|
|
|
|
ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە سېلىنغان ئىكەك.
ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ دائىم يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر كېتىپ قېلىش خەتىرى چوڭراق بولىدۇ .ئاياللاردا بەلكىم تۇغۇلۇشىدىلا ئۇيقۇسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولسا كېرەك ، ئۇيقۇسىزلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ›› .
تەتقىقاتچىلار 1000 ئايال ۋە 741 ئەرنىڭ ئۇيقۇ ئەھۋالىنى 14 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يازغان بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدە پەرق بارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى . ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرگە يۈرەك كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق جانغا زامىن كېسەللەردىن چوقۇم ھوشيار بولۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش بەك مۇھىم ›› .
<شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى.>
كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ! تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن .
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى.
|
|
|
|
|
|