تۇز چىقىرالايدىغان يارغۇنچاق
(رىۋايەت)
بۇرۇن بىر كەنتتە نامرات بىر ئەر بار ئىكەن. بىر كۈنى كەچتە بۇ ئەرنىڭ ئۆيىگە ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بىر بوۋاي كېلىپ:
-مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم، ئۆيىڭىزدە بىر ئاخشام قوندۇرۋالسىڭىز،- دەپتۇ.
-شۇنداقمۇ، سىزنى بەكلا نەس بېسىپتۇ-ھە؟ چاتاق يوق، قېنى، ئۆيگە كىرىڭ. ھېلىقى ئەر شۇنداق دېگىنىچە بوۋاينى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە باشلاپتۇ.
ئەتىسى بوۋاي بۇ ئەرگە كىچىك بىر يارغۇنچاقنى بېرىپ شۇنداق دەپتۇ:
-كېچىدىن مېنى قوندۇرۋالغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۇنى سىزگە بېرەي، بۇ بىر سېھىرلىك يارغۇنچاق، ئۇنى ئوڭ تەرەپكە چۆرىسىڭىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە چىقىدۇ. سول تەرەپكە چۆرىسىڭىز توختايدۇ. بىراق سىز ئۇنى توختاتمىسىڭىز نەرسە توختىماي چىقىۋېرىدۇ،- دەپتۇ-دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قاپتۇ. ئەر يارغۇنچاقنى سىناپ چۆرۈپ بېقىپ:
- چىق، چىق! دەپتىكەن، ئاپئاق گۈرۈچلەر شىرىلداپ چىقىپتۇ. ئەر قورقۇپ كېتىپ، يارغۇنچاقنى سول تەرەپكە چۆرۈپتىكەن، گۈرۈچ توختاپتۇ.
-پاھ، بۇ نەرسە بولىدىكەن، جۇمۇ! ئەر شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن گۈرۈچ ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، قوشنىلىرىغا تارقىتىپ بېرىپتۇ.
بۇ ئەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئۇنىڭ ئاچكۆز ئاكىسى تۇرىدىكەن. ئاكسى ئىنىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا بېيىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران قاپتۇ-دە، ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ماراپتۇ. «ئەسلىدە، مۇنداق ئىش ئىكەن-دە، ھەممە نەرسە مۇشۇ يارغۇنچاقتىن چىقىپتىكەن، بەك ياخشى بولدى».
ئاكىسى كېچىدە ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يارغۇنچاقنى ئوغرىلاپ چىقىپتۇ. ئاندىن كېمىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا بېرىپتۇ. «بەك ياخشى بولدى، بۇ يەردە ھېچكىم يوق». ئاكىسى ئەنە شۇنداق نۇرغۇن شېرىن خىياللارنى سۈرگىنىچە كۈچەپ كېمە ھەيدىگەچكە، قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدىن ئېلىۋالغان يېمەكلىكىنى يېمەكچى بوپتۇ. «ھەي، ئازراق تۇز بولسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولاتتى، ھە، راست، تۇز چىق!». ئاكىسى شۇنداق دېگىنىچە يارغۇنچاقنى ئوڭغا چۆرۈپتىكەن، يارغۇنچاقتىن توختىماي تۇز چىقىپ، بىردەمدىلا كېمە تۇز بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ. «ۋاي بولدى، توختا، توختا، تېز توختا!» ئاچكۆز ئاكىسى يارغۇنچاقتىن نەرسە چىقىرىش ئۇسۇلىنىلا كۆرۈپ، توختىتىش ئۇسۇلىنى كۆرمىگەن ئىكەن. نەتىجىدە، كېمە تۇزنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۆكۈپ كېتىپتۇ.
ھېلىقى يارغۇنچاق ھازىرمۇ توختىماي چۆرگىلەپ تۇز چىقىرۋاتقانمىش. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇڭا دېڭىز سۈيى ھازىرمۇ تۇزلۇق ئىكەن.
(بۇ ئىككى پارچە رىۋايەت-《日本传说故事阅读》 «ياپون رىۋايەتلىرى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)
تەرجىمان: ئەركزات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 08:44 AM