ېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،
بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايىت
http://www.alimahat.com/alkatip57free.exe مەنبە ؛ئالىم ئەھەت بىلوگى