مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9010|ئىنكاس: 73

ئۇيغۇر مىللىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30625
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 04:25:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر - ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنوگرافىيىسى ئورخۇن-يەنسەي ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولغان، ھازىر جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي گەۋدىسى ياشايدىغان،قەدىمىي ئۇرخۇن مەدەنىيىتى، كىروران مەدەنىيىتى قاتارلىق بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەقدارى بولغان بۈزرۈك مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى. ئۇيغۇر خەلقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، باشقا تۈركىي مىللەتلىرى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بۈيۈك تارىخىنى ياراتقان. ئەمگەكچان، تىنچلىق پەرۋەر، كەمتەر، سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل كىشىلەردۇر. ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە.ئۆزبېك تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل. تارقىلىشى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،قازاقىستان، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان،ئافغانىستان، پاكىستان،ئېران، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ شۇجايدا بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 10مىليون500مىڭ. ئەمما چەتئەل ستاستىكىچىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىكى ستاستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا 20 مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن. دىنىي ئېتىقادى-ئىسلام دىنى.  

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. <ئۇيغۇر> دېگەن نام دەسلەپتە ئېتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: “<تۈرك> دېگەن ئېتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ” دېگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. 16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: “ئۇيغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام” دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىن ئۆزىنىڭ <جەمئۇل تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دېگەن كىتابىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ “<ئۇيغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دەپ نام بېرىلگەن” دەيدۇ. بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، يېتەرلىك ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما <ئۇيغۇر> دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، <ئۇيغۇر> دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگويىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تيېلې 铁勒 ۋىيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئېتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.  
مىلادىيە 840-يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى بىلەن تەدرىجىي يوسۇندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇدۇن خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقلىرى بارلىققا كەلدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىي تىللىق بەزى مىللەتلەر شۇ جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ رايونى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يۈەن سۇلالىسى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. بۇ جەرياندا شىنجاڭدىكى مىللەتلەريېڭىباشتىن يۇغۇرۇلۇش- بىرىكىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە، بولۇپمۇ خىزىر خوجا (1389− 1399-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خانلىقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۇرپان رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى؛ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىدىن قۇمۇلنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى(جۈملىدىن قۇمۇل) دىكى كەڭ رايون ھەر قايسى مىللەتلەر تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان ئورتاق ماكان بولۇپ قالدى، يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تۈرك رونىك يېزىقىنى ئىشلىتەتتى، ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. 11- 13-ئەسىرلەردە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇردى. بۇ ئىككى خانلىقتىكى تۈركلەر سىياسىي جەھەتتىمۇ، سان جەھەتتىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى، شۇڭا تۈرك تىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى جايلار ئورتاق قوللىنىدىغان تىل بولۇپ قالدى. قاراخانىيلار خانلىقى ئۇدۇننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇدۇن ئاھالىسى قوللىنىپ كەلگەن ئۇدۇن ساك تىلى بىلەن باشقا مىللەتلەر قوللىنىپ كەلگەن سوغدى تىلىنىڭ ئورنىنى پەيدىنپەي تۈرك تىلى ئىگىلىدى. ئۇلارنىڭ يېزىقنىڭ ئورنىنىمۇ ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقى ئالدى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تۈرك تىلى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بىرلىككە كېلىش يۈزلىنىشى شەكىللەندى. ئەمما يېزىق بىرلىككە كەلمەي يەنىلا كۆپ خىل يېزىق ئىشلىتىلدى. مەسىلەن: قۇمۇل، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاندى؛ تۇرپاننىڭ غەربى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر پارس، ئەرەب، چاغاتاي يېزىقلىرىنى قوللاندى. چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى قاراخانىيلار يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن يېزىق بولۇپ، موڭغۇل ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردا ئومۇملاشقانىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ياركەنت خانلىقى تۇرپان، قۇمۇللارنى ئارقا-ئارقىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق يېزىقلاردىن بولۇپ كەلگەن چاغاتاي يېزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي يوسۇندا ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى چاغاتاي يېزىقى(كونا ئۇيغۇر يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غا بىرلىككە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى شەرتلەرنىڭ بىرى بولغان ئورتاق تىل-يېزىقىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بارلىققا كەلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلار يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا يوللىرىغا جايلاشقان بولۇپ مىڭ نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. بوستانلىق خانلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىپلىرى ۋە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇزاق مەزگىللىك بىرلىككە كېلىش جەريانىدا ئۇلارمۇ پەيدىنپەي ئورتاقلىققا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ شەكىللىنىشى، بىرلىككە كەلگەن پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى، مەركىزىي بازارلارنىڭ قۇرۇلۇشى، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى بىلەن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىجتىمائىيىتى ۋە ئورتاق ئىقتىسادىمۇ ئاساسەن شەكىللىنىپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاساس بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرت يەنىلا ئۇنىڭ نىسبىي مۇقىم بولغان ئورتاق دىنىي مەدەنىيىتىدىن ھەمدە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئورتاق پسىخىكىلىق ھالەتتىن يەنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى، ئورتاق مىجەز-خاراكتېرى ۋە ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورتاق رايون، ئورتاق تىل-يېزىق ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەگەر ئورتاق مەدەنىيەت، پسىخىكىلىق ھالەت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولمىغان بولسا، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللىنەلمەيتى. مىلادىيە 10-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى ئۇدۇننى بويسۇندۇردى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىسلاملىشىش جەريانى باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن قاراقىتان، يۈەن سۇلالىلىرى شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ھۆكۈمرانلار خىلمۇخىل دىنىي قوشۇۋىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. 1271-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنى بويلاپ شەرققە سەپەر قىلغان ئىتالىيىلىك ماركوپولونىڭ بايانىچە، ئەينى دەۋردە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن، چەرچەن، پىچان (لوپ ئايمىقى) ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى، قەشقەر، ياركەنتتىكى قىسمەن ئاھالىلەرلا خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورى مەزھىپىگە ئېتىقات قىلاتتى. كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى، قۇمۇللۇقلار يەنىلا بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى دېيىلگەن.شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، خانلىقنىڭ ئاساسچىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلدى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 1353-1354-يىللىرى 160 مىڭ موڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كوللېكتىپ ئېتىقات قىلدۇرغان. 1388-يىلى خىزىر خوجا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىگە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەرشىدىن خوجىنىڭ كۇچاغا كېلىپ دىن تارقىتىشىنى قوللىدى. بۇتخانىلارنى مەسچىتكە ئۆزگەرتتى. 1392-1393-يىللاردا خىزىر خوجا ئىسلام يولىدا غازات قىلىش نامى بىلەن تۇرپان رايونىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ قوشۇۋىلىپ، يەرلىك ئاھالىنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىدا ئىسلام دىنى ئاندىن يەرلىك ئاھالە ئېتىقاد قىلىدىغان دىن بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلىشى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيىتىگە كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ نۇرغۇن رايونلارنىڭ بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت يىلتىزىنى پەيدىنپەي ۋەيران قىلىپلا قالماي، تىل-يېزىق، تارىخىي رىۋايەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت، پسىخىكىلىق خۇسۇسىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش ئىسلام مەدەنىيىتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساسىي بەلگە قىلغان، بىرلىككە كەلگەن بىر خىل يېڭى مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىدۇر. دەل مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن يېڭى ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق پسىخىكىسى ۋە تونۇشى شەكىللەندى. يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى رەسمىي شەكىللەندى.  
17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئاساسەن ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان موڭغۇل ئەۋلادلىرى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ بارا-بارا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. 1609-1610-يىللىرى ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى مەھمۇدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئەھمەدخان تەخت ۋارىسى بولدى، جەمەت ئىچىدە نىزا يۈز بېرىپ، خانلىق زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئىسلام دىنىدىكى خوجىلارنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپ شەكىللەندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-تالاش توختىماي داۋام قىلدى. 1680-يىلى ياركەنت خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرگەن جۇڭغارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. غالدان ياركەنت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئوردا ئەزالىرىدىن بولغان ئابدۇرېشىتنى يۆلەپ خان قىلىپ تىكلەپ، ئۆزىگە گۇماشتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلدى ھەمدە يەرلىك دېھقانلارنى بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن ئىلىغا مەجبۇرىي كۆچۈردى، ئۇلار تارانچى (تېرىقچى دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالدى. ياپونىيە ئالىمى ساگۇچى تورۇنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا بوز يەر ئاچقان تارانچىلار نەچچە مىڭ تۈتۈن، نەچچە تۈمەن كىشىگە يەتكەن ئىكەن.مانا بۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىغا كۆپلەپ كۆچۈشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتقاندا، ئىلىدا بوز يەر ئاچقان تارانچىلارنىڭ تولىسى جەنۇبىي شىنجاڭغا قېچىپ كەلدى. 1760~ 1765-يىلغىچە چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنىڭ كونا ئۆرنىكىنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئىلىغا كۆچۈردى، بۇلار يەنىلا تارانچى دەپ ئاتالدى. شۇ چاغدا ئۇلار جەمئىي 11 تۈركۈمدە 6383 تۈتۈن كۆچۈرۈلگەن ئىكەن.چيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «خان بېكىتكەن غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ 33-جىلددا «ئىلىدىكى مۇسۇلمانلار (چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىلاتتى) 6406 تۈتۈن، 20مىڭ 536 نوپۇسقا يەتكەنىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن نەچچە تۈمەن ئادەمنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ئەتراپىغا كۆچۈشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھالەت ئۆزگەردى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىقتىساد ئەسلىگە كەلگەن ۋە راۋاجلانغان بولغاچقا، شىنجاڭ يېڭى ئېچىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇنىڭ مۇھىم بەلگىسى شۇ بولدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ھەسسىلەپ ئاشتى. شەھەر-بازار ۋە مەھەللە- قورۇقلار ئارا تورلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، بۇ ھال سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 1782-يىلىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (ئىلىدا بوز يەر ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەخمىنەن 66مىڭ 871 تۈتۈن، 262مىڭ 78 ئادەم ئىدى.1828-يىلىغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ تەخمىنەن 650مىڭغا يەتتى.1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يەنە زور دەرىجىدە كۆپەيدى. 1887-يىلى ليۇ جىنتاڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس رويخېتىنى تۈزۈپ چىقتى، ھەر خىل نوپۇسنىڭ تۈرگە ئايرىلغان سانى گۇاڭشۈ زامانىدا تۈزۈلگەن « بۈيۈك چىڭ قامۇسى » غا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى- باركۆل، ئاقسۇ، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى مۇسۇلمان (ئۇيغۇر) لارنىڭ نوپۇسىلا 240مىڭ 618 تۈتۈن، 1مىليون 132مىڭ 251 ئادەم بولۇپ، 1828- يىللاردىكى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئىككى ھەسسىدەك ئېشىپ كەتتى. بولۇپمۇ 1892-يىلى تاۋ مو گەنسۇ- شىنجاڭ مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن «جايلارنى بوزيەر ئېچىشقا دالالەت قىلىش» سىياسىتىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېرى ئاز، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى شىمالىي شىنجاڭغا ۋە باشقا ئادەم شالاڭ، بوز يەر كۆپ جايلارغا بېرىپ ماكانلىشىپ بوز يەر ئېچىشقا دالالەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ داۋاملىق شىمالىي شىنجاڭغا كۆچۈشى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. كېيىنچە بۇنداق ئاھالە كۆچۈرۈش تېخىمۇ كۆپەيدى. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلارغىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر باردى. بۇ تەدبىرنىڭ ئەھمىيىتى شۇ بولدىكى، ئۇ بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ جايلىشىشىنى ئۆزگەرتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن دېھقانلارنى يەنە تەدرىجىي يوسۇندا تۈركۈملەپ شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈش، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1مىليون 575مىڭ 90گە يەتكەن.مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى تېز كۆپەيدى، تارقىلىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 1942-يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 3مىليون 730مىڭ 51گە يەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2مىليوندىن ئاشىدۇ. شېڭ شىسەي شىنجاڭنى باشقۇرۇۋاتقان چاغدا يەنى 1934-يىلى ئېچىلغان خەلق مەجلىسىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نامى رەسمىي بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر نامى خەنزۇچە 维吾尔 دەپ بېكىتىلىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان 缠回,缠头 دېگەندەك ناملار بىكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر نامى بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە. يىغىندا يەنە تارانچى مىللىتى دېگەن ناممۇ بېكىتىلدى. بۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي شىنجاڭغا كۆچكەن قىسمى ئىدى، بۇ نام 1949-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تارانچىلار ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.
قەدىمقى زاماندىكى مەشھۇر ئەدىب ۋە ئۆلىمالار ئالدى بىلەن پۈتۈن تۈركىي قەۋىملەرگە ئورتاق ۋە ئىككىنچى بولۇپ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئېڭىدا بۈيۈكلۈك تاجىغا سازاۋەر قىلغان ئالىملاردۇر.ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇرلاردىن:  

ئەفراسىياب، ئالىپ ئەرتۇڭا، تۇمارىس،ئاتىللا، ئوغۇزخان، قاراخان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،يۈسۈپ قىدىرخان،سۇلتان سەئىدخان،سۇلتان ئابدۇرەشىدخان،سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان،سۇلتان ئىسمايىلخان قاتارلىق ھاكىمدار ۋە تاجدارلار؛  :

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى نى توپلىغۇچى دەپ قارالغان خانىش ئاماننىساخان(نەفىسى).  

دۇنياۋى ئالىملاردىن :ئەل فارابى، مەھمۇد كاشىغەرى (Mehmud Kashghari)،يۈسۈپ خاس ھاجىپ (Yusup Has Hajip)،ئەھمەد يۈكنەكى،ئەھمەد يەسەۋىي، لۇتفى،ئەلىشىر ناۋائىي، بابا رەھىم شا مەشرەپ... قاتارلىقلار بار بولۇپ مىراس ئەسەرلەردىن:
  
دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك(تۈركىي تىللار دىۋانى)،قۇتادغۇ بىلىك،ئەتەبەتۇل ھەقايىق،خەمسە ناۋائىي...قاتارلىقلار،كىلاسسىك ئەدىبلەردىن:

يۈسۈپ سەككاكى،ئابدۇرەھىم نىزارى...قاتارلىقلار،يېقىنقى زامان ئەدىبلىرىدىن:  

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئەرمىيە ئىلى سايرامى نىمشېھىت... قاتارلىقلار،بۈگۈنكى زامان ئالىملىرىدىن:  

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر(1923-1995)،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن،ئىمىن تۇرسۇن(1924-2011)...قاتارلىقلار،بۇگۇنكى زاماندىكى تىلشۇناس ئالىملاردىن:خەمىت تۆمۈر،لىتىپ توختى،مۇھەممەترېھىم سايىت،ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي...قاتارلىقلار،داڭلىق شائىرلاردىن:  

ئەرشىدىن تاتلىق،ئادىل تۇنىياز،مۇھەممەتجان راشىدىن...
  
داڭلىق يازغۇچىلاردىن: مەمتىمىن ھوشۇر،زوردۇن سابىر، ئابدۇقادىر جالالىدىن ،جالالىدىن بەھرام،ئەسەت سۇلايمان،ياسىنجان سادىق چوغلان، پەرھات جىلان...قاتارلىقلار،تەرەقىياتنى چېكىندۇرگەن كىشىلەردىن: ئافاق خوجا قاتارلىقلار بار.  


ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن:  
قەھرىمانلىق داستانلىرى: « ئوغۇزنامە »، « چاشتانى ئىلىكبەگ »،« چىن تۆمۈر باتۇر » ...  
مۇھەببەت داستانلىرى: يەتتە داستان  

«پەرھاد-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن »،«يۈسۈپ-زۇلەيخا»،«تاھىر-زۆھرە»،«غېرىب-سەنەم»،«رابىئە-سەئىددىن»،«ھۆرلىقا-ھەمراجان» قاتارلىقلار بار.  

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا


ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا، مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.  
  
ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.  

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيىتى» بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6 ،5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلىيەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ.  
  
جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربىي جۇ سۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۈيفاڭ، دى-زەي قەبىلىلىرىنى كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربى دىڭلىڭلارغا ئايرىپ، بايقالدىن يەنسەيگىچە، يەنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا، قەدىمكى تۇرپان، كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې، ئۇخۇ ۋە قوش قاڭقىل قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.  
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  

ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى، ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى، بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى، كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغىچە كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك، توخار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن دېگەندە، يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ساك، ئورخۇن سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغ خورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيىتى» تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا-مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا، بايقال ۋە موڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوچۇ، كۈسەن، قەشقەر، سۇياب-سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  

بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن، بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بۇلۇپ، بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ، ئىدىقۇت، كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر ناملىرىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۈگۇ- سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.

« ئۇيغۇر» ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش، ئۇيۇشماق» مەنىدە ئىزاھلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.  

ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار، ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۇندەك ئاياللار، شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۈۋى پاتىمىگە) سېغىنىش، بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قۇيۇش مۇراسىمى، بۆشۈك تويى، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.

ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كېپەنلەش، ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ، ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۈتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش، لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش، ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش گۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش، قەبرە بېشىدا مېيىتنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە گۇۋاھلىق بېرىش، قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش، مېيىتنىڭ يەتتە، قىرىق، يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بۇلۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيىت سۆڭىكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش، مېيىتنى تاش گۆرگە كۆمۈش، مېيىتنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش، شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.  

ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى، «كۆك مەشرىپى»، «سۇ مۈلەك» ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىل كۈل سەيلىسى»، «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر، ئېقىن سۇلار، ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ، ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا، پېشايۋان، ئايۋان-ساراي، ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى، قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالىخانا ئۆيلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۈپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقىشلىك مېھراب (مەرەپ) ، تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.  
  
ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت، ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار، مىلىس-مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام-مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنوگرافىيە مەكتىپى، ئەخلاق-ئەقىل مەكتىپى، ناخشا-ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» شەكىللەندى.  
  
ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە، قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى، ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان، «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇز نامە»، «ئاپراسىياپ رىۋايىتى»، «چىستانى ئىلىكبەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارس»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قوشاقلار، لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى «قۇتادغۇ بىلىك» تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي، تارىخىي، ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۈر تارىخىنىڭ باي، رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى.   
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى. ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چېكىپ، بالباللار ۋە تاش پۈتۈك (ئابىدە) لەرنى ئورنىتىپ، ئالتۇن، مىس- كۈمۈشلەردىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ، كاھىش، قاش (قاشتېشى) تىن گۈزەل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ، تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تام رەسساملىقى، ياغاچ ئويما، تاختا سىزما، مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زورو ئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك)، بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرىي سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۇن قىلماقتا.  

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەغمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇساپە ياتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار، ئۆپكە، ھېسىپ، پېتىر مانتا ۋە مۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپىرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاب ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۇڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋىغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرق-غەرب خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى.  
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق، قاراسۇق، ئەسكى قەلئە، كونا كىروران، قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى، بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش، ئاتلىق يۈرۈش، جەڭ ئېھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە غايەت زور ئېستېتىك ئالامەتلىرىگە، ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەت ۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ، مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ، شىمالىي سۇلالىلارنىڭ، ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ «خۇركىيىمى» قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كىيىنىش، زىبۇ-زىننەت، ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل، ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر سودا-تىجارىتى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق-تۆگىلىك جاھانكەشتىلىك ئەنئەنىسىنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى، يىپەك يولى سودا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران، ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سودا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ، ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى، مەيخانا ئېچىپ، ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار» لاردىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت، رايون ھالقىپ، يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان خەلقئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت-رايونلار ئېتىراپ قىلىدىغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.
ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، چېلىشىش، ئات ئويۇنى، ئات توپ (چەۋگەن توپ)، ئوغلاق تارتىشىش، ساغاردى ئويناش، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، شاھماتۋازلىق، گاگا توقماق، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.


ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجتىمائىي مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت كاتېگورىيىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس.  


مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرى



تەس مەڭگۈ تېشىبۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ


  • تەس مەڭگۈ تېشى
(بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)
تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون ئوتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە «ئۇيغۇرلۇرۇم»نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م. شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.
تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى
  • 1. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن)
  • 2. ..... يىلى .....
  • 3. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە، يەنى تەختكە كۆتۈرۈلدى)
  • 4. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە) ئۇيغۇر خانىم (ئەل) تۇتقاندا ..... توخۇ يىلى
  • 5. ...... ئەل ئەتمىش خانىم ئۆلۈپ، (ئۇنىڭ) جېنى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى، مېنىڭ يابغۇم قاغان بولدى.
  • 6. ..... (تەختكە) ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن (بىرى) تاردۇشلارغا يابغۇ، (يەنە بىرى) تۆلىسلەرگە شاد بولدى. خانىم ئەلنى باشقۇردى (ياكى خانىم ئەل تۇتمىش)
  • 7. ..... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) ....... ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختكە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى)
  • 8. ...... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى،
  • 9. (ئۇلارنىڭ خەلقى ؟) بۇزۇق باشلىقلىرىنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ باربات بولدى، بولمىغۇر كۈلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى.
  • 10. ..... بەدى بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆزئارا كۆپ جاڭجاللاشتى.
  • 11. ...... ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى.
  • 12. ....... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى.
  • 13. ..... ئىدى. قاغان ..... ئىككى (؟) ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۆد كەنچ قاغان بولدى.
  • 14. ...... ئۈچۈن ئوتتۇز ...... ئەلنى سورىدى. ئاندىن ۋاپات بولدى.
  • 15. .... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى.
  • 16. ..... ئۆز بەلگىسىنىڭ (شۆھرىتى) ئۈچۈن قاغانىم ئالدى تەرەپتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى خەلقلەرگە (يۈرۈش قىلدى ؟)
  • 17. ....... مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى، (ئەلگە) باشلىق قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
  • 18. ...... كۈل بەگ بىلگە قاغان ....
  • 19. .... ئۇ قارسا قورۇغدا تۇرۇپ قالدى، سېپىل سوقتۇردى، تەخت ياساتتى. (شۇ يەردە) يازلىدى.
  • 20. ...... شەرقتە ئەلسەردە (؟) تۇرۇپ قالدى. بەلگىسىنى، پۈتۈكىنى چەكتۈردى، ئورناتقۇزدى.
  • 21. ..... توققۇز بۇيرۇق .... ئۇيغۇرۇم، قاي .......
  • 22. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلغان)
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېسىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېسىن تاش پۈتۈكى بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارىخى_مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي خانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈخاقاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.





تېرخىن مەڭگۈ تېشى
بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچەمەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ
تېرخىن مەڭگۈ تېشى
غەربىي يۈزى
1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى
2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە
3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ، 4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن . 5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! » 6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛ ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ
7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار
8. ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى
9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى شىمالىي يۈزى
10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى . 11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى . 12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق 13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق 14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە « بېرىڭلار » 15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .
شەرقىي يۈزى
16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى
17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز
18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا
19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە
20. ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم
21. ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى 22. ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)
23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە
24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.
جەنۇبىي يۈزى
25. ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى
26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .
27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)
28. كىردى . شۇ چاغدا ....... تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار ....... توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »
29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ) پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان
30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .
ئىزاھات: بۇ تاشنىڭ تىكىستىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېرخىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېرخىن يېزىقى مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن1957_يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈركشۇناسى س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخى ئىنىستىتۇتى (ئۇلانباتۇر) دا ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م.شىنېخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم غ.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.يادىكارلىقلارنى ئوقۇش،تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (« سوۋېت تۈركولوگىيىسى »، 1980_يىل،3_سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى مۇڭغول ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنېخۇ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان . تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا «تاريات يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپىسسىيىسى س. كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى. س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىنكى بۆگۈ خاقان، 759—779) ئىدى.




بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى
  • 1. ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ....ﻧﻰ ﺳﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺩﯨﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ... ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ....
  • 2. ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ . ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .
  • 3. ( 3 - 23 –) ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ (1) - (30) ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
  • 24. ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ) ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ) دۈشمەنسىز ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﯕﺴﯘﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ ، ﺗﺎﯕﻐﯘﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ( ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ) ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﻳﯩﻠﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺟﯜﭖ ﺳﻮﻏﺪﺍﺗﻘﺎ
  • 25. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ( ﺳﺎﻏﺮﺍﻕ ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻗﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ (ﺑﺎﺷﻼﭖ) ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻻﻗﺘﺎ ( ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ، ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﺋﯩﺪﯗﻗﯘﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻕ ...(ﺏ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ( ﺋﻮﻟﺠﯩﻼﺭﻧﻰ ) ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ
  • 26. ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﭼﺎﭼﺎ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ، ﺟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ ، ﻛﻪﻡ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﻮﺭﭘﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ .... ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻧﻪﻳﺰﻩ
  • 27. ﻗﺎﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯚﻛﻤﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯕﺪﺍ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ، ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
  • 28 . ﺑﻮﻟﺠﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ ، ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ، ﺷﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ ..... ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ ... ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻼﺗﺘﻰ ... ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ
  • 29. ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻏﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ) ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ( ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ) ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ
  • 30. ﻏﯘﻡ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﻮﻏﯘ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﯘﻡ ﺗﻮﻏﻼ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻧﺪﺍﺭﻏﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯘﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .

31. ...........................................
  • 32. ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯜﭺ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ (ﺑﯩﺰﻧﻰ) ﻫﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺳﯩﯖﺎﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ... ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺋﻮﻏﯘﺯ .... ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﯜﭺ - ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ( ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ) ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .
  • 33. ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭ! ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ (؟) ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ .
  • 34. ﺋﻮﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﻗﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻏﯘ ﺩېگەﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯜﭺ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ .... ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﻮﻟﻮﮒ.....
  • 35. ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﻪﺭ ، ﺳﯘ (ﺋﯩﻼﻫﻰ) ﯞﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻢ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﻪﺭ - ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ..... ﺧﻪﻟﻖ ...
  • 36. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯ .... ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻕ - ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﻧﯘﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ (ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ) ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ... ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ
  • 37. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﺪﻯ (ﻣﯧﻨﯩﯔ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ، ﻗﺎﺭﺍﻏﯩﻦ ﺩېگەﻥ ﻗﯩﺴﺎﯕﺪﺍ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ...ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﻪﺭ ﻳﯜﺯﭼﻪ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ....
  • 38. ...... ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺗﯚﺕ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ .... ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ .... ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻰ
  • 39. ...... ﺗﺎﺗﺎر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ . ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻝ - ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺷﯩﯔ ﺋﻪﻧﻠﯩﯔ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ...
  • 40. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ . ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻳﺎﻣﺘﺎﺭﺩﻭﻧﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯘ ﺑﺎﺭﺩﻯ .... (ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ) ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﻪﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ( ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺶ )
  • 41. ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯜﭺ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ . ( ؟ ) ... ﻏﺎ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ
  • ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ
  • 1. ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺰ ... ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ
  • 2. ..... ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ....
  • 3. ..... ﻣﻪﻥ ... ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ
  • 4. ﺑﯘ .... ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ....
  • 5. ﺑﺎﺭ ....
  • 6. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ......
  • 7. ...... ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ (؟) ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ ..... ﺗﯘﯕﻜﻪﺭ ....
  • 8. ﻗﯘﻍ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﯘﯕﻜﻪﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﭺ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ... ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ
  • 9. ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯘﻍ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺷﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ، ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﯗﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﯩﺮ ....
  • 10. ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﯦﺮﯨﭗ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ يىگىرمە ئالتىنچى ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺗﻮﯕﮕﯘﺯ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺑﯘﻗﺎﻕ ﺗﯘﺗﯘﻕ
  • 11. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻟﯩﺴﯘﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ ... ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ) ﺋﯩﺮﯨﻖ ﯞﻩ ﺷﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺳﻪﻧﺪﻩﻝ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ....
  • 12. ﻣﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﺘﻰ. ﻗﯘﻟﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻤﺎ - ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﺕ، ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﺕ ، ﻛﯚﻙ ﺗﯩﻴﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﯩﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
  • 13. ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ (ﺧﺎﻗﺎﻥ) ﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ، ﺗﯜﺭﻙ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻟﭽﻮﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯩﺲ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ
  • 14. ﯞﻩ ﺷﺎﺩﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ، ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺟﻪﻧﯘﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﺧﺎﻥ ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﺑﻮﻳﻼ ﭘﺎﻏﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﻮﻳﻮﺭﯗﻕ ... ﺋﯩﭻ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺳﻪﭘﻪﮒ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻼﺭ ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ....
  • 15. ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﺪﻯ . (؟) .... ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ( ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ) ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ .....
  • شىمال تەرەپ . ب
  • 1 ~ 8 ﻗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ 1 - 11 - ﻗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
  • 8. ﺋﺎﺗﺎﻡ
  • 9. ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯜﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ .... ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯜﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ .... ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ..... ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .
  • 10. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .... ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﺩﯗﺭﺩﯗﻡ ، ﺗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ .
  • 11. ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﯩﭽﻪ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ . ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻛﯜﻣﯜﺵ، ﻣﻪﺷﯜﺗﻠﯜﻙ ﻳﯩﭙﻪﻙ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، ﻣﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﻥ .
  • 12. ﻛﯚﻙ ﺗﯩﻴﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .... ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ....
  • 13. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ..... ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﯕﻼﺭ ! ..... ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ .... ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ، ﺑﯧﮕﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ .
  • 14. ﻳﻪﺭ - ﺳﯜﻳﯜﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ، ﺑﻪﺧﺖ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ! ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .... ( ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ) ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﺳﯘﻧﻜﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﺳﯘﻧﻜﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺋﯩﭽﻰ - ﺗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ .
  • 15. ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ! ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .... ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ .... ﺋﯘ ﺗﺎﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ .....
  • ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﻥ . ﺵ )
  • ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ (ﺋﺎﺑﯩﺪﻯ) ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ : ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ، ﻧﻪﻗﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (؟) ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﻴﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﺪﯨﻢ ....
  • ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ
  • ﻛﯚﻙ ﺋﻮﯕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﻪﭖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺳﯘﺳﯩﺰ (ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ) ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﭼﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . (ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ) ﻛﻪﭼﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ....
  • ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺵ )
  • 1. ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ( ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ)
  • 2. ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ( ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ ) (؟)
  • 3. ﻳﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ( ﺗﻪﯕﺮﻯ)
  • 4. ﺩﯗﻣﺒﯩﻐﻰ ( ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﻰ ) ﻧﯩﯔ ﺩﺍﺭﺍﯕﻠﯩﺸﻰ (ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺳﯩﻠﺪﯨﺸﻰ)
  • 5. ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﺪﻩﻙ
  • 6. ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ
  • 7.تېشىنى ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﯩﻢ .



كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىئورنى Wikipedia

ئاتلا: يولباشچى,                                        ئىزدە
كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى
  • ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ج ) ( ن )
  • 1. ﻣﻪﻧﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻰ (ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ) ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ( ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ) ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ : ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ . ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﺎﺩﺍﭘﯩﺖ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ، ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺕ. ﺑﯘ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ...
  • 2. ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ : ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺷﻪﺭﻕ) ﺗﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺋﻮﯓ ( ﺟﻪﻧﯘﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﺭﻗﺎ (ﻏﻪﺭﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺳﻮﻝ ( ﺷﯩﻤﺎﻝ) ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
  • 3. ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻳﻮﻕ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭىۋﻩﺭﺳﻪ ، ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺟﻪﺑﺮﻯ ، ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺷﻪﺭﻕ) ﺗﯩﻦ ﺷﺎﻧﺘﯘﯓ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﮕﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺩﯦﯖﯩﺰ ( ﺳﺎﻫﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺋﻮﯓ ( ﺟﻪﻧﯘﺏ) ﺗﯩﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺭﺳﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺗﯩﺒﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﻏﻪﺭﺏ) ﺗﯩﻦ ﻳﯩﻨﭽﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ
  • 4. ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﺎﺑﻠﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺳﻮﻝ (ﺷﯩﻤﺎﻝ) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﻮ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ (ﻟﯧﻜﯩﻦ) ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
  • 5. ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﺩﯛﻡ '
  • 6. .....................
  • 7. ........................
  • 8. ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ . ﺋﺎﭺ - ﺗﻮﻕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ
  • 9. ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ. (ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ) ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻫﺎﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯨﯖﻼﺭ، ﺟﯧﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﯖﻼﺭ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ. ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ
  • 10. ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﺪﯨﻢ ، ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯜﺭﻙ (ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ) ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ( ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ) ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ،
سىلەﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﯩﻤﯘ
  • 11. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ ؛ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ) ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ، ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻪ) ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ؟! ﻣﻪﻥ .... ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﭽﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ (قەبرىنى) ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﻼﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ.
  • 12. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻧﻪﻗﻘﻪﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺋﯩﭽﻰ - ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺋﺎﺑﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ( ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ) ﯞﻩ ﻳﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ . ﺋﺎﺑﯩﺪﻩ
  • 13. ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﯩﻢ . (ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﯚﺗﻜﻪﻝ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﯗﻡ . ( ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ) ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﺭﺳﯩﻠﻪﺭ . ﺋﯘ ﺗﺎﺵ .... ﻣﻪﻥ .... ﺩﯨﻢ . ﺑﯘ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﮕﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻪ ﺟﻴﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﻦ
  • ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺩ) (ﺵ)
  • 1. ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯘﻣﯩﻦ ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺗﯘﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺶ
  • 2. (ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ، ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﺩﯗﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎ ھىنگان ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺗﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﺎﻳﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ
  • 3. ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﻧﺎ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺩﺍﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﻤﯩﺶ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ
  • 4. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ، ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﭽﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﻮﻟﻠﯜﻙ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻻﺭﺩﯨﻦ، ﺑﻮﺭﯗﻣﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ، ﺋﯘﭺ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ، ﻗﯩﺸﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺗﺎﻧﺎﺑﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭘﺘﯘﻣﯩﺶ. ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﭙﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﺎﻗﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
5. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻤﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻤﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ، ﺑﯘﺯﯗﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
  • 6. ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﻩ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ..... ﺋﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﻮﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ .
  • 7. ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ .... ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﭘﻪﺭﻩﺱ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻐﺎ
  • 8. ﺑﯧﻘﯩﻨﻐﺎﻧﻤﯩﺶ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﭺ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎ ﺑﻮﻛﻠﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﺎﭘﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺶ
  • 9. ...................
  • 10. ..... ( ﻟﯧﻜﯩﻦ ) ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ
  • 11. (ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ) ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﻪﺭ - ﺳﯜﻳﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯩﺶ : " ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﺘﯩﺮﻣﯩﺶ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﻠﺒﯩﻠﯩﮕﻪ ﺧﺎﻧﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﻪﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
  • 12. ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻤﯩﺶ . (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ) ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻤﯩﺶ ، ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻤﯩﺶ. (ﺑﯘﻻﺭ) ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ. ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ بۆﺭﯨﺪﻩﻙ ﺋﯩﻤﯩﺶ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻳﺪﻩﻙ ﺋﯩﻤﯩﺶ ؛ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﯩﭽﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ) ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ
13. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ( ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ) ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ، ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺩﯨﺪﻩﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ تۆﻟﯩﺲ. ﺗﺎﺭﺩﯗﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ .
  • 14. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﺷﺎﺩ ( ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ) ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺋﻮ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺟﻪﻧﯘﺏ) ﺗﻪ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻼﺭ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺷﯩﻤﺎﻝ) ﺩﺍ ﺑﺎﺯ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ، ﻗﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ، ﺗﺎﻧﺎﺑﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ، ﻗﻮﺭﯨﻐﺎﺭﻻﺭ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ، ﻗﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ، ﺗﺎﻧﺎﺑﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﯘﻧﭽﻪ ( ﻛﯚﭖ) ...
  • 15. ﺋﯘ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺶ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯩﺶ. ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ، ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻧﻤﯩﺶ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺶ، ﺗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺶ ، ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺋﺎﺗﺎﻡ
  • 16. ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ. ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎﻡ (ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ) ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺪﻯ . ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﺎﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ
  • 17. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﺩﯗﺵ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﺩ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ) ﺗﺎ سېرىق دەريا ﯞﻩ ﺷﻪﻧﺘﯘﯓ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ . ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﻏﻪﺭﺏ) ﺗﯩﻦ ﺗﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭ ( ﻗﺎﭘﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ) ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻛﺴﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ
  • 18. ﺟﻪمىئى ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﻮﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﻕ. ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﯗﻕ. ﺗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ، ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﺪﯗﺭﺩﯗﻕ . ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
  • 19. ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﭼﻪﻛﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ
  • 20. ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺒﻪﮒ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ؛ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺘﻰ . ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯨﺪﻩﻙ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﻛﻮﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ- ﺳﯜﻳﻰ ﺯﯨﻤﯩﻨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ
  • 21. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ (ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ) ﻳﻪﻧﻪ (ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ) ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﺷﯩﻨﺌﻪﻧﻠﯩﯔ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﯗﻕ. ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺗﺎ ﻛﻪﻧﮕﻮ- ﻗﯘﺭﻣﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﻟﻼر ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ، ﺩﯨﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﺩﯨﺪﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺱ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ. (ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪۇ)
  • 22. ﺑﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن-ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻙ، ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯜﺷﻤﯩﺴﻪ، ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺖ - ﭼﯩﺖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ ؟ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ( ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻐﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ) ﺋﯚﻛﯜﻧﯜﯕﻼﺭ!
  • 23. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﻧﺎ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﯕﻼﺭ. ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﯖﻼﺭ (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ) ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ (ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﻫﻪﻳﺪﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ؟ ﻧﻪﻳﺰﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ (ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ ؟ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺗﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ
  • 24. ﺷﻪﺭﻗﻜﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ، ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﯧﻨﯩﯖﻼﺭ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ. ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﯖﻼﺭ ﺗﺎﻏﺪﻩﻙ ﺩﯛﯞﯨﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﭘﺎﻙ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺩﯨﺪﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ
  • 25. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ (ﺑﯩﺰﮔﻪ) ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯧﻨﻰ
  • 26. ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ . ﻣﻪﻥ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ... ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ .(خەﻟﻘﻰ) ﻳﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯧﺸﻰ ﻳﻮﻕ . ﻛﯩﻴﮕﯩﻠﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺗﺎﻡ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ- ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ
  • 27. ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻟﻪ - ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ
  • 28. ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﻪر- ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻻﯕﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻗﯩﺸﺎﻥ ﺗﺎﻧﺎﺑﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﻢ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ.
  • 29. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ . ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﯛﻡ . ﻳﺎﻻﯓ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ( ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ) ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭ (ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ
  • 30. ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ (ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﭺ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﭽﯩﻼ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .
  • 31. ﺋﯘ ﻣﺎﻫﻰ ﺳﻪﻧﻪﻣﺪﻩﻙ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺧﺎﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺟﯜﭖ ﺳﺎﻏﺪﺍﻗﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .(ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ) ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﯞﺍﯓ ﺗﯘﺗﯘﻗﻰ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ .
  • 32. ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺗﯘﺗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﻴﯩﻨﺌﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﭼﺎﭼﺎ ﺟﺎﯕﺠﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘ ( ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﻰ ) ﺗﺎﺩﯨﻘﺘﯩﻦ ﭼﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺕ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ
  • 33. ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﺒﺎﺭﺍ ﻳﺎﻣﺘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺕ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﯕﺴﯩﻦ ﺳﯩﻠﯩﯔ ﺑﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﯗﻕ ﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺕ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﯞﻩ ﺩﯗﺑﯘﻟﻐﯩﺴﻰ ﭘﯩﻼﺷﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻕ ﺗﻪﮔﺪﻯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﻮﻗﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻣﯩﺪﻯ
  • 34. ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺮﻛﯩﻨﻰ (ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﮔﻰ - ﻳﺎﺭﻏﯘﻥ ﻛﻮﻟﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ
  • 35. ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﻮﻱ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﻧﻰ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﻮﯕﻤﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﯕﺎ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮﯨﻨﻰ
  • 36. ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺭﮔﻪ ( ﻧﻪﻳﺰﻩ) ﺳﺎﻧﭽﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ
  • 37. ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻘﯩﺪﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻟﭽﯘﺩﯨﻦ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﯩﻐﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﺎﺷﯩﻐﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯ ....
  • 38. ...... ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ (ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ) ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ . ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ ، ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ( ﺑﯩﺰﮔﻪ ) ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ( ؟ ) ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ
  • 39. ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻨﭽﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﺎﺭ ﺗﻮﻣﯘﺭ ( ﻗﺎﭘﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ) ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻛﻮﻧﮕﻪﺭﻣﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻕ ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ .....
  • 40. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﮕﻪ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪﯗﻕ. ﺋﯘ، ﭼﻮﯓ (ﺑﯩﺮ) ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ، ﺋﯘ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺷﺎﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻝ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ . ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ
  • ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺏ )
  • 1. ...... ﺑﯩﻠﻪﻥ ( ﻫﻪﻣﺪﻩ ) ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﯩﺶ . ﺋﯚﻳﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ( ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ .
  • 2. ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺷﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﺎﺭﻗﺎ- ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ . ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯗﻕ . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ، (ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺷﺎﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﭗ
  • 3. ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﻪﻟﺘﻪﺑﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺰﮔﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺷﺎﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ
  • 4. ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ .ﺋﯘ ﺋﺎﺕ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻼﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ( ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻏﯩﺮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ.
  • 5. ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺯﻣﺎﻥ ﺋﺎﻕ (ﺋﺎﺗﻨﻰ) ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ (ﻧﻪﻳﺰﻩ) ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺷﻼﻏﺎﻗﺘﺎ ﺋﻪﺩﯨﺰﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ.
  • 6. (ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ؟ ) ( ﺋﻪﮔﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻞ ) ﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﻪﺩﯨﺰﻟﻪﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﭽﯧﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺯﻣﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻧﻪﻳﺰﯨﻠﻪﺷﺘﻰ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻳﺰﯨﻠﻪﺷﺘﯘﻕ . ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﭼﯘﺱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﻗﺘﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺗﯜﺭﻙ
  • 7. ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ( ؟ ) ( ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﻰ ) ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺷﺘﻰ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ( ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ) ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﻮﯕﺮﺍ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﯕﺮﺍ ﺋﯘﺭﯗﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺒﺎﻏﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎﻝ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺯﮔﻪﻧﺘﻰ ﻗﺎﺩﺍﺯﺩﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ
  • 8. ﺋﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ( ﻧﻪﻳﺰﻩ) ﺳﺎﻧﭽﯩﺪﻯ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﻐﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﺸﻼﭖ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﻕ .ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ( ؟ ) ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ
  • 9. ﺋﯘﮔﯩﺴﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ (ﺋﺎﺗﻨﻰ ) ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ (ﻧﻪﻳﺰﻩ) ﺳﺎﻧﭽﯩﺪﻯ . ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ( ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ) ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﻛﯧﻠﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﺪﻩﻙ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ
  • 10. ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﻼﺭ . ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ . ﺋﯚﺯﻩﻡ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ . ﻛﯚﺭﻩﺭ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﻫﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ
  • 11. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ . ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ . ﻣﻪﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯚﺯﻯ ( ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﻤﯩﺴﻰ ﻛﻮﺯ ﯞﻩ ﻳﯧﺸﻰ ) ﻧﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ، ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ
  • 12. ﻗﯩﺸﺎﻥ ، ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺋﻮﺩﺍﺭ ، ﺟﻴﺎ ﺩﯦﭽﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻰ ﻧﻮﺷﺎﯓ ﻛﻪﻟﺪﻯ . (ﺋﯘ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯚﻫﻪﺭ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﻮﺑﯘﺕ ﺧﺎﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ، ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﻯ ، ﺑﻪﺭﭼﻪﻛﻪﺭ ، ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻮﯕﺠﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﺎﺭﻗﺎﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
  • 13. ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻗﺮﺍﭺ ﺗﻮﻣﯩﻐﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺗﺎﻣﻐﯩﭽﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺩﯗﺵ ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯘﭼﯘﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﺎﯞﺍﭘﺨﺎﻧﺎ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ، ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ، ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻧﺎﺭﻩ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ( ؟ ) ﺟﻴﺎﯓ ﺟﺎﯕﭽﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﭘﺨﺎﻧﺎ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ
  • ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺵ . ﺩ )
ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﻱ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗﻕ . ﺗﺎﯞﺍﭘﺨﺎﻧﺎ ، ﻧﻪﻗﻘﺎﺵ ، ﻣﯘﻧﺎﺭﻩ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﺋﯘ .ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻟﺘﻪﺑﻪﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.
  • ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﻕ . ﺩ )
ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﻴﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ، ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ( ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ) ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺳﯩﺰ ( ﺧﻪﻟﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ) ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﯖﯩﺰ . ﺳﯩﺰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﯖﯩﺰ . ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ... ﺗﯩﺮﯨﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
  • ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺟﻪﻧﯘﺏ ( ﻥ . ﺵ )
  • .. ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﻛﯜﻣﯜﺵ ، ﮔﯚﻫﻪﺭ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ( ﯞﻩ) ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﭼﻰ ( ؟ ) ... ﺑﯧﮕﯩﻢ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ( ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ) ... ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﻦ .
  • ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺵ )
ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ .... ﺋﯜﭼﯜﻥ ( ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ؟ ) ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﻮﯞﻛﯩﻨﺘﻰ ( ؟ ) ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ( ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ) ﻗﺎﺭﺍﺗﺘﯘﺭﺩﯗﻡ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺴﻪﻧﭽﻮ ﺋﺎﻳﺎﻳﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﯞﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺩﯗﻡ .

سۇجى مەڭگۈ تېشىئورنى Wikipedia

ئاتلا: يولباشچى,                                        ئىزدە
سۇجى مەڭگۈ تېشى
بۇ مەڭگۈ تاشنى 1900- يىلى فىنلاندىيە ئالىمى گ . ج . رامېىستېد سابىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇجى تۆپىلىكى ئەتراپىدىن بايقىغان. مەڭگۈ تاش تېكىستى 11 قۇر بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 840- يىلى) كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.
سۇجى مەڭگۈ تېشىنىڭ يەشمىسى
  • 1. مەن ياغلاقار خانى ئاتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە كەلدىم (ياكى " مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى ياغلاقار خان تۇرۇشلۇق جايغان كەلدىم " دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. )
  • 2. مەن قىرغىزلارنىڭ ئوغلى بويلا قۇتلۇق يارخان.
  • 3. مەن قۇتلۇق باغا تارخان ئۈگەنىڭ بۇيرۇقى )ۋەزىرى (
  • 4. مېنىڭ شۆھرىتىم كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشقا تارالغان.
  • 5. مەن بايدۇرمەن، مېنىڭ قوتانلىرىم ئون، يىلقىلىرىم سانسىز.
  • 6. مېنىڭ يەتتە ئىنىم، ئۈچ ئوغلۇم، ئۇۈچ قىزىم بار، مەن ئوغۇللىرىمنى ئۆيلىدىم.
  • 7. قىزلىرىمنى تويلۇق ئالماي ياتلىق قىلدىم. مەن مانى راھىپ كالانلىرىمغا (mar) يۈز ئەر چاكار ۋە ئۆي بەردىم.
  • 8. مەن جىيەن ئوغلۇمنى ۋە نەۋرەمنى كۆردۈم. ھازىر مەن ئۆلدۈم.
  • 9. مېنىڭ ئوغلۇم كىشىلەر (؟) تەرەپتە تۇرىدۇ، خۇددى مېنىڭ مانى راھىب كالانلىرىمغا ئوخشاش، ھۆرمەتكە سازاۋەر خان ! )تىرىشىپ) ئىش بېجىرىدۇ !
  • 10. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم ............
  • 11. مەن كۆرەلمىدىم ئوغلۇم
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ « ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى » ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: موغۇن شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق مەزكۇر يادىكارلىق فىنلاندىيە ئالىمى گ.رامستېد 1909-يىلى تېپىپ، ئۇنى "سېلىنگا تېشى" دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759--760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېساپلىنىدۇ. گ.رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س.مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلىن نەشر قىلىنغان « موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى » كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق « مويۇن چۇر يادىكارلىقى » دەپ بېرىلگەن. « مويۇن چۇر --» ئەلئەتمىش خاقاننىڭ تەختىكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە "مويان" شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى "جو" سۆزىنىڭ تۈركچە تەلەپبۇزى "چۇر" ئېنىقىراقى "چور" (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى "مويان" مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج.ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا «بايان چور» شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا «بايان چور» شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.

قاتارلىقلار بار.
ۋىكپېدىيە ئۇيغۇر ئېنسىكىلوپېدىيىسىدىن مىسرانىم تورىغا كۆچۈرۈلۈپ ئېلىندى.كۆچۈرگەندە ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.


قۇرىغارى ئۇيغۇرلار:  
1.ئۇيغۇر  
2.تارانچى (ئىلى ئۇيغۇرلارى)
3.دولان  
4.مۇغال (يوپۇرغا ئۇيغۇرلارى)   
5.ئاينۇ (ئابدال)         
6.لوپتۇق  

7.كۆكمۇنچاق (قۇمقاناس ئۇيغۇرلارى)  
8.Aqtu Turkmanlari

گەنسۇ-كۆكنور ئۇيغۇرلارى    
1.ئۇغۇر/سارى ئۇغۇر
2.سالار  

كۆك ئۇيغۇرلار
1.كۆكتون (خوتون)  
2.Chatan










2012-يىلى 17-فېۋرال سەھەر قايتىدىن تەھرىرلىنىپ رەتلەندى.كېلەر قېتىمدا ئۇيغۇرىي تۈركلەر بۈيۈكلەر ئېمپىرىيىسى - تۈمەن يىل ئىلگىرىكى شانلىق تارىخ،تېنچ ئوكيانغا غەرق بولغان مەڭگۈلۈك قۇياش شاھلىقى"ئۇيغۇر مۇ ئېمپىرىيەسى"...قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ تەرجىمىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.
  
پايدىلانغان مەنبەلەر:   
http://ru.wikipedia.org/  
http://ug.wikipedia.org/   
http://vkontakte.ru/  
www.rambler.ru

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-17 04:55 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jasuryigit + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
takderdax + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 365   باھا خاتىرىسى

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 11:58:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار توغرىسدا تەپسىلىي توختالغان پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تارىخىي تەتقىقات ماقالىسىكەن ، رەھمەت !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساخلىۋېلىپ،    ۋاقىت چىقىرىپ  كىيىن كۆرەي....
تېمىنى  يوللىغۇچىغا   رەخمەت...

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75739
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مۇشۇ تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى ئوقۇساملا يىغلىغىم كىلىدۇ، بۇ تىمىنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ بولغىچە بەدىنىمدە سۇ مىقدارى قالماي كەينىمگە يىقىلىپ چۇشكىدەكمەن. لېكىن ئاشۇ ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى بۈلمەي يۇرگەن بىر بۆلەك ياشلار ئۇچۇن بۇ ماقالە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يوللىنىپتۇ. تىما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت.  سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.بولۇپمۇ كۆزىڭىزنى بەك ئاسراڭ!   سالامەتلىك سىزگە ھەر ۋاقىت يار بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ جەۋھەرلەپ قۇيۇشۇنى ،تورداشلارنىڭ ساقلاپ قۇيۇپ پايدىلىنىش ماتىريالى قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.تىما ئىگىسىنىڭ جاپالىق ئەمگىگە رەھمەت.

كومپاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى بىلملەرنى بىلدوق. تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت. تارىخنى ياخشى ئۇگەنگەندە مەۋجوتلىغىمىزنى ساقلاپ قىلشتا موھىيوم رول ئۇينايدو.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلدى دەپ بىلىڭلار ئېلىمدىن كەچسەم،
جاھالەت باسىدۇ بىلىمدىن كەچسەم .
ئۇيغۇر تىزىمىدىن ئۆچۈرۈڭلار مىنى،
جان ئانام ئۆگەتكەن تىلىمدىن كەچسەم.


مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن ....:qiray18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-17 12:45 PM  


پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6421
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239551
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12493 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:36:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر مىللىتى

قولى گۈل تىرىشچان، ئۇيغۇر مىللىتى،
باغرى باغ گۈلىستان، ئۇيغۇر مىللىتى،
تارىخقا ئىز سالدى، كەلگۈسى ئۈچۈن،
باسقىنى زىمىستان ... ئۇيغۇر مىللىتى.

خۇشچاقچاق، مەردانە ئۇيغۇر مىللىتى،
يېتىمگە نۇر- سايە ئۇيغۇر مىللىتى،
ئەجرىدىن ئىستەيدۇ مىللەت يولىغا،
ئۇلۇغۋارقۇت، غايە ئۇيغۇر مىللىتى.

گۈل كەبى جەلىپكار ئۇيغۇر مىللىتى،
توغراقتەك پىداكار ئۇيغۇر مىللىتى ،
فارابى–ئۆتكۈرنىڭ قۇرماس يىلتىزى ،
ھەرىدەك ئىجادكار ئۇيغۇر مىللىتى .

ئەدەپلىك، ھايالىق ئۇيغۇر مىللىتى،
ساپ -سالقىن ھاۋالىق ئۇيغۇر مىللىتى.
قەلبىگە مۇجەسسەم يېڭىلمەس، مەردلىك،
چۈشكۈنگە – ھاياتلىق ئۇيغۇر مىللىتى .

بۇلبۇلدەك – ئۈنلەيدۇ  ئۇيغۇر مىللىتى،
گىياھتەك – كۆكلەيدۇ  ئۇيغۇر مىللىتى،
ھەقىقەت تونىدا نامەردنى يېڭىپ،
قۇش كەبى–ئۆرلەيدۇ ئۇيغۇر مىللىتى.

ياۋلارغا خەنجەردۇر ئۇيغۇر مىللىتى،
ئۆملۈكتە–زەنجىردۇر ئۇيغۇر مىللىتى،
تېرىشىش–ئىزدىنىش روھى مۇجەسسەم،
ئەقىللىق، پەملىكتۇر ئۇيغۇر مىللىتى.

ئەدەپ ۋە ئەخلاقتا نۇرانە قۇياش،
رىشتىمىز ئۈزۈلمەس، يىلتىزدەك تۇتاش،
مېھرىمىز تومۇردىن دىللارغا ئۇلاش،
يۇلتۇزدەك نۇرانە ئۇيغۇر مىللىتى.

زىمىندا ياشايدۇ ،خىلمۇ- خىل مىللەت،
بەزىدە پاك – غورۇر ، بەزىدە ئىللەت،
ئىزدىسەك تېپىلماس ، قىتئەلەر ئارا،
جاپاكەش، مىھماندوس، ئۇيغۇردەك مىللەت.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jasuryigit + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17171
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىروتورېيىسى.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 12:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ajiringizga rahmat kop japa tartipsez

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش