جاسارەت كەسكىن ھالدا ئىنساننىڭ بىرىنچى سۈپىتى ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقا بارچە پەزىلەتلەرنىڭ كاپالىتى.
— ۋىنستون چېرچىل
بىر چاغلاردا چېرچىلنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە . ” جاسارەت كەسكىن ھالدا ئىنساننىڭ بىرىنچى سۈپىتى ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقا بارچە سۈپەتلەرنىڭ كاپالىتى. ” ئۇندىن باشقا يەنە “ جاسارەت ئەڭ بۈيۈك پەزىلەتتۇر.” دېگەن سۆزمۇ يادىمدا قاپتۇ. بىز ئەخلاق -پەزىلەت ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەققانىلىق، سەمىمىلىك، دىيانەت ،سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپ توختالساقمۇ جاسارەت ھەققىدە كۆپ پىكىر قىلىپ كەتمەيمىز، ھالبۇكى جاسارەت ئاشۇ پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسى ۋە ئۇلى.
جاسارەت بولماي تۇرۇپ بىز ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالمايمىز، ھەقتە چىڭ تۇرالمىساق بىزنىڭ پۈتكۈل پەزىلەتلىرىمىز ئاخىرقى ھېساپتا ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئاددى قىلىپ ئېيتساق، تۇرمۇشىمىزدا ھەر دائىم سەمىمى بولۇشنىڭ ئۆزى يۈكسەك بىر جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.ئەمىلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ مىڭلارچە يىللاردىن بېرى ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقىنى مىللى خارەكتېرىمىزنىڭ ئۆزەكلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىغان جاسارەتتۇر. بۇ تەرەپ ئۆزگىچىلىكى كۈچلۈك بولغان مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
لۇغەتلەردە ‘جاسارەت ‘ دېگەن بۇ سۆزگە “ خەتەر ۋە ياكى قىيىن شارائىتتا قورقۇنچنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى”، “بىرسىنىڭ خەتەرگە ياكى قىيىنچىلىققا يۈرەكلىك ھالدا، چىڭ تۇرۇپ يۈزلىنەلەيدىغان ئەقلى ساپاسى؛ دادىللىق، جۈئەت، قەتئىلىك.” دەپ تەبىر بېرىلگەن. جاسارەت پەقەت قورقۇمسىزلىقلا ئەمەس بەلكى بىر ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلىپ تۇرۇپمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئۇنى قىلىشتۇر. جاسارەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرى يۈزلەنگەن خەتەرنى بىلىشى ۋە قورقۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى قىلۋاتقان ئىشنىڭ ھەقلىقىگە ئىشەنگەچكە قورقۇنچقا قارىماستىن قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما ۋەتىنىگە بولغان كۈچلۈك سۆيگۈسى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەچكە پۈتۈن جاسارىتى بىلەن دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ ئۇرۇشىدۇ. مارك تۋېن شۇنداق دەيدۇ “جاسارەت قورقۇنچنىڭ بولماسلىقى ئەمەس، بولغانلىقىغا قارىماستىن ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.” جاسارەت ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەن چېغىمىزدا ھەقنى سۆزلەشتۇر.
ئادەمنىڭ سەمىمى بولۇشىمۇ ھەقىقەتەن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئاددىسى ئۆز كەمچىلىىكىمىزنى تونۇشنىڭ ئوزى ئۈچۈنمۇ زور جاسارەت لازىم . ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمى بولۇش، ياخشى كورگەننى ياكى كۆرمىگەننى دادىللىق بىلەن ئىپادىلەش، ئۆزى بولۇش يەنى ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ئەركىن نامايەن قىلىش كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەرەپلەردە جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ئشلاردىندۇر.ئۆزىنىڭ كىملىكىنى توغرا ۋە دادىل ئىپادىلەش كۈنىمىزدە ئادەملىرىمىزدىن جاسارەت كۈتىدۇ. مۇھاببەتنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، سۆيۈش ئۈچۈنمۇ، سۆيگۈمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ جاسارەت بولمىسا بولمايدۇ. ئاخىرقى ھېساپتا، جاسارەتنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا مۇھاببەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. جاسارەتسىزلىك مۇھاببەتنى ساقلاپ قالالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. جاسارەت ئىنساننىڭ ئەڭ گۈزەل خۇلق ۋە پەزىلەتلىرىگە كاپالەت بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ مۇھاببىتىگە، ئەقىدىسىگە سادىق بولۇشى ئۈچۈنمۇ جاسارەت بولۇشى كېرەك، يەنى جاسارەت ساداقەتنىڭ كاپالىتى بولىدۇ. ئادەم ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ، ئېتىقادىغا لايىق ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جاسارەت لازىم بولىدۇ. نەپسنىڭ ئازدۇرۇشى ياكى ئەتراپتىكى باشقا ئىشلارنىڭ ئازدۇرۇشى ئالدىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يۈكسەك جاسارەتلەر لازىم بولىدۇ.
مەيلى بىر ئېتىقاد ياكى غايە كەبى بۈيۈك تۇيغۇلاردىن تارتىپ ئاددىسى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار، قولىغا قەلەم ئېلىپ بىر نەرسە يېزىش ياكى سەھەر تۇرۇپ كۆڭۈلگە پۇككەن بىرئىشنى قىلىشقىچە جاسارەت كېرەك.ئۇلۇغۋارئىشلارنى ھۇجۇدقا كەلتۈرگەن ياكى داۋاملىق ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرالىغانلارنىڭ ھەممىسىدە بولغان بىرئورتاق ئالاھىدىلىك جاسارەتتۇر. تارىختىكى ئۇلۇغ بۆسۈشلەر، جاھانننى زىل- زىلىگە سالغان بۈيۈك ئۆزگۈرۈشلەر،ئىنقىلاپلار،ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن كەشپىياتلارنىڭ ھەرقاندىقىنى ۋە شۇلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسنى جاسارەتتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تۇنجى بولۇپ بولۇپ ئوتقا يېقىنلىشىشقا جۈئەت قىلغان ئادەم، ھەقىقەتكە چاقىرغۇچىغا ياكى بىر تەلىماتقا ئەڭ دەسلەپ ئاۋاز قوشقۇچىلار،ئىنقىلاپلارنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتقۇچىلار، ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە بىرئورتاق خارەكتېر-جاسارەت ئەكس ئېتىدۇ.
جاسارەت ھەرگىزمۇ بىر كۈچلۈكلۈك ياكى ئەركەكلىك ئەمەس. ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى، ئۇنى تېنىدە پەرۋىش قىلىشى ۋە تۇغۇشى، ھەمدە تەربىيلەپ چوڭ قىلىشىدىمۇ ئاجايىپ بۈيۈك جاسارەت ئەكس ئېتىدۇ.ئاياللار جاسارەتنى چۈشىنىدۇ، قۇربانلىق بېرەلەپلا قالماستىن ئۇلۇغ ئىشلارئۈچۈن جاسارەتمۇ كۆرسىتەلەيدۇ. ئاياللارنىڭ غورۇرىنى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغدىشى ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتەلىشى بۈيۈك جاسارەت يەنى ئۇلارنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى ھېساپلىنىدۇ، بۇ ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت ئابرويىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ. جاسارەتلىك ئاياللار غورۇرلۇق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئەركەكلىرىمىز ئاياللىرىمىزنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىك بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزىنىڭ گۈزەل پەزىلىتى يەنى جاسارىتى بىلەن تارىخىمىزدىكىگە ئوخشاش مىللىتىىمىز ئارىسىدا ئەڭ مۆتىۋەر ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. مەختۇمسۇلا موڭغۇل خانزادەسىدىن بولغان بالىلىرىدىن كېچەلىگەن ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ غورۇرۇنى قوغداپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەختۇمسۇلانىڭ جاسارىتىنى مىللىتىمىز قىزلىرى ئارىسىدا يەنىلا كۆرۈپ تۇرىمىز.
مەن ئوقۇغان بىر كىتاپتىن مۇنداق سۆزلەرنى ئەسلىيەلەيمەن “ئادالەت، ئەقىل، جاسارەت، ۋە تەمكىنلىك تۆت ئەڭ ئاساسلىق پەزىلەت.” بېرىتانىيەلىكلەر يېقىنقى زامان تارىخىدا دۇنياغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەلق.ئۈلارنىڭ بۇنداق ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئۈلارنىڭ جاسارەتنى ئۆزلىرىنىڭ مىللى سۈپىتى ۋە غورۇرىنىڭ سىمۋولى دەپ چۈشەنگەنلىكىدىن ۋە ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇلۇغلىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئېنگلىز ئەدەبىياتىدا كۆككە كۆتۈرۈلگەن پەزىلەتمۇ ئەنە شۇ جاسارەت. ئارتۇر رىۋايىتى، نارنىيا ۋە ئۈزۈك شاھى دېگەن ئەپسانىلەردىمۇ جاسارەت بىر خىل مىللى روھنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان. بېرىتانىيەلىكلەرنىڭ شىرنى مىللى بەلگىىسى سۈپىتىدە قوللىنىشىمۇ ئۇلارنىڭ جاسارەتنى يۈكسەك پەزىلەت بىلگەنلىكىنىڭ يالدامىسى. ئۇيغۇر خەلقىمۇ تارىختا جاسارەتنى مىللى روھىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كەلگەن شۇڭا ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ ئەزىز ۋە يېقىن بەندىلىرى ھېساپلاپ كەلگەن ئىدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆك بۆرىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلىشى قانداقتۇر دىنى سەۋەپتىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ جاسارىتىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلغانلىقىدىن ئىدى. بىلىمىزكى، بۆرە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل پاراسىتى ۋە جاسارىتى بىلەن باشقا ھايۋانلار يېتەلمەيدىغان يۈكسەكلىككە يېتىدۇ.
ئىنسانلىق ئۈچۈن ئۆزىنى بىلىش ۋە تونۇش ئەڭ مۇھىم ئىش ھېساپلىنىدۇ. ئۆزىنى، كىملىكىنى، ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى تونۇيالىغان ھەم ئۆزىنى شۇ ئاساستا يېتەكلىيەلىگەن ئادەم باشقىلارنى ۋە دۇنيانى تېخىمۇ توغرا تونۇيالايدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ئۈچۈن،ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن يۈكسەك جاسارەت كېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە شۇنداق كىشىلەر پەزىلەتلىك بولۇپ تونۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەر مۇھىم، ئەمما ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغىنى گۈزەل پەزىلەت بولغان جاسارەتتۇر. بۇ گۈزەل پەزىلەت مۇھتاجلىقتا ياش تۆككەنلەرگە ئۇزۇتىلغان قوللاردا، ئاشىق يىگىتنىڭ سۆيگىنىگە سۇنغان قىزىل گۈلىدە، ھەققانىيەت ئۈچۈن باسقان قەدەملەردە،ئەركىنلىك ئۈچۈن سالغان چوقانلىرىدا، خاتالىقىنى بوينىغا ئالغان ئادەمنىڭ قىلغان تۆۋبىىسىدە، نازۇك بىر قىزنىڭ دۈشمەن ئالدىدا مۇشتلىرىنى تۈرۈپ غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلىشىدە، كىشىلەرنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پۈككەن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىدا ئورتاق ئىپادېلىنىدىغان پەزىلەتتۇر. جاسارەت باتۇرلۇق ياكى يۈرەكلىك بولۇشلا ئەمەس. جاسارەت يۈرىگىمىزدىكى ھەقىقەتنىڭ قۇۋۋىتى ئەمما يۈرەكتىكى بۇ قۇۋۋەت جىگەردىن چىقىدۇ. شۇڭا بىز باتۇر كىشىلەرنى يۈرەكلىك دەيمىز،ئمما جەسۇر كىشىلەرنى جىگەرلىك دەپ سۈپەتلەيمىز.
ئاينۇر كېرەم كورلالىق
مەنبە..http://uyghuracademy.com/?p=22118
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-19 12:42 PM