|
|
|
|
مەن چەكسىز مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىمەن. ئۇمېنى ئاپىرىدە قىلدى، ماڭا ھاياتلىق بەردى.تىلسىز بوۋاقتى يېتىلگەن ئادەمگە ئايلاندۇردى.ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئۆزۈمنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدىغاننى بىلدۈردى.ئۇ يەنە ماڭا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى ئۆگەتتى.ئۇ يەنە ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىپ، بىر كۈلۈك ئۇستازنىڭمۇ ئاتا ئورنىدا قەدىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇ ماڭا دوستلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئېيتىپ بەردى،دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنىمۇ ئېيتىپ بەردى.مەن ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار! ھەقىقەتەن چىن يۈرىگىمدىن مىننەتدار!ئۇ ماڭا مىننەت قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت مېنىڭ ياخشىراق كۈن كۆرىشىنمى ئۈمىد قىلىدۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانا!
ھەر-بىر ئىنساننىڭ ئاتا-ئانىسى بولىدۇ. ھەر-بىر ئاتا-ئانا پۈتۈن كۈچ بىلەن بىزنىڭ ھەر-بىر كۈنىمىزنى خوشاللىققا تولدۇرىدۇ. ئىش ئۇقمايدىغان كىچىك چاغلىرىمىزدىن تارتىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمىزگىچە،يەنە سالماق بولغان ياشلىق دەۋرىمىزگىچە بىز ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىمىز.ھالبۇكى ئۇلار بولسا قېرىيدۇ. ئۇلار تەقدىم قىلغان نەرسىلەرنى بىز بىرئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمىز. جۇڭگولۇقلاردىكى "بالىسى ۋاپادارلىقنى ئۆگىنىپ بولغۇچە ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ" دېگەن ماقال مېنى ناھايىتى تەسىرلاندۈرىدۇ. قېيىن ئانا بىرئۇلۇغ ئەركەكنى يېتىشتۈرگەندەك نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەر بار.شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار دۇنيادا بىر مۆجىزە قالدۇردى. ئۇلار مېنى تەسىرلەندۈردى،تەسىرلەنگىنىمدىن ھەتتا يىغلىغۇم كەلدى.
زىمىستان قىش كۈنلىرى دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقىنىمدا تاماق ئاللىقاچان شىرە ئۈستىدە تەييارلاقلىق،قوللىرىم سوغۇقتىن توڭلاپ، سېزىمىنى يوقاتقاندا بولسا مېھرىبان دادام قوينىغا سېلىپ ئىللىتىدۇ. پۇتلىرىم مۇزلاپ كۆكىرىپ كەتكەندە بولسا، كۈيۈمچان ئاپام بىر داس ئىسسىق سۇ ئەكىلىپ پۇتلىرىمنى ئۇنىمىغىنىمغا قويماي داسقا چىلاپ پات-پات ئىسسىق سۇ ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ قويىدۇ.
ئاخىرى زىمىستان قىش ئاخىرلىشىپ ئىللىق باھار شامىلى يېتىپ كەلدى. مەن باھار شامىلى ئېلىپ كەلگەن بۇلۇتلارغا قارىغاچ ئۇنىڭغا "سېنىڭ قىزىڭ بولغىنىمدىن بەكمۇ خوشالمەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇلۇغ ئاللاغا چەكسىز شۇكرى ئېيتىمەن" دېدىم.مېنىڭ يىغلىغۇم يوق ئىدى، لېكىن كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز ئېتىلىپ چىقتى. چۈنكى بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ شۇ ئەزىزلىرىم مېنى ئىللىق قوينىغا چىڭ باسقانىدى.
ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئااللاھ! شۇ ئەزىزلىرىمنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن! كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقمىسۇن! بارچە بەخت ھەم خوشاللىقلارنى پۈتۈن كائىناتتىكى شۇ مېھرىبان قەدىردانلارغا نىسىب ئەتكىن! ئۇ ئالامدە ئېسىل سۈپەت ھەممە تەلپۈنىدىغان گۈزەل جەننەتنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بەرگىن!
مەنبە: تەرجىمە ئەسەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شېرىنىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-18 02:29 AM
|
|
|
|
|
|