مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 10

ھىجراننامە (10) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8113
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 11:41:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ھېجران گۈلى

ھېدىڭنى سېغىنسام گۈلدىن پۇرايمەن،
جايىڭنى ئىزدىسەم كىمدىن سورايمەن ؟
خالىساڭ قەدىرلەپ قىسقىن چېكەڭگە ،
يار، ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولاي مەن .


كېلەرسەن مىڭ تونۇر ئوتلارنى باشلاپ ،
كېتەرسەن ھىجراندا كۆزۈمنى ياشلاپ .
كېلەردە ۋەسلىڭدىن ئۇزاتساڭ شەربەت ،
كېتەردە قالارمەن ھەسرەت باغاشلاپ .


بويۇڭغا تىلتۇمار بولغۇم كىلىدۇ،
گاھىدا ئەركىلەپ قويغۇم كىلىدۇ .
كۆپ زامان ئۆرتىنىپ كۆيگەنلىكىمنى،
يار، ساڭا ئېيتمىدىم، ئىگەم بىلىدۇ.


ئاھ دەيمەن، تاڭلارغا تۇتاشسۇن ئاھىم ،
ئۇيقۇسىز تۈنلەرگە ئۇلاشسۇن ئاھىم .
بۇ قەدەر كۆيمەكلىك شىرىن ئازاپتۇر ،
مەيلىغۇ، رازىمەن، كۆيدۈر نىگارىم...


شامالدىن ئەۋەتكەن خېتىم باردىمۇ ؟
ۋە ياكى تەڭ يولدا ھېرىپ قالدىمۇ ؟
جاۋاپقا بەرگۈدەك گۈلۈڭ يوقمىكىن ؟
مېھرىڭنى خۇدايىم ياتقا سالدىمۇ ؟...

  
كەلمىدى

(توخسۇن ھۆسىيىن ئەلقۇت غەزىلىگە تەخمىس)

كۈنۈ-تۈن كۈتتۈم نىگارىم كەلمىدى،
خۇش كۈلۈپ لەيلى ناھارىم كەلمىدى،
بۇ كۆڭۈل پەسلى باھارىم كەلمىدى،
كەلمىدى ، جانۇ – جاھانىم كەلمىدى،
ھۆسنى ئاي ، ماھىي تابانىم كەلمىدى.

ئىشقىدىن ياغدى ئەزىز جانغا خەتەر،
ياكى ئۇندىن خوپمىكىن دەيمەن زەھەر،
يىغلىدىم نالە قىلىپ شامۇ-سەھەر،
لەۋلىرىدىن سىرغىتىپ دۇررى- گۆھەر،
ئاھ نېتەي ، شېرىن زابانىم كەلمىدى.

تالۇ-تال سۇمبۇلى بىرلە باغلىغان،
باغلىبان باغرىمنى ئۆرتەپ داغلىغان،
كۆيدۈرۈپ قۇل قىلمىقىنى چاغلىغان،
بىر بېقىپ ئوتلۇق كۆزىدە ناگىھان،
بىر يولى جاننى ئاتارىم كەلمىدى.

تەلمۈرۈپ، تاڭلارغا دەرد تۆكتۈم شۇڭا،
ناتىۋان باغرىم يارا، ئەرزىم تولا،
بولمىغايلەر مەن كەبى ھۇشتىن جۇدا،
ئۇشبۇ دەم كىيگەنلىرىم جەندە – كۇلا،
تىلغىدى دەشتلەرنى ئاھىم ، كەلمىدى.

چاڭقىدىم ئىشقىڭنى دەپ سەرسان يۈرۈپ،
ئەي نىگار ۋەسلىڭ ئۇزات، كەلگىن كۈلۈپ،
جان بىرەي باغرىڭدا گەر كەتسەم ئۆلۈپ،
رەھمە قىل ، قويغىن پەقەتلا بىر ئۈپۈپ،
بارىدا بۇ تەندە جانىم ، كەلمىدى.

  
كىتەر بولساڭ...

كىتەر بولساڭ يۈرىكىڭنى قويۇپ كەتكەن،
سەن كەلگىچە ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرسۇن.
سىمايىڭنى ئۇيۇۋالاي نەقىش قىلىپ،
دىلخانەمدە قىزىلگۈلدەك كۈلۈپ تۇرسۇن.

كىتەر بولساڭ يۈرىكىمنى ئالغاچ كەتكىن،
ساڭا ھەمراھ بولسۇن شامۇ-سەھەرلەردە .
يىراق يەردە يالغۇزلۇق بەك يامان دەيدۇ،
ئۆزۈڭ يالغۇز يۈرمىگىن يات شەھەرلەردە.

كىتەر بولساڭ كىلەرىڭدىن ئۇچۇر بولسۇن،
رايىم يوقتۇر خەت-خەۋەرسىز كۈتۈشلەرگە.
يوقلۇقۇڭدا تەنھالىقىم ھېچگەپ ئىدى،
كۆنەلمەيمەن ئەمدى يالغۇز ئۆتۈشلەرگە.

كىتەر بولساڭ كەتكىن، لىكىن ئۇنتۇپ كەتمە،
سەن ئۇنتۇساڭ بۇ ئالەمدە تۇرارىم يوق .
كۆيگەن يامان، كۆيگەندىنمۇ كۆنگەن يامان،
ۋىسالىڭدىن ئۆزگە يامان خۇمارىم يوق.

كىتەر بولساڭ كەلگەنلەردىن سالام يوللا،
ئەسلەيدىكەن دەپ شادىمان بولۇپ قالاي.
كىلەلمىسەڭ خېتىڭ كەلسۈن، سۆيگۈڭ كەلسۇن،
كىچىلىرى خىيالىڭدا قونۇپ قالاي...

كىتەر بولساڭ ئاق يول بولسۇن! ئامان بولغىن!
ھەر قەدىمىڭ گۈل ئۈندۈرسۇن ئىقبالىڭغا .
جانانىم بار يىراقتا دەپ ئەسلەپ قويغىن ،
كىچە-كۈندۈز ئىنتىزارمەن ۋىسالىڭغا...




مەنبە: يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-20 11:49 AM  


ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2224
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 02:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن لىرىك ھە!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2224
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 02:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇزىكىنى چۈشۈرەي دىگەن ئادىرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8113
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 02:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad يوللىغان ۋاقتى  2012-2-20 02:46 PM
بۇ مۇزىكىنى چۈشۈرەي دىگەن ئادىرىسىنى يوللاپ قويغان بو ...

http://delete.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/10/Retim-Cn_10875.mp3

ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2224
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 02:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
IZZAT يوللىغان ۋاقتى  2012-2-20 02:49 PM
http://delete.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/10/Retim-Cn_10875.mp3

بۇرۇنقىسىنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم، بۇ يېڭىسى تېخىمۇ لىرىككەن شىئىر بىلەن تولمۇ ماس كەپتۇ .چۈشۈرۈۋالدىم ،رەھمەت سىزگە!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

<نە ئېلاج؟&

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4124
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6820
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 03:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا لىرىكەن !:qiray121:qiray121

ھەقىقەت ئىگىلەر سۇنماس!  ئېسىل ياشا تەڭتۇشلەر!!!!     خاتالاشمايدىىغان ئادەم يوق!كەڭ قورساقلىققا يەتمەس!!!!

ئىنسان_ ھامان ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24665
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6654
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1806 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 04:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن لىرىك .

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 09:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ئايشەمگۇل ئسىملىكلەر مۇشۇنداق  ھىسياتقا.تەسەۋۋۇرغا باي كىلەمدىغاندۇ؟
بارچۇق قىزى ئايشەمگۇلنىڭ ئەسەرلىرنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم
رەخمەت سىزگە ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز !
قەلمىڭىزگە بەركەت.تىلەيمەن

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 734
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 09:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن لىرىك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 734
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 09:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن لىرىك .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش