ئاللاھ دېگەچ دېگەچ
ئاپتۇرى: يۇنۇس ئەمرە
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: پالۋان
شول جەننەتنىڭ ئېرىقلىرى،
ئاقار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ،
چىقىپ ئىسلام بۇلبۇللىرى،
سايرار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
ئۇسۇلدا تۇبا(1) شاخلىرى،
قۇرئان ئوقۇر ھەم تىللىرى،
جەننەت بىغىنىڭ گۈللىرى،
پۇرار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
كىمى يېسە، كىمى ئىچەر،
پەرىشتىلەر رەھمەت چاچار،
ئىدرىسمۇ (2) ھەم تونلار پىچار،
تىكەر ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
ئالتۇندىندۇر تۈرۈكلەرى،
كۈمۈشتىندۇر ياپراقلىرى،
ئۇزىغانچە پۇتاقلىرى،
چىقار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
ئايدىن گۈزەلدۇر كۆزلىرى،
ئىپار-ئەنبەردۇر سۆزلىرى،
جەننەتنىڭ ھۆرى قىزلارى،
كېزەر ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
ھەقكە ئاشىق بولغان كىشى،
ئاقار كۆزلىرىنىڭ يىشى،
ساپ نۇر بولۇر ئىچى، تىشى،
دەيدۇ ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
نىم تىلىسەڭ ھەقتىن تىلە،
باشلامچىلە كىر بۇ يولغا،
بۇلبۇل ئاشىق بوپتۇ گۈلە،
سايرار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
ئېچىلدى ئاسمان ئىشىكى،
رەھمەتكە تولدى ھەممىسى،
سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكى،
ئاچار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
رىداۋاندۇر ئىشىكنى ئاچقان،
ئىدرىستۇر تونلار پىچكەن،
كەۋسەر شارابىنى ئىچكەن،
قانار ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
مىسكىن يۇنۇس(3) بار دوستۇڭغا،
قويما بۈگۈننى ئەتىگە،
ئەتە ھەقنىڭ دىۋانىغا،
بارسام ئاللاھ دېگەچ دېگەچ.
(1) تۇبا: بىر دەرەخنىڭ نامى.
(2) ئىدرىس: بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ تۈنجى كېيىم تىككەن پەيغەمبەر دېگەن رىۋايەتلەر مەۋجۇت.
(3) يۇنۇس: ئاپتۇرنىڭ ئىسمى. ئەسلى ئىسمى يۇنۇس ئەمرە بولۇپ 1240- يىلى تۇغۇلۇپ، 1321- يىلى ۋاپات بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-17 07:57 PM