شاڭخەي،سۇجۇ،خاڭجۇ،ئۈرۈمچىلەردە قىلغان ساياھەت خاتىرىسى
مۇقەددىمە ئورنىدا
مەن شەھەردىن يىراق ،چەت بىر نامرات يېزىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاددى ئوقۇتقۇچىسى. يېزىمىزدىكىلەردىن % 95 ئادەم بىكىنمىچىلىك ئىچىدە ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن. كېيىنكى بەش پىرسەنت كىشىلەر قاتارىدا مەنمۇ ھەرقايسى شەھەرلەرگە بېرىپ شەھەر كۆرۈپ بېقىشنى،باشقىلار قانداقراق ياشاۋاتىدۇ؟، بىز قانداقراق ياشاۋاتىمىز؟ ،تۇرمۇشىمىزدا نىمىلەر كەم؟ نىمىلەر ئارتۇق ؟ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بولغۇدەك ئىشلارنى ئوبدان كۆرۈپ ۋە ھىس قىلىپ، تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن يېڭىلىق ھېساپلىنىدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.لېكىن بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مۇئاشىدىن باشقا ھىچبىر كىرىم مەنبەيىمىز بولمىغاچقا تۇرمۇشىمىزئادەتتە سېرىقتال ئۆتەتتى.تەتىللەردە ساياھەتكە بارىمىز دېسەكمۇ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ئىقتىسادى يۈكنىڭ تولىلىقىدىن سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇيىمىز چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇراتتى.ئەگەر مەكتەپ تەشكىللەپ ياكى بىرقانچىمىز بىرلىشىپ ساياھەتلەرگە چىقالىساقمۇ، ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن، ھەم بىخەتەرلىك جەھەتتىن كۆپ قولاي بولار ئىدى. لېكىن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى نىمىشقىدۇر ساياھەتكە دائىر پائالىيەتلەرگە ئەسلا تەشكىللىمەيتتى.تەشكىللىمەكچى بولسىمۇ مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ رۇخسەت بېرىشىنى،ساياھەتكە بېرىشنى تەستىقلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى.ناۋادا ئۇلارغا ئىلتىماس يېزىلىپ تەستىققا ئاپىرىلسا :‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا تەستىقلاپ بەرگۈدەك پاراۋانلىق راسخۇتىمىز يوق.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توپلىشىپ ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەتمۇ بېرەلمەيمىز.مەكتىپىڭلارنڭ قوشۇمچە كىرىمگە دائىر پۇللىرى بولسا،مەكتەپ رەھبەرلىرى ساياھەتكە بارغانلارنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاشقا،ھىچ ئىش چىقارمىغان ئاساستا بىخەتەر بېرىپ كېلىشىگە مەسئۇل بولۇپ مسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلەرگە ئالالىساڭلار ئاپىرىپ كېلىڭلار!›› دەپ مەكتەپ رەھبەرلىرىمىزنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتەتتى.رەھبەرلەر قاراملىق قىلىپ بىزنى ساياھەتكە ئاپارسا،پائالىيەت جەريانىدا تاسادىپى كىچىكرەك بولسىمۇ بىرەر ئىش چىقىپ قالسا ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىتلىشىدىن،خىزمىتىنى ‹‹تەڭشەپ›› قويۇشىدىن ئەنسىرەپ :‹‹ئىدارە تەستىقلىمىدى›› دەپ قويۇپ جىمىپ كېتەتتى.قىلچە ئىش چىقارماي تىنىچ بېرىپ كېلىش توغرىسىدا قانچە يالۋۇرۇپ ۋەدىنامە يازساقمۇ بىزنى بىر يەرلەرگە ئاپىرىشقا ئسلا جۈرئەت قىلالمايتتى.ئىدارىدە پاراۋانلىققا ئىشلەتكۈدەك پۇل يوقمىكىن دېسەك مۇشۇ نەچچە يىلدىن بېرى ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە مائارىپ ئىدارىمىز بىرىنچى قول مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن مەكتەپ شۇجىلىرىنى نەچچە قېتىم ئىچكىرىگە ساياھەتكە تەشكىللەپ مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى شاڭگاڭ،ئاۋمېنلاردىن تارتىپ بېيجىڭ، تىيەنجىن، شاڭخەي، خاڭجۇ، گۇئاڭجۇ، شېنجېن ،خەينەن... قاتارلىق نەچچە ئون چوڭ شەھەرلەرگە ھەقسىز ئاپىرىپ، راسا ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلدى. باھانىدا ئۆزلىرىنىمۇ،خوتۇنلىرىنىمۇ ئوينىتىپ جاھان كۆرسۈتۈپ كەلدى. ئۇلار ساياھەتكە چىقسا مۇقۇملىق بىخەتەرلىكتىن چاتاق چىقمايدىكەن،ئەمما بىز چىقساق باشلىقلار بىزنىڭ ئىش تېرىپ ئۆزىگە چاتاق تېپىپ بېرىشىمىزدىن ئەنسىرەيدىكەن. قارىغاندا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ئىش بۇزدى›› ‹‹چاتاقچى ››خەق ئوخشايمىز.
2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقمۇ بىزنىڭ تەتىللەردە تەشكىللىك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشىمىزگە قارشى تۇرۇشقا سىياسى باھانە بولۇپ بەردى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ۋەزىيەت تۇراقلاشقان،باشقا سېستىمىدىكىلەر سەيلى- ساياھەت قىلىشىپ نە-نەلەرگىچە بېرىشىپ ئوينىشىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتىمۇ رھبەرلىكتىن بىزنى كوللىكتىپ ساياھەتكە تەشكىللەپ شىمالى شىنجاڭدىكى تەرەققى قىلغان شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ئارام ئالدۇرۇپ كېلىشنى،باشقا تەرەققى قىلغان جايلارنى كۆرسۈتۈپ نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ قويۇشنى نەچچە ئىلتىماس قىلغان بولساقمۇ يەنىلا تەستىقلانمىغان ئىدى. شۇندىن بېرى بىز بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ تەشكىلنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشنى قىلىشقا ئاساسەن جۈرئەت قىلالمىدۇق.
مەسىلەن: 2011- يىلى يازلىق تەتىلدە مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 25 نەپىرى غۇلجا تەرەپلەرگە بېرىپ كوللىكتىپ ساياھەت قىلغاچ مېڭىمىزنى ئارام ئالدۇرپ كېلىشنى،تەشكىل پەقەت ساياھەتكە بېرىشىمىزنى تەستىقلاپ ماشىنا كىرايىمىزنىلا كۆتۈرۈپ بەرسە، قالغان چىقىملارنى يېنىمىزدىن چىقىرىپ بېرىپ كېلىشنى مۇزاكىرلىشىپ ،مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇمىسىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ مەكتەپ رەھبەرلىرىمىز ئارقىلىق ئىدارىگە يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلغۇزساقمۇ ئىدارە يەنىلا ‹‹مۇقۇملۇق،بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن چاتاق چىقىپ قالسا بولمايدۇ،كوللىكتىپ پائالىيەت تەشكىللىمەڭلار،كىم قاراملىق بىلەن پائالىيەت تەشكىللەپ مەسىلە كېلىپ چىقسا ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەپلا قالماي خىزمەت مەسىلىسىنىمۇ قايتا ئويلىشىمىز››پوپۇزا قىلىپ توسۇپ قويغان بولدى.
مەن يۇقارقىدەك تۈرلۈك -تۈمەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋىلايىتى دائىرىسىگىلا بىكىنىپ قېلىپ تا شۇ كەمگىچە ئەڭ يىراق شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە(2008-يىلى ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئىنتىھانىنىڭ دىسسىرتاتسىيە ماقالىسى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان)،يېقىنراق شەھەرلەردىن جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇلاردىن باشقا ھىچقانداق يەرگە بارالمىغان ئىدىم.(ئاقسۇ ،خوتەنلەرگە سابىق مەكتەپ مۇدىرىمىز 2003-يىلى دۆلەت بايرىمىدىكى ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە‹‹ ئىككى ئاساسەن››نى ئاپتۇنۇم رايۇنغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىمىز مۇناسىۋىتى بىلەن ھاردۇق چىقارغاچ ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىدى.) ھەر يىلى يازلىق تەتىللەردە بىر قەدەر يىراقراق ، مەن بېرىپ باقمىغان شەھەرلەردىن كورلا،تۇرپان،غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ يۇقارقىدەك تۈرلۈك سەۋەپلەر بۇ ئارزۇيۇمنى چەكلەپ كەلگەن ئىدى.
مېنىڭ بىر ئىنىم نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەڭ ياخشى، تەسىرسىز، زەھەرسىز گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خەلقارالاشقان سودا شىركىتى نىيۇسكىن(nu skin) شىركىتىگە ئەزا بولغان ئىدى.بۇ يىل خەنزۇلارنىڭ باھار بايرىمى (چاغىنى)دىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگۇ شاڭخەيدىكى تارماق باش شىركىتىدە شىركەت ئەزالىرىغا ئون كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتى ۋە شىركەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ئېلىپ بارماقچى بوپتۇ. ئىنىم بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن بارماقچى بولدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېرى شىركەت مەسئۇللىرى كۆپرەك كىشىنىڭ بۇش شىركەتنى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇش،چۈشۈنۈشپۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەزالار بىلەن يېڭى خېرىدارلاردىن قانچىسى چىقسا شۇنى تىزىملاپ ھەر بىر خىزمەتچى ئىككىدىن ئونغىچە يېقىن كىشىسىنى بىرگە ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىپتۇ.ئىنىم ماڭا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە بېرىپ شاڭخەي،سۇجۇ،خاڭجۇلارنى كۆرۈپ ساياھەت قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىۋىدى، خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم.شىركەتنىڭ رەسمى ئەزالار بىلەن بىرگە بارغۇچىلارغا قويۇدىغان شەرتى مۇنداق ئىكەن. ھەر بىر سىرتتىن قاتناشقۇچى 3500 يۈئەندىن پۇل ۋە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى چوقۇم 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن بىرەرسىگە تاپشۇرۇپ شۇ كىشى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.شىركەتتىكى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل كىشىلەر بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ پائالىيەتكە قاتناشقۇچى خېرىدارلارغا بېرىپ كېلىشنىڭ كىرا بېلەتلىرىدىن تارتىپ، شاڭخەيلەردىكى پائالىيەتلەر جەريانىدىكى ياتاق،تاماق،ساياھەت نوقتىلىرىنىڭ ماشىنا كىراسى، كىرىش بېلىتى ...قاتارلىق بارلىق خىراجەتلەرگە ئالدىن پۇل تۆلەپ ئىشلارنى ئالدىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇدىكەن.بىز 31-يانۋار كارۋاتلىق ئاپتۇبۇس بىلەن ناھىيىمىزدىن يولغا چىقىپ 1-پېۋرال ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەنمىز.ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈنچە تۇرغاندىن كېيىن ئايرۇپىلان بىلەن شاڭخەيگە بارىدىكەنمىز. شاڭخەيدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى 8-فېۋرال ئەتراپىدا تاماملاپ پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىدىكەنمىز.قايتىشتىمۇ ئايرۇپىلاندا قايتىمەن دېگۈچىلەر 1000يۈئەن پۇلنى ئارتۇق تاپشۇرسا ئالدىن بېلەت زاكاز قىلىپ قويىدىكەن.قىشلىق تەتىلىمىز 12-پېۋرال توشاتتى.توسالغۇ بولغۇدەك باشقا ئىش چىقمىسىلا تەتىل توشقۇچە شاڭخەيگە بېرىپ- كېلىپ يەنە خىزمەتكە ئۈلگۈرەلەيدىكەنمەن .شۇڭا بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن پۇلنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇردۇم.بۇ ئارىلىقتا 15 كۈن ئۆيدە ئارام ئالغاچ ئۆزۈم نەسرىلەشتۈرۈۋاتقان‹‹ شاھنامە››نىڭ ‹‹بېجەن ۋە مەنىجە داستانى›› دېگەن بۆلىكىنى تاماملىۋالدىم. لېكىن‹‹يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ›› دېگەندەك 29- يانۋار ئۆزۈم بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغان ئاۋارىچىلىككە ئۇچرۇدۇم.كەچتە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىشىغا مەسئۇل رەھبىرىمىزدىن تۇيۇقسىز تېلىفۇن كېلىپ قالدى:
-ۋەي قاۋۇلجان مۇئەللىممۇ؟ ئەتە سائەت 10دا مەكتەپكە جۇغلىشىدىكەنمىز،كېچىكمەي كېلەرسىز.
-نىمە ئىش بولدى؟ تەتىل تېخى توشمىغان ئىدىغۇ؟
- ناھىيىمىزدە يىللاردىكىگە ئوخشاش پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزىلىدىكەن.يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق تەشكىللەپ، تەتىلدىن بۇرۇنلا يىغىپ ئۇسۇل مەشقىگە قاتناشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.شۇڭا جەزمەن كېلىشىڭىز كېرەك.
-سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى بارماقچى ئىدىم.ئاپتۇبۇس بېلىتىنمۇ ئېلىپ بولغان،رۇخسەت ئالالارمەنمۇ؟
-ئەتە مەكتەپكە بىر كېلىڭ،ئەھۋالغا قاراپ باقايلى،ئادىمىمىز يېتىشىپ قالسا رۇخسەت بېرىمىز،بولمىسا رۇخسەت بېرەلمەيمىز.جىددى ئىشىڭىز بولسا ئەتە يېزىلىق پارتىكوم شۇجىسىنى بىۋاستە ئىزدەپ رۇخسەت سوراڭ بولمىسا!
بۇ گەپ بىلەن دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى.بۇ جاۋاپ‹‹رۇخسەت سورايمەن دەپ ئاۋارە بولما!››دېگەنگە باراۋەر ئىدى.چۈنكى يېزىلىق پارتىكوم شۇجىسى ‹‹يېزىمىزنىڭ يەرلىك خاقانى›› بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بىز تۇرماق مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزمۇ تەلەپ-پىكىرلىرىنى دەپ ئۇدۇل كىرىپ گەپ قىلىشتىن تەپتارتاتتى.
ئەتىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەكتەپكە باردىم.مەندەك يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس، باشقا ناھىيەلەردىن مەكتپىمىزگە خىزمەت تەقسىم بولۇپ كېلىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ كېلىپ بولۇشقان ئىكەن.مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەممىمىزنى يىغىن زالىغا يىغىپ قىسقىچە يىغىن ئېچىپ ،بۇ قېتىمقى ئۇسۇل ئويناشقا قاتنىششىنىڭ مۇھىم سىياسى ۋەزىپە ئىكەنلىكنى،بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەزمەن تولۇق قاتنىشىشى زۆرۈرلىكىنى،ھىچكىمگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى،كېسەل بولۇپ قېلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەنلەرمۇ ئورنىغا ۋاكالىتەن ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشەنچلىك بىر ئادەم تېپىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقنى ئۇقتۇردى.يىغىندىن كېيىن رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپمۇ ئوخشاش جاۋاپ ئالدىم.بۇ ئىش تۈپەيلى شاڭخەيگە بارماي دېسەم ئالدىن تاپشۇرۇپ قويغان پۇل ئاللىقاچان زاكازلارغا ئىشلىتىلىپ بولغان بولغاچقا قايتۇرۇپ بېرىلمەيتتى.مەن شاڭخەيگە بارالمايلا قالماستىن بىكاردىنلا 3500 يۇئەن پۇل زىيان تارتاتتىم.قانداق قىلىش كېرەك؟ كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم. مەھەللىمىزدە كۈن بويى بىكار ئويناپ يۈرىدىغان،ئۇسۇل ئويناشقا پۇت- قولى خېلى كېلىدىغان(ئۆگىنىپ ئوينايدىغىنىمىز خەنزۇچە ئۇسۇل ئىدى) بىر ياش يىگىت بار ئىدى.ئۇنى تېلىفۇن قىلىپ چاقىرتىپ كېلىپ سۆزلەشتىم،ئەھۋالىمنى چۈشەندۈرۈپ يالۋۇردۇم ئاخىر مىڭ تەستە سەككىز كۈن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ۋەزىپە ئورۇنلاپ بېرىشنى 500 يۇئەن پۇلغا پۈتۈشۈپ ئۇ يىگىتنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ مىڭ تەستە بۇ سېلىقتىن ئازاد بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن سەپىرىمدىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىم.
شاڭخەيگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ ،جاھان كۆرۈپ كېلىش ھاياتىمدىكى چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.مەن بۇ سەپىرىمدە چوقۇم ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان خوشاللىقلارغا ۋە تەسىراتلارغا ئېرىشىشىم مۈمكىن.شۇڭا سەپەر سومكام بىلەن بىللە ئۆيدىكى خاتىرە كومپىيۇتېرنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىشنى، يول بويى ۋە ھەركۈنى كۆرگەن بىلگەنلىرىم بىلەن تەسىراتلىرىمنى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىپ‹‹ ساياھەتنامە يېزىپ باقمىغان ئاددى ئوقۇتقۇچىنىڭ ساياھەتنامىسى›› نى يېزىپ كېلىشنى پىلانلىدىم.يولغا چىقىدىغانغا بىر كۈن قالغان ئاخشىمى كومپىيۇتېرنى ئېچىپ بۇ ‹‹خاتىرە››نى باشلاپ يۇقارقى ‹‹مۇقەددىمە ئورنىدا››نى يازدىم.ئىشىنىمەنكى، بۇ خاتىرەم چوقۇم ياخشى يېزىلىدۇ.قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر قۇر رەتلەپ مىسرانىم تورىدىكى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقىمەن.
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللۇنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 10:09 AM