|
|
|
|
لەي چاڭشىڭ ئەيىپلەندى مۇخبىرنىڭ شامىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىللىشىچە ، لەي چاڭشىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايەت گورۇھىنىڭ باش جىنايەت گۇماندارى لەي چاڭشىڭ ئەتكەسچىلىك ، پارە بىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ ، يېقىندا شامىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن . ئىگىلىنىشىچە ، 2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى لەي چاڭشىڭ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، شامىن تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بىرىش ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىش ئىجرا قىلىنغان . تاموژنا ئەتكەسچىلىككە زەربە بىرىش ئىدارىسى بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىيانەتچىلىككە ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە ئادەتتىكى بويۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش جىنايىتى ۋە پارە بىرىش جىنايىتىگە قارىتا رازۋىتكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ ، 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرى رازۋىتكا قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان . تەپتىش ئورگىنى دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارى لەي چاڭشىڭنى سوراق قىلىش ئارقىلىق لەي چاڭشىڭنىڭ ئەتكەسچىلىك ، پارە بىرىش جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق دەپ قاراپ ، قانۇن بويىچە سوت ئورگىنىغا ئەيىپلەشكە يوللىغان . لەي چاڭشىڭ ئەيىپلەنگەن جىنايەت ئادەتتىكى مال – بويۇملارنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى ، پارە بىرىش جىنايىتى بولۇپ ، لەي چاڭشىڭ مۇشۇ جىنايەت گورۇھىدىكى باش ئۇنسۇر ئىكەن . شامىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە بۇ دىلونى قوبۇل قىلغان . تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى http://www.kanunblog.com/
|
|
|
|
|
|