مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4571|ئىنكاس: 47

مەرھۇم مۇرات ناسىروف! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 05:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇيغۇر چولپانىمىزنىڭ ئىسمىنى كۆپچىلكىڭلا بىلسىلىلەر،ياكى ئۇنتۇپ قالدىڭلار،بۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز مۇرات ناسىروف!                                                                                                                                                                                                                        روسسىيىنىڭ پايتەختى دۇنياغا داڭلىق موسكۋادىن ئىبارەت بىر چوڭ شەھەردە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى -- مۇرات ئىسمايىل ئوغلى ناسىروۋ 1969- يىلى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى (بۇرۇنقى پايتەختى) ئالمۇتا شەھىرىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زور بولغان. دادىسى ئىسمايىل ناسىروۋ ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار ئىدى. ئىسمايىل ئاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8-ئايلاردا پودپولكوۋنىك سوپاخون باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمايىل ئاكا مىللىي ئارمىيىگە پىدائىي بولۇپ كىردى. 1945-يىلى 10- ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن غۇلجىغا قايتىپ، ئارمىيىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ، سەنئىتىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، "ئۈچ ۋىلايەت" ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن "خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست" دېگەن پەخىرلىك ناملارنى قازانغان!... ئىسمايىل ناسىروۋ 1958- يىلى ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان. مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋە مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرژۇكى قۇدى. ھەربىي مەجبۇريىتى ئاياقلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرى مۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسوۋ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى ئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەك ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان. مۇرات ناسىروۋ 1991- يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا توئۇنۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ "يېڭى پورت" ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىق چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى. موسكۋادەك ياتلارنىڭ شەھىرىدە ئوزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتىپ تونۇلۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئۇ تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، <<تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروپ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە <<ئايدىڭ كېچە>> ناملىق ناخشىسىنى ۋە << مەن دېمەك سەندۇر>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرۈشتۈرىلىپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى. مۇرات ناسىروۋ ئۆزىگە شان - شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تەكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كوپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە رۇسچە <<مېنىڭ تارىخىم>>، <<ئويغاتقىن مېنى>>، << كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ>>، << بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان >> ۋە ئۇيغۇرچە << قالدىم يالغۇز>> قاتارلىق بەش پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروۋ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن ئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلار ئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ. مۇرات ئۇيغۇر پەرزەندى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىدى. ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىر قولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتىرىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىل ئاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىدا ھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى. مۇرات بارغانسىرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىل ياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە خۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، " دائىم ھەي - ئېسىت ئەشۇ چاغلار !" دەيتتى. مۇرات موسكۋاغا ماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا " قېنى بارغىن ، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ ! لېكىن ئۇيغۇرلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما ! مۇمكىن بولسا ئەشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر " دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىل ئاكا ھايات ۋاقتىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە سۆزلەپ بەرگەنىكەن ئۇلار ئۇچراشقاندا. مۇرات ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ <<قالدىم يالغۇز>> ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، ئورۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پىلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى. بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە " مەن ئۇيغۇر !" دەيدىغان، مەيلى چەت' ئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر –ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي قالمايدىغان شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا " مەن ئۇيغۇر " دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدا، ئۇنىڭ "مەن ئۇيغۇر "، "دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن" دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.مۇرات بىر ئىنتېرنەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن. "مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپى ناسىروۋ قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانام خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن." مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر. مۇرات ناسىروۋنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جۈر بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىھلام مۇكاپاتى"بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىھلام مۇكاپاتى" بەردى. مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.    مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروۋنىڭ ئىجادىي ھاياتى رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھىىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. مۇرات ناسىروپ ئەمدىلا تېخى 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى 22-يانۋار كۈنى موسكۋادىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن زارىئاۋاستوكا مەھەللىسىدىكى زاراتكارلىققا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان. مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا شۆھرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى. مۇرات ناسىروپنىڭ " مەن دېمەك سەن، سەن دېمەك مەن"، " ئايدىڭ كېچە"، " مېنىڭ تارىخىم"قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، "بۇ ئىشلار مەن بىلەن بولمىغان "، "قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش ئالبۇمىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ، بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان ئىكەن. كومپوزىتور ۋە شائىر "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئالبۇمىنىڭ تېشى مۇرات ناسىروۋ ئۆزىنىڭ بەش ئالبۇمىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزى يازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن سۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمىغان. مۇرات ناسىروۋ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاھى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بەرگەن. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپتەك مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن تەبىئىي ئاۋازى بار ھەقىقىي تالانتلىق ناخشىچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇرات رۇسىيە سەھنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان مۇرات ناسىروپ ئۈچ- تۆت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان.ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ھاياتىنى ۋە ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا يەركەت شەھىرىدىكى "يەركەت بۇلبۇللىرى" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ، مۇراتقا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقا ياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروپ 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بازارلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ تارقالدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروۋنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ھەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇرات ناسىروۋنىڭ ئىجادىيىتىگە دادىسى تەسىر كۆرسەتكەن مۇرات ناسىروۋ 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكا 50-يىللاردا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ، مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىدە ئۇنىڭ رولى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان. مۇرات ھەربىي ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، مۇزىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان ھەم ئەلا نەتىجىدە بىلەن پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق موسكۋادا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز كۈچى ۋە تالانتىغا تايىنپ، ئاخىرىدا تەخمىنەن ئۈچ يۈز مىليون نوپۇسلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوسلۇقىغا تونۇلۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئارتىستقا ئايلانغان. مۇرات ناسىروۋ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ھەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ھەم تارىخىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى ناھيىلىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى. مۇرات ناسىروۋ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلھام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلھام مۇكاپاتى" بەردى. مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى. ئوكرائىنانىڭ سابىق پرېزىدېنتى لېئونىد كوچمانىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىتى مۇراد ناسىروف بۇ ناخشىنى مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ۋە تاماشىبىنلارغا "بۇ ناخشا سىلەرگە ياقتىمۇ؟ سىلەر مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ كىمدە كىم توغرا جاۋاب بېرەلىسە كاتتا مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايمەن" دېگىنىچە مېرسىدىس ماركىلىق ئېسىل پىكاۋىنىڭ ئاچقۇچىنى پۇلاڭلاتتى.
-‏-‏- قازاق - ؟ - رۇس - ؟
- ياق، مەن ئۇيغۇر يىگىتى، ھازىر ئېيتقىنىم ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى.
سەھنىگە گۈل ئېلىپ چىققان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پولكوۋنىك كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە، مۇرادنى باغرىغا باستى .
مۇراد ناسىروف ناخشىلىرىنىڭ مۇخلىسى، پرېزىدېنت كوچما ئەپەندى بۇ مەنزىرىدىن تەسىرلەنگەنلىگىدىن ئاتايىن سەھنىگە چىقىپ، مۇرادقا يۇقىرى باھالارنى بەردى.

مۇراد، بۇگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنىڭىز نېمە؟
-- قەشقەرگە بېرىش، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا كونسېرت قويۇش، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش .
- سىزنى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم .
-- كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆگەتكەنىدى. موسكۋادا يۈرۈپ بۇرۇنقىدەك راۋان ئوقۇپ يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر ھالدا ساۋاتسىز ئەمەسمەن. ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىمزا قويۇشتا ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە يازىمەن!   


رۇسسىيەنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى،ئويغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروف 2007يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 10دىن30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇسكۋادىكى ئۈينىڭ بالكۇنىدىن چۈشۈپ كىتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى يىقىندا ئىچىلدى،يەنى ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قېيىن ئانىسى ۋە خوتۇنى بىلەن ئوغلىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا كۆپ جېدەللەشكەن، ئۇ ئوغلىنىڭ سۈننىتىنى قىلىشتا ناھايىتى چىڭ تۇرغان لېكىن قېيىن ئانىسى بۇ ئىشقا زادىلا قوشۇلمىغان . ئايالى بىتەرەپ بولۇۋالغان. مۇراتنىڭ قېيىن ئانىسى جاھىل خىرىستىيان مۇرىيتى بولۇپ نەۋرىسىنىڭ سۈننەت ئىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. مۇرات ئۆز ئوغلىنىڭ سۈننەت كۈنىنى بەلگىلىگەن كۈنلەردە ئۆز ئوغلىنىڭ بوينىدا كىرىست ئېسىقلىق تۈرغىنىنى كۆرگەن ۋە غەزەپلىنىپ كىرسىتنى ئوغلىنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ ئالغان دەرىزىدىن سىرتقا ئاتماق بولۇپ بالكوننىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا قېيىن ئانىسىنى مۇراتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن ۋە مۇراتنىڭ دەرىزىنى ئاچقان مەزگىلىدە ئۇنى دەرىزىدىن ئىتتىرىپ يەرگە چۈشۈرىۋەتكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى بايقىغاندا ئۇنىڭ ئوڭ قول بارمىقىدا بىر كىرسىت بارلىقىنى بايقىغان. دېمەك مەرھۇم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمىغان! ئۇ ئوغلىنىڭ سۈننىتىنى ئا دا قىلىشتا جاھىل قېيىن ئانىسى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچىرىغان! مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى!                                                
ئۇنىڭ ناخشىللىرى ۋە سۈرەتلىرى بار ئىدى،لىكىن مۇنبەرنىڭ يىڭى نەشىرىدە چىقىرىپ باقمىغاچ چىقىرالمىدىم توغرا چۈشىلەرسىلەر!
مەنبە:_ئىنتىرنىت ۋە مەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-13 05:45 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 08:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. ئارماندا كىتىپتۇ دە..........:qiray146

تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:01:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇنىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلاپباقماپتىكەنمەن:qiray199" />0 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنسار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-13 09:02 PM  


ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيىن ئانىسى دىگەن دوزىخى خەپ سىنى!!! رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:22:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oguz2 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-13 09:05 PM
قىيىن ئانىسى دىگەن دوزىخى خەپ سىنى!!! رەھمەتلىكنىڭ ياتق ...

اللە ئىگەم ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن ! رەھمەتلىك ھەقىقەتەن ئىسىل كىشى ئىدى ....

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن،ئارماندا كېتىپ قاپتۇ !!! ھەي ...تولىمۇ غايغۇلۇق.:qiray10

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 10:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاپىر خوتۇن ساڭا ھامان جازا بار !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 10:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا ئېيتقاندا مەن ئۇيغۇر دەپ يۈرگەنلىكتىن رۇس رادىكال مىللەتچىللىرى تەرپدىىن قەتلى قىلىنغان دىگەن خەۋەرمۇ بار.مۇرات ناسرنىڭ ئايالى باشقا مىللەت بولسىمۇ ئۇنىڭ قىينئانىسنىڭ قولى بىلەن ئۆلگەنلىكى بەك پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.بەلكىم ئويدۇرما بولشى مومكىن.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 10:35:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى ئۇ ئوغلانىمىز قەس بىلەن ئۆلگەن .....نىمە ئۈچۈن دېمەڭ ئۆزىگىز ئويلىۋىلىڭ....مۇرات ناسۇرۇپ خەلقئارادىكى يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ناخشىچى ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6601
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9442
تۆھپە نۇمۇرى: 990
توردا: 1483 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 11:26:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن  ناخشىللىرنى   ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن !!!  ھەي !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش