|
|
|
|
يىڭى ناخشا-ياشلىما
ناخشىدا: زۇلمىرە مىرزەخمەت
مۇزىكىسى: بەختىيار تاھىر
ناخشىنىڭ ئەسلى تېكىستى تۆۋەندىكىچە
يار ۋەسلىگە مۇشتاقلىق
ئاپتورى: ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېچىلدى ئەتىيازدىن كۈزگىچە،
يار سىنى ياد ئەيلىدىم گۈللەرنى تاللاپ ئۈزگىچە.
مەنمۇ گۈل پەرۋىشكە مۇھتاج مۇھىمى مىھرىڭ سىنىڭ،
سۆيمىسەڭ سۇلمامدىمەن پەسلى باھارىم كۈلگىچە .
رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېلىپ بارسام بۇلارمۇ يار ساڭا،
يۈرۈكۈم تەپمەمدۇ ئويناپ بىر قىيا باقساڭ ماڭا .
بىر قاراشتا ئوت چېچىپ قەلبىمنى گۈلخان ئەيلىدىڭ،
كۈيىمەن شۇندىن بىرى ئاھ،مىڭ تونۇر ئوتتا شۇڭا.
رەڭمۇرەڭ گۈللەرگە باققىن ئۇز جۇلا تاشلايدىكەن،
يار سىنى سېغىندۇرۇپ ھەر كۇيغا ھەم باشلايدىكەن.
سەن يىراقتا ئامرىقىم،ھىجران ماڭا مۇڭداش ھامان،
ئۇ،لىكىن باغرىمنى ئۆرتەپ كۆزلىرىم ياشلايدىكەن.
رەڭمۇرەڭ گۈللەرنى كۆرسەڭ مەن ئۈچۈن قويغىن سۈيۈپ،
مىنى سۆيدى دەپ بىلىپ كۆڭلۈم ياشارغاي شاد كۈلۈپ.
ئارمىنىم بارمۇ سىنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمەكتىن بۆلەك،
جان بىرىپ باغرىڭدا يارىم رازىمەن كەتسەم ئۈلۈپ.
زۇلمىرەنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئىسىم -فامىلىسى: زۇلمىرە مىرزەخمەت
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
يۇرتى: غولجىنىڭ توغراق دىگەن يىرىدىن
قىزىقىشى: رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش
ئارتۇقچىلىقى: چىقىشقاق، ئاقكۆڭۈل، دوستانە،تىرىشچان
كەمچىلىكى : كەمسۆز، ئالدىراقسان
ياخشى كۆرىدىغان ئىشى: شېئىر يېزىش، مۇزىكا ئاڭلاش
ياقتۇرمايدىغىنى: تەكەببۇرلۇق، ماختانچاقلىق
ئارزۇسى: داڭلىق ناخشىچى بولۇش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ، ھال رەڭ
ھازىر غولجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ 2010-يىلى <<سەنسىزمۇ>> ناملىق ناخشىنى يۇقۇرى ماھارەت ۋە چىن ھىسسىيات بىلەن ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. يېقىندا يەنە << ياشلىما >> ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ كەڭ ئاڭلىغۇچىلارغا سۇندى. ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى- دوستلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر، تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى شۇنداقلا يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا ياققۇدەك لىرىك كۈيلەرنى ئورۇنلاپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئوقۇشى ۋە سەنئەت ھاياتىغا ئەڭ زور ئۇتۇقلارنى، شۇنداقلا شانلىق نەتىجىلەرنى تىلەيمىز!
بەختىيار تاھىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئىسىم -فامىلىسى: بەختىيار تاھىر
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
يۇرتى: غولجا
كەسپى: كومپوزىتور
قىزىقىشى: ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا ئىشلەش
خارەكتىرى: چىقىشقاق، خۇشپىئىل، دوستانە، سەمىيمى
ئارتۇقچىلىقى: ناخشا -مۇزىكا ئىجادىيىتىدىن باشقا يەنە ئىنگلىز تىلىدا ئالاھىدە ئاتۇقچىلىقى بار
كەمچىلىكى: سەل ئالدىراڭغۇ، مىجەزى ئىتتىك
ياخشى كۆرىدىغان ئىشى: مۇزىكا ئىشلەش، ناخشا ئېيتىش، ساياھەت قىلىش، دوستلىرى بىلەن سىردىشىش
ياقتۇرمايدىغىنى: ھورۇنلۇق
ئارزۇسى: داڭلىق كومپوزىتور بولۇش، ئەل سۆيگەن ناخشىچىلاردىن بولۇش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: بەختىيار تاھىر: سېرىق رەڭ، يېشىل رەڭ، قارا رەڭ
بەختىيار تاھىر 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى << مىنى سۆيەتتىڭ >> ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى بىلەن خەلق ئارىسىدا زور قوللاشقا ئېرىشتى. ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ تىلىۋىزىيسىنىڭ << تەلەي يۇلتۇزى>> پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇندىن باشقا يەنە << جۇلا سەنئەت كېچىلىكى >> نىڭ 3-سانىدا << ئارمانىم >> ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى ۋە ياقتۇرىشىنى قولغا كەلتۈردى. يېقىندا يەنە ئۆزى تېكىستىنى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئۆزى ئورۇنلىغان << كەندىرىم >> ناملىق ناخشىسىمۇ كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ھازىر ئۆزى قۇرغان << ب سىتودىيىسى>> نى راۋالاندۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇۇقلارنى تىلەش بىلەن بىللە، سەنئەتخۇمار خەلقىمىزگە گۈلدەستە سۇنۇش يولىدا ھارماي ئىزدىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
بەختىيارنىڭ دوستلاردىن كۈتىدىغىنى: مەن سەنئەت يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يىڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشتىم . ھەم بۇ جەرياندا ناخشا خۇمار دوستلارنىڭ مەن ئورۇنلىغان ۋە ئىجاد قىلغان ناخشىلارنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مىنى قوللىغان ۋە يېقىندىن ماسلاشقان بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىيمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادا نوقسانسىز ئىش ۋە نوقسانسىز شەيئىي بولمايدۇ. مىنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ھاسىلاتلىىم ئىچىدىمۇ نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكلەر ساقلانغان بولۇشى مۇقەررەر. دوستلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان، سەل قاراپ قالغان تەرەپلىرىم بولسا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بىرىشىنى، شۇ ئارقىلىق مىنى قوللا بىرىشىنى سەمىيمىيلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن! كونىلاردا << يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس >> دىگەن گەپ بار، ئەگەر كەڭ دوستلارنىڭ قوللىشى بولمىسا يەنىمۇ يۈكسىلىشىمدىن ئېغىز ئاچالمايمەن. شۇڭلاشقا ئەزىز دوستلاردىن مەدەت ۋە ئىلھاملىرىنى، تەنقىدى پىكىر، تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى
سورايمەن! ئاخىرىدا بارلىق دوستلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
ناخشىنى ياقتۇرغانلار تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ.
http://xohmp3.com/Play.Asp?id=3542
مەنبە:يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 08:02 PM
|
|
|
|
|
|