كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن
زىكرى قىلىپ بۇلبۇل ئۈنۈم ئۇچسىمۇ،
چىرايىمدىن قان دىدارى كەتسىمۇ،
ماغدۇر كېتىپ ئەجەل تەنگە يەتسىمۇ،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
يۇلتۇز ئېقىپ ئۆز ئورنىدىن كۆچسىمۇ،
دەريا قۇرۇپ تاغلار ئېرىپ كەتسىمۇ،
قۇياش قېرىپ زېمىندا نۇر ئۇچسىمۇ،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
يۇمۇلمايدۇ كۆزۈم سەۋرىم توشمايدۇ،
سۆيگۈم گويا ئوت يالقۇنغا ئوخشايدۇ،
پەريادىمدىن قۇياش ئىزدا توختايدۇ،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
ئاھ پىغانىم گويا توپان بالاسى،
ھەسرەتلىرىم گۈلدۈر ماما ساداسى،
سەندىن ئۆزگە يوق دەردىمنىڭ داۋاسى،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
جۇدالىقتىن پۈتمەس مېنىڭ ئارامىم،
ۋەيلۇن دوزاق بولسۇن بارار ماكانىم،
قارا بوران ئېلىپ كەتسۇن تامامىم،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
سەنسىز مېنىڭ مەنزىلگاھىم باياۋان،
قانلىرىمنى چاچسۇن بۆرە تالابان،
ئەيلىمىسۇن ھېچكىم ماڭا رەھنامان،
كەل نىگارىم مەن سېنىڭدىن كەچمەيمەن.
مەنبە: چارتېكىن يازمىلىرى
ئەسەر ھوقۇقى پەقەت چارتېكىنگىلا خاس خالىغانچە كۆچۈرمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-13 08:02 PM