مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11111|ئىنكاس: 110

‹‹ئەقىللىق›› خوتۇن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8167
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 740 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:59:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ئەقىللىق›› خوتۇن

‹‹ئەقىللىق›› خوتۇن

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم

(ھىكايە)


ئەزىز ئىمىر يانغىن                                    

                                                           ئەدەبىي تەھرىر :   

  
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان  
                           





بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ قالىمەن . شۇنداقمۇ گىپى سوغۇق، مىجەزى قوپال ئايال بولامدۇ دەيمەن. ئەجىبا ھەممە كىشىنىڭ ئايالى شۇنداق بولامدىكىنە؟! ئىشتىن ھېرىپ –ئېچىپ كەلگەندە ئىللىققىنە ئالدىمغا چىقىپ تاتلىققىنە بىرنى كۈلۈپ قارشى ئالسا ھاردۇقۇم چىقىپ قالماسمىدى؟! ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچىلا ئايلىقنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقى، مائاشىمنىڭ ئاز ئىكەنلىكى بىلەن ھىساپلاشماي بەدخەج بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىم، يا ئۆينىڭ ئىشلىرىغا تۈزۈكرەك ياردەملەشمەيدىغىنىم، ئۆزىنىڭ ماڭا تىگىپ جاپادا قالغانلىقى، خۇددى جاپا تارتىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك بۇ كۈنلەرنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ئۆتىۋاتقانلىقى... توغرىسىدا بىر ھازا قايناپ كېتىشلىرى بار. بوينۇمغا گىرە سېلىپ ئەركىلەش، سېغىنغىنىدىن دادلاش، قانداق تۇرغىنىمغا كۆڭۈل بۆلۈش دىگەنلەردىنغۇ ئەسەر يوق. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بېرىشنى ئويلىسام مۇشۇنداق ۋاتىلداشلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ ئۆزۈمنى خۇددى يىتىم بالىدەك ھىس قىلىمەن. ئۆيگە قايتقۇممۇ كەلمەي قالىدۇ، ئەمما بارماي ئامال يوق. ئۆيدىن باشقا بارغۇدەك يىرىم بولسۇنمۇ ئەمسە؟! خىزمەتكە چىققاندىن بىرى ھارغان-تالغىنىمغا قارىماي مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن ئىشلەپ، بار–يوقۇمنى مۇشۇ ئۆيگە جۇغلاپ مىڭ جاپادا مۇشۇنچىلىك ئائىلە قۇرىۋالغان تۇرسام!؟ ئەمما ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىش، ئاغزىدا گەپ باشقا. ئۇنىڭچە پەقەت ئۇلا بۇ ئۆي ئۈچۈن جاپا تارتىپ ئىشلەپ، مەن ئوڭدا يېتىپ راھەت كۆرىۋاتقاندەك، ئۇ بار-يوقىنى مۇشۇ ئۆيگە تۆكۈپ يىغىپ، مەن بىكارلىق يەپ-ئىچىپ، ئويناپ، بۇزۇپ- چېچىۋاتقاندەك، ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويىۋاتقاندەكلا ئويلايدۇ. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن!؟‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس››دەيدۇ كونىلار. بۇ ئائىلىنى ھەر ئىككىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان. بىراق ئۇ تۆھپىدە دائىملا مىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولىۋالدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى تولا كوتۇلداپ قۇلاق مىڭەمنى يەپ، مىنى ئۆيگە كەلگۈسىز قىلىۋىتىپ بارمامدۇ؟
ئۇنىڭ ئويلايدىغانلىرىنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئائىلىنى مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقساق دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئويلارنىڭ ئىچىدە ياخشى يەپ-ئىچىپ، ياخشى كىيىپ ياشىسام، شۇنىڭدىن ئېشىنىپ تۇرۇپ بالامنىڭ كەلگۈسى ھەم ئائىلىمىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق پۇل توپلىۋالسام، بولسا بەك قىسىلىپ قالمىساق دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن توققۇزىمىزنى تەل قىلىۋالساق دەيدىغان مەقسەتمۇ يوق ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما نىمىشقا ئۆزىگىمۇ ئازراق ئېلىپ قويمايدىغاندۇ دەيمەندە! تۈگىمەس قاتار چايلىرى، ئايىغى چىقماس ئادىمىگەرچىلىكلىرى، ئايدا ئۈچ-تۆت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئېلىنىۋاتقان كىيىملىرى، داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىغا پۇل كەتمەي تازىلىق قەغىزى كىتىۋاتامدىغاندۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭدەك گىرىم قىلىدىغان، چاي ئويناپ ھەر بىر قاتارچايغا بىر كىيىم ئالىدىغان، زىبۇ-زىننەت تاقايدىغان، خانىم-قىزلارنى پات-پات مېھمانغا چاقىرىپ تۇرىدىغان ئىشلىرىم يوق بوپ قاپتىكەن. بولمىسا تاپا-تەنە دەستىدىن ئون يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكۈدەككەنمەن. ناھايىتى مەندىن بەش يۈز يۈەن ئارتۇق مائاش ئالىدىغانلا يىرى بار. يەنە بار دىيىلسە-مىنىڭ سەھرادىن كىلىپ چىققىنىم شۇ.
توۋا، بولمىسا بىز قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ، كۆيۈشۈپ-پىشىشىپ، ئۆيدىكىلەر نارازى بولسىمۇ ھەر ئاماللار بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىپ مىڭ تەسلىكتە توي قىلغان. گىزى كەلسە شۇنچىۋالا جاپا- مۇشەققەتلەرنىڭ، كۆپ يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق مىھىر-مۇھەببەت دىگەنلەرنىڭ يۈز خاتىرىسىمۇ بولمايدىكەن دىسە! ئاياللار يۈزسىز كىلىدۇ دىگىنى بەلكىم شۇ بولسا كىرەك...
يەنە ئۆيگە كىتىۋاتىمەن. ئىللىقلىقىنى يوقاتقان، تۈگىمەس تاپا-تەنە ۋە كوتۇلداشلار تۆكۈلۈپ تۇرغان، بىر پىيالە چاي ئورنىغا چىقىم تالونلىرى ئۇزۇتۇلىۋاتقان، ئىسسىق تاماقنىڭ ئالدىدا بىر پەدە مىننەت گەپلىرى ياڭراپ ئىشتىھانى تۇتۇلدۇرۇپلىۋىتىدىغان شۇ ئۆيگە يەنە كىتىۋاتىمەن. بايا ئېيتقىنىمدەك زادى بارماي بولمايدۇ، بارغۇدەك باشقا جايمۇ يوق...
-بىزنىڭ ئەپەندىم كەپتۇ ھە؟ قۇرساقلىرى ئاچقاندۇ تايىنلىق؟
-ھە، سوغۇق چېيىڭ بولسا بىر پىيالە بەرگىنە خوتۇن.
-ۋىيەي، سەھرادا قۇدۇق سۈيى يا لاي سۇ ئىچەر بولغىيدىلە؟ چاي دەملىمىگەن، تۇرۇبىدىن سوغۇق سۇ ئېلىپ ئىچىپ تۇرسىلا.  مەن قازانغا خېمىر تاشلىغىلىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ قەستەنگە ‹‹سىلى ››دەپ سۆزلىشى ئوغامنى قايناتتى، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئەتىگەن ئىشقا ماڭغۇچە سەل –پەل غىڭشىشىپ قالغىنىمىز ئۈچۈنلا ماڭا زەھىرىنى سانچىۋاتاتتى. ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ قانداقلىقى، گەپلىرىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشۇم ھەم چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەپسىلىسى يوق. ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىۋەتتىم. ۋۇجۇدۇمغا خورلۇق تۇيغۇسى يامراشقا باشلىدى. ھەي، نىمىشقىمۇ سەھرالىق بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان بولغىيدىم!؟
سۇ ئىچىشكىمۇ رايىم قالمىدى. ئۇسسۇلۇقنىمۇ ئۇنتۇپ سافاغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئوغلۇم بىر چەتتە ھەممە ئىشقا پەرۋاسىز ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇراتتى. دىمىسىمۇ راست ئەمەسمۇ؟! كۈن ئارىلاپ دىگۈدەك ئوينىلىپ تۇرىدىغان جىدەللەرگە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆنۈپ كىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ماجرالار ئادەتتىكى ئىشتەك تۇيۇلۇپ كىتىدىغان گەپتە، ئەلۋەتتە. بىر چاغدا ئايالىم ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بىر چىنە سۇيۇقئاشنى ئەكىلىپ ئالدىمغا قويغاندىلا تىگى يوق خىياللارنى چەتكە تاشلاپ ئۆزۈمگە كەپتىمەن.
-قايسى گۈزەللەرنى خىيال قىلىپ كەتتىڭىز؟-دىدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ.
-سەن تۇرغان يەردە گۈزەللەرنى خىيال قىلىشقا پېتىنالايتتىممۇ مەن-دىدىم چاقچاق قىلىپ-ھاردۇق يىتىپ قاپتۇ. ئۈگدەك بېسىۋاتىدۇ.
-خويمۇ ئوبدان ھە؟ ئىشتىن كىلىسز، يەيدىغان تامىقىڭىز تەييار، يەپ بۇلۇپلا ئۇخلايسىز. پادىشاھتەكلا ياشايسىز دەڭە!؟ ئۆي ئىچىدە نىمە ئىش بار؟ قىلىشىپ بىرىدىغان ئىش-كۈشلەر بارمۇ يوق؟ كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھەل قىلىشقا  تىگىشلىك ئىش بارمۇ -قانداق؟ دىگەنلەر خىيالىڭىزغا كىرىپ چىقمايدۇ...
-ۋاي بولدى قىلساڭچۇ! تاماقتىن كىيىن دادلىساڭمۇ كىچىكمەستىڭ!؟ قاق بىسمىللىدا ئىشتىھانى تۇتماي.
-...
بىردەمدىلا كۆڭۈلسىز بولۇپ قالدۇق. بەلكىم ئۇ ماڭا قاراپ يۇغان بىرنى ئالايغاندۇ. ئەمما ئۇنىڭغا قارىمىدىم. ئۈن-تىنسىز تاماق يىيىشكە باشلىدۇق. ئىختىيارسىز يۈرىۋاتقان چاغلىرىمىز يادىمدىن كەچتى. ئۇ چاغلار تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىدى. مونۇ قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئاش ئىچىۋاتقان سىمىز ئايال شۇ چاغلاردا بەكمۇ خۇشخۇي، چىچەن، نازاكەتلىك، زىلۋا بويلۇق،  ھەممىلا ئىشنى توغرا چۈشىنىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدىغان، ھەممە كىشىگە ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئوچۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، مىنى بىردەم كۆرمىسە چىدىمايدىغان، بىر ئىشنى قىلغۇم بار دىسەم قوللايدىغان، تېخى باش بولۇپ ئىشلەپ كىتىدىغان، مىنى يامان كۆرگەننى ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، كۆڭلۈمنى ئاغرىتقاننى ئەشەددى رەقىبى ھىساپلايدىغان، قايغۇم ئۈچۈن يىغلاپ، شاتلىقىم ئۈچۈن كۈلىدىغان جانكۆيەر مەشۇقۇم ئىدى. كۈندە دىگۈدەك بىللە تاماق يەپ، كوچا ئايلىناتتۇق. ئىشقا بارغۇچە-كەلگۈچە بىللە ئىدۇق، ئارىلاپ گۈل ، ئەتىر، كىتاپ دىگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلاتتىم. ھېيت-ئايەملەردە، بايراملاردا كىيىم كىچەكلەرنى ئېلىپ بىرەتتىم. بۇنداق چاغلاردا ئۇ بەكلا خوش بولۇپ كىتەتتى. ئۇمۇ مەن ئامراق نەرسىلەرنى ئېلىپ سوۋغا قىلاتتى. سوۋغاتلارنى جان دەپ قەدىرلەيتتۇق. شۇ ۋاقىتلاردا بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئەتىۋارىمىزنى قىلىشىپ خۇددى مېھماندەك ئۆتەتتۇق. مانا ھازىرچۇ؟ ھازىر ئۇنداق ئىشلاردىن ئەسەر يوق. ئۇ مىنى ئۆيگە كەلمىسىكەن دەمدىكىن تاڭ، مىنى كۆرسىلا سۆزلەش ئىقتىدارى ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتكە كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىنى بىزار قىلىدىغان بىر مەيدان كۆڭۈلسىز سۆھبەت باشلىنىدۇ. ديىشىپ قالساققۇ گەپتە ئۇنىڭدىن قالغۇچىلىكىم يوق. بىراق يول قويمىسام بۇ ئۆينى تۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ. بىشەملىكى بىر تۇتىدىغان بولسا شۇنىڭ راست بولمىغىچە ئۆيگە كەلگىلى ئۇنىمايدۇ. ياش بۇ يەرگە يىتىپ بىر بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغاندا، بالام مەن بىلەن بويلاشقىلى تۇرغاندا ئايال خەق بىلەن ئۇرۇشۇپ يامانلىتىپ يۈرسەم ماڭىمۇ ياخشى ئەمەس. يا ئەسكى دەپلا قويۋەتكىلى بولمىسا!؟ ئەسكى بولغاندىكىن قويۋەتتىم دىگەندىمۇ خەق ئۆزىنىڭ ياخشى خوتۇنلىرىنى ماڭا ئەكىلىپ بەرمەيدۇ-دە!
توۋا، ئۇ نىمىشقا پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىدىغاندۇ؟! بۇ توغرىلىق گەپ قىلسام دەيدىغىنى يەنىلا‹‹شەھەردە پۇل بولمىسا تۇرغىلى بولمايدۇ، نەپەس ئېلىشتىن باشقا ھەممىگە پۇل كىتىدۇ، چىڭ تۇرمىسا ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆشكە ئايلىنىپ قالىدىغان گەپ. ھېچنىمىدىن باشقا، دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا پۇلغا، ئىمتىيازغا، ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ ئىناۋەت تىكلەيدىغان ئىش...›› دىگەندەك بىر تالاي ۋاھاكازالىرىنى تۆكۈشكە باشلايدۇ. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئويلامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى تۈپتىن خاتا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، پۈتۈنلەي توغرىمۇ ئەمەس.
ھەي ئىسىت، تۇرۇپلا يۈرىۋاتقان چاغلىرىمىزنى سېغىنىپ قالىمەن. شۇ ۋاقىتتىكىدەك كەچلىرى بىللە كوچا ئايلانساق، تاماق يىگەچ بىر-بىرىمىزنىڭ ئاغزىغا تاماق سېلىپ قۇيۇپ ئەركىلىشىپ ئولتۇرساق، ماڭا شۇ چاغدىكىدەك كۆڭۈل بۆلسە، ئاسرىسا، كۆڭلۈمگە كىلىدىغان گەپلەرنى قىلمىسا نىمە بولىدىغاندۇ؟! مەنمۇ ئىشتىن چۈشكەندە ئۇ ياقتۇرغان نەرسىلەرنى كۆتۈرگەچ كىرىپ ‹‹سىزنى بەك سېغىندىم جېنىم ››دىسەم، ئۇ ئەركىلەپ بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ ‹‹مەنمۇ شۇ جېنىم، كىيىن قالدىڭىزغۇ؟›› دەپ سورىسا. مەن ئۇنىڭغا ئالغان گۈل ياكى ئەتىرنى چىقارسام، ئۇ خوشال بولۇپ ۋېلىقلاپ كۈلۈپ مەڭزىمگە سۆيۈپ قويسا...ئاھ، نەقەدەر كۆڭۈللۈك بولاتتى ھە!؟ ياق! ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن سورىماي گۈل ئەمەس كۆكتاتقا چاغلىق نەرسە ئالىدىغان ئىشىم بولسا يەنە بىر پاتمان گەپ ئاڭلايمەن. ئۇ پۇلنىلا تونۇيدىغان بولۇپ كەتكەندىن بىرى مىنىڭ ئارتۇق پۇل خەجلىشىم چەكلەنگەن. ئۇنى خوش قىلىمەن دەپ بىرەر قۇتا ئەتىر ئالسام خوش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇلنى بۇزۇپ-چاچقان گۇناھىمغا يەنە بەدخەج، ئويۇن قېپى، بىكارچى، ئۆي بىلەن كارى يوق سىرتتا كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەن مەسئۇلىيەتسىز ئەر بولۇپ قالىمەن. بىراق ئۇ ئۆزى ئالسا ھېچگەپ يوق. ئالغاندىمۇ‹‹دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن››چەتنىڭكىنى ،ئەڭ ياخشىسىنى، قىممەت باھالىقىنى ئالىدۇ. دىيىشىچە، بۇمۇ مىنىڭ ئىناۋىتىم ئۈچۈنمىش. ئىشىنەتتىممۇ؟! مەنمۇ شۇنىڭغا خوش. ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا بىرنىمە ئېلىپ بىرىمەن دەپ ساق بېشىمغا پىت سالغۇم يوق. ئېلىپ بىرىشنى خالىساممۇ ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت دىگەن ھامان ھۆكۈمەتتە!
-يەنە نىم بولدى ھوي كىشى؟
خىيال بىلەن بولۇپ كىتىپ ئۆيدە ئىكەنلىكىمنى، ئايالىم ۋە بالام بىلەن تاماق يەۋاتقىنىمنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈم كۈلۈپ سالغان بولسام كىرەك ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئايالىم ماڭا دوق قىلغان ئىدى.
-نىمە ھېيتلىق بەرگەندەك كۈلۈپ كەتتىڭىز؟ بىكارلىققىمۇ كۈلۈپ كىتىدىكىنا بۇ؟
-بىر يۇمۇر ئىسىمگە كىلىپ قالدى-دەپ قويدۇم چاندۇرماي.خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ بىر چىنە سۇيۇقئاشنى قانداقچە ئىچىپ تۈگەتكىنىمنى سەزمەپتىمەن.
ئۇ قاچا –قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ دەزمال سالىدىغان كىيىمنى دەزمال ئۈستىلىگە يايغىلى تۇردى. مىنى ھەقىقەتەن ھاردۇق باسقان ئىدى.
-خوتۇن، ئۇخلاش كىيىمىمنى ئەكىلىۋەتكىنە –دىدىم مەن يىنىك ئەسنەپ تۇرۇپ.
-ئوش ... تە، ئىش قىلىۋاتقىنىمنى كۆرمىدىمىكى؟ كەچكىچە ئىشقا بۇيرۇشنىلا بىلگەن. ئاخشام ئەكەلگەن كىلىندەك ھال تارتىپ ئولتۇرماي، ئۆزىڭىز ئېلىپ كىيىڭ. سىز بۇ ئۆينىڭ مېھمىنى ئەمەس، ئىگىسى! ئەنە،ئىشكاپتا بار.
پاھ! مانا قارا! قانداق ياخشى ھە!؟ ئۇ مىنى بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى دەپ ئىتىراپ قىلدى. داۋاملىق مۇشۇنداق بولسا بەك بەلەن بولاتتى. مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ ماڭا قوپال تەگكىنىمۇ بىلىنمەي قالدى.  ئۇ كۆرسەتكەن ئىشكاپتىن كىيىملىرىمنى ئېلىپ كىيىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم.
   بۈگۈن شەنبە. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۈچۈن تەكلىپنامىلەرنىڭ يېغىپ كىتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۈگۈنمۇ يەنە ئىككى يىگىت توي، بىر سۈننەت توينىڭ باغىقى بار. تۈگىمەس تۆي-تۆكۈنلەرنىڭ بەزىلىرى خوشياققان بىلەن بەزىلىرى ياقمايلا قويىدۇ. تېخى ئېغىر كىلىدۇ. ئەمما بەزىلىرىگە مەلۇم زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن چوقۇم بارماي بولمايدۇ. ئەرلەرگە خوشياقمىغان بىلەن ئاياللارغا تازا خوشياقىدىغان چىراي بۇ تويلار. مەخسۇس شۇ توي ئۈچۈنلا ئايرىم كىيىم ۋە ماس كىلىدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ئالىدىغان ئىشكەن. بەكرەك بولسا سومكا بىلەن ئاياغنىمۇ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئالمىسا بولمايمىش. توي –تۆكۈنلەرنى مەخسۇس ئاياللار ياسىنىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلسۇن دەپلا ياراتقان بولغىيمىدى!؟ مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۈگۈن بۇ تويلارغا چۇقۇم بېرىش كىرەك. بىرسى خىزمەتدىشىمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى، بىرسى ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ تويى، يەنە بىرسى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئوغلىنىڭ تويى. ئايالىمنىڭ دىيىشىچە ئىككىسىگە چوقۇم بارىدىكەنمىز، بىراق ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا بارمىساقمۇ بولارمىش. نەدە ئۇنداق ئىش بار؟ ھېچنىمەم يوق، سەھرالىق يالاڭتۆش ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا كىيىم– كىچەكلىرىم، ئوقۇش خىراجەتلىرىم، ھەتتا ئاش- تامىقىمغىچە خەۋەر ئېلىپ ياردەم قىلغان، داۋاملىق ئوقۇشۇم ئۈچۈن جان دىلى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مىنى قوللىغان، بۈگۈنكىدەك بىر ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىستىداتلىق زىيالى بولۇشۇمغا ئاساس سالغان ئاتامدەك ئۇلۇغ بىر كىشى ئۆز بىلىپ ئوغلىنىڭ تويىغا ئېيتسا، مەن كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋېلىپلا ھالىمنى يۇغان قىلسام قانداق بولىدۇ!؟ ئىشقىلىپ بۇ ئىشتا ئۇنىڭ دىگىنىگە كۆنمەيمەن. بارىمەن دىدىممۇ، چۇقۇم بارىمەن! ئۇنىڭ دوستىنىڭكىگە بارمىسام مەيلىكى، ئۇستازىم ئېيتقان تويغا زادى بارماي قويمايمەن.
يەنە توۋا دىمەكتىن  باشقا ئامالىم يوق.ئەينەك ئالدىدكى مونو ھەيكەلدەك ئاپئاق، خانىشتەك ياسىداق، چېچىنى سىۋەتتەك ئاتتۇرۇپ، ئالا-يېشىل پار-پۇرلارنى چېچىۋالغان، يۈز-كۆزلىرىنى چاڭچىلىكەشتىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بويىۋالغان، بويۇن-قۇلاقلىرىغا لىگەندەك، ئارغامچىدەك يوغان، كۆزنى قاماشتۇرۇپ جالدۇرلاپ تۇرىدىغان زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىۋېلىپ، سۈر-ھەيۋە بىلەن ئولتۇرغان ئايالنى تونۇمىغىلى تاس قالدىم. ھال رەڭلىك، پەش - ئىتەكلىرى ئايىغىدا سۆرىلىپ تۇرىدىغان، مەيدىسىنى تامامى ئوچۇقلا قويغىلى ئىزا تارتىپ پەقەتلا بولمىغان يىرىنى يېپىپلا كۆڭلەك قىلىۋالغان، رەختىنىڭ ئىسىللىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، دىدەك ئىزورانىڭ كۆڭلىكىدەك كۆپتۈرمىسى بار مۇراسىم كىيىمىنىڭ كەڭرى يېيىۋالغان ئىتەكلىرى، تىكىلىشىنىڭ سىپتا ۋە ئالاھىدىلىكى، رەختىنىڭ ياخشىلىقى ھەم جالدۇر-جۇلدۇر مارجانلىرىغا قارىغاندىمۇ باھاسى بوش يەردە ئەمەستەك قىلاتتى.  تېخى تاڭ ئاتماستىلا پەردازخانىغا بارىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئايالىم ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ مانا ھازىرقىدەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. راست گەپنى قىلسام شۇتاپتا ئۇنىڭ چىرايلىق بولغىنىنى ياكى سەت بولۇپ قالغىنىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. چۈنكى يا ئالۋاستىغا، يا پەرىزاتقا ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. نىمانچىۋالا ياسىنىش دەيمەن-دە، خۇددى بۈگۈن تويى بولىدىغىنى مۇشۇ خوتۇندەك. كىلىن يۆتكەيدىغانلار ئازغىشىپ قېلىپ ماۋۇنى ئېلىپ كەتمىسىلا بولغىنى ئىدىغۇ!
-يائاللا...ھەجەپمۇ سۆرەلمىكەنسىز. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى تەييار بولۇپ بۇلالمىدىڭىزما؟ يا سىزنىڭ ياسىىتىدىغان ئۇزۇن چېچىڭىز بولمىسا، يا گىرىم قىلدۇرمىسىڭىز. شۇ ساقىلىڭىزنى ئېلىپ، كىيىملىرىڭىزنى يەڭگۈشلەيدىغان ئىشىڭىزنىمۇ تۈگۈتۈپ بۇلالماپسىزغۇ؟!
-ئەمدى شۇ، دەم ئېلىش كۈنى بولغاندىكىن ئۇزاغاراق ئۇخلاپ قاپتىمەن. چاي ئىچىپ بولۇپ بىردەم تېلىۋىزور كۆردۈم. نىمىگە مۇنچە ئالدىرايمىز؟ قاق ئەتىگەندە بېرىۋالمىساقمۇ بولا؟!
-سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن قارىشىدىغان ئىش-كۈشلەر بولسا ھە-ھۇ دىيىشىپ بىرىدىغان گەپ...
-ئوخشاتمىغىنا بولدى. ئىشۇ تۇرقۇڭ بىلەن بىر ئىشلارغا قارىشامسەن تېخى؟-ئۇنىڭ گىپىنى تارتىۋالدىم-توزدەك قېتىۋېلىپ بۇ ئۆمرۈڭدە ئىش قىلمايدىغاندەكلا ھالەتكە كىلىۋاپسەن. مۇشۇ كىلەڭسىز كۆينەك بىلەن نىمىشمۇ قىلىشىپ بىرەرسەن ئۇ يەردە؟ شۇ ئۆزۈڭنى كۆز-كۆز قىلغىلى بارارسەن تايىنلىق.
-ھۇيت غوجام، خۇددى مىنى داۋاملىق مۇشۇنداق ياساپ قويۇپ ئىشقا سالمايدىغاندەك گەپ قىلىسىزغۇ؟ ئەل-ئۆمرۈمدە بىرەر قېتىم ياسىنىپ بېقىپتىمەن ئەمدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ تويغا بارىدىغان يېقىن-يورۇقلارنىڭ قايسى بىرى مۇنداق ياسانمايتتى؟‹‹قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال›› دەپتىكەن قاراڭ، ئۇلار قىلغاننى بىزنىڭمۇ قىلغۇچىلىكىمىز بار، ھە! ئەجىبا خەق ياسىنىپ ئۆزىنى تۈزەپ كەلسۇنۈ، مەن سەھرادىن چىققاندەك ئەپتىمدىن توپا توزۇتۇپ بارايمۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ دوستتىن تولا دۈشمەنلىرى بولىدۇ. شۇلارنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ چېنىپ قالماي بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ يۈرمىسەك بولماس؟ يەنە كىلىپ كىيىم دىگەنمۇ ياشلىقىدا، پىگورىنىڭ بار چېغىدا يارىشىدىغان نىمە. پۇل دىگەننىمۇ شۇ خەجلەرمەن دەپ تاپىدىغاندىمىز؟ ئۆزۈمنى كۆز-كۆز قىلسام قىلغۇچىلىكىم بار جۇمۇڭ! پىگورا دەمسىز، چىراي دەمسىز، سۆلەت دەمسىز، ئىشقىلىپ خەقتىن قالغۇچىلىكىم يوق...
مانا قاراڭ، بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇممۇ، بولدى! مۇشۇنداق قاينىغىلى تۇرسا، دومبا-چۆگۈن بىكار قالسۇن! شۇڭىمىغۇ، چىش يىرىپ بىرنىمە دىمەي ئەسكى ئۆگىتىپ قويغانمەن ئۇنى. سەھرانى چىشلەپ تارتىشلىرىچۇ تېخى، خۇددى سەھرا قوڭىنى چىمدىۋالغاندەك.
-ۋاي بولدى قىلساڭا ۋوي، بوپتۇ ياسانغۇڭ كەلگەن بولسا ياسانغىن. ئەمما دىققەت قىل، ئاۋۇ كىلىن يۆتكەيدىغانلار قىزنى قويۇپ سىنى ئېلىپ كەتمىسۇن يەنە...
-ئوشت، نەدىكى گەپنى قىلىپ يۈرۈيدىكىنا جىلە بولۇپ ئاران تۇرغاندا. بۇ ئايدا يەنە ئايدىن چىقالمايدىغاندەك تۇرىمىز. نەگە خەجلەيسىزكىن تاڭ، بەرگەن خىراجەتنى ھەش-پەش دىگۈچە تۈگىتىپ بولىدىكەنسىز. يا باشقا تېپىشىمىز بولمىسا مائاشتىن باشقا. تىجەپرەك خەجلىسىڭىز بولمامدۇ؟ نى ئەرلەر باركەن، پارچە خىراجەتلىرىدىن تىجەپ خوتۇنىغا بىرنىمىلەرنى ئېلىپ بىرىدىغان ياكى ئۆيگە ئەكىلىدىغان. سىزدىنغۇ ئۇنداق گەپ چىقمايدۇ زادى. سىزمۇ باشقا خەقلەردەك خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا سودا قىلىپ پۇل تاپسىڭىز بولمامدۇ مائاشقىلا قاراپ ئولتۇرماي.سىزدەك بوشاڭ ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن...
بىر ئېغىز چاقچىقىم ئۈچۈن بۇرنۇمغىچە تويغۇزغان خوتۇنغا قاراپ يوغان بىرنى ئالايغىم كەلدى. ئەمما جىدەلنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. يەنە دەيمەندە، مۇشۇ پۇل دىگەنگە نىمانچە ئامراقتۇ بۇ خوتۇن خەق.
-شۈكرى قىل خوتۇن-دىدىم ئېغىر خۇرسىنىپ-بىزنىڭكىچىلىكمۇ كۈن ئالالماي يۈرگەنلەر كۈرمىڭ. يوققا كايىماي، بارىنى يەتكۈزۈپ ئىشلىتەيلى، يەنە رىسقىمىزنى ئاللا بىرىدۇ. ئۇنچىلىكمۇ خەجلىمىسەم ئىشقا پىيادە بېرىپ كەلسەم، تاماكىنىڭ ئورنىغا كۆك موخوركا چەكسەم، تىلفۇن ئىشلەتمىسەم بولىدۇ شۇ. نەدىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىملىرىم بار؟ مىنى پۇل تاپ دەيسەن، ئوقۇتقۇچىلىقتا نەدىمۇ خىزمەتتىن بوشاپ چىقىپ پۇل تاپقۇدەك ۋاقىت بار؟ خەجلىسەڭ سەن خەجلەيسەن، تۈگىسە مەندىن كۆرىسەن. ئەمدى ساڭا نىمە قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟ ئەر كىشى بولغان گۇناھىمغا بۇرنۇمغىچە تويغۇزىۋاتىسەنغۇ زادى. ئۆزۈڭگە بىر قاراپ باققىنا، دوست-دۈشمەنلەرگە كۆرسىتىمەن دەپ شۇنچىۋالا ياسىنىۋاپسەن، ئاز پۇل كەتمىگەندۇ تايىنلىق.     سەن خالىغانچە بۇزىسەنۇ، پۇل تۈگىدى دەپ ماڭا كايىيسەن. ئۇۋالچىلىققۇ بۇ.
ئىچىمگە يىغىلىپ قالغانلىرىنى بىراقلا تۆكىۋالماقچى ئىدىم، بىراق تۇيۇقسىز ئۇنىڭ غالجىر تەبىئىتى يادىمغا كىلىپ شۇ يەردىلا توختىدىم. كىم بىلسۇن، مەن توختىغان بىلەن ئۇ توختىمايدىكەن ئەمەسمۇ؟!
-ھەئە، بەك ئۇۋالچىلىققا قېلىۋاتىلا. مەندەك يۇۋاش-يۇمشاق خوتۇننى ئېلىۋېلىپ كەم-كۈتىسىز ياشاۋاتقانلىرى ئۈچۈن خوش بولسىلا تېخى. سەھرالىقكەن دىمەي تەگدىم. جاپالىرىنى تارتىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتكۈزدۈم،ئەمدى-زە،سىلىگە ئۇۋال قىپتىمەن-دە!سەھرالىق دىگەنمىغۇ، ئەسلىنى ئۇنتۇيدىغان خەق زادى.
مونو گەپلەر تىتاڭ تومۇرۇمغا تەگدى.ئەجىبا ئۇ ماڭا تەگمىگەن بولسا باشقا خوتۇن تېپىلماسمىدى؟ مىنى بۈگۈنكى كۈنگە ئۇ يەتكۈزۈپتىمىش! ئاتا-ئاناممۇ دەپ باقمىغان گەپلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىمالال چىقىۋاتقىنىغا ھەم ھەيران قالدىم، ھەم ئاچچىقىم كەلدى. قارىغاندا شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئېڭى تۇغۇلىشىدىنلا باشقىچە بولسا كىرەك؟! سەھرالىقلارنى ياراتمايدۇ تېخى. ئۆزى سەھرالىقچىلىك بولالمايدۇ. سەھرادىن چىققان ئاياللار نەدە ئىرىگە مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ يۇۋاش، مۇلايىم، رايىش، ئىشچان ھەم كىچىك پىئىل كىلىدۇ. ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى شەرەپلىك بۇرچى دەپ بىلىدۇ. ئۇلار ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن پەرىشتە دەپ سۈپەتلىنىدۇ.
مەن ئاچچىق ئەلەم بىلەن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ بالكونغا ماڭدىم. ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇممۇ كەلمىدى. ئىچ-ئىچىمدىن بوخسۇپ چىقىۋاتقان خورلۇق ھىسى ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتىمەكتە ئىدى.
-ھۇيت، نەگە؟ ئا چاپاننى ئالماشتۇرۇپ ئاياغنى مايلىۋالىلى. خەق بۇ تۇرقىڭىزدا كۆرسە بولماس!‹‹كىمنىڭ ئىرىكەن›› دىسە ‹‹ھاجىگۈلنىڭ››دەيدۇ جۇمۇ. سالاپەتنى توغرىلاپ ماڭمىساق سەت تۇرىدۇ...
ئۇنىڭ شۇ گەپلىرى يۈرىكىمگە زەھەردەك تەگدى. ھەممە ئىشتا ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان مۇنداق خارەكتىر كىشىنى ھەقىيقەتەن  بىزار قىلاتتى. ئۇ بۇرۇنمۇ مۇنداق گەپلەرنى تالاي دىگەن ئىدى. مەنمۇ تولا ئاڭلاپ قۇلاقلىرىم پىشىپ كەتكەن. بىراق بۇ ئايالغا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئۆزۈمگە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكى ھەردائىم ئۆزىنى ئىزاھلاپ تۇراتتى. گەپ قىلدىممۇ بولدى، يەنە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈنگىچە جىدەل قۇرىمايدۇ. تېخى مەن ئۆزۈم گەپ تىشىپ ئەپۇ سورىمىسام بىر ئۆمۈر گەپ قىلمايدىغان چىراي. يامانراقى، شۇنى باھانە قىلىپلا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىر يامانلاپ كىتىۋالسا نەچچە قېتىم بارغىلى سالغاننى ئاز دەپ، ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرەرنى ياكى راۋۇرۇس كىيىمدىن بىر قۇر ئېلىپ بەرمىسەم كەلگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆيۈڭنى چىرايلىق تۇتقىن دىمەمدىكىن تاڭ، ‹‹نىمە قىلساڭلار ئىختىيارىڭلار، بىز ئارىلاشمايمىز ›› دەپلا چەت ئۆتۈۋالىدۇ. ئۇنىڭچە، شۇنچە ئۇزۇن يامانلاپ ئولتۇرغاندىكىن ئەل-مەھەلىنىڭ ئالدىدا ئەتىۋارىنى قىلىپ ئەكەتمىسەم بولماسمىش، خۇددى باشقىلارنى كۆرسۇن دەپ يامانلاپ بىرىدىغاندەك. شەھەرلىق خەقلەرنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى مۇشۇنداق يولسىز، بىشەم، ھازازۇل قىلىپلا تەربىيىلەمدىغاندۇ؟!
بالكوندا قانچە ئۇزۇن تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇ ئاشۇ كىلەڭسىز كۆينىكىنىڭ پەشلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ئىگىز پاشنىلىق ئايىغى بىلەن تاراقشىپ دەسسەپ چىقىپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىقىنى، تىزراق مېڭىشىمىز كىرەكلىكىنى سەمىمگە سالغاندا ئاندىن تىگى يوق خىياللاردىن ئۆزۈمنى تارتتىم.
تويغا كىتىۋاتىمىز. خىيالىم بىر يەردە ئەمەس. پىكرىم چېچىلاڭغۇ.ئەتىگەندىلا مىخقا ئۈسىۋالغاندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاچقىمىكىن كەيپىياتىم پەقەتلا ياخشى ئەمەس. تۇرۇپلا يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ماشىنىنىڭ مېڭىش رېتىمى بىلەن تەڭ يىنىك تەۋرىنىپ ئولتۇرغان ئايالىمغا نەپرەت بىلەن قارايمەن. نىمىسىگە ئاشىق بولىۋىدىمكىن؟ ھېچ ئاڭقىرالمايمەن. دىمىسىمۇ ئۇ چاغدا ‹‹توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىشەملىكتە ئۇچىغا چىققان ساراڭ بۇلۇپ ئۆزگىرىۋالىمەن›› دەپ ئەسكەرتىپ قويمىغاندىكىن بۇ خۇيلىرىنى نەدىن بىلىمەن؟! خەير، ياخشى بولۇپ كىتەر ئىلاھىم!
ئۇنىڭ دوستىنىڭ تويىدا ئۇزۇن تۇرمايلا دەپمۇ قويماي ئۇستازىم ئېيتقان تويغا قاچتىم. نەچچە تىلفۇن قىلىپ ھاردى، ئالمىدىم. ئەگەر ئالىدىغان بولسام نەخ مەيداندىلا تىللاپ ۋەتۋەرىكىمنى چىقىرىۋىتىدۇ. ئەخمەقمىتىم مەن؟!
كەچ سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا تويدىن يېنىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيگە كىرگۈچە ئازراق سۈر باسقىنىنىمۇ يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. ئەسكىنىڭ ئۆزىدىنمۇ، سۆزىدىنمۇ قورق دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟! راست دىگەندەك كىرىشىم بىلەنلا جىدەلنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتى.
-نىمانداق كاللىڭىز ئىشلىمەيدىغان ئادەم سىز؟ پىنسىيىگە چىقىپ، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئاشۇ ئاقباشنىڭ تويىدا نىمە بار سىزگە؟ زۇلپىيەنىڭ تويىدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ ھۆرمىتىنى قىلىشىپ بەرسەك ھەممىمىزگە پايدا ئەمەسمۇ؟! ئۇ توي قىلغان بالا مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىكەن. ھېي، شۇنىڭ بولسىمۇ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىۋالساق ئىشلىرىمىز ئۆزىچىلا يۈرۈشۈپ كىتەر بولغىيدى؟ يۆتكىلىمەن دەپ يۈرگىلى نەچچە يىل بولدى. تېخىچىلا شۇ قۇتۇر مەكتەپتە ئىشلەۋاتىسىز.‹‹ يول ئۈستىدە تونۇشۇڭ بولسا ئاچ قېلىشتىن غەم يىمە›› دەيدىغان گەپ بار.شۇلارنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىۋالارمىز دەپ ئاتايىن بىللە ئاپارغىنىم تېخى. نىمە پايدا چىقتى ئاۋۇ گاداي مۇئەللىمىڭىزنىڭ تويىدىن؟
-ئۇنداق دىمە خوتۇن! مەن پايدىنى كۆزلەپ بارمىدىم. ئۇ دىگەن ماڭا كۆپ ياردەم قىلغان ئاتامدەك ھۆرمەتلىك ئادەم ئۇ. ئادىمىگەرچىلىك ئىشى چىققاندا بولسىمۇ ئىزدىىش تۇرمىساق ...
-ۋاي قويۇڭە شۇ گەپلىرىڭىزنى. نىمە چىشىمنى قېرىشتۇرىدىغاندۇ؟! سىزدەك بىر ئېتىز يەردىن چىقالمايدىغان كونا تۈگمەننىڭ ھالى مانا مۇشۇ، يا ئشتىنىڭىز تىزىڭىزدىن ئاشمايدۇ، يا يۇندىڭىزنى ئىت كۆمەيدۇ. كاللىنى ئىشلىتىپ ئىش قىلساق بولمامدۇ دەيمەن. سەھرالىق دىگەننىڭمىغۇ بولۇشى شۇ، قاچان قارىسا پايتىمىسىنى تەتۈر يۆگەپ پۇتلىشىپلا يۈرگەن. سىزدەك بوشاڭ، تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ زاغرا غاجىلاپ كۆنۈپ قالغان تومپايغا تەگكەندىكىن ئۆزۈمگە ئاز...
-بولدى قىل دەيمەن. مەن ئۇ تويغا بارسام ساڭا نىمە زىيان بولدى؟ نىمانداق تەتۈرلۈك قىلىسەن؟ پايدا چىقمىسا ھېچقانداق يەرگە بارمايمىزما؟ ئۇلار دىگەن ئىزدەپ تۇرۇشقا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىش-كۈشلىرىگە قارىشىپ بىرىشكە تىگىشلىك كىشىلەرغۇ؟ ئۇنىچلىكنىغۇ قىلالمايمىز، ئەمدى تويىغا چاقىرسىمۇ بارمىساق...
-ۋاي سىز بەك ئالىيجاناپ، بەك كۈيۈمچان پەرىشتىدەك كىشى سىز. تايىنلىق ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپلا مەدىكارچىلىقىنى قىلىڭە. نىمە جۇدۇنۇمنى ئۆرلىتىدىغاندۇ ماۋۇ ئۇماچ قۇرساق تومپاي. شۇ خەقنىڭ تەخسىسىنى يالاپ بىر باي بوپ كىتەرسىز. قاچان قارىسا كونا پايتىما جەددى-جەمەتىنى سۆرەشتۈرۈپلا يۈرگەن...
يۈز-كۆزلىرىمنى مورلاپ، تۈكۈرۈپ يۇندا قىلىۋەتمىگىنى بىلەن شۇنىڭ بېرىسىنى قىلدى.ھەممىدىن يامىنى ئۇرۇق-تۇققان، قوۋم-قېرىنداشلىرىمغىچە چىشلەپ تارتىپ، ھاقارەتلەپ، بولۇشىغا تىللىدى. ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدىم. ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ پۈتۈن قەھرىم بىلەن بىرلا ۋارقىرىۋىدىم، گۇناھسىز ياقام ئۇنىڭ ئامبۇردەك قوللىرى ئارىسىدا پۈرۈلۈپ تارتىشىشقا باشلىدى. ئاخىرى چىدىماي تەستەككە كىلىشتۈرۈپ بىرنى ساپتىمەن. بوغۇزلىغان ئىتتەك بىر چىرقىرىدى ۋە ئېسىلىۋېلىپ‹‹يامان بولساڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت››دەپ ساراڭلىق قىلىشقا باشلىدى. مۇنداق ساراڭلىق قىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان، ئەمما مۇشۇ ئۆمرۈمدە زىنھار كۆرمەپتىكەنمەن. بۇ قېتىم كۆتۈرۈشكە ئاجىز كەلدىم.
ئۇ شۇ يامانلاپ كەتكەنچە كەلگىلى ئۇنىمىدى. مەنمۇ ئەكىلىمەن دەپ بۇرۇنقىدەك بەك كۈچەپ كەتمىدىم. چۈنكى مىنىڭ قىلغىنىم خاتا ئەمەس ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئوغلۇمنى ماڭا قالدۇرۇپ بىر يامانلىغانچە ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي ئولتۇردى. مەن قاراپ بۇلالمىغاچقا بالىنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويدۇم. ئاتا-ئانام يالغۇز بولۇپ، بالامنىڭ مەكتىپى چوڭ ئۆيگە يېقىن بولغاچقا بۇرۇنمۇ تولاراق چوڭ ئۆيدە تۇراتتى. مەنمۇ تاماققا چوڭ ئۆيگە قاترايدىغان بولدۇم. ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن قېينىئانامنىڭ ئۆيىگە خوتۇننى ئەكىلىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم بارغان بولساممۇ بۇرۇنقىدەك ۋاي دەپ كەتمىدىم. كىيىن بىراقلا بارماي قويدۇم. ئۇنىڭسىز ئۆي ئىشلىرى، ئاش-تاماق، كىر-قات دىگەندەك ئىشلاردا سەل قىينالغان بولساممۇ ئەمما قۇلىقىمنىڭ تىنچىپ، كاللامنىڭ ئارام ئېلىپ قالغىنىدىن خوش ئىدىم. بۇ جەرياندا ئۇچرىغان تونۇش بىلىشلىرىگە، يېقىن –يورۇقلىرىغا مىنى يامان قىلىپ ھارغۇچە تىللىغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇردۇم. تۆتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا ئۇنىڭ سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يۈرگەن سىڭلىسى تېلفۇن قىلىپ قالدى. مەن تېخى ‹‹ ئايالىم ئاجرىشىشنى قارار قىلغان بولسا، گەپلىرىنى شۇ سىڭلىسىدىن يەتكۈزمەكچى بولغان ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىراق ئىش ئۇنداق بولمىدى. يېقىن-يورۇقلارنى باشلاپ كىلىپ ئۆزىنى ئۆيگە ئېلىپ كىتىشىمنى ئېيتماقچى ئىكەن، بىراق ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن دىيىشكە خىجىل بولۇپ سىڭلىسىنى ئىشقا سالغان ئىكەن. تۇرۇپلا ھەيران قالدىم. بىراق يەنىلا سوغۇققان بولۇپ ئويلىنىپ باقتىم. ئۇزۇن مەزگىل يامانلاپ ئولتۇرغان بولغاچقا گۇناھىنى تونۇغاندۇ، ياكى بولمىسا مىنى سېغىنغان بولسا چىدىماي شۇنداق دەۋاتقاندۇ. قانداقلا بولمىسۇن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئەمەسمىدۇق!؟ ئۇنىڭمۇ تۆمۈردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بوينىنى يۇۋاشلىق بىلەن ئىگىپ ماڭا شۇ گەپنى قىلغىنىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئىدى.
دىگىنىدەك قىلىپ ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپمۇ كەلدىم. قارىسام يا مىنى ئۇنچە سېغىنغاندەكمۇ قىلمايتتى، يا گۇناھىنى تونۇغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى. يەنە  بۇرۇنقىدەكلا تىللايدىغاننى تىللاپ، باشقۇرىدىغاننى باشقۇرۇپ مىڭەمنى قوچۇپلا يۈردى.   دىسەم كۈلمەڭ. ئۇنىڭ ئۆيگە كىلىپلا قىلغان تۇنجى ئىشى- ھېلىقى ئوقۇتقۇچۇمنى ۋە يىڭى توي قىلغان ئوغلى بىلەن كىلىنىنى تاماققا چاقىرىپ پادىشاھلاردەك ئىززەت-ئىكرام ۋە ئىلتىپاتلار بىلەن مىھمان قىلىپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈش، ساقسىز بولۇپ قېلىپ تويغا بارالمىغىنى ئۈچۈن ئۆزرە قويۇش، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ماڭا كۆپ غەمخورلۇق قىلغانلىقى، ئۆز ئاتام بولغان بولسىمۇ شۇنچىلىك قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يېنىش-يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىش بولدى. گەپ ئارىلىقىدا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ كۆز يېشى قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. ئاخىرىدا يەنە پات-پات ئىزدىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن قايتا –قايتا ۋەدە ئېلىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. بىزنى ئۆز تۇغقانلىرىدەك كۆرۈشكە قايىل قىلىش ئۈچۈنمۇ كۆپ ھەرەجلەندى. داستىخانغا تىزىلغان نازۇ-نىمەت، چىقىرىلغان تاماق-قورۇمىلار، مىۋە-چىۋىلەر، سوغۇق ئىچىملىك، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويغان ئىسىل قويمىلىقلار، ھەم قەنت-گىزەك، پىچىنە-پىرەنىكلەرنىغۇ دىمەيلا قۇياي. ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچۇم ۋە يىڭى توي قىلغان ئوغلى بىلەن كىلىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا قىلىنغان ئىلتىپاتلارمۇ ئاز بولمىدى.  كىچىكىمدىنلا ‹‹ياسىن›› دەپ ئاددىيلا ئاتىلىپ كەلگەن ئىسمىممۇ بىر چىرايلىق ‹‹ياسىنجان››غا ئۆزگىرىپ، بەش مىنۇتتا بىر دىگۈدەك نازاكەتلىك چاقىرىلىپ، ھېلى پىيالەمگە چاي لىقلاندى، ھېلى تەخسەمگە قورۇما سېلىندى. يا بولمىسا ياخشى ئىش-ئىزلىرىم، تىرىشچانلىقىم، ئائىلىدىكى كۆيۈمچانلىقىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم، خىزمەتتىكى ئاكتىپچان ھەم دادىللىقىم ھېلىدىن-ھېلىغا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ماختالدى. توۋا، يالغان خۇشامەت، ساختا ئىلتىپاتلارنىڭ ئادەمنى بىتايىن يەرگە تەرەت قىلىپ قويغاندەك ئۇڭايسىزلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. شۇ گەپ-سۆزلەردىن خۈدۈكسىرەپ يەرگە كىرىپ كىتەي دىدىم. ئايالىمنى تېخى ئەمدىلەتىن تونۇۋاتقاندەك ھىسسىياتتا بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. شۇنداقتىمۇ ھەممىگە چىداپ ئۈن-تىنسىز ماسلاشماقتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى.
نىمىسگە ھەيران قالاتتىم؟ بۇ خوتۇن ھەقىيقەتەن يامان جۇمۇ! يامانلىقتا يىلاننىڭ ئىچىدىن يىپ سۇغۇرالايدۇ دىسەم لاپ گەپ ئەمەس. شۇ كۈنى كەچتە بىلسەم، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ يىڭى كىلىنى ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقىنىڭ قىزىكەن ئەمەسمۇ؟!


2011-يىلى 11-ئاي ( خوتەن )


مەنبە: يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 101 ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 101   باھا خاتىرىسى

ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19640
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7451 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 02:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنى ئوقۇپ ئۇھسىنىۋەتتىم...تۆۋە...ئادەم مۇشۇنداقمۇ ئۆزگەرگەن بارمۇ-ھە؟ كۆيۈپ-پىشىپ ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇنداق ئۆزگەرگىلى تۇرسا-ھە؟

تىخى ئاۋۇ ئايالنىڭ بىشەم،ھىلىگەر،مىننەتخورلىقىنى نىمە دەي؟ ئۆزۈمنى ئۇ ئايالنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ھىس قىلىپ بىقىۋىدىم، تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى...خۇدايىم ساقلىغاي بۇنداق ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن...

ئەگەر ئەركىشى بولغان بولسام مۇنداق ئايالنىڭ خىتىنى ئاللىبۇرۇن قولىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىم...قاملاشمىغان...مىننەتخورلۇق،ئىرىگە زۇلۇم سىلىش...بۇنداق ئاياللارنى ئاللاھ ئۆزى جازاسىنى بەرگەي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-18 03:00 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 03:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشامەتچى ، شۆھرەتپەرەس خوتۇننى ئېلىۋېلىپ جاپاسىنى راسا تارتىۋېتىپسىزدە!

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25361
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3334 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 03:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشى شۇنداق قىلسا، ئەركىشى تالاغا قارايدىغان گەپ،ئۇچاغدا نىمە قىلدىم دىمەي،ئەركىشى ئەسكى،يۇزسىز،قىلغاننى بىلمەيدۇ دەپ تىللايدۇ.ھەرگىز ئۆزدىن كۆرمەيدۇ،چاۋاكنىڭ ئىككى قولدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56982
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 03:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى بى چارە ئاداشقا.

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8436
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4122 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 04:08:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.
نېمىشقا بېشەم خوتۇنلار مۇشۇنداق ياخشى ئەرگە تىگىۋالدىغاندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7833
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 04:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



              تىلى ناھايىتى ئەركىن تەبى چىقىىپتۇ ،نەچچە يەردە كۈلىۋېتىپتىمەن ~~~

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27738
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1984
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 04:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10326
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 05:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-18 02:59 PM
ھىكايىنى ئوقۇپ ئۇھسىنىۋەتتىم...تۆۋە...ئادەم مۇشۇنداقمۇ  ...

مەلىكىنى ئىلىۋاغانلارنىڭ  بەختى ئىچىلغۇدەكتە ھە ؟؟؟:qiray124:qiray14

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10326
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 05:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  ياخشى ئەرلەر ئاشۇنداق  خوتۇنلارغا ... ياخشى قىزلار ھىلىقىدەك تالادىن  كىرەلمەيدىغان تالاغا قارايدىغان ئەرلەرگە  قالىدىكەن بۇ دۇنيا .... توۋا  دەيمەن لىكىن ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش