مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 19

تىلنى توغرا ئىشلىتىش __ئۇقۇمۇشلۇقلىقنىڭ ئىپادىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 11:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلنى توغرا ئىشلىتىش __ئۇقۇمۇشلۇقلىقنىڭ ئىپادىسى

بىلقىز سۇلايمان(ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتىنىڭ دوتسېنتى)

     ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:تىل،سۆز،گىرامماتىكا،خاتا ئىشلىتىش،تىلنى بۇزۇش
(بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە »ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.ئەتە يەنى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل بايرىمى كۈنى ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ماقالىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئارقىلىق ،ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتىش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئويغۇتۇشنى ئۈمىد  قىلدىم.ئاپتوردىن)

   ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى  رادىيۇ،تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرى ۋە  ئاممىۋىي،ئىجتىمائىي سورۇنلاردىكى نۇتۇق،سۆھبەتلەردە،مەتبۇئاتلاردا ساقلىنىۋاتقان ،گىرامماتىكا ۋە لوگىكىغا خىلاپ بولغان تىل ھادىسىلىرى   مۇلاھىزە قىلىنىپ،قانداق قىلغاندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى،
توغرىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.
   ھەممىگە مەلۇم،تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى،بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى،بىلىم قۇرۇلمىسى،قىزىقىشى ،تەپەككۈرى قانداق بولسا،ئۇنىڭ سۆزى شۇنى ئىپادىلەيدۇ،يەنى بىر ئادەمنىڭ سۆزىگە قاراپ،ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزىگە،يەنى ئۆزئارا سۆھبىتى، ئىختىيارىي پاراڭلىرى شۇنداقلا رەسمىي سورۇنلاردىكى يەنى رادىيۇ،تېلېۋىزور ۋە ئاممىۋىي يىغىلىشلاردىكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق،تىلنى بۇزۇپ  سۆزلەۋاتقانلارنى،سۆزنى خاتا ئىشلىتىۋاتقانلارنى،سۆزىنىڭ گىرامماتىكىسى  توغرا  بولمايۋاتقانلارنى،بەزىلەرنىڭ بىرنەچچە تىلدا ئارىلاش سۆزلەۋاتقانلىقىنى    دائىم ئۇچىرىتىمىز. گەرچە شۇ سورۇن،شۇ ۋاقىتتا شۇ كىشىنىڭ نېمە دېمەكچى    بولغانلىقىنى كىشىلەر چۈشەنسىمۇ، لېكىن،ئۇبدان ئويلىنىپ باقساق،شۇ كىشىنىڭ سۆزىدە نۇرغۇن نوقسان بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.ئۇنداقتا بۇ نوقسانلار    زادى قايسى جەھەتلەردە كۆرۈلىۋاتىدۇ؟
1.سۆزنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك.
بەزىلەر سۆزنىڭ ئورامىغا،ئىشلىتىلىىش ئورۇنلىرىغا دىققەت قىلماي،كەلسە –    كەلمەس سۆزلەۋېرىدۇ. سۆزلىگەندە ئۇبيېكىتقا،كىشىلەرنىڭ سالاھىتىيىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. مەسىلەن:
مەلۇم بىر پىرۇگراممىدا زىيارەت قىلىنغان بىرەيلەن،مەلۇم بىر سەنئەتكار ئۈستىدە توختىلىپ،”بۇ ئادەمنىڭ نەتىجىسى...،بۇ ئادەمنىڭ تالانتى...، “دەپ،"بۇ ئادەم" دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلايدۇ.بۇ سۆز باشقىلارغا شۇ سەنئەتكارنى كۆزگە ئىلمايۋاتقاندەك،ياراتمايۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.  "ئادەم"دېگەن بۇ سۆزنىڭ بۇ يەردە ئىشلىتىلىشى لوگىكىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا خاتا ئەمەس،چۈنكى سەنئەتكار ئالدى بىلەن بىر ئادەم.لېكىن، جەمئىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سالاھىيىتى بار،ئەگەر شۇ چاغدا شۇ زىيارەت قىلىنغان كىشى "بۇ ئۇستازىمىز"دەپ سۆزلىگەن بولسا،ئۆزىنىڭمۇ ئابرويى كۆتۈرۈلگەن  بولاتتى. بۇنداق سۆزلەيدىغانلارنى ئادەتتىكى پاراڭلاردىمۇ ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز.مەسىلەن: بەزىلەر كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ سالاھىيىتىنى ئاتىماي،"ئاۋۇ خوتۇن،ماۋۇ ئادەم،"دەپ سۆزلەيدۇ.بۇمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش گەرچە خاتا بولمىسىمۇ ،لېكىن مۇۋاپىق ئەمەس.
2.لوگىكىلىق    خاتالىق كۆپ.
بىر قىزىق لېنىيىلىك پىرۇگراممىدا،تېلېفون بېرىپ رەھمەت ئېيتقان كىشىگە دوختۇر شۇنداق دەيدۇ: "كىسەللىكتىن ياراتقان ئالاھىدە نەتىجىلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت".بۇ زادى قانداق گەپ؟بۇ جۈملىنى قانداق دېسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى مېنىڭچە  ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. كىسەللكىتىن نەتىجە يارىتىلسا،ئاقىۋەت نېمە بولىدۇ؟ كىسەلنى شىپا تاپتى، ساقايدى دەيمىزغۇ؟
يەنە بىر تېلېۋىزىيە ئېلانىدا:"ب ب جا  بالىڭىزغا ئۆلچەملىك بەدەن قىياپىتى ئىگە قىلىدۇ" دەيدۇ. بالىغا ئىگە قىلامدۇ ياكى بالىنى ئىگە قىلامدۇ؟يەنە بىر ئېلاندا"ھەقىقى ئابدۇكېرىم ئىخلاس پىرىما ئىچىدۇ"دەيدۇ.بۇ ئېلاندا تەشۋىق قىلىنماقچى بولغىنى ھەقىقى ئابدۇكېرىممۇ ياكى ھەقىقى پىرىمامۇ؟
مەلۇم بىر  گېزىتتە:"ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتلەشكەنلەر چوقۇم توي قىلىدۇ ،دەپ  ھېچكىم ئېيتالمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتى ئېرىشىدۇ"دەپ يېزىلغان.ئادەم پۇرسەتكە ئېرىشەمدۇ ياكى؟ پۇرسەت نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ يەنە مەلۇم بىر پىرۇگراممىدا:" پالانچى ئاپتۇنوم رايونىمىز،مەملىكەت   ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە     ئېرىشكەن" دېيىلگەن.بۇ جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەملىكەتنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر بولغان بولمامدۇ؟ بۇنداق مىساللار  خېلى كۆپ.
3.گىرامماتىكىغا خىلاپ سۆزلەش.
مەلۇم بىر پىرۇگىراممىدا:"بالدۇرراق ئائىلە ئەزالىرىنى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش"
دەيدۇ،بۇنىڭدا "بالدۇرراق"دېگەن ھالەت ئۆزى ئېنىقلايدىغان" قاتناشتۇرۇش" دېگەن خەۋەرنىڭ ئالدىدا كەلمەي،"ئائىلە ئەزالىرىنى"دېگەن تولدۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا كەلگەچكە ،جۈملە مۇجىمەل بولۇپ قالغان.
يەنە بىر گېزىتتە:"دادىللىق بىلەن ئويلىغانلىرىمنى خوجايىنغا ئېيتالىغان ئەشۇ كۈن ئېسىمدىن چىقمايدۇ"دەپ يازغان.بۇنىڭدا"دادىللىق بىلەن"دېگەن ھالەت  "ئېيتالىغان "دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا  كەلمەي،  
«ئويلىغانلىرىمنى»دېگەن تولدۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا كەلگەچكە ،بۇنىڭدىمۇ جۈملە مۇجىمەل بولۇپ قالغان. بۇ جۈملىنى «ئويلىغانلىرىمنى خوجايىنغا دادىللىق بىلەن ئېيتالىغان ئەشۇ كۈن ئېسىمدىن چىقمايدۇ» دەپ يازغان بولسا،جۈملە توغرا بولغان بولاتتى.
  گىرامماتىكىلىق خاتالىق يۇقىرىقىدەك جۈملە بۆلەكلىرىنى خاتا ئىشلىتىشتىلا كۆرۈلۈپ قالماي،كۆپلۈك قوشۇمچىسى، پېئىللارنىڭ دەرىجىلىرىنى خاتا ئىشلىتىشتىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ.مەسىلەن:بەزى كىشىلەرنىڭ تىلىدا مەيلى ئۇ ئادەتتىكى سورۇندىكى پاراڭ بولسۇن ياكى رەسمىي پائالىيەت ۋە رادىيۇ ،تېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىدا بولسۇن،كۆپلۈك قوشۇمچىسى"-لار\\-لەر"نى خاتا ئىشلىتىدۇ. ئىسىمنىڭ ئالدىدا ئېنىق سان،مۆلچەر سان ياكى "نۇرغۇن،كۆپ،بىر قانچە،ھەر- قانداق،ھەرقانچە،بىرمۇنچە"دېگەندەك كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان سان ۋە سۆزلەر  كەلسىمۇ ،ئىسىمنىڭ كەينىگە يەنىلا"-لار\\-لەر"نى قوشۇپ(مىڭلىغان كىشىلەر،80 چە ئادەملەر،5-6يۈزدەك قويلار،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار، بىرقانچە بالىلار،4-5دەك قىزلار،ھەر قانداق ئادەملەر،بىرمۇنچىلىغان ئادەملەر...)دەپ سۆزلەيدىغانلار يەنە  شۇنداقلا "خەلق،ئامما،كۆپچىلىك"دېگەندەك ئەسلىدىنلا كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان  ئىسىملارنىڭ   كەينىگىمۇ "-لار\\-لەر"نى قوشۇپ جۈملە تۈزىدىغانلار  كۆرۈلىۋاتىدۇ.    يەنە بەزىلەر  "پارتىيەلەر،تەشكىللەر،ھۆكۈمەتلەر ،ئاممىلار "دەپ كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى قوشۇشقا بولمايدىغان ئىسىملارنىڭ كەينىگىمۇ "-لار\\-لەر"نى قوشۇپ سۆزلەۋاتىدۇ.ئەگەر بۇ  سۆزلەرنى تەھلىل قىلساق، لوگىكىلىق خاتالقلا ئەمەس ، بەزىلىرىدىن ھەتتا   سىياسىي خاتالىقمۇ چىقىدۇ.يەنە بەزىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ناخشىلىرىدا جۈملىنىڭ ئىگىسى سان ۋە شەخس جەھەتتە ماسلاشماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇد. مەسىلەن:مەلۇم بىر ناخشىدا"باغرىنى ياقتىم ساڭا ئۈرۈمچى" دېيىلگەن.بۇ سۆزنى ئىكران   ئاستىغا شۇنداق يېزىپ  قويغان. جۈملىنى "سىز"بىلەن باشلاپ " ئۇ"بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان، "بىز "بىلەن باشلاپ،"ئۇ "بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللارنى  ھەر كۈنى رادىيۇدىن ۋە  بەزى كىشىلەرنىڭ تىلىدىن ئاڭلاپ، ئۇچۇرتۇپ تۇرىۋاتىمىز.بۇنداق كىشىلەر  مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىنى  بولسىمۇ ئالمىغان بولغىيتتىمۇ؟
يەنە بەزى كىشىلەر پېئىللارنىڭ مەجھۇل دەرىجىسىنى خاتا ئىشلىتىدۇ،مەسىلەن:
"مەملىكىتىمىز ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىندى"،"ئاپتۇنۇم رايونىمىز نامراتلارغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى تارقىتىپ بېرىلدى" دېگەندەك جۈملىلەرنى تۈزۈپ،رادىيۇ ۋە تېلېۋىزورلاردا  بېرىۋاتىدۇ.
4. توغرا يېزىلغان جۈملىنى خاتا ئوقۇش.
بەزىلەر توغرا يېزىلغان جۈملىدىكى سۆز بىرىكمىسىنىڭ خارەكتېرىگە دىققەت     قىلماي، خاتا ئوقۇيدۇ. مەسىلەن:بەزى پىرۇگىراممىلاردا:"گۈزەل سەنئەت"دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى"گۈزەل،سەنئەت"دەپ ،"خوتەن قاشتېشى"دېگەن بىرىكمىنى"  خوتەن، قاشتېشى" دەپ؛  "ئۇنىڭ بىر تاللا ئاق كۆينىكى بار ئىكەن" دېگەن جۈملىنى "ئۇنىڭ  بىر ،تاللا ئاق كۆينىكى بار ئىكەن" دەپ ئوقۇپ،بېقىندىلىق سۆز بىرىكمىسىنى تەڭداش سۆز بىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇپ،جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان،يەنە بەزىدە بۇنىڭ   ئەكسىچە، تەڭداش سۆز بىرىكمىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىماي قوشۇپ ئوقۇپ،   جۈملىنى چۈشىنىكسىز قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى ئېغىر.
5.ماقال-تەمسىللەرنى بۇزۇپ ئىشلىتىش
  ماقال،تەمسىللەر خەلق تىلىنىڭ قايمىقى،خەلقنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنىڭ   جەۋھىرى.ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئېسىل كۆزقاراشلىرى،ئەقىل پاراسىتى،تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش  تەجىربىلىرى سىڭدۈرۈلگەن. ماقال، تەمسىللەرنىڭ پەيدە    بولۇش تارىخى  ناھايىتى ئۇزۇن.ئۇ كەڭ ئومۇملاشقان تىل بايلىقى بولغاچقا،ئې-غىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا مۇكەممەللىشىپ،بېيىپ، مەنىسى  يىلسېرى چوڭقۇرلىشىپ ۋە تۇراقلىشىپ ،مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن پارچىلاشقا ،  تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىغا باشقا سۆزلەرنى قويۇشقا ياكى تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە تۇراقلىشىپ    كەتكەن.ئۇنى ئازراق ئۆزگەرتسىلا ئەسلىدىكى مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بىراق،مەيلى رادىيو،    تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرى بولسۇن،مەيلى تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىدە بولسۇن ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئالاقە،سۆھبەتلىرىدا بولسۇن،ماقال.تەمسىل ۋە ئىدىيوملارنى بۇزۇپ ئىشلىتىش ئەھۋالى  مەۋجۇد. مەسىلەن:"  تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك"دېگەننى،" يوق يەردىن تۈك     ئۈندۈرمەك"دەپ،"توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،ئۆچكە جاڭگال "دېگەننى،"توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،قويچى جاڭگال "دەپ،"تاغدا يولۋاس بولمىسا،مايمۇن پادىشاھ"دېگەننى "يولۋاس   يوق يەردە مايمۇن پادىشاھ بولىۋاپتۇ"دەپ...،،«سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار» دېگەننى «سەۋر قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار» دەپ ،ئىشقىلىپ،ئازراق بىر    يېرىنى ئاڭلىۋېلىپلا  قالغىنىنى خالىغانچە تۇقۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار خېلى ئېغىر.
  6.ئەبجەش تىلدا سۆزلەش
  كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىپ،بىللە ياشاۋاتقان رايۇندا تىلنىڭ  ئۆز ئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ،لېكىن بۇنىڭدىمۇ بەلگىلىك قائىدە بار.ئۇ بولسىمۇ ،ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا شۇ مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپالمىغاندا،   باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن ئۆز ئەينى قۇبۇل قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ تىل قائىدىسىگە بويسۇن -دۇرۇپ  ئىشلىتىش.لېكىن،ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بار سۆزنىڭ ئورنىغا باشقا مىللەت تىلىدىكى سۆزنى ئىشلىتىش تىل يېزىق خىزمىتىدىكى مەسئۇليەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەممە مىللەتتە ئورتاق.بىراق،بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا   سۆھبەتلىرىدە،پاراڭلىرىدا ھېچ قايسى مىللەتنىڭ    تىلىغا ئوخشىمايدىغان تىل   بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىۋاتىمىز. ئۇلار،ئاپتۇۋۇز،ماگىزىن ۋە باشقا ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ بىر قانچە تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك،ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ توختىماي   ۋالاقلىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ   ئادەم بەزىدە نومۇس قىلىدۇ.قوش تىللىق بولۇش،كۆپ تىللىق بولۇش ياخشى   ئىش،بىراق،ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىدىغان ئورنى بار.سورۇنغا،ئەتراپتىكى ئاڭلىغۇچىلارغا قاراپ ئىشلىتىش  كېرەك.
7.تىنىش بەلگىلىرىنى خاتا ئىشلىتىش
  تىنىش بەلگىلىرىنى خاتا ئىشلىتىش مەتبۇئات،نەشىرىيات ۋە تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.بۇ ھەقتە ئايرىم  ماقالە يېزىشنى  مۇۋاپىق كۆردۈم.شۇنداقتىمۇ بەزى مىساللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىماقچىمەن.    مەسىلەن:"يارى بولسا" ناملىق خەلق ناخشىسىدىكى"كۆزلەرى چولپان يۇلتۇزدەك    بولسا"دېگەن مىسرانى،"كۆزلەرى چولپان،يۇلتۇزدەك بولسا"دەپ "يۇلتۇز"بىلەن"   چولپان" نىڭ ئارىسىغا پەش قويۇپ،ئەسلىدىكى بېقىندىلىق سۆزبىرىكمىسىنى   تەڭداش سۆز بىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.   يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ  نۇرلۇقى چولپان يۇلتۇز،شۇڭا خەلقىمىز بۇ ناخشىدا يارنىڭ كۆزىنىڭ ئەڭ نۇرلۇق بولغان چولپان يۇلتۇزدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان،  ئەپسۇس بۇنى ئىكرانغا   يازغانلار "چولپان"بىلەن "يۇلتۇز"نى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، ئەسلىدىكى تېكستنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىۋەتكەن.
يەنە بىر  ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىكرانغا يازغاندا"شائىر،ئالىم،سەنئەتكار "دېگەن تەڭداش سۆز بىرىكمىسىنىڭ  تەركىبىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئارىسىغا پەش قويمات،بىر-بىرىگە ئۇلاپ يازغان.بۇنداق مىساللار كۆپ.
8.ئىملا خاتالىقى كۆپ
  بەزى گېزىت،ژورناللاردا، يەنە بەزى ئىكرانغا يازغان مەزمۇن چۈشەندۈرۈشى ۋە     ناخشا تېكىستلىرىدە ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىر.مەسىلەن:"چىغىر يول"ناملىق ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىكرانغا يازغاندا،"ئورما"سۆزىنى "ئوما" دەپ يازغان.
يەنە مەلۇم بىر گېزىتنىڭ "ئامېرىكا تەيۋەن ئارمىيەسىگە <يېڭى تەكلىپ>بەردى"دېگەن ماۋزۇسىدىكى "بەردى"سۆزىنى "بەزدى"دەپ يازغان.
باشتا ئەسكەرتكىنىمدەك،بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.ھەممىنى ساناپ ئولتۇرۇش ۋاقىت ھەم قەغەز ئىسراپچىلىقى بولىدۇ،بىرى ئارقىلىق مىڭىغا ئىبرەت قىلىش يولى بويىچە ھەر بىر خاتا تىل ھادىسىلىرى ئۈچۈن مۇشىنچىلىك مى- سال كەلتۈرۈش مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.تىلنى بۇزىۋاتقان ،خاتا ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئانا تىل قائىدىلىرىنى ئاز-تولا ئۆگىنىپ قويىشىنى،كۆپرەك كىتاب ئوقۇشىنى،سۆزلىگەندە ۋە يازغاندا تىلنىڭ قائىدىسگە ئەمەل قىلىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى بۇ تىل بىزنىڭ ،بىر مىللەتنىڭ تىلى،ئۇنى قوغداش،راۋاجلاندۇرۇش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بېرىش ھەممىمىزنىڭ  ئورتاق مەسئۇليىتى.بۇنداق خاتالىقلار تور يازمىلىرىدىمۇ ئاز ئەمەس.ئۆز تىلىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمىگەن  كىشىنى باشقا مىللەتلەرمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ.

ئاخىرىدا قايسى بىر دانانىڭ "ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە يەر يۈتىدۇ"دېگەن   ھېكمەتلىك سۆزىنى  ئوقۇر -مەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى،"سۆيگەن يارىم سەن   بولساڭ،كۆرگەن كۈنۈم نە بولغاي"دېگەن تەمسىل بىلەن ماقالىنى ئاخىرلاشتۇۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

  

مەنبە: مەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-20 11:52 PM  


ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 11:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ماقالىنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە بولسا توغرىلاپ قويۇشىنى  ئۈمىد قىلىمەن.

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45607
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6535 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:29:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تىل-بىر مىللەتنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى. تىلغا ئىختىيارسىز، ئەلدە ئېتىبارسىز بولىدۇ.  تەۋەرۈك ئانا تىلىمىزدا بار-يوقى پەقەت  ئوتتۇز ئىككىلا  ھەرپ بار بولۇپ، كۈندە بىردىن ئۆگەنگەندىمۇ  بىر ئايدا ئىگىلەپ بولۇش تامامەن مۇمكىن. ئەمما  ئۆز ئىسىم-شەرىپىمىزنى بولسىمۇ  نۇقسانسىز  يازالمايدىغانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس!!!!!
   ئەھمىيەتلىك ماقالىنى مۇنبەرداشلار سەمىگە سۇنغان ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:31:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئانا تىلىمنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشتىم . بۇ تېمىڭىز مەن ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتىريالى بولغۇدەك. رەھمەت  سىزگە.

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:55:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز،ھەممەيلەن ئۇيغۇرتىلىنىڭ قوللانغۇچىلىرى،بىز چوقۇم ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىشنى مۇھىم دەپ قارىشىمىز كېرەك،مەنمۇ تىرىشاي جۇمۇ،
مەن بۇ ماقالىدا بىر نەچچە ئىملا خاتالىقىنى كۆرگەندەك قىلدىم.ئەمما ئاساسىي مەزمونىغا تەسىر يەتمەپتۇ.رادىيۇ ئەمەس رادىئو...........
ھەممەيلەن سىزدەكلا ئويلىسا بەك ياخشى بۇلاتتى.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 01:17:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى  قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 01:38:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنى ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت ،
نەقىل: رادىيۇ ئەمەس رادىئو....
2009-يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق تىل-يېزىق -كومېتىتى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا قائىدىسىنى قايتىدىن تۈزىتىپ ئېلان قىلدى.يېڭى قائىدىدە »رادىئۇ «ئەمەس،»رادىيو » دەپ كۆرسىتىلدى  .تورداشلار ۋاقىپ بولغاي.

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 02:40:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەپسىلى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر يېزىلىپتۇ ...ئېسىل تېمىكەن ...ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:04:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا  ئىشچى _خىزمەچىلەرنىڭ كومپىيوتۇر مەشخۇلاتى ،ۋە باشقا ماتىرياللار مۇ ئۇغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولسا

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقىل:بولسا  ئىشچى _خىزمەچىلەرنىڭ كومپىيوتۇر مەشخۇلاتى ،ۋە باشقا ماتىرياللار مۇ ئۇغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولسا

«ئۇغۇرچىلاشتۇرۇلغان » ئەمەس« ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان»

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش