مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 7

ھاماقەت ( ھىكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21138
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2822 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 07:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                         ھاماقەت

                                                       ( ھىكايە )

       ئۇ ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلايدۇ ، ھىچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ياخشىلىقمۇ ، يامانلىقمۇ كىلىدۇ ، نۇرغۇن قىتىم دوسلىرى ئۈچۈن پىچاق يىدى ، باشقىلار ئۈچۈن زىيان تارىتتى ، كىمكى ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ ، تۆت ئىغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويسا ، ئۇ بۇنداقلاردىن ھىچنىمىسىنى ئايىمىدى .
      ئۇنىڭ پۇل تاپمىقىمۇ ، بۇزدى-چاشتى قىلىپ يوقاتمىقىمۇ ئاسان ، پىكاپى بىلەن ئەگشكۈچىلىرىنى باشلاپ ، كۇلىدىن (ئىچكىر ئۆلكىلەردىن) سەي-كۆكتات ،مىۋە-چىۋە ئەچىققانلارنىڭ ئالدىغا بىر نەچچە يۈز كىلو مىتىر يەرگە باردۇ-دە ،ئۇلارنى بىردە ئالداپ ،بىردە قورقۇتۇپ ، ماشىنىلىرى بىلەن ئەرزان باھادا ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئۈرۈمچىنىڭ توپ سىتىش بازىرىغا ئەكىلىپ ، نۇرغۇن پايدىسىغا ساتىدۇ ، سىرتتىن قوي-كالا ئەكەلگۈچىلەرنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن كوملاپ ماللىرىنى ئىلىۋالىدۇ-دە ، پايدىسىغا ساتالايدۇ ، يۇڭ-تىرە ، كىيىم-كىچەك ، ھەتتا ماشىنا ، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى سودىسىغىمۇ ئارلىشالايدۇ . ۋە ئوخشاشلا پايدا ئالالايدۇ ، لىكىن تاپىدۇ ، چاچىدۇ ، يەنە تاپىدۇ ، يەنە چاچىدۇ ، شۇڭا تاپقىنىنىڭ بەركىتى يوق ، قولىدىكى ئەشۇ "ۋولگا"ماركىلىق پىكاۋىدىن باشقا نە ئۆيى ، نە پۇلى ، نە تۈزۈك كىيىم - كىچىكىمۇ يوق .
      ئۇنىڭ دوسلىرىمۇ يانچۇقىدىكى پۇلىدەك كىلىپ-كىتىپ تۇرغۇچىلار ، ئۇلار رىستۇران - ئاشخانىلاردا ، بىر-بىرىگە قەسەم بىرىپ ئايرىلماس دوسلاردىن بولۇشىدۇ-دە ، مەسىت بولۇشقاندىن كىيىن ، مۇشتلىشىدۇ ، بىر-بىرىگە پىچاق كۆتۈرشىدۇ ، باش كۆزلىرىنى يىرشىپ ، كىيىملىرىنى تىتماتالاڭ  قىلىشىدۇ ، ئۇلارنىڭ قەسەم - ۋەدىلىرىمۇ كىيملىرىدەك تىتماتالاڭ بولۇشىدۇ .
      ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ، قىرىنداشلىرىمۇ ، ئۇنىڭدىن بىزار ھەم ئۇنىڭغا ئىنتىزار ، ئۇ قولىغا پۇل چۈشكەندە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ، كاللەك-كاللەك ( نەچچە مىڭ كويلاپ ) پۇل،پۈتۈن - پۈتۈن قوي گۆشلىرى ، يەشىك-يەشىك مىۋە-چىۋە ، ھاراق - پىۋىلارنى تارقىتىدۇ ، بۇنداق چاغلاردا ئۇ گويا ھەرەمدىن قايتقان ھۆرمەتلىك ھاجى ياكى چەتئەلدىن كەلگەن ئەزىز مىھمان ، قىرىنداشلىرى ئۇنى تالىشىپ بىر-بىرى بىلەن يامانلىشىدۇ ، ئۇ بولسا بۇنداق چاغلاردا ھەپتىلەپ -ئايلاپ ئۆيدىن -ئۆيگە يۆتكۈلۈپ مىھمان بولىدۇ ، قانغۇچە ئۇخلايدۇ ، ئۆزىنى تەڭدىشى يوق بەخىتلىك ھىساپلايدۇ  -دە ،  خۇشاللىقىدىن  سىرتقا چىقىپ سوتكىلاپ - سوتكىلاپ ھاراق ئىچىدۇ ، تاكى تۇققانلىرى بىزار بولغۇچە ...........
      ئاخىر ئۇ سىرتلاردىن خۇددى ھازىرلا تۈرمىدىن چىققاندەك ۋەيرانە قىتاپەتتە تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كىلىدۇ -دە ، ھەممىلا ئۆيدە سوغۇق مۇئامىلە دۈشكۈشلەش ھەتتا تىل-ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ ،بۇنداق چاغلاردا ئۇ تەستە ئوت ئالىدىغان ، ۋولگا پىكاپىغا كىرىپ كىتىدۇ-دە ، يەنە پۇل تىپىشنىڭ داغدام يوللىرىدا كىچە-كۈندۈز چاپىدۇ .
      ئۇنىڭ يىگىرمە تۆت يىللىق ھاياتى - ئۇنىڭ "شانلىق" تارىخى ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە سىناريەسى . ئۇ ،بۇ سىناريەنى پات-پات كۆرۈپ تۇردۇ ،بۇ تارىخ ئۇنىڭ غۇرۇرى ، ھەم يۈرەك يارىسى .چۈنكى مانا شۇ تارىخىدا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئىزدىدى ، قانچە مۈشكىلات ،قانچە جەبىر - جاپا ، تىل-ھاقارەت ۋە روھىي ئازاپلارنى تارتتى ، ئۇ پەخىرلەنگۈدەك مەرتلىكمۇ ، نوچىلىقمۇ ، خەيرى - ساخاۋەتمۇ قىلدى ، ياردەم - شەپقەتمۇ قىلدى ،يەنە ئۇنتۇمايدىغان تەجىربە ساۋاقلارغىمۇ ئىگە بولدى ، لىكىن پاراغەت ئۇنى يەنىلا  قاراملىق ،تەۋەككۇلچىلىققا ئۈندەپ كەلدى ، ياخشىلىق ، يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆزىنىڭ پىشانىسىنىڭ ئوڭ-تەتۈرلىگىدىنلا كۆرۈپ كەلدى .
   -ئەنە ئۇ <<ئىتتىپاق>> كىنو - تىياتىرخانىسىنىڭ بىېقىنىىدىكى بوشلۇقتا پىكاپنى توختاتتى.ئۇنىڭ قىسقا چاچلىق بېشى،يۇمىلاق،كۇلۇپلا تۇرىدىغان  يۇزى پىكاپتىن چىقتى .ئۇنىڭ مەردلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قاملاشقان گەۋدىسى ئادەملەر ئارىسىغا شۇڭغۇدى. ئۇ ئادەملەرنى جەينەكدەپ .چەمبىرەك بولۇشقان ئادەملەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى-دە .بەش تال <<تەلەي چەمبىرىكى>> سىتىۋالدى.ئۇ ،چەمبىرەكلەرنى مەيداندىكى  تاماكىلارغا ئاتمىدى، ئاستا دۈگىلەتتى.ئۇ ئۈچ قاپ <<گۇڭجۇ>> تاماكىسى ئۇتتى. ئۇ ،تاماكىلارنى ئېگىز كۆتۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلدى.
          _ مەن قالتىس تەلەيلىك !
          _ قالتىس مەرد !
       ئۇنىڭغا تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ يەنە قاقاقلاپ كۈلدى:
        _ سەنمۇ تەلەيلىك . تازا ئېچىرقىغان چېغىڭدا ماڭا ئۇچرىدىڭ ،شۇنداقمۇ ؟
        _ راسىت -يالغانلىقىنى رېستوراندا كۆرىمەن.   ئۇلاركۈلۇشۇپ رېستورانغا ماڭدى، ئۇلارغا يەنە تۆت يىگىت ئەگەشتى.  رېسىتوراندىن چىققاندا ئۇنىڭ يانچۇقلىرى قۇرۇقدالغان،روھى چۈشكەنىدى.ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ  كىمنىدۇر تللايتىتى.
       _ ئىتتىن تۇغۇلغان بەدرەك ھايۋان !   ئۇ يالغۇز چىقتى. ھېلىقى تەلەيلىك <<قەھرىمان>>  مۇ ،ئۇلارغا ئەگەشكەن تۆت يىگىتمۇ يوق ئىدى.ئۇ يېنىدىن تاماكا ئىزدىدى،تېپىلمىدى،پىكاپنى ئوت ئالدۇرۇۋىدى،ئوت ئالمىدى،پىكاپنىڭ ئالدى قاپقىسىنى ئېچىپ ياغلىقى بىلەن بىر يەرنى تازىلاشقا باشلىغاندا ،ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرى ئاسىتا ئۇردى ...
         _ ماڭا ياردەم قىل !
         _  مەن تەييار ،لېكىن ماشىنام تەييار  ئەمەس !
   ئۇلار تېزلا پىكاپنى ئوت ئالدۇردى-دە ،يۈرۇپ كەتتى.
      مەردلىك سېنىڭ كەسىپىڭ!_ دېدى دوستى ئۇنىڭغا تاماكا چىشلىتىپ _ تاپىسەن ،خەجلەيسەن ،ئاغىنىلىرىڭ سېنىڭ جېنىڭ ،سەن دوستۇڭ ئۇچۇن جېنىڭنىمۇ تىكەلەيسەن شۇنداقمۇ !
       _  شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بىر دوستۇم يوق !_ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن خۇرسىنىپ، _  مېنىڭ پۇلۇمنى خەجلىسىلا دوسىت بولۇۋەرمەيدۇ،ماڭا كۆيۈنىسە دوسىت بولىدۇ _  دە ،مەن دوسىت تېپىش  ئۇچۇن مەردلىك قىلمايمەن ، دۈشمەن تىپىش ئۈچۈن .
       _  دائىم تەتۈر گەپ قىلىسەن _ ھە !
      توساتتىن ئىككى يىگىت پويىز ئىستانسىسىنىڭ مەيدانىدىن ماشىنىلارنى ئارىلاپ پىيادە قىچىپ چىقتى ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بىر توپ ئادەم _ ساقچىلارمۇ بار ئىدى .
       _ تىز چىقىشە ! _ دىدى ھېلىقى دوستى پىكاپ ئىشىكىنى ئىچىپ ، ئۇلار چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بۇيرىدى _ ھەيدە ، مەرىد يىگىت مەرىدلىگىڭ سىناقتىن ئۆتسىلا بەشمىڭ كويچەن مۇكاپات ئالىسەن ،
       تۆت ئادەم ئولتۇرغان پىكاپ ئۇلانباي تەرەپكە قاراپ خىيىم خەتەرگە قارماي ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى .
      ئۇ قوغلاپ كىلىۋاتقان ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپمۇ توختىمىدى ، قېرى "ۋولگا " بىريۈز كىلومىتىردىن يۇقۇرى سۈرئەت بىلەن ماشىنىلارنى ئەگىپ ئۆتۈپ خىيىم -خەتەرگە قارماي يۈگۈرىۋەدى .
     ئۇ قەھرىمانلىقىدىن ، مەرىدلىكىدىن خۇرسەن ، ئۇ ماشىنىدىكى ئادەملەرنىڭ كىملىكى بىلەن ھىساپلاشمىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كىملىكى مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى قەيسەرلىك ، مەرىدلىك .
     مانا ، ئالدىدىنمۇ ساقچى ماشىنىلىرى چىقتى ، ئۇ ئاخىر ئىلاجىسىز توختىدى ، ئۇلارنىڭ _ تۆت يىگىتنىڭ قولىغا كويزا سالدى ،
     _ مەن شوپۇر ، _ دىدى ئۇ _ ماشىنام بىلەن جان بىقىۋاتقان تىجارەتچى .
     _ نومۇرلۇق چاماداندا قانچىلىك پۇل ، ئالتۇن بارلىقىنى سەن بىزگە دىگەن ، _ دىدى ھېلىقى دوستى بىردىنلا باتۇرلۇق قىلىپ ، _ قالغىنىنى بىر ئازدىن كىيىن تاپشۇرمىز ، سەن باش جىنايەتچى ، بىز ئەگەشكۈچى !
     _ سەن ئىتتىن تۇغۇلغان !.........
      ئۇ تىللاشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى ، بىر كالتەك ياڭىلاچ بىشىغا تەگدى _ دە ھۇشىدىن كەتتى .
      ئۇ يىگىرمە نەچچە كىشىلىك تۈرمە كامىرىدا تېركىپ _ بوغۇلۇپ  ، ئۆز _ ئۆزىنى تىللىدى :
      _ مەرىدلىك ، نوچىلىق ، ئادىمگەرچىلىك دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر تىيىن  ! قىنى ئەمدى ئۇ نەرسىلەر مىنى قۇتۇلدۇرالامدىكىن ، مەن تازا ئۇچىغا چىققان ساراڭ ، دۆت _ ھاماقەت !   




كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74037
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلمىڭىز ھارمىغاي !

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4934
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 49415
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2061 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاماقەتلەرچە مەرتلىكى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ.

كاللا ئىشلىمىسە  پۇت -قولغا ئارام يوق....

ئۆزىڭىزنىڭ يازمىسىما؟تىلى يېنىك چىقىپتۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1881
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:15:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەددىدىن ئاشقان مەرتلىك ،قەيسەرلىك،جۈرئەتلىك بولۇشمۇ بىز يىگىتلەرنىڭ ھاياتىغا سىلىنغان ئىكەككەن...مەنمۇ بۇرنۇمغا يەپ ھۇشۇمنى تىپىۋالدىم !!! ھىكايە تىلى تولىمۇ چۈشىنىشلىك ،راۋان چىقىپتۇ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14183
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5657 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:49:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھەر-قانداق ئەشنىڭ لايىغىدا بولغىنى ياخشى بولمىسا ئەكس تەسىر بىرىدۇ ئادەمگە

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 11:38:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوست بىلەن دۈشمەننى پەرىق ئىتىش ھەققەتەن قىيىن

+989+89 (7).jpg
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4428
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 07:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray13:qiray13

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 08:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىيازنىڭ دوستى تۇلا، ئاخماقنىڭ دوستى.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش