ھۆرمەتلىك تور بەت باشقۇرغۇچىلار،ئوقۇرمەنلەر ياخشىمۇ سىلەر!
مەن تۆۋەندە سىلەر بىلەن بېشىمدىن ئۆتكەن بىر قاتار ئىشلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى، سىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىشىڭلارنى ھەم مېنىڭ بۇ قارارىمغا قارتا پىكىر-تەكلىۋىڭلارنى بىرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەن 2008-يلى توي قىلغان بولۇپ، تويدىن كىين بىرەر يىلغا بارا بارمايلا يولدىشىم قىلىق چىقىرىشقا باشلاپ،سەۋەبسىزلاكېچىلىرى ئۆيگە قايتماس بولدى، ئاخىرى باشقا ئاياللارنى ئۆيگە ئەپكىلىشكە باشلىدى.شۇ ئىش تۈپەيدلىدىن تولا جىدەللىشىپ، نىكاھ قېتىم سانىمىز ئۈچ قېتىمغا بېرىپ قالغانىدى. ئاخىردا2010-يىلى1-ئايدا ئاجراشماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا ھامىلدار بولۇپ قالدىم.مەن ھامىلدار بولۇپ، 3 ئاي بولغاندا سەۋەبسىزلا تاكاللىشپ قالدۇق شۇندىن باشلاپ تاكى بالا تۇغۇلۇپ 1.5ياشقا كىرگۈچە(ھازىرغىچە)، يولدىشىم ماڭا ۋە بالىغا كۆڭۈل بۆلمىدى، بولۇپمۇمەن ھامىلدار ۋاقتتا مەن بىلەن كارى بولماي باشقا قىزلار بىلەن ئارلىشىپ يۈردى.مەن تۇغۇپ بالا 4ئايلىق بولغۇچە ئۇ ياكى قېينانام مەن بار ئۆيگە دەسسىمىدى...مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ باشقا ناھىيەدە(500كىلومىتىر يىراقلىقتا)بولغانلىقى ئۈچۈن بالىنى ئامالسز ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قۇيۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم (مەن بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنى گۇناھكار ھىس قىلىمەن).ۋاقىت ئۈتىۋەردى.بىلمىدىم 2011-يىلى 5-ئايدا ئۇ نېمە بولدىكىن يېنىشىپ قېلىش توغىرسىدا ماڭا تېلفۇن قىپتۇ،بۇ ۋاقىتتا مەندە گەرچە ئۇنىڭغا نىسبەتەن يا مۇھاببەت ياكى نەپرەپ قالمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ شۇ نارسىدە بالامنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن يېنىشتىم، ئەمما يېنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ چ چ بوشلىقىغا باشقا بىر قىزدىن كەلگەن تىلغا ئالغۇسىز شىرىن سۆزلەر ۋە قىيداشلارنى كۆرۈپ قالدىم.(چ چ سىنى ئۇ ئۆزى ئاچقان ئىدى.ئۆزىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى) گېپدىن قارىغاندا ئۇلار خېلى بىر مەزگىل ئارلاشقان ۋە دوختۇرخانلارغىچە بارغان... ئادەمدە ھەر قانچە سەۋىر بولسىمۇ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۋالغىلى بولىدۇ دەمسىز،جىدەللەشتۇق....ئۇ مەندىن چوڭ گەپ قىلدى تېخى،ھەم 6،،،،7 قېتىم ۋارقىراپ تۇرۇپ«قويپەدىم،سەن پالانى نىمەمگە ھىساپ»دىدى...ئاڭلىسام بۇنداق ۋاقىتتا ئۆي تۇتۇشقا توغرا كەلسە، قائىدە بويىچە مەن ئۈچ ئاي ئون كۈندىن كىين، باشقا بىرگە نىكاھلىق بولۇپ چىقىپ، يەنە 3ئاي ئون كۈندىن كىين ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن نىكاھ ئۇقۇتساق بولىدىكەن. ئارىدىن 2كۈن ئۆتكەندە ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلىپ، يارىشىپ قېلىش توغىرسىدا گەپ قىلغاندا مەن بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىسەم، ئۇ باشتا «سەن گەر باشقا بىرىگە ياتلىق بولساڭ ئۆلتۈرۋىتىمەن »دەپ تەھدىت سالدى،نەچچە كىين يۇمشاپ «تاتلىق خۇتۇن، جان خۇتۇنغا چۈشتى»ھەم مېنى بىر كېچە ئەرگىمۇ بەرمەكچى بولدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازاپلاندىم، ھەم خورلانغاندەك ھىس قىلدىم،مەن بۇنداق ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن نېمە خۇۋلۇق كۆردۈم، يەنە باشقا بىرىگە بىر كېچە خۇتۇن بولۇپ چىققاندىن كىين ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇش،ئويلىساممۇ تېنىم شۈركىنىدۇ،ئاخىرى كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن، بولدى ئاجىرشاي دەپ سوتقا ئەرىز بەردىم،ئەرىزنى قۇبۇل قىلدى.(سوتتىن تېخى چاقىرتمىدى) ھازىر ئۇ بەكمۇ ئازاپلانغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى كۈندە دىگۈدەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئۇنى ئازاپلاش ئەمەس بەلكى بۇ قارا باسقان ،زۇلمەتلىك كۈنلەردىن بالدۇراق قۇتۇلۇش..... مەن بۇ تېمام ئارقىلىق كەڭ ئەر تورداشلارغا ئېغىزغا مەھكەم بولۇشنى تەۋىسيە قىلىش بىلەن بىرگە ،مېنىڭ بۇ تۇرمۇشۇمغا بولغان كۆز-قاراشلىرىڭلارنى بىلىپ باقماقچى.مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمامنى تەھرىرلەپ، تەستىقلاپ قۇيۇشىڭلارنى ھەم تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىڭلارنى بىرشىڭلارنى سورايمەن،رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-16 03:10 PM