ئەسسالام ئىقتىساس ئىگىلىرى، رادىئو-كىنو- تېلېۋىزىيە، سەنئەتلىك تېخنىكا ساھەسىدىكى نامسىز قەھرىمانلار، ئۆز ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىۋاتقان تىرىشچانلار.
شىركىتىمىزنىڭ 2012- يىللىق پىلان نىشانى بۇيىنچە ، رادىئو-كىنو- تېلېۋىزىيە، سەنئەتلىك تېخنىكا ساھەسىدىكى غوللۇق تېخنىكلارغا ئىشتىن سېرىتقى بولسۇن ۋە ياكى شىركىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورنىدىن بولسۇن، ئىقتىساسلىقلار توپلانغان،ئىقتىساسلىقلارغا ئۆز قابىلىيتىنى نامايەن قىلدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، ۋە ئىقتىساسلىقلارنى شىركىتىمىز بىلەن توختام ئارقىلىق مۇئەييەن ئىقتىسادى قىممەتكە ئىرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش مەخسىتىدە بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
تۈۋەندىكى كەسىپ تۈرلىرى بۇيىنچە ئۆز قابىلىيتىنى نامايەن قىلىپ، بىلىمىنى ئىشلىتىپ، شىركىتىمىز تەلىپى بۇيىنچە بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشنى ئويلايدىغان كەسپى ئىگىلىرى، مەيلى قەيەردە ئىشلىسۇن، مۇقۇم خىزمىتى بولسۇن بولمىسۇن،پەقەت ئىقتىدارى بولسىلا، شىركىتىمىز مۇۋاپىق شارائىت، ۋە ۋاقىت بىلەن تەمىنلەپ، كەسىپ ئىگىلىرىگە توختاملىق ئىش قىلدۇرىدۇ.
شىركىتىمىز ئېھتىياجلىق كەسىپلەر:
1. سېنارىيە بۆلۈمىگە ياردەملىشىپ بەلگىلەنگەن مەزمۇن بۇيىنچە سىنارىيە يېزىپ ئىقتىسادى قىممەتكە ئېرىشىش.
سىنارىيە ھەققى: ھەر بىر مەيدان كۆرۈنۈش، دىئالوگ،پىرسۇناژ خارەكتىرىنى يارىتىشقا قاراپ، بۇ سېنارىست بىلەن توختاملىشىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، تەلەپ بۇيىنچە سېنارىيە يېزىپ تاپشۇرسا بولىدۇ.
تېزىملىتىش تەلىپى: ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋە ئەڭ گەۋدىلىك بىر پارچە ئەسىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلۈكىنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بولىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
2. تەقلىدى كۆرۈنۈش سىزغۇچى –
سىنارىيە مەزمۇنىنى رېژىسورنىڭ تەلىپى بۇيىنچە تېز سىزما قىلىپ كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىپ سىزىپ بەرگۈچى، ھەربىر كۆرۈنۈش ئايرىمىسى بۇيىنچە ھەق بېرىلىدۇ .
تېزىملىتىش تەلىپى: ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تولۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋە ئەڭ گەۋدىلىك تېز سىزما ئەسىرىنى
بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
3. ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈم تېخنىكا ئىشلىگۈچى :
بەلگۈلەنگەن تەلەپ بۇيىنچە ، تېخنىكا يىتەكچىسى ۋە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈملەرنى ياسىيالايدىغان كەسىپ ئىگىلىرى، ھەر بىر مۇناسىۋەتلىك بۆلەك نىڭ سىكونىت بىرلىكى بۇيىنچە ئىش ھەققى ھېساپلىنىدۇ. ئىش ھەققى توختام تۈزۈشتىن بۇرۇن كىلىشىلىدۇ.
تېزىملىتىش تەلىپى : ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋە ئەڭ گەۋدىلىك 3 پارچە ئەسىرىنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.( ئەسكەرتىش: مەشىق قىلىش نىيتىدە بولغانلار، ۋە ياكى 3 يىلدىن تۈۋەن خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەسلىكىنى سۇرايمىز.)
4. نەخ مەيدان ئاۋاز ئالغۇچى ۋە مۇزىكا–ئاۋاز تېخنىكى
شىركىتىمىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، ئاۋاز ئېلىش، كىرىشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، شىركىتىمىز تەمىنلىگەن نەق مەيدان ئاۋاز ئېلىش،ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىپ،ئاۋاز ۋە مۇزىكا ئىشلەش ئەسۋاپ ئۈسكىنىلىرى بىمالال ئىشلىتىپ، تەلەپ بۇيىنچە مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان، مۇزىكا كەسپىدە ئۇقۇغان ، نوتا بىلىدىغانلار خىزمەتنىڭ بۆلەك ، بۈلەكلىرى بۇيىنىچە شىركىتىمىز بىلەن توختاملىشىدۇ .شىركىتىمىز خىزمەت ۋاقتى ۋە ئۈسكىنىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تېزىملىتىش تەلىپى : ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى مۇھىمى ئۈزىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئۇقۇغانلىق، مۇزىكا ئاۋاز دېتاللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
5. كىنو- تېلېۋىزىيە كىيىمچىكلىكى
سىنارىينىڭ ۋە رېژىسسورنىڭ تەلىپى بۇيىنچە، كىتاپتا تەسۋېرلەنگەن ۋە ياكى رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كىيىم كىچەكنى لاھىيەلەپ تىكەلەيدىغان، نەق مەيداندا شۇ كىيىم - كىچەكنى ئىشلىتىپ، سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشالايدىغان،- كىيىم كىسىش - تىكىش كەسپىنى بىلىدىغان، بۇ كەسپكە ئىشتىياق باغلىغان ئىقتىساد ئىگىسى ، ئىش ھەققى لاھىيلەنگەن كىيىم كىچەك، ۋە نەق مەيداندىكى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن بەلگۈلىنىدۇ .
تېزىملىتىش تەلىپى : ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى كىيىم كىچەك كەسپىدىكى يىڭىلىقلىرىنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
6. كىنو- تېلېۋىزىيە- سەھنە گىىرىمچىكلىكى
مەخسۇس بۇ كەسىپتە ئۇقۇغان ۋە ياكى خىزمەت تارىخى 3 يىلدىن يۇقىرى بولغانلار، ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ۋە ياكى ئىسپات رەسىملىرىنى بەلگۈلەنگەن ئادرىسقا ئەۋەتسە بۇلىدۇ،(بۇ كەسىپتىكىلەر قانداق ھەق ھېساپلىنىغانلىقىنى بىلىدۇ)
7. كىنو- تېلېۋىزىيە قورال سايمان مۇلازىمى
مەخسۇس بۇ كەسىپتە ئۇقۇغان ۋە ياكى خىزمەت تارىخى 3 يىلدىن يۇقىرى بولغانلار، ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ۋە ياكى ئىسپات رەسىملىرىنى بەلگىلەنگەن ئادرىسقا ئەۋەتسە بۇلىدۇ،(بۇ كەسىپتىكىلەر قانداق ھەق ھېساپلىنىغانلىقىنى بىلىدۇ)
8. تەكشىلىكتە ئېلان لايىھىلىگۈچى
خىزمەت تارىخى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 3 يىلدىن تۈۋەن بولمىغان، ئۆزگىچە لاھيىھەلەش ئۇسلۇبى بولغان ، مۇستەقىل لاھىيە پىرىنسىپى بولغان ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن پايدىلىنىش نىسپىتى ئاز بولغان، لايىھىلىگۈچىلەر ئۆز ئەسىرىنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ لايىھە ھەق ئۆلچىمىنى بىللە ئەۋەتسە بۇلىدۇ. لايىھە ھەق ئۆلچىمى ھەممە تۈردىكى تەكشىلىك لايىھىلىرىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
9. رادىئو- كىنو- تېلېۋىزىيە كەسپىدىكى بازار ئاچقۇچى ، كەسپى مەمۇرى خادىم :
شىركىتىمىزنىڭ كەسىپ دائىرسى ۋە شىركىتىمىز مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرنىڭ بازارغا يۈلىنىشى، ھەرقايسى خېرىدار شىركەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كەسپى مەمۇر خادىم شىركىتمىزدە مۇقۇم خىزمەت ئورنىغا،مۇقۇم ئىش ھەققىگە، ۋە ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بۇلىدۇ .
تېزىملىتىش شەرتى : ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋە يىڭى پىلان لايىھىلىرىننىڭ قىسقىچە نۇسقىسىنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
10 . ئىشتىن سېرتقى كاتىپلىق ۋە تەرجىمانلىق
شىركىتىمىزنىڭ كەسپى ئىشلىرىغا ئۆزنىڭ ئەمىلى ۋاقتى، خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە ياردەمدە بولالايدىغان، خەنزۇچە– ئىنگىلىزچە تەرجىمە سەۋىيىسىگە ئىگە، كومپىيۇتىردا خەت ئۇررالايدىغان، ئالاقىغا ماھىر بولغانلار
تەرجىمە ماتېريالى، خىزمەت سۈپىتىگە قاراپ ، شىركىتىمىز بىلەن ھەربىر ئىش بۆلۈكىدە توختام تۈزۈپ ئىشلەيدۇ.
تېزىملىتىش شەرتى : ئاۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى، تۇلۇق ئالاقە ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋە خىزمەت تارىخىدىكى ئىسپاتلارنى بەلگىلەنگەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بۇلىدۇ، كەسپ مەسئۇلى ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
ئالاقە : Email:xdesign0991@hotmail.com
تېلفۇن: 09918555155 ( نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلفۇن قىلىڭ!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-20 03:35 PM