ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز دوستلار،
كەمىنە ناۋادىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
يىقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان سىلەر بىلەن ئەسرالىشىپ ھال مۇڭ بولۇش،
ماڭا سەل مۈشكۈل بولۇپ قالدى،شۇ سەۋەپلىك مىسرانىمدىن
ئېلىۋاتقان روھى ئوزۇقۇممۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئەمدى قايتىپ كەلگىنىمدە بولسا،نۇرغۇنلىغان ئەسرالىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغىنىمنى،
مەھرۇم قالمىغان تەقدىردىمۇ كىچىكىپ قالغىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
خوش گىپىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئاز بولسىمۇ قۇرۇق كەلمىدىم،
نەزىرىڭلا تۆۋەندىكى كۆڭۈل سوۋغامدا بولسۇن.
نىگارغا سۆز
كۆيۈپ سۆيگۈ ئوتىدا بولۇپسەن ئاشىق،
نىچۈن يەنە يۈردۈڭسەن ئۆزۈڭنى بەزلەپ.
پاك سۆيگۈڭنى چۈشىنىپ يەتكەن چىغىمدا،
قاياقلارغا كەتتىڭ سەن ئىزىمنى ئىزدەپ.
دىلىڭ گەرچە شۇنچىلىك بولسىمۇ نازۇك،
ئاشىقلىقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپسەن جانان.
نە ۋىسالسىز ئاشىق دەپ ئويلىما تامان،
سەنمۇ بىركۈن ۋىسالغا يىتىسەن ھامان.
گەرچە سىنى ھەر كۈنى كۆرەلمىسەممۇ،
چۈشلىرىمگە كىرىپسەن تىمتاس كىچىدە.
تۈن بىلەن كۈن ئالماشقان ئەشۇ دەقىقە،
ئويغۇنىمەن ئۇيقۇمدىن سۆيگۈ ئىچىدە.
مەنبە:سياھسىز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 03:51 PM