سەن بىلەن گۈللىنەر ئائىلە ئايال.،
سەن بىلەن كۆكلەر ھاياتلىق ئايال،
ئەرلەر قەلبىڭدىن ئىزدەيدۇ بەخت،
پەرزەنت ئۈچۈن مۇقەددەس ئايال.
قەلپ تۆرۈمدە ئالغانتىڭ ئورۇن،
سۆيگۈ گۈلۈمنى ئاتىغان ساڭا.
ئەقىدەمنى پايخان قىپ ئاخىر،
ھەسرەتلەرنى قالدۇردۇڭ ماڭا.
ۋاپاسىزلىقىڭ ھەر بىر ئىزلىرى،
يۈرەكلەرنى ئۆرتەر بىرمۇ –بىر.
ئۈنسىز تەلمۈرۈپ يىغلاپ ئۆكسۈشلەر،
خىيالىڭغا كىرمەيدۇ ھېچبىر.
مۇشائىرە قائىدىسى:يۇقارقى ئۈچ كۇبلىت شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىنىڭ قالغان ئىككى كۇبلىتى بىلەن مەزمۇن باغلىنىشى يوق ئايرىم شېئىر،مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،قېنى مەرھەمەت،ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ باقايلى.....
ئاكتىپ ئاۋاز قوشقايسىلەر...
مەنبە : قېرى كاللام