مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8217|ئىنكاس: 49

چىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى ئۇيغۇرلار! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 07:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانجۇلار چىيەنلۇڭنىڭ 20-يىلىدىن22-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامۇرسەنا توپىلىڭى ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلار توپڭلىڭىنى باستۇرۇپ،جۇڭغارلارنى تىنجىتتى ۋە داۋاملىق ھالدا ئىلگىرلەپ يەتتە شەھەر تەۋەسىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ 1884-يىلى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئۆلكە تۈزۈمنى ئورناتقانغا قەدەر بولغان يۈز يىلدىن ئارتۇقراق مەزگىل خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن دەۋىر بولدى.ئۇيغۇر خەلقى يىقىنقى زامان تارىخىدا،چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيتىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى ۋە ئىغىر ئىقتىسادىي بۇلاڭ-تالىڭىغا ئۇچرىدى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى،بەخىت-سائادىتى ۋە ئىنسانىي ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،يۈز يىلدىن ئارتۇق جاپالىق كۆرەشلەرنى ئىلىپ باردى.بۇ كۆرەشلەردە تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى،ۋە تارىخچىلار بۇ كۆرەشلەر توغىرسىدا داستان ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى،يەنى << غازات دەرمۇللىك چىن >> موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ،موللا مۇسا سايرامى يازغان << تارىخىي ئەمىنيە، ۋە ئۇنىڭ تولۇقلانغان نۇسخىسى << تارىخى ھەمىدى >> قاتارلىق نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر بار! 1757-يىلىدىن 1884-يىلىغىچەۋە بەلكى ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ شىنجاڭدا مانجۇ ھاكىمىيتىگە قارشى خەلىق قوزغىلاڭلىرى_<< يىغىلىقلار >> ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈپ تۇردى.مۇشۇ مەزگىلدە مانجۇ ھاكىمىيتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مىللىي زۇلۇمى بىلەن ئىقتسادىي جەھەتتىكى بۇلاڭ-تالىڭىنىڭ قانچىلىك ئىغىر بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سالايلى:_ئەينى يىللاردا(1757-1884) جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر يۈز يىگىرمە مىڭدىن بىر يۈز ئاتمىش مىڭغىچە تۈتۈن،بىر مىليوندىن ئارتۇقراق نوپۇس بار ئىدى.(1760-يىلىدىن 1825-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇسى مۇنداق ئىدى:قەشقەر رايونىدا يۈز مىڭدىن بىر يۈز ئەللىك مىڭغىچە،يەكەن رايونىدا ئىككى يۈز مىڭدىن تۆت يۈز مىڭغىچە،خوتەن رايونىدا يۈز مىڭدىن يەتتە يۈز مىڭغىچە،ئاقسۇ رايونىدا بىر يۈز ئەللىك مىڭدىن ئىككى يۈز مىڭغىچە،كۇچا رايونىدا ئىككى يۈز مىڭدىن بەش يۈز مىڭغىچە،جەمئىي يەتتە يۈز مىڭدىن بىر مىليون بەش يۈز مىڭغىچە نوپوس بار ئىدى.)مانجۇ ھاكىمىيتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن،سىياسىي جەھەتتە << يەرلىكلەرنى يەرلىكلەرگە سىلىش>>،<< ئۆزىنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش>> تەك ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈزگۈزدى،ئىقتىسادىي جەھەتتە،شىنجاڭدا تۇرغۇزغان ھەربىي قىسىملىرىنى شۇ جاينىڭ مالىيەسىدىن راسخوت چىقىرىپ بىقىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.شۇڭا خەلىققە ھەددى-ھىسابسىز يىڭى ئالۋان-ياساقلارنى سالدى.شۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدىكى ھەربىي،مۈلكىي ئەمەلدارلىرى ۋە چىرىكلىرىنىڭ يىللىق مائاش تەمىناتى مۇنداق ئىدى:-ئىلى جىياڭجۈنى بىلەن يەكەن خان ئامبىلىنىڭ يىللىق مائاشى ئۈچ يۈز مىڭ سەر كۈمۈش بولۇپ،يىلىغا يەنە مىڭ سەر كۈمۈش قوشۇپ بىرلەتتى،توققۇز مىڭ جىڭ ئاشلىق،ئاتمىش جىڭ كۆك چاي بىلەن تەمنلىنەتتى.ئۇنىڭدىن باشقا مانجۇ ھاكىمىيتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەر بىلەن بارچۇق(مارالبىشى)مۇداپىئە رايونىدا جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قىرىق سەككىز چىرىك ۋە ئىككى يۈز تۈتۈن دىھقان چىرىك تۇرغۇزغان،بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى:يەكەندە ئۈچ يۈز مانجۇ چىرىكى،ئىككى مىڭ بەش يۈز يىشىل تۇغلۇق چىرىك بار ئىدى،قەشقەردە مانجۇ،شىبە،سولون چىرىكلىرىدىن بەش يۈزى،يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن ئۈچ مىڭ بەش يۈزى بار ئىدى،يىڭىساردا يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن مىڭى بار ئىدى،ئاقسۇدا يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن بىر مىڭ ئالتە يۈزى بار ئىدى،خوتەندە خوتەندە يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن ئۈچ يۈزى بار ئىدى،ئۈچ تۇرپاندا يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن بىر مىڭ بەش يۈز يەتمىش ئۈچى بار ئىدى،كۇچادا يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن ئۈچ يۈز ئىككىسى بار ئىدى،قارا شەھەردە يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن ئۈچ يۈز ئۈچى بار ئىدى،بارچۇقتا يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن يەتتە يۈز ئەللىكى بار ئىدى،ئىككى يۈز تۈتۈن دىھقان چىرىك بار ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارباغاتايدا مانجۇ،شىبە،سۇلۇن كۈرەسىگە تەۋە بەش يۈز يەتمىش توققۇز چىرىك بار ئىدى،ئۈرۈمچىدە مانجۇ چىرىكىدىن تۆت يۈزى،يىشىل تۇغلۇق چىرىكتىن بىر مىڭ بىر يۈز ئوتتۇز يەتتىسى بار ئىدى،بارلۇقتا ئويرۇت،چاخار كۈرەسىگە تەۋە بىر مىڭ سەككىز يۈزدىن ئارتۇقراق چىرىك تۇراتتى.(يۇقىرقى سانلار ئىلىدىكى توققۇز كۈرەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي،مۈلكىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)مانجۇ ھاكىمىيتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى تولىمۇ كىلەڭسىز ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپراتلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن،يۇقىرقى ئىقتىسادى ۋە تەمىنات يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئىلى رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى خەلىقنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەنىدى.مانجۇ ھاكىمىيتى ھەر يىلى قەشقەر رايونىدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە،بىر يۈز يەتمىش مىڭ پۇت( ئىغىرلىق ئۆلچىمى:-بىر پۇت تەخمىنەن ئوتتۇز ئۈچ جىڭغا توغرا كىلىدۇ.)ئاشلىق،بىر تۈمەن توپ گەزلىمە سىلىق يىغىۋالاتتى،كۇچادىن يىگىرمە تۆت پۇت ئاشلىق،بىر يۈز سەكسەن جىڭ مىس،ئىككى يۈز جىڭ سىلتىر(مىلتىق دورىسىغا ئىشلىتىلدۇ.)ئۈچ يۈز جىڭ گۈڭگۈرىت سىلىق يىغىۋالاتتى.جەمىئىي مانجۇلار پۈتۈن شىنجاڭدىن يىلىغا كەم دىگەندە بەش مىليون سەر كۈمۈش تەڭگىنى سىلىق ھىسابىدا يىغىۋالاتتى.دىمەك،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر بىر جان يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بەش كۈمۈش تەڭگىدىن سىلىق تۆلەيتى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەرلىك فىئوداللارغا تۆلەيدىغان ھەر خىل باج-سىلىقلىرى تىخى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى.دىمەك،زورلۇق-زومبۇلۇق،ئالۋان-ياساق ۋە قاتمۇ-قات زۇلۇم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن چىرىك ھۆكۈمەت_مانجۇ ھاكىمىيتى ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت بارغانسىرى كۈچەيمەكتە ئىدى.مانجۇ ھاكىمىيتىنىڭ مالىيەسى قۇرۇغدىلىپ،ماڭارغا يول تاپالماي،ئەڭ ئاخىرى ئاقچىنىڭ كۇرىسنى چۈشۈرۈش،ئاقچىنى ھەدەپ كۆپلەپ تارقىتىش چارىسى قوللاندى.قارىماققا،مۇشۇ چارە بىلەنلا قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈپ كىتىشكە بولدىغاندەك قىلاتتى.بىراق بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك،خەلىقنىڭ مانجۇ ھاكىمىيتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى تىخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.دىمەك خەلق  قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى مانجۇ ھاكىمىيتىنىڭ ئىقتسادىي جەھەتتىكى دەھشەتلىك بۇلاڭ-تالىڭى بولغانىدى.خەلق قولىغا ئارا-كەتمەن ئىلىپ،ئەزگۈچىلەرنىڭ چىش-تىرنقىغىچە قوراللانغان ئارمىيسىگە قارشى چىقتى.مۇشۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى ئىچىدە 1764-يىلى ئۈچ تۇرپاندا يۈز بەرگەن << جىگدە يىغىلىقى >> بىلەن 1864-يىللىرى كۇچا،قەشقەر،خوتەن،ئىلىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار ئەڭ مەشھۇر قوزغىلاڭلار ھىسابلىنىدۇ.جىگدە يىغىلقىنىڭ سەۋەى بولسا چىيەنلۇڭ ئىپارخاندىن نىمە تەلىپىڭ بار دىگەندە يۇرتۇمدا غولى تۈمۈردىن،مىۋىسى ئالتۇندىن،ياپرىقى كۈمۈشتىن بىر دەرەخ بار ئىدى شۇنى كۆرگۈم كەلدى دىگەن،چىيەنلۇڭ پەرمان چۈشۈرۈپ شۇ دەرەخ،يەنى جىگدە دەرىخىنى ئەكەلدۈرۈپ ئوردىسىغا ئەكىلىپ تىكىشكە بۇيرۇق بەرگەن،بۇ ئەلۋەتتە شۇ دەۋىردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن،خان ئامبال سۇچى چىيەنلۇڭنىڭ پەرمانىنى تەخىرسىز ئورۇنداش ئۈچۈن ياساۋۇلبىشى رەھمىتۇللا بەگكە  دەرھال ئىككى يۈز نەپەر ھاشارچىنى ئىلىپ،ئۇلارغا يىگىرمە تۆت تۇڭغا ئۇلتۇرغۇزۇلغان جىگدە كۆچىتىنى كۆتۈرگۈزۈپ بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشنى بۇيرۇدى.ھاشارچىلار جىگدە كۆچىتى ۋە خان ئامبال سۇچىنىڭ يۇرتىغا ماڭغۇزغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئىلىپ يولغا چىقتى،بىراق بىر ھاشارچىنىڭ پۇتى مىتكوت بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغاندا بىر چىرىك ئۇنى قاتتق ئۇرۇپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ھاشارچى چىرككە يانغىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى،شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەھمىتۇللا بەگنىڭ باشچىلقىدا ھاشارچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇ پۈتۈن ئۈچتۈرپانغا كىڭەيدى،بىراق قوزغىلاڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى،مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،مانجۇ ھاكىمىيتى 1758-يىلىدىكى <<خوجىلار يىغىلىقى>> دىن1765-يىلىدىكى << جىگدە يىغىلىقى >> مەغلۇپ بولغانغا قەدەر قىسقىغىنا يەتتە يىل ئىچىدە،ئۇيغۇر خە؛قىنى شۇنداق دەھشەتلىك باستۇردىكى،بەش يۈز مىڭ بىگۇناھ كىشى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈلدى.ئاقسۇ دەرياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولغانلىقتىن،كىشلەر دەريا سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەنىدى،مانجۇ ھاكىمىيتى ئون ئىككى مىڭ دىھقاننى مۇزات ئارقىلىق ئىلىغا پالىدى،<< جىگدە يىغىلىقى >> دىن ئىلگىرى،ئاقسۇدا ئىككى تۈمەن تۈتۈن،ئۈچتۇرپاندا بىر تۈمەن تۈتۈن،قەقەر رايونىدا سەككىز تۈمەن تۈتۈن ئاھالە بار ئىدى،<< جىگدە يىغىلىقى >> دىن كىيىن،بەزى جايلاردا ئادەم ئۇرۇقى قۇرتۇۋىتىلدى،مەسىلەن:-ئۈچ تۇرپان ئادەم قالمىغانلىقتىن بۇ يەرگە،تۇرپان،توقسۇن،پىچان قاتارلىق جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈلدى.بەزى جايلاردا نوپۇس يەتمىش بەش پىرسەنىت كىمىيىپ كەتتى،مەسىلەن:بۈگۈردە بۇرۇن ئىككى مىڭ تۈتۈن بولغان بولسا،1778-يىلى ئاران بەش يۈز تۈتۈن قالدى.بىراق،ئەكسىيەتچىلەرنىڭ دەھشەتلىك جازالىرى،قانلىق قىرغىنچىلىقى خەلىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىنى ئەزەلدىن ئۆچۈرەلىگىنى يوق.ئەزگۈچىلەرنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى خەلىقنىڭ غەزىپىنى تىخىمۇ قاتتىق،تىخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوزغاشقا سەۋەبچى بولۇپ،ھەممىلا يەرنى قۇرۇق ئوتۇن بىلەن تولدۇراتتى،ئازراق ئوت ئۇچقۇنى بولسىلا،چاراسلاپ يىنىپ كىتەتتى_دە،ئاخىرى بىرىپ پۈتۈن ئۆلكىنى قاپلىغان چوڭ يانغىنغا ئايلىناتتى. 1882-يىلى گەنسۇ،نىڭشىيا،چڭىخەي،شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى خۇيزۇلار تەيپىڭ تىيەنگو دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن،مانجۇلارنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمىغا قارشى ھەممىدىن ئاۋال قوزغىلاڭ كۆتۈردى،قوزغىلاڭ خەۋىرى شىنجاڭغا تىزلا يىتىپ كەلدى،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈردى.شىنجاڭدا قوزغىلاڭ ئەڭ بۇرۇن كۇچادا پارتىلاپ،ئاندىن تىزلا پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭغا كىڭەيدى،شۇ چاغدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنىڭ ئاساسلىقى مۇنۇلار ئىدى:_راشىدىن خوجا باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭچىلار كۇچا،ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان ۋە قارا شەرھەرلەرنى مانجۇلار قولىدىن تارتىۋالدى،داۋۇت خەلىپە باشچىلىقىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار كۇچا قوشوننىڭ ياردىمى بىلەن،ئۈرۈمچى،تۇرپان،گومودى،ماناس،فۇكاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى تارتىۋالدى،سىدىقبەگ،جىن شىياڭيىڭ،ما تۆرە،ئابدۇراھمان ھەزرەت،ھەبىبۇللا ھەزرەت(ھاجى پادىشاھ) باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر،يەكەن،خوتەن شەھەرلىرىنى تارتىۋالدى،ئابدۇرۇسۇلبەگ،مەزەمزات،سادىر پالۋان باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئىلىنى مانجۇلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى،(شۇ چاغدا پۈتۈن شىنجاڭنى ئىلى جىياڭجۈنى باشقۇراتتى ۋە ئىلى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى.)ئىمام باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭچىلار چۆچەكنى تارتىۋالدى.بىراق بۇلارنىڭ ئارىسىغا يەنى ئاساسىي قىسمىغا چوڭ يەر ئىگىللىرى،دىنى روھانىيلار(كىشلەرنى دۇنيا تىرىكچىلكىدىن قول ئۈزۈپ ئاخىرەتكىلا كۈچەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان خوجىلار.)،پومشىچىكلار كىرۋالغان بولۇپ،ئاساسەن قوزغىلاڭلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەيتى ۋە ھەدىسىلا بىر-بىرىدىن ھوقوق-مەنپەئەت تالىشاتتى، ئۇلارغا ئەگەشكەن دىھقانلار بولسا ئالۋان-ياساقلارنىڭ كىمەيتىلشىنى ئۈمۈد قىلاتتى! دىمەك خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مىۋىسى يۇقىرى تەبىقىدىكى(ئۆز مەنپەتىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلدىغان)كۈچلەرنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى.ياقۇببەگ خوجا ئەۋلادى بولغان بۇزرۇك خوجىغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلدى،ۋە ئىنتايىن رەزىل ئويۇنلارنى ئويناپ،راشىدىن خوجا،ھەبىبۇللا خان قاتارلىق قوزغىلاڭ باشلامچىللىرىنى سۇيقەسىت بىلەن ئۆلتۈردى،مۇشۇ سەۋەبلىك خوتەندە چوڭ كۆلەملىك ياقۇببەگ ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغىلاڭ بولدى،بۇ قوزغىلاڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى،يەنى ئەللىك مىڭدىن كۆپ ئادەم مۇشۇ قىتىملىق قوزغىلاڭدا قىرغىن قىلىندى،راشىدىن خوجىنى بولسا سۈيقەسىت بىلەن كاللىسىنى ئالدى،شۇنى ئەسكەرتىپ ئۈتۈشۈشكە ئەرزىيدىكى ياقۇببەگ ئۆز يىقىنلىرى يەنى قوقەنتلىك ۋە يەرلىك ئۆزىگە سادىق بولغان كىشلەرنىلا يۇقىرى ۋەزىپىگە قويغان.قوزغىلاڭنىڭ مىۋىسىنى تارتىۋالغان.1884-يىلى زوزوڭتاڭ 60 مىڭ كىشلىك قوشون بىلەن بۇ جاينى قايتۇرۋالدى ۋە شىنجاڭ دىگەن نام بىلەن ئۆلكە قۇرۇلدى،شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1930-يىللىرىغىچە كىچىك كۆلەمدىكى قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇردى،ئاندىن 1931-يىلى خوجانىياز ھاجى باشچىلقىدا ئاۋال قۇمۇلدا،ئاندىن 1933-يىلى 2-ئايدا مۇھەممەتئىمىن باشچىلقىدا چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ بولدى!1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بولدى،شىنجاڭ 1949-يىلىغا كەلگەندە پارتىيمىز تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى ۋە 1955-يىلى ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلدى!                                                                                                                                                 پايدىلانغان مەنبە:_<< بەدۆلەت يانغىن قاپلىغان تۇپراق >> رومانى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 07:34 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوشۇق گەپ قىلماي، بەك قايغۇردۇم.:qiray146:qiray146:qiray146

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  تارىخلارنى ئۇقۇسا، ئادەمگە ئازاپتىن ، نادامەت پۇشايماندىن باشقىنى  ئارتۇق قىلمايدۇ؟

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:39:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ دەۋىردىكى قىزلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئىسىلى رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان،ئۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن،كىيىن خائىنلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن بىر تاغدا شىھىت بولغان،ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بار دەپ ئاڭلىغان،يەتتە قىزلىرىم دىگەن شۇ،يەنە نۇزۇگۇممۇ بار،ئۇ جاھانگىر خوجىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ،بىر مانجۇ ئەمەلدارى زورلاپ خوتۇن قىلغان،توي ئاخشىمى ئۇ ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ يۈرۈپ ئالتە ئايدىن كىيىن قولغا چۈشۈپ كاللىسى ئىلىنغان!بۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز،ھازىرقى خانىم-قىزلار مۇشۇلاردىن ئۈگۈنۈڭلار،سىلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئۇنتۇپ قالماڭلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 10:14 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51012
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9838 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹بەدۆلەت ››دېگەن بۇ كىتاب بەك ياخشى كىتاب،200يۈەنگە تاپقىلى بولىدۇ.
دەرسلىك كىتابتا شىنجاڭنى قايتۇرۋالغان زوزۇڭتاڭنى بەك ياخشى قىپ سۆزلەيدۇ،چىن تارىخىي كىتابلار،مەسىلەن،‹‹قەشقەرىيە››،‹‹ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى››،‹‹بەدۆلەت››قاتارلىق 3توملۇق رومانلاردا ...زوزۇڭتاڭنىڭ ھەقىقىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى،قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بەزى زوراۋانلار تەرىپىدىن يېزىلغان  ياسالما تارىخ كىتابنى ئۇقۇمايمۇ بولمايدۇ،شۇ كىتابنىڭ تەتۇرىنى قۇبۇل قىلالىسا،سىڭدۈرەلىسە،ئۇنىڭدەك ئېسىل تارىخىي پاكىتلارنى،نۇرغۇن ھېكمەت دۇردانىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:56:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«  كىيىنكى پۇشمان ئۈزۈڭگە دۈشمەن » بۇ بىز يەكۈنلىگەن تەجىربە ساۋاق؟

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51012
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9838 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 10:04:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاۋىل يوللىغان ۋاقتى  2012-2-20 01:56 AM
«  كىيىنكى پۇشمان ئۈزۈڭگە دۈشمەن » بۇ بىز يەكۈنلىگەن تە ...

توغرا دەيسىز،شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ ‹‹تەپەككۇر كۆزى››سەھىپىسىدىكى بىر ھېكمەتلىك سۆز تا ھازىرغا كەلگۈچە يادىمدا:
ئۆز تارىخىدىن ھېساب ئالمىغان مىللەت،تارىخنىڭ ھېسابىغا قالدىغان مىللەتتۇر.

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14274
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 10:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     يەتتە قىزلىرىم دىگەن شۇ،يەنە نۇزۇگۇممۇ بار،ئۇ جاھانگىر خوجىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ،بىر مانجۇ ئەمەلدارى زورلاپ خوتۇن قىلغان،توي ئاخشىمى ئۇ ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ يۈرۈپ ئالتە ئايدىن كىيىن قولغا چۈشۈپ كاللىسى ئىلىنغان!بۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز،ھازىرقى خانىم-قىزلار مۇشۇلاردىن ئۈگۈنۈڭلار،سىلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئۇنتۇپ قالماڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12561
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 11:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈۋەرمەڭ كۈلكىنى، بىزگىمۇ كىلەر بىر كۈنى، توخو تۇتقان تۈلكىنى ، بۆرە بوغار بىر كۈنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5283
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8334
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 2668 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 11:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray132:qiray16:qiray16:qiray16:qiray16:qiray16:qiray16:qiray16:qiray16

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش