق قىلىدۇ.

چاقىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72252
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:09:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ھازىر بۇ مازارنى يۆتكىمەكچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇرقى ئىنكاسلار ئۈچ تۈرلۈك ئىكەن جاۋابىم تۆۋەندىكىچە:
   بىرىنچى: مەن يۇقۇرقى ماقالىدا تارىخى نەزەر ۋە ئىلمىي نەزەردە تۇرۇپ پىكىر بايان قىلدىم.شۇ داڭلىق مازارنى ساقلاپ قېلىش،قوغداپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلماي بولمايدۇ.بولۇپمۇ ئىلمىي روھ يېڭىلمەس كۈچ ھېساپلىنىدۇ.بىر قىسىم تورداشلارنىڭ دىننى ئېتقاد تۇيغۇسى بويىچە ئېيتقاندا مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالىدا بايان قىلغىنىم ھەقىقەتكە قارشى چىققاندەك تۇيغۇ بەرگەندۇ.سىز ياخشى بىر دىن ئىخلاسمېنى بولسىڭىز 2000 مىڭ يىلدىن بۇيان پۈتكۈل تارىخ بىلەن ئىنچىكە ،تەپسىلى،پىششىق تونۇشۇپ چىقىڭ.شۇ چاغدىلا ئىسلام دىننىڭ 632-يىلى ئىجات قىلىنغانلىقىنى،شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنغا ئېتقاد قىلغانلىقىغا چۈمپۈتىسىز.شۇڭا تار دائىردىكى قارشىڭىز ،ھېسىياتىڭىز بويىچە ئەمەس كەڭ نەزەر ۋە مول،چوڭقۇر بىلىمىڭىز ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىڭ.
    ئىككىنچى: يۇقۇرقى ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان مازارنىڭ شەھەر قۇرۇلىشى پىلانى ئىچىدىكى دائىردە تۇرىۋاتقانلىقى راست.شۇنداقلا يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش  قانۇنى» بويىچە قەتئى قوغدىلىشقا تېگىشلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ئىكەنلىكىمۇ راست.يۇقۇرقى مازارنى يۆتكەش توغۇرلۇق بۈگۈر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 12-ئايدا رەسمى ھۆجەت چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ
يۇقۇرقى مازار مەدەنىيەت يادىكارلىق قانۇنى بويىچە قەتئى قوغدىلدىغان ئورۇن بولغاچقا ھازىرغىچە يۆتكىۋېتىلمىدى.يەنە ئەل-جامائەتنىڭ يۆتكەشكە قارشى كەيپىياتىمۇ موھىم سەۋەپ بولدى.
    ئۈچۈنچى: مەن يۇقۇرقى ماقالىنى باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش،تالاش-تارتىش قىلىش ئۈچۈن يازمىدىم،بەلكى يۇقۇرقى مازارنىڭ تارىخىنى ئەڭ كەڭ خەلققە تونۇتۇش،مازارنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قېلىشقا ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىسلام دىن مازار مەدىنىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملاشتۇرۇىغا ئاساس بولۇشىنى مەخسەت قىلىپ يازدىم.مەن يۇقۇرقى ماقالىدا دىنغا ۋە مەھەمەت پەيغەمبەرگە قارشى چىققان ئەمەس.بەلكى ئەككاشتىن ئىبارەت مەشھۇر ئۆلىمانى ئىلمىي ۋە تارىخى نوقتىدىن چۈشەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتتۇم.ئوچۇق ئېيتسام مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ئىلمى نوقتىسىدىن يازدىم.يۇقۇرقى ماقالىنى يازغىنىمدىن نارازى بولغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشى بويىچە كەڭ جەمىيەتنىڭ كۆزىدە ،مەيدانىدا تۇرۇپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداق بولغاندا بەغرەزلىك قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73629
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3375
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qintomor يوللىغان ۋاقتى  2012-2-21 07:09 PM
لىكىن ھازىر بۇ مازارنى يۆتكىمەكچى.

يوتكەپ قالساڭلا  كورلىدىكى  ئىشلەمچى بازىرىدىن  ئادەم ئاپىرىڭلا  ئۇلا قەبرە بۇزۇشقابەك ئۇستا كور لىدىكى مازالانى  يوتكەپ بولدى،پۇلغابۇزۇلغان ئۇ مۇناپىقلا. يۇرتىغابېرېپ ئاپپپپپپپپپىسىنىڭ يەلىكىنى يوتكىسىچۇ، ئىشەنمەمسز پولبەرسىىڭز يانمايدۇ،
شۇلا بۇزمىسا باشىقىلا پېتىنالام دا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش