ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!
ئۇزۇندىن بۇيان باش بەتنىڭ ئىشلىرى ھەم مۇنبەردىكى بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلار قوشۇلۇپ تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىمىز ،ئىشخانا رېتىمى بىر قەدەر تېزلىشىپ قالغان ئىدى. بۈگۈن مىسرانىم يېڭى باش بېتى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىراق مۇنبەردىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمدىكى كىشىلەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ھەم ئەزالاردىن قۇسۇر تېپىپ ،تېمىنى جىدەل تېمىسىغا ئايلاندۇردى.
بىز بۇنىڭدىن كېيىن باشقۇرۇش كوللىكتىپىنى كۈچەيتىپ مۇنبەرنى ئۇنۋېرسال ،ساپالىق مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشىمىز.
بىر قىسىم ئەزالار قۇرىۋالغان چچ توپلىرىدىكى بارلىق سۆزلەر، مۇنبەردىكى ئېغىزغا ئالغۇسىز بولغان سەت گەپلەر ئىسپات سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى..
ئەزالار توپىدا بىر قانچە كىشىلەرنىڭ قۇترىشى بىلەن مۇنبەردە تەڭ جىدەل قىلغانلارنىڭ ئارخىبى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋىتىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن ئەزا چەكلىگەندە 3 قېتىملىق پۇرسەت بېرىلىدۇ،. داۋاملىق ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن مۇنبەرداشلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۆز مەيلىچە كۇنۇپكا تاختىسىدا شەھەر ئالىدىغان ئاتالمىش <قەھرىمان> لارنى پەقەتلا 3 سىكىنۇت ئىچىدە بارلىق ئارخىبلىرىنى ئۆچۈرۈپ بىراقلا چەكلەش جازاسىنى بېرىمىز.
سىلەر كۆرۈۋاتقان مۇنبەر بىر قانچە كىشىنىڭ ئەتتىگەنلىك ناشتىنى چۈشتە چۈشلۈك تاماقنى كەچتە يەپ ،كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق تېرىشىشى نەتىجىسىدە ،ھازىرقى پاكىز ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالىغان. بىر قىسىم مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدىغان كىشىلەر تور دۇنياسىدا جىدەلدىن كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بىر قانچە كىشىنىڭ ئىنكاسلىرى بىلەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنى يوققا چىقارماقتا...
ھازىر تىلىمىزنىڭ ،يېزىقىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقىنى مۇنبەر ھەم ئۇيغۇرچە بىلوگلار . تىل - يېزىقىمىز ،مىللىتىمىز ئۈچۈن ئانچە - مۇنچە بولسىمۇ تۆھپىسى بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ يەرنى ئىلمىي كىشىلەر سورۇنى قىلىش، بىرىمىز تەپەككۇرىدا ئېغىش كۆرۈلگەندە ئورتاق مۇنازىرە قىلىش، تەپەككۇر بايلىقلىرىنى ئاچىدىغان ياخشى بىر سورۇن قىلىشىمىز كېرەك..
مۇنبەرنىڭ ھازىرقىدەك مۇكەممەل ،بىخەتەر، ئىزچىل نورمال ھالەتتە ئېچىلىشىغا ئەلۋەتتە كۆپ كۈچلەر كېتىدۇ.شۇڭىلاشقا تەنقىدىي تەكلىپ - پىكىرلەر بولغا مىسرانىم ئىشخانىمىزغا بىۋاستە كېلىپ ياكى تېلفون ئۇرۇپ ئەھۋال مەلۇم قىلساڭلار تامامەن بولىدۇ. ئەزالار بىر قىسىم كىچىك مىجەز، ھەم جىدەلخور ئەزالارنىڭ پىكرى بويىچىلا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنى ئەيىپلىمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز..
قايسى كۈنى بىر ئەزا ،مەلۇم باشقۇرغۇچىمىز توغۇرلۇق شۇنچىلىك ئەرىز - شىكايەتلەرنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتتى، نېمە بولغانلىقىنى سورىسام بىر تېمىسىنى ئۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتتى، مۇنبەر ئارقا بېتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسەم ،ئادىل مىجىت ئاكىمىزنىڭ پايپاق دىگەن بىرلا ئېتوتى....
تېما يوللىغۇچى ئەزالار ئەڭ ئاۋۋال مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىشتىن بۇرۇن مەن قانچىلىك تېما يوللىدىم دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە قويۇپ ئۆتۈشىنى سورايمىز.
مۇنبەر ئەزالىرىمىز بىرقانچە ئونمىڭ ،چەكلەنگەن ئەزالار يەنە بىر قانچە مىڭ .گاھىدا تورداشلارمۇ ئۇچرىتىپ قالىدىغاندۇ، خەنزۇچە ئېلان تەشۋىق قىلىدىغان ،شۇنىڭغا ئوخشاش، گەپنىڭ بېشىنى ئۇلۇغ قەدىردان ئانىمىز بىلەن باشلاپ ،ئاخىرىنى سەت گەپلەر بىلەن چۈشۈردىغان ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ، شۇلارنىڭ رەتلەپ ،پاكىز ئازادە بولغان مۇنبەر مۇھىيتى بەرپا قىلىپ ،تورداشلار، جۈملىدىن تورغا چىققۇچى كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتىمىز.
تېما تەستىقلاش توغرىسىدا :
يېڭى مۇنبەر سېستىمسىنىڭ بىر قىسىم تەڭشەكلىرى سەۋەبلىك يوللانغان تېمىلار تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋال تەستىقلىنىپ- تەكشۈرۈلۈپ ،تەھرىرلىنىپ ئاندىن ئۆچۈرلىدۇ ياكى تەستىقلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا تېمىڭىز چىقىپ 10 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە تەھرىرلەش ،يۆتكەش ۋە تەكرار يوللانغان- يوللانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ.
يوللانغان تېمىلارغا ئەسكەرتىش ،ئۆچۈرۈش ئۇچۇرى بېرىلمەيدۇ.
يوللانغان ھەرقانداق تېمىغا ئۆچۈرۈلگەندە ئۆچۈرۈش ئەسكەرتىلمىسى سېستىما تۈزۈلمىسى سەۋەبلىك بېرىلمەيدۇ. تەستىقلانغان تېمىلار مۇنبەر باش بېتىدە ئاپتۇماتىك كۆرۈلىدۇ،شۇڭا بىر قىسىم ئەزالار باشقۇرغۇچىلاردىن بىھۇدە گۇمانلىنىپ ئاچچىقلانماسلىقىڭلارنى ، ئۆزۈڭلارغا يارىغان مەزمۇن ۋە تېما ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىپ ئومومىي مۇنبەر كەيپىياتى ،جەمئىيەت كۆتۈرگىدە تېمىلارنى يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
دىنغا مۇخالىپ،زىت كېلىدىغان ياكى بىرەر قىزىقارلىق فىلىملەر قەتئىي تەستىقلانمايدۇ.
ئىسلام دىنىغا زىت ھەرقانداق يازما ،ھەرقانداق پىكىر ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.
فىلىملەرنىڭ توپلام قىلىپ چىقارسا بولىدۇ. بىر فىلىمنى بىر تېما قىلىپ يوللىسا تەستىقلانمايدۇ،
(ئالاھىدە ئۆزى ئىشلىگەن ،ياكى بىرەر سەنئەت كېچىلىكى، ئىجادىيەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا)
تەستىقلانغان تېمىلار ئۆچۈرۈلمەيدۇ، جىدەل چىقارغان ئەزالار چەكلىنىدۇ.
ئالاھىدە تېمىلاردىن باشقا تېمىلارغا قۇلۇپ سېلىش،ياكى ئەزالارنىڭ جىدىلى سەۋەبلىك تېمىنى ئۆچۈرۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بۇرۇندىن بىر قىسىم ئەزالارغا يۈز خاتىرە قىلىش سەۋەبلىك نۇرغۇن ياخشى يېزىلغان تېمىلار ئۇرۇش ،جىدەل پىلتىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆچۈرۋىتىلگەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېما ئۆچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى شەخسىي ئاداۋەتنى مۇنبەرگە ئېلىپ كىرگەن ،قەستەن جىدەل ئۇرىقى چاچقانلارغا نىسبەتەن بارلىق ئارخىبنى ئۆچۈرۈپ چەكلەش جازاسى بېرىلىدۇ.
كۈندە كېلىۋاتقان بىر قانچە يۈز تېمىنى تەھرىرلەپ ،تۈزەپ مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىۋاتىمىز.مىسرانىم ھەرگىزمۇ ئاپتور ئەمگىكىنى يوققا چىقارمايدۇ.مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تەستىقلانمىغان بەزى تېمىلار ئىشخانا تېلفونىغا ئەھۋال مەلۇم قىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى
ئەزالار ئۆز تېمىسىدا جىدەل چىقارغانلارنى شۇ قەۋەت ئاستىدىكى پاش قىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىزگە پاش قىلسا پاش قىلغانلارنى مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاپ ،شۇ ئەزاغا نىسبەتەن مۇۋاپىق چارە قوللىنىمىز.
ئېسىڭلاردا بولسۇن ،ئەقىل ھېسياتقا خوجا بولسۇنكى ،ھېسيات ئەقىلنى بېسىپ چۈشمىسۇن!
.
تورداشلارنىڭ ئىناق بولغان مۇنبەر كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.