بۇ روماننى كۆرگەنلەر بارمۇ؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مىسرانىم ئەھلى!
مەن نەچچە يىلدىن بۇيان "ئىدىل دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە" ناملىق بىر تارىخىي روماننى ئىزدەپ تاپالمىغانىدىم. باشقىلارغا ھاۋالە قىلساممۇ، نەتىجىسى بولمىدى. مەلۇم بىر مۇنبەرنىڭ چ چ توپىدا بۇ كىتابنى سۈرۈشتە قىلسام، بىرەيلەن ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن ماڭا سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەم پوچتىدىن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەۋەتەلمەي قالغان ئوخشايدۇ، بىر ئاي ساقلاپ باقتىم، سۈرۈشتۈرۈشكە يۈزۈم چىدىمىدى. شۇڭا، مۇنبەرداشلاردىن سوراپ ئولتۇرىۋاتىمەن.
بۇ كىتاب ئۇنچىۋالا كونا كىتابمۇ ئەمەس، 1992-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛ ئومۇمىي تىراژى 5 مىڭ پارچە. ئاپتورى: نۇرىخان فەتتاخ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)؛ تەرجىمە قىلغۇچىسى: رەئۇپ يائۇشۇف.
قولۇمدىمۇ بار، لېكىن، بۇ كىتابنى كىچىك چېغىمدىن باشلاپ كۆتۈرۈپ يۈرگەچكە،كونىراپ ئوتتۇرىدىكى ۋاراقلىرىلا قالدى، يېڭىسىنى ساقلاپ قويماقچىدىم.
بۇ كىتابنى ماڭا سېتىپ بېرەلەيدىغانلار (نەچچە دېسە مەيلى) ياكى كۆرگەنلەر كۆرگەن يېرىدىن (پۇل سەپ بەرسەم) ماڭا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرەلەيدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
تېلېفۇن: 18010155484 ياكى 13565702421
چ چ : 1010765483
قەدىناس كىتابىمنى تېپىۋېلىشىم ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويۇشىنى سورايمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-17 10:05 PM