مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 6

ئۇ بىر ئاشىق ئىدى.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62566
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 10:32:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |








قارغا باغلانغان رىشتە



(نەسىر)





زېمىن يۈزىنى قاتمۇ-قات چۈمكىۋالغان ئاپئاق قارغا قاراپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدىم. قارنىڭ تىۋىشسىز چۈشىشىدىن ھاسىل بولغان سۈكۈنات جىملىق مېنى چەكسىز قارلىق دالىلارغا باشلايتتى.كەچكۈزنىڭ بىردىنبىر ئشارىتى بولغان قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ساپسىرىق يوپۇرماقلار قار ئاستىىن باشلىرىنى چىقىرىشىپ ماڭا قاراپ جىلمىياتتى.ئاياغ ئاستىدىن چىقىۋاتقان غىچ-غىچ ئاۋازلار خۇددى قىشتىكى قار مىلودىيىسىدەك يۈرەكلەرنىڭ پىنھان جايلىرىنى لىرىك تۇيغۇلارغا چۆمدۈرەتتى.

ئىشخانا دەرىزىسدىن ئادەمسىز مەيدانغا، يىراقلارغا سوزۇلۇپ ياتقان مەيۈس بېنالارغا قارىدىم. ھېچكىممۇ دېققەت قىلىپ باقمىغان بىر خىل جىمجىتلىق مېنى چىرمىۋالغان، روھىممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئىدى.

-              نېمە قىلىۋاتىسىز؟

بىرى ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ھېچنىمە بولمىغاندەك ھەر خىل شەكىلدە جىممىدە يېغىۋاتقان قاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي دەرىزە تۈۋىدە تۇراتتىم.

-              مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن.

-              ھە... ھە ! نېمە دېگەن ئىدىڭىز؟

-              نېمە قىلىۋاتىسىز دېدىمغۇ؟

-              قاراڭ، ئاۋۇ يەردە ئويناقشىپ يۈرگەن قارلارغا...

-              ساراڭمۇ سىز؟

-              ياق مەن ساراڭ ئەمەس بەلكى ئاشىق...

-             سىزدەك ئادەمنى تۇنجى كۆرىۋاتىمەن..

-        بەلكىم مەندەك ئادەمنى بۇنىڭدىن كىيىن كۆرەلمەسلىكىڭىز مومكىن... چۈنكى ، مەن جاھاندا يەكتا بىر ئادەم.

-              تولا كاپشىماڭ!

-              كەچۈرۈڭ خانىم سىزگە ياردەم كېرەكمۇ؟

-              لۈكچەك!

-         ھا ھا ھا توغرا ئېيتىسىز، مەن سېپى ئۆزىدىن بىر لۈكچەك...

مەن ھېچكىم بىلەن پاراڭ قىلىۋاتقاندەك ئەمەس ئىدىم. يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاجىز قوياش نۇرى كۆزلىرىمنى چېقىۋەتتى.مەن يىغلىماقچىمۇ بولدۇم، لېكىن مېنىڭ يىغلىشىمنىڭ ھېچبىر نەزىريە ئاساسى يوق ئىدى...

-              توختاڭ!

مەن ئورنۇمدىن قىمىرلىيالمىدىم. بىر نوقتىدا تۇرۇپ ھەر خىل شەكىل چىقىرىپ يېغىۋاتقان قارغا سۆيۈنۈش ھەم ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە قاراپ قويدۇم. دېرىزە پەردىسى يېپىلدى، ئاپئاق پەردە ماڭا يەنىلا ئاپئاق قاردەك كۆرۈنمەكتە ئىدى...

  

2012-يىلى 15- فېۋىرال





زېمىننىڭ چۈشى



(نەسىر)



     ئۇ ھېچقاچان ماڭا كۈلۈپ باقمىغان، ھەم ھېچقاچان ماڭا يىغلاپمۇ باقمىغان.زېمىندىن ئاپرىدە بولغان ھەربىر تال گىياھ، ھەربىر ئىنسان زېمىننىڭ ناز-كەرەشمىسىگە، خۇش كۈلكىسىگە مۇھتاجدۇر بەلكىم... لېكىن ماڭا ئوخشاش گاداي ئادەملەر بىر ئۆمۈر توپا-چاڭ ئارىسىغا بېكىنىپ ياشاپ تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن يۈزى ئەشۇ بىر قەۋەت توپا-توزاندىلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ كېلىشى، كۆز پەردىسىنى ئورىۋالغان خۈنۈكلەشتۈرگۈچى زەررىچىلەر دەستىدىن زېمىننىڭ ئۆزىگە قاراپ جىلمىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالسا كېرەك.

يەنە قار يېغىۋاتىدۇ... قار زېمىنغا، ھەم مېنىڭ يۇيۇنۇپ پاكلىنىشقا ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان قارا قەلبىمگە، ئوتلار كۆيۈپ كۈل بولۇش گىرداۋىدا تۇرغان يۈرىكىمنىڭ بېغىشىغا يېغىۋاتىدۇ. زېمىن ماڭا كۈلۋاتىدۇ... ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇددى بويىغا يەتكەن قىزنىڭ تۇنجى سۆيگەن يىگىتىگە قاراپ كۈلگىنىدەكلا، سەھەر ئاسمىنىدىكى پارلاپ تۇرغان قوياشنىڭ كۈلكىسىدەكلا، ئۆمرىنىڭ توقسان پەسلىنى ياشاپ بولغان ماك-ماك موماينىڭ كۈلكىسدەكلا ساددا ۋە كاتتا...

  مەن يۈزۈمنى دېرىزە ئەينىكىگە ياقتىم.توختىماستىن جېدەللەپ يېغىۋاتقان قار ئۇرۇلىۋاتقان سوغۇق دېرىزە ماڭا خۇددى ئۇنىڭ سوغۇق باغرىنى ئەسلەتمەكتە، ماڭا ئۆزۈمنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇلدۇرماقتا، مېنى ئەشۇ ئادەمنى قىينىغۇچى ئەسلىمىلىرىم قوينىغا ئاستا-ئاستا باشلىماقتا ئىدى.

   ئەنە قار ئۈستىگە ئاپئاق قەغەزگە بېسىلغان تامغىدەكلا بېسىلىپ بېرىۋاتقان تەرتىپسز، قالايمىقان ئىزلار... ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئىزلارنى بىرمۇ-بىر قالدۇرۇپ ماڭماقتا... يىراقلاردىن بىرىنىڭ ئېغىز گارمونىدا مۇڭلىنىپ چېلىۋاتقان مۇزىكىسى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. تەبىئەت خۇددى ئەشۇ مۇڭلۇق كۈينىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقاندەكلا جىمجىت... بۇ يەردە گىدىيىۋالغان مەغرۇر تېرەكلەرمۇ يوق، قاناتلىرىنى كېرىشىپ سامادا لەيلەپ يۈرۈشكەن ئۇچار قاناتلار ئەسلا يوق، نېپىز كىيىمدىن بەدەنلىرىنى كۆرۈندۈرۈپ كېتىشىۋاتقان ئادەملەرمۇ يوق... ئۇلار قاتتىق سوغۇقنىڭ قىيا-قىساڭلىرىدا ئۆزلىرىنى دالدىلارغا ئېلىشقان، بۇ دۇنيادىن جىممىدە يوقۇلۇپ كەتكەن...

    ئەنە مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى بىر ئۆيدىن «ئۆيگە قايتىش» دېگەن مۇزىكىنىڭ لەرزان ئۈنى يىراقلارغا تاراپ قارغا چۆمگەن 50 ئائىلىك بۇ مەھەللىنى رومانتىك ھېسسىيات قوينىغا غەرق قىلىۋاتىدۇ... ئەنە چاپىنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان چالا مەسىت شۇ مۇزىكىنىڭ تەكتىدە ئۆز ئۆيىنى ئىزدەۋاتىدۇ...

   قاراڭ، جىمى ئادەملەر مانا مۇشۇنداق ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا نېمە دېگەن رەھىمسىز ۋە باراۋەرسىز...

قاراڭ، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن يىغلاڭغۇ ھەم كۈلگۈنچەك...



2012-يىلى 13-فېۋىرال




سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ



(نەسىر)



ئادەملەر پەقەت مۇھەببەت تۈپەيلى بىر-بىرىنىڭ بولالالىغان...



-تۇيغۇمدىن



    مەن ئىلھام ئىزدەپ قەيەرلەرگە قاتىرىماقچى؟ مەن بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىز كېچىلىرىدن زادى نېمىلەرنى كۈتمەكچى؟ مەن قۇشلارغا نېمىشقا دەرت تۆكەلمەيمەن؟ ...

مانا بۇلار مەن جاۋاپ تاپالماي يۈرگەن چىگىش سۇئاللارنىڭ روھىمدىكى تەسۋىرى، مېنىڭ مۇھەببەت ھېسياتىمنى كونتىرول قىلىپ تۇرغۇچى تىزگىنەك، مېنىڭ قاغجىراپ تۇرغان روھى ئىستەكلرىمنى چۈشەپ تۇرغان يۈگەن...

    مۇڭلانغان ئېتىزلارغا قارايمەن، ئۇيەر- بۇ يەردە ئۈنۈپ قالغان جىغان، يانتاقلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاشلا مەيۈس... ئادىمىزات دەسسىمەيدىغان قاغجىراق تۇپراقتىن كۆتۈرۈلگەن ئاچچىق بوغۇناق توپا دانچىلىرى شاماللارنىڭ ئەللەيلىتىشىدە مېنىڭ دىماقلىرىمغا ئۇرۇلۇپ مېنى قىينايدۇ...

مەن كېتىمەن، مەن بۇ يەردىن كېتىمەن... مەن بىر قېتىممۇ ساڭا «سەن مېنىڭ»، سەن بىر قېتىممۇ ماڭا «مەن سېنىڭ» دەپ باققىنىمىز يوق، بىزنىڭ دىئالوگلرىمىزدىكى بۇ سۆزلەر ئاللىقاچان گۇگۇم دەھشىتگە نەزەربەنت قىلىنغان... ھەئە، بىز بۇ سۆزلەرنى دىيىشتىن ئۇيۇلىمىز، بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىز شۇنداق بىر تەبئى فورمۇلا ۋە قانۇنىيەتلەرگە ئورانغانكى، بىز ھايات سېركولى بىزگە سىزىپ بەرگەن چەمبەر ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىشقا ئامالسىزمىز. گەرچە ھەر ۋاقىت بىزنى قىيناپ تۇرىدىغان رەزىل ھاياجان، روھىمىز بىلەن قاتمۇ-قات باغلىنىپ كەتكەن جىنسى ئىستەكلىرىمىز رېلىستىن قېچىشقا تەييار تۇرسىمۇ بىر ئۆزىمىزگە قاتتىق ھاي بېرىشكە، ئۆزىمىزگە توختىماستىن يىغلاپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىشكە مەجبۇرمىز...

مەن بۇ يەردىن چوقۇم كېتىمەن، ھەئە، مەن ئادەم قىينىغۇچى بۇ دەشتى-باياۋاندىن چوقۇم كېتىشىم كېرەك، چۈنكى مېنىڭ سېنى «سەن مېنىڭ» دېگۈم، سېنىڭمۇ ھەم «مەن سېنىڭ» دېگنىڭنى ئاڭلىغۇم بار...



2012-يىلى 20- يانىۋار






سۇ



(نەسىر)





-     بوۋا كىمنى ئىزدەيسىز؟

-     مەن ياقا يۇرتتىن كەلگەن بالام، ئازراق ئۇسسۇزلۇق بەرسەڭ بوپتىكەن؟...

-     قېنى ئۆيگە كىرىڭ بوۋا... ئازادە ئولتۇرۇڭ.

-     رەھمەت بالام، ساڭا ئاللاھ يەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن.

-     دېگىنىڭىز كەلسۇن بوۋا... مەڭ ئېلىڭ، مۇزدەك سۇ..

-...

- بالام سەن مۇشۇ سۇ دېگەن نەرسىنىڭ نېمە خاسىيتى بارلىقىنى بىلەمسەن؟

- سۇ ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشىنىڭ كاپالىتى.

- بۇ مۇئەللىمىڭنىڭ ساڭا سۆزلەپ بەرگىنى، ئۇنداقتا سۇنىڭ يەنە نېمە خاسىيتى بارلىقىنى بىلەمسەن؟

- يەنە... يەنە يەر سۇغىرىپ ئېتىزدىن ھوسۇل ئالىمىز...

- ھا ھا ھا، بۇ بايىقى جاۋابىڭنىڭ بىر قىسمى...ساڭا دېسەم بالم بۇ سۇ دېگەننىڭ كارامىتى كۆپ.

- قانداق دەيسىز؟

- سەن بۇرۇن مېنى تونۇمتۇڭ؟

- ياق، ئەمدى كۆرىۋاتىمەن.

- ئۇنداقتا ھازىر مېنى تونىۋالدىڭمۇ؟

- بەلكىم...

- مانا قارا بالام، مانا قولۇمدىكى مۇشۇ بىر قاچا سۇ سەن ۋە مېنىڭدىن بىر ئىبارەت ئىككى ناتونۇشنى بىر يەرگە جەم قىلىپ قىزغىن پاراڭغا سېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ بىر قاچا سۇ يەنە ئىككىمىزنى رەقىبكە، قاتىلغا، دۈشمەنگە ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ.

- قانداقسىگە؟

- سەن كىشىلەرنىڭ بايلىق تالىشىپ قان تۆكۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتامسەن؟

- ھەئە...

- ياخشى، بىلىۋالغىنكى دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەم چاڭقاپ بولالمىغاندا بىر كومزەك ئالتۇن كۈمۈش بىلەن بىر قاچا سۇنى قويۇپ قويساڭ، ئەشۇ بايلىققا قاراپ قويماستىن سۇغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.

- زور بىر ھېكمەتنى دەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت بوۋا.

- خەيىر خوش بالام، سېنى ئەسلەپ تۇرىمەن.

- ئامان بولۇڭ بوۋا، مەنمۇ ھەم سىزنى ئەسلەپ تۇرىمەن...



2012-يىلى 15- فېۋىرال




سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2163
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 12:02:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنىنى تېخڭمۇ بېيتىشقا تىرىشىڭ

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 01:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزلغان ساتىرىكەن،شۇڭا يازغۇچىلار تورىدىن ئەكىلىپ چاپلاپ قويدۇم.بىر ياخشى ئەدەبى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى چەكسىز بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42830
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 732
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 2867 سائەت
تىزىم: 2011-6-1
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 08:53:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ قارغا بولغان سېغىنىشىم تېخىمۇ كۇچىيىپ كەتتى ،قارنى بەك سېغىندىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45610
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 10:06:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەسكەن

سەرسانى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24733
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2808
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 01:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ ئۇنى سەن مىنىڭ دىگۈم ھەم مەن سىنىڭ دىگىننى بەكمۇ ئاڭلىغۇم باتتى
ئەمما مەنمۇششۇ بىر چەمبەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا دىيىشكە ئامالسىزمەن:qiray146

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 05:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قار قاچان ياغىدىكىنە؟ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات يوقما....يامان ئەمەس....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش