نۇزۇگۇمنىڭ چۈشى
(فىليەتۈن)
سەمەتجان غاپپار ئەلتۈرك
نۇزۇگۇم شۇ قاچقانچە ئادەم ماڭالماس چاتقاللاردىن، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلاردىن ئېشىپ، كەتمەن تېغىنىڭ باغرىدىكى بىر بۆرنىڭ ئۆڭكۈرىگە يۈشۈرۈندى. نۇرغۇنلىغان جاپا- مۇشاققەتلىك ، قاچقۇنلۇق كۈنلەر نۇزۇگۇمنى قاتتىق چارچاتقانلىقتىن ، خەنجىرىنى قولىدا تۇتقان ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چۈش كۆردى: چۈشىدە سۆيگەن يىگىتى باقەم نۇزۇگۇمدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئاقسۇدا يۇرۋاتقۇدەكمىش . مەن باقەمگە شۇنداق ئەھدە قىلىپ مۇڭغۇلنى ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ مۇشۇنداق سەرگەردان بۇلۇپ يۇرۋاتسام ، ئۇنىڭ نېمە قىلغىنى ؟ دەپ باقىنى ئىزدەپ ئاقسۇغا بارغۇدەكمىش. كوچىلىرى پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغانلىقتىن، ئويەر- بۇيەرلەرگە ياتسىراپ قاراۋاتقۇدەكمىش. كوچىدا ھەرخىل- ھەر ياڭزا كىيىنۋالغانلار يېرىم يالىڭاچ ھالدا بىر – بىرىنى قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقۇدەكمىش. توۋا ! ماۋۇ خەقلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىننى. خۇددى چەتئەللىكلەردەكلا. ھازىرلا بىر-بىرنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك ئېسلىۋالغىنى نېمىسى؟ بۇخەق شۇنچە ئامراقمۇ ياكى ئېسلىۋالمىسا قېچىپ كېتەمدۇ؟ يىراقتىن بىرسى:
ھوي خېنىم، نېمانچە قارايدىلا؟
كاللىسنىڭ دەردى بارمۇ نېمە؟ ھوي سەھرالىق دىگىنىنى ئاڭلاپ ، باشقا تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى. يېندا كېتىۋاتقان ئىككىسىنىڭ:
ماۋۇ، ساراڭ ئايال ئوخشايدۇ،- ھە؟ چېچى شۇنداق ئۇزۇنكەن. ئاتنىڭ قۇيرۇقىدەك.مۇشىنداق خەقنى كۆرسەم ، كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. بىزگە ئوخشاش چېچىنى كەستۈرۈپ، سېرىق بۇياپ ، زامانغا لايىق مودا يۇرسە بولمامدۇ؟ مەتولىشىپ، دىگەنلىرنى ئاڭلاپ مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ، قاتتىق تىتىرەپ ، غەزىپى كەلگەن بولسىمۇ، ئۈزنى بېسىۋېلىپ يۇلىنى داۋاملاشتۈردى. كەچ كىرەي دەپ قالغان ئىدى. شۇنداق ئىزدەپ يۇرۇپ شەھەرنىڭ چېتىگە چىقىپ قالغان ئىدى. بىلمىگەن جاينىڭ ئوي – چوڭقۇرى تولا دىگەندەك، ماڭغانسېرى يولدا ئۇچرغانلار كۈزىگە يۇچۇن كۈرۈنمەكتە ئىدى. ئاچا يولدىن ئۆتۈپ يانغا قايرىلىشىغا بىر ئايالنىڭ:
خېنىم، قاياققا ماڭدىلا؟ ئۆيگە كىرمەملا؟ دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. باشتا بىر ئاز ئارسالدى بۇلۇپ، ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردى. ھېلىقى ئايال:
خېنىم ، نېمە ئىش بىلەن ماڭدىلا؟ دەپ سوردى.
سۆيگەن ئېرىم باقەمنى ئىزدەپ مېڭىشىم، دەپ جاۋاپ بەردى نۇزۇگۇم.
ھېلقى ئايال:
بۇ شەھەر شۈنچە چوڭ تۇرسا، ئەرلىرنى ئىزدەپ قانداق تاپىدىلا؟ يۈرسىلە بىر پىيالە چاي ئىچىپ ماڭسىلا؟
بۇ سىلىق -سىپايىلىق بىلەن قىلنىۋاتقان مۇئامىلىدىن كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئاستا ئۆيگە كىردى. ئوي ئىچىگە كىرشىگە قاتار ئولتۇرغان بىر قانچە قىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. بۇ قىزلار سىلنىڭ قىزلىرى بۇلامدۇ؟
ھېلقى ئايال:
ياقەي، بۇ قىزلار ماڭا ئىشلەيدۇ، مېھمان كۈتىدۇ. نۇزۇگۇم:
ئاچا، سېلنىڭ مېھمانلىرى بەك كۆپمۈ-نېمە؟ شۈنچە جىق قىزلار يېتشەلمىگۈدەك؟
ھېلقى ئايال:
مېھمان دىگەننىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ. بولسا سېلىمۇ مېھمانغا قارىشىپ بېرەمدىلا؟ ھەققىلىرنى كۆپ بېرىمەن.نۇزۇگۇم:
قانداق ئىشلارنى قىلمەن ئاچا؟
ھېلقى ئايال:
مۇشۇ يەرگە كەلگەن ئەر مېھمانلارنى كۈتىسىز،- خېنىم. نۇزۇگۇم:
قانداق كۈتىمەن؟
ھېلقى ئايال:
ھەمرا بۇلۇپ ئىچىشىپ بېرىسىز، خالاپ قالسا كۆڭلىنى ئالىسىز.نۇزۇگۇم:
مۇشۇ قىزلارمۇ ئەنە شۇنداق ئىش قىلامدۇ؟
ھېلقى ئايال:
ھەئە.
نۇزۇگۇم:
ئۇلارنى ئاتا-ئانىسى باشقۇرمامدۇ؟ كېيىن قانداق توي قىلىدۇ؟
ھېلقى ئايال:
ھازىر قايسى زامان خېنىم، بالىلار چوڭ بولدىمۇ ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپ جىق پۇل تېپىپ ئاپارسا، ئاتا-ئانىسى خوشال بۇلۇپ مېنىڭ قىزىم پۇل تاپالايدىغان ياراملىق ئادەم بولدى، دەپ قىزىنى ماختايدۇ. توي ئىشىنى دەمسىز؟ بۇنىڭ يۇلى ئاسان. ھازىرقى يىگىتلەر ئىنتايىن گالۋاڭ. قىزلارنى تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.نۇزۇگۇم:
مەن چېغىمدا ئۆز ئېرىمگە ئەھدە قىلىپ ، مۇڭغۇلنى ئۆلتۈرۈپ تاغ - ئۆڭكۈرلەردە قېچىپ يۇرۋاتسام ، بۇ قىزلار ئىپپەت - نۇمۇسنىڭ قىزلار ئۈچۈن بىر ۋەتەن ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغانمىدۇ؟
ھېلقى ئايال:
ھوي خېنىم، سىز زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان چوكان ئوخشايسىز، ھازىر دىگەن زامان تەرەققى قىلدى. دوختۇرخانىغا بارسىلا قىزلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داغدۇغلۇق توي قىلىدۇ. تېخى يىگىتلەر توي قىلغان كۈنى ماختىنىپ ئۈزنى ئاسمانغا ئاتىدۇ، شۇنداق دىيىشىگە تاراققىدە ئارقىدىن نۇزۇگۇمنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن سۆيگەن ئېرى باقى كىرۋاتقۇدەكمىش.
نۇزۇگۇم:
سىز بۇيەرگە قانداقلارچە كېلىپ قالدىڭىز؟
باقى:
باشقىلاردىن سىزنى مۇڭغۇللار بىلەن توي قىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. شۇڭا قەشقەرگە قايتىقاچ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدىم. بىردەم كۆڭلۈمىنى ئېچىۋالاي دەيمەن، دەپلا ھېلقى قىزلاردىن بىرنى يېتىلەپ ئايرىمخانىغا كىرىپ كەتكۈدەكمىش.
نۇزۇگۇم قاتتىق تەرلەپ چۈچۈپ ئويغۇنۈپ كېتىپتۇ. سىرتتا بۆرىلەرنىڭ ھوۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، بىرەرسى ئىزىمغا چۈشىۋالمىغاندۇ، - ھە؟ دەپ ئەندىشە بىلەن سىرتقا چىقىپ قاراپتۇ. ھاۋا ئېچىلىپ ئىگىز تاغ كۈمۈشتەك پارقىراق كۆرۈنۇپتۇ.
2011-يىل 8-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-16 04:09 PM