مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 9

ھىجراننامە(9) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8113
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھىجراننامە

(9)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم

جېنىم كەلسە...

سالام كەلدى بۈگۈن يىراق-يىراقلاردىن،
سېغىنغاندىن شەپە بەردى شاماللىرى .
كۆز يېشىمنى چىللاپ تال-تال بوستانىمغا،
يۈرۈكۈمگە قامال سالدى خىياللىرى .

بارىمەن دەپ شىرىن سالام يوللىغانكەن ،
سالامىدىن دىلىم باغدەك ھۆسۈن ئاچتى .
نىمە قىلىپ بىرەي ئەزىز جېنىم كەلسە ؟
كۈن ساناشتا كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچتى...

تاڭدا گۈلدەك ئېىچىلغايمەن جېنىم كەلسە ،
بۇلبۇل بولۇپ باغلىرىمدا ناۋا قىلسۇن .
چىدالمىدىم ئەمدى مۈشكۈل ھىجرانىغا ،
رەھىم ئەيلەپ بۇ دەردىمگە داۋا قىلسۇن...

بولغىن يېنىمدا

شامال بولغىن سۆيگىن چېچىمنى،
گۈلخان بولغىن، يانغىن جېنىمدا .
ئايرىلغۇم يوق سىنىڭدىن پەقەت ،
ئۆمۈر بويى بولغىن يېنىمدا .

دەريا بولغىن، يايغىن باغرىڭنى ،
ئۈزگۈم كىلۇر دولقۇنلىرىڭدا .
گۈلۈڭ بولاي، يىلتىزىم بولغىن ،
ئۆمۈر بويى بولغىن يېنىمدا .

كۈۋەجەيدۇ ئاتەش بىر پىراق ،
سۆيگۈ ئاقار ئىسسىق قېنىمدا .
بارالمايمەن سېغىنسام بىراق ،
كەلگىن جېنىم، بولغىن يېنىمدا .


ئۇچراتسام سىنى ...

يۇلتۇز چاقنىغان ئايدىڭ كىچىدە ،
ياكى ئەڭ شىرىن چۈشۈم ئىچىدە ،
مەن پەرۋىشلىگەن گۈلنىڭ تۈۋىدە ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى ...

تۆتقۇلاق تىرىپ دەريا بويىدىن ،
مەستخۇش بولغاندا كاككۇك كۈيىدىن ،
ناخشا ياڭرىتىپ كەلسەڭ نېرىدىن ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى ...

ئېتىزدىن ئوسما يۇلۇپ كەلگىچە ،
ئوسمىنى قاشقا قۇيۇپ كەلگىچە ،
ھۆسنۈمدىن كۆڭلۈڭ يورۇپ كەلگىچە ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى ...

باغلارغا باشلاپ گۈل ئۈزۈپ بەرسەڭ ،
دىلىڭدىن مارجان، دۇر سۈزۈپ بەرسەڭ ،
قىسسام چىكەمگە گۈل بولۇپ بەرسەڭ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى ...

باغرىمدا يانغان ئاتەش گۈلخاندىن ،
ئۇچراتتىم سىنى، تويدۇم بۇ جاندىن ،
نىسىپ ئەتسە گەر ۋىسال ئىمكاندىن ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى ...

يىغلا يۈرىكىم

بۇقۇلداپ تۆككەن ناۋالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !
ھىجرانلىق دەستۇر-داۋالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !

جانانغا مۇشتاق تەشنالىقىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !
دەردكە بۇ قەدەر ئاشنالىقىڭدا ،
يىغلايسەن سارماي، يىغلا يۈرىكىم !

شېئرغا پۈتكەن سەۋدالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !
جاھانغا سىغماس غەۋغالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !


2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى (خوتەن)


مەنبە: يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 100 قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2068
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1634 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 01:21:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام كەلدى بۈگۈن يىراق-يىراقلاردىن،
سېغىنغاندىن شەپە بەردى شاماللىرى .
كۆز يېشىمنى چىللاپ تال-تال بوستانىمغا،
يۈرۈكۈمگە قامال سالدى خىياللىرى .


بۇ قۇرلار بەك  ياقتىغۇ  ماڭا .

رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54475
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 01:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغرىمدا يانغان ئاتەش گۈلخاندىن ،
ئۇچراتتىم سىنى، تويدۇم بۇ جاندىن ،
نىسىپ ئەتسە گەر ۋىسال ئىمكاندىن ،
ئۇچراتسام سىنى، ئۇچراتسام سىنى   


ماڭا بۇ قۇرلار ئىنتايىن ماس كىلىدىكەن جۇمۇ !    رەھمەت سىزگە داۋاملىق تىرىشىڭ .

ياخشىغا كۈن يوق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7427
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1371 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 02:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەزمۇنلۇق شېئرلاركەن رەخمەت سىزگە !!

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8113
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 02:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئېرلارنى مەن يازمىغان.
بۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتۇرى ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم.

ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif

مىزا بەگ  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37459
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1812
تۆھپە نۇمۇرى: 185
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 02:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىلارنى يۇللاپ تۇرۇڭ!

مىرزابەگ

ۋاي قۇلاق!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25536
تۆھپە نۇمۇرى: 2116
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 03:06:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تەبەسسۇمغا ئاجايىپ ئىلھام كىلىدۇ دەيمەن. ئىلھام كۆلچىكى بارمىكىن، توختىماي سۈزۋالدىغان. بەك ئامراق مەن بۇ ئوماقنىڭ ئەسەرلىرىگە :qiray18:qiray18
ئىززىتكىمۇ رەھمەت:qiray132

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72728
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 03:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ................................................:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4154
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1824 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 05:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇقۇلداپ تۆككەن ناۋالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !
ھىجرانلىق دەستۇر-داۋالىرىڭدا ،
يىغلايسەن ھارماي، يىغلا يۈرىكىم !

يۈرەكنى راسلا ئىزىدىكەن بۇ مىسرالار!


سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 07:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبەسسۇمدىن تامغان ئېسىل شەربەتلەر

ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيەلىگەن بولساڭ سۆيگۈ ئىزدەپ خار بولمىغان بولاتتىڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش