بۇ ساتىرانى يېڭىدىن شىئېر يېزىشقا كىرىشكەن ھەۋەسكار بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان ئىكەن. ھەرقايسىڭلارنىڭ ئوقۇپ،سەمىمىيلىك بىلەن تۈزىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم .
« پۇل ئۈچۈن»
ساتىرا
سۇغۇقلاردا پۇل ئۈچۈ ن كوچىلاردا تەمتىرەپ،
يالغانلاردىن مېيىپ بوپ ئۇچرىغاندىن پۇل تىلەپ،
بىرمۇ ئۈچۈن دۇئا قىپ ئاللا ئالدىدا ئەسكىلەپ.
پۇلغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى شۇنداق ھەسسىلەپ.
ساختىپەزلەر پۇل ئۈچۈن بولدى كۈچۈك تىتىرەپ،
ياۋۇز ئۇنى بۇيرىسا،ئايىغىمنى سۈرتكىن دەپ.
يېقىلىدۇ ساختىپەز ئاللانىملىەردىن ئەنسىرەپ،
كۆزلىرى ھەم تۆت بولۇپ بىر تال سۆڭەك بەرسە دەپ.
بۇلاڭچىلار پۇل ئۈچۈن ئالدى قولغا خەنجەر-پىچاق،
ئۇچرىغانكى ئاجىزنىڭ گاللىرىغا پىچاق تىرەپ،
غاراڭغۇدا ئادىشىپ ماڭسا بىراۋ پۇل سانىشىپ.
ئامەت بولدى شۇلارنىڭ« جانغا تۇرامسە-،پۇلغا» دەپ.
ۋەدە بېرىپ پۇل ئۈچۈن يالغانلاردىن نەچچە رەت،
قەرز سۈيلەپ كەلسە بىراۋ ئويدىرىدۇ يېڭى بەت.
قالدۇرۇشۇپ ھۆججەت، تىللىرىدىن چىققاندا خەت،
ئۆتەر كۈنلەر ئارام يوق،يۈرەكلىرى دەككە-دۈك.
نەپسى گۇيلار پۇل ئۈچۈن قۇرۇپ قاپقان ئۈستەل بىزەپ،
خۇشامەت قىپ ئاشقا زورلاپ ئورىكىمگە چۈشسە دەپ.
چۈشىۋەرمەس ئۆزگىلەر بۇرنىغا يەپ بولغان زېرەك،
ئۇلار قاتقا ئالمىسا ئىزدەپ يەنە غالىپ تېرەك.
ئۇچرىغاننى پۇل ئۈچۈن يوللىرىدىن ئازدۇرۇپ،
باشلاپ كىرەر ھەر ئويۇنغا ياخشى ئىشتىن قالدۇرۇپ،
ئېلىپ قاچار ئاخىرى بىساتىڭنى سالدۇرۇپ.
ئىزدىمەيدۇ سىزنى ئۇ بولسا نەپسىن قاندۇرۇپ.
بىراۋلار ھەم پۇل ئۈچۈن بولدى تۇقال كېنىزەك،
مېھمانخانا، رېستۇران ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە ئەپ.
خۇلقى نازغا كۈلۈپ كەتكەن مېھمانلارنى پەپىلەپ،
پۇللا بولغا كارى يوق ۋىجدان نېمە؟ نومۇس دەپ.
يۈگۈرىدۇ پۇل ئۈچۈن،ھەرتەرەپكە قاتىراپ،
ئېگە بولۇپ شۇنچەتىز غايىپلارغا تەييارتاپ.
نەق پايدىنى كۆرگەندە تۇرالمايدۇ ئالدىراپ،
ئۇلار شۇنداق ئاق نانچى،سۆزلىمەيمىز ئەمدى داد،
يالغۇز شۇلار پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساتقان ئەمەس،
پۇل ئۈچۈنلا بەزىلەر كىردى تۈرمە ھەم قەپەس.
گاھ پۇل ئۈچۈن بىرلىرى ئالدىمۇ ھەم ئەركىن نەپەس،
پۇل-پۇل دېگەن نوچىلار ساتتى جاننى بولدى ئەلەس،
قىلدى شۇ پۇل بىراۋنى شۇنچە ئەسكى شۇنچە پەس،
ھەم بىرلىرى پۇل ئۈچۈن ساتتى يەنە...بولدى بەس.
قاماشتۇرۇپ كىملەرنىڭ كۆزلىرىنى قىلدى كور،
ئېھتىياجى ئاشقاندا كىملەر يەنە بولدى قۇل.
بىرنى ئىككى قىلماق بوپ بىساتىدىن قالدى تۇل.
ئاقنى قىلىپ ھەم قارا نىمىلەرگە سالدى قول ،
بۇ ھاياتتا يوقمىكەن بىزگە باشقا توغرا يول،
مەپتۇن ئېتىپ ھەممىنى ئامەت قۇشى بولدى پۇل.