ئەدىلىيە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن دەرىسلىك !
بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدىكى زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا !
مەزكۇر زورلۇق ئىشىلتىش ئۇسۇلى ئاپئاشكارلىققا، زەربە بېرىشچانلىققا، مەجبۇرلاشچانلىققا ئىگە بولوشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىدۇ:
زورلوق ئىشىلتىشنىڭ مەقسىتى بولسا شۇ نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە
2. مال-مۈلۈككە ئېرىشىش
يەنى قىلمىش سادىر قىلغوچى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ قارىشلىقىنى يوقىتىش ياكى باستۇرۇش، شۇ نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە مال-مۈلۈكىنى ئىگىلىۋېلىشقا قولايلىق بولوش ئۈچۈن قوللانغان بولىدۇ. ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقا مەقسەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا زورلوق ئىشىلتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز يامان نىيەت پەيدا بولوپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قارىشلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالىتىدىن پايدىلنىپ نەق مەيداننىڭ ئۆزدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنەمدۇ-يوق ؟
زورلۇق ئىشلىتىپ زەربە بېرىلدىغان نىشان
ئادەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارغا قارىتىلغان بولىدۇ ،يەنى مال – مۈلۈكنىڭ ئىگدارلىق قىلغۇچىسى ساقلىغۇچىسى ياكى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ جىسمانىيىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلدۇ ،ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى مال – مۈلۈكنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرغان ئىگدارلىق قىلغۇچى ،ساقلىغۇچى ياكى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ شۇ مەيداندىكى يىقىن ئۇرۇق – تۇققانلىرى ياكى باشقا مەنپەت مۇناسىۋتى بار كىشلەرگە زورلۇق بىلەن زەربە بىرىپ ،ئالدىدىكىلەرنى مال – مۈلۈكنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان بولسا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنەمدۇ –يوق ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا زورلۇق ئىشلىتىپ زەربە بېرىلگەن نىشان بولسا مال –مۈلۈكنى بىۋاستە كونتۇرۇل قىلغۇچى ئەمەس ،لىكىن ئۇ شۇ نەق مەيداندا مال –مۈلۈكنى بىۋاستە كونتۇرۇل قىلىپ تۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە يېقىن تۇققاندارچىلىق ياكى باشقا مەنپەت مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن ،ئۇنىڭغا قارىتا زورلۇق ئىشلەتكەندە مال – مۈلۈكنى كونتۇرۇل قىلغۇچى ئۇنىڭ دېگىنىگە مەجبۇرى بويسۇنۇپ نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا مال – مۈلۈكنى تاپشۇرۇپ بىرىدۇ ،ئەمەلىيەتتە مال – مۈلۈكنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغىمۇ تەھدىت سېلىش رولى بولغاچقا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىندۇ .بىراق ،ئەگەر بۇلىماقچى بولغان مال – مۈلۈك بىلەن مەنپەت مۇناسىۋىتى بولمىغان نەق مەيداندىكى كىشلەرگە زورلۇق قىلغان بولسا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ .
مىسال :
A B گە 100 مىڭ يۈەن قەرىز بولۇپ ،خىلى ۋاقىتلا ئۆتسىمۇ قايتۇرمايدۇ ،B داۋاملىق سۈيلەيدۇ.مەلۇم بىر كۈنى A قولىغا قاتىللىق قورالى ئىلىپ B نىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ ،B نى ئۇرۇپ ئىغىر زەخمىلەندۈردۇ . B نى 100 مىڭ يۈەننىڭ ھۆججىتىنى چىقىرىشقا قىستايدۇھەمدە ئۆزى بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان پۇل تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغورسىدىكى ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە مەجبۇرۇ قول قويغۇزىدۇ . A نىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتىرى توغورسىدىكى قاراشلاردىن توغرىسى قايسى ؟
A .قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى
B. بۇلاڭچىلىق جىنايىتى
C. باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بۆسۈپ كىرىش جىنايىتى
D. تارتىۋېلىش جىنايىتى
جاۋابى : B
مەنبە : پاك ئادۋۇكاتلار مۇنبىرى تەييارلىدى
تىخىمۇ كۆپ قانۇن توغورسىدىكى بىلىملەردىن بەرھىرلەنمەكچى ياكى قانۇن توغورسىدا ياردەمگە ئىھتىياجلىق
بولسىڭىز پاك ئادۋۇكاتلار مۇنبىرىگە قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ!
ئادرىسىمىز :
http://adukat.net/bbs بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 12:26 PM