مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1887|ئىنكاس: 31

ھەق يۇلىمىز قۇرئان كەرىمدۇر . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

.          دىللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17725
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15295
تۆھپە نۇمۇرى: 2715
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم تورداشلار! اللە تەئالا «سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى»[1] ۋە «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[2] دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[3] دەپ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تارىختىن بېرى بۇ شەرتنى ئورۇندىغانلار رەھمەتكە ئېرىشپ كەلدى. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرئان كەرىمگە تولۇق ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، كىشىلىك ئىرادىسىنى مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر اللەغىلا قۇللۇق قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى (ھەر ھالدا ئىنسانلار ئازرۇ قىلىدىغان ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بۇ بولسا كېرەك!).
يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئىسلام ئۈممىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۈممەت ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يۇرتىغا ئادالەت، قەلبىگە تەۋھىد ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتىدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلار مۇسۇلمان بولدى، كۆپلىگەن زېمىنلەر پەتىھ قىلىنىپ ئىسلام دىيارىغا ئايلاندى.
ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، پىرقىلەرگە بۆلۈندى، گۇرۇھلارغا ئايرىلدى، خىلمۇخىل مەزھەبلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەر مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرى، قۇرئاننى ھاياتىغا تەتبىقلاش ۋە ئۇنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يەتكۈزشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈستىدىن «غەلىبە» قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشتىن تەپ تارتمىدى!
نەتىجىدە، اللە تەئالا ئۆزىنىڭ «ئىززەت اللەغا، اللەنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[4] دېگەن سۆزىدە مۇئمىنلارغىمۇ ۋەدە قىلغان ئىززەت، خورلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى. يېڭىدىن زېمىن پەتىھ قىلىنىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇن پەتىھ قىلىنىپ بولغان زېمىنلەر بىر-بىرلەپ قولدىن كەتتى. مۇسۇلمانلاردىن قورقىدىغان دۈشمەنلەر ئۇلارنى قورقۇتىدىغان ھالەتكە يەتتى. «ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»[5]. چۈنكى اللە «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[6] دەپ غالىپ كېلىش ئۈچۈن مۇئمىنلىقنى شەرت قىلغان ئىدى.
بارغانسېرى قۇرئان كەرىم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلىشىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى-ئۈچ ئەسىر كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلىشقا باشلىغان كىتابلار مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى بەلگىلەيدىغان «دەستۇر»غا ئايلىنىپ قالدى. مۇسۇلمانلار ئۇ كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى بىر پۈتۈن ھالدا «چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك پرىنسىپ» قىلىۋالدى. قۇرئان كەرىم بولسا تۇپراق بېشىدا، مېيت چىققان ئۆيلەردە ۋە نەزىر- چىراغ... لاردا لەۋزىلا ئوقۇلىدىغان بىر كىتاب بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئىش تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. ئۇلارنىڭ ئارسىدا يۇقارقى سەلبىي تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولغاننىڭ سىرتىدا يېڭى-يېڭى كۆز-قاراشلار ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئازغۇنلۇق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە. ئەھۋال شۇ دەرىجىدە ئېغىركى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، دىنسىزلىق ياكى يولدىن چىققانلىق ھېسابلىنىپ باشقا پىكىرلەرگە «چىڭ ئېسىلىۋېلىش» دىندارلىق ياكى تەقۋادارلىق دەپ قارالماقتا.
قېرىنداشلار! يۇقارقى كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇپ، تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە اللە تەئالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئانغا قايتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[7]، «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[8]، «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[9]، «ئۇ، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[10]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر» [11].


مەنبە :«قۇرئان كەرىم» تور بېكىتى http://www.qurankerim.com



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arzuumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 03:14 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3130
تۆھپە نۇمۇرى: 203
توردا: 5462 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 11:40:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۇلۇغ ئاللاھ  مىنى ۋە بىز ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىغايسەن.بۇ دۇنيادا ئىمان ،ۋىجدان ،غورۇر ۋە ئادىمىلىك قەدىر قىممىتىمىز بىلەن ياشاپ ئۆتۈشىمىزگە ئاسانلىق بەرگىن ۋە نىىسپ قىلغىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:00:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلك تېمىڭىزغا تەشەككۈلەر بولسۇن قېرىندىشىم ......قۇدرەتلىك مېھرىبان ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزلىرىگە ئوبدان قۇلچىلىق قىلشىمىزغا يار دەم قىلغايلا :qiray146شۈكرى قىلىدىغان دىل ،زىكرى قىلىدىغان تىل ئاتا قىلغايلا :qiray146 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 12:06 PM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ۋاپات بولغانلارغا قازان ئېسىپ بىرقانچە قېتىم نەزىر قىلىش، نەزىرگە كەلگەن ئابرويلۇق ھوقۇقدار، باي-غوجاملارنى تۆرگە باشلاش، نەزىر ئېشى يېيىشكە تىگىشلىك ھەقىقى كىشىلەرنى بولسا، پەسكە، ئاياغ بازىرىغا باشلاش....ئاياللارمۇ ئۆلۈم -يىتىم، نەزىر چىراغلارغا كەلگەندىلا ئاندىن بېشىغا ياغلىق ئارتىۋېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپلا ياغلىقنى ئېلىپ تاشلاپ، چاچلىرىنى پاخپايتىپ يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەش، ھەتتا بەزى جايلاردا ئۆلۈم يىتىم بولغان ئۆيلەردە ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغا ياغلىق تارقىتىدىغان، كەلگەنلەر ئۆلۈم بولغان ئۆيدىن ئۇزاپ چىقىپلا بېشىدىكى ياغلىقنى دەرۋازا سىرتدىكى قاشا، دەل-دەرەخلەرگە ئارتىپ قويۇپلا كېتىدىغان ئىشلارمۇ باركەن. باش كىيىمنى پەقەت مۇشۇنداق چاغدىلا كىيىۋېلىش-چىگىۋېلىش.. بۇ ئۆرپ-ئادەتمۇ ياكى دىنىي يولدا ماڭغانلىقمۇ؟ ئەگەر ئۆرىپ ئادەت ئۈچۈن شۇنداق بولسا ئۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟ ئەگەر شەرىئەت يولىدا ماڭغانلىق بولسا، دىنمىزدا ياغلىقنى بىردەم چىگىپ بىردەم چىگمەسلىك دەيدىغان گەپ يوق.  سۆزلەپ كەلسەك، توۋا دەيدىغان ئىشلار ھازىر كۆپىيىپ كەتتى. قۇرئاندا دىيىلگەن يولدا تەۋرەنمەي مېڭىش، قۇرئاننىڭ ھەربىر ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىش بىزگە ھەقىقى بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ...ھەرۋاقت ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم، تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم قىلغايسىز. ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سىز رەھمەت قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75278
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندشىم  ناھايىتىمۇ  ئەھمىيەتلىك  بىر  تىمىنى   يوللاپسىز  !   بۇ  يازمىڭىز   بىز  ھازىرقى  زامان   مۇسۇلمانلىرى   ئەستايىدىل   بىر  مۈلاھىزە  قىلىپ   بېقشقا   تگشلىك   مەسىلە ...  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75278
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:50:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز  ئېيتقاندەك  مۇنداق  ئايرىمىچلىق    مەسىلىسى   ئىنتايىن   ئېغىر !

ئەڭ چوڭ ھەقىقەتنى بىل!

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4923
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13288
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 01:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !تىمىڭىزغا تەشەككۈر !
ھەي سۆزلىسىەم مەندىمۇ دەت بەك كۆپ قىرىنداشلار ،مەنمۇ سۆزلەپ قاقشاپ ئىچىمنى پۇشۇرۇپ خىلى ۋاقىت يۈردۇم ،گەپ بىز ئىنسانلا رتولىمۇ ئاجىزكەنمىز .بۇ دۇنيادا ياشاپ يىقىن قىرىنداشلىرىمنى ھەق يولغا باشلىيالمايۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنمەن !ھازىر قىلالايدىغىنىم پەقەت ئاللادىن ئۇلاغا ۋە ماڭا ۋە بارلىق قىرىنداشلارغا ھىدايەت تىلەش!

نادان بىلەن تەڭ بولۇش نادانلىقتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6624
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 01:28:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ياخشى تىما يوللاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 02:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ياخشى تىما يوللاپسىز

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




              ئاللا رەھمەت قىلسۇن ~~~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش