مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 588|ئىنكاس: 14

دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەققىدە پاراڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2876
تۆھپە نۇمۇرى: 205
توردا: 1915 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 02:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،مىسرانىمدىكى ھەممىمىز رېتىمى ناھايىتى تېز مۇھىتتا ياشايمىز،كۈنلىرىمىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەممىمىز ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك.ھەممىمىز ئۇنى ياخشى كۆرىمىز.مۇنبىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپقۇ؟!سۆيۈملۈك قىشلىق تەتىل بىزنى تاشلاپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ،ئاللاھ خالىسا بىز بىز بۇ تەتىل بىلەن كېلەر يىلى كۆرۈشىمىز.ئەلۋەتتە تەتىلنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىمىز.تۈنۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرۇپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىنلا يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.لېكىن يەنە ئويلانسام گەرچە ھەممىسىدە دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلمىسىمۇ جوڭگو دېگەندە بايرام دېگەن ئالامەت جىقكەن!بۇ تېمامدا دەم ئېلىش كۈنلىرى توغۇرلۇق پاراڭ بولۇنغاچقا،تېما ئېھتىياجى بىلەن جوڭگولۇقلار ئىچىدە خېلى ئۇمۇملاشقان بايراملارنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم(ئەلۋەتتە كۆپ قىسمى خەنزۇلارنىڭ بايرىمى)ئاۋۋال بايراملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار-ھە؟!
قۇربان ھېيت،روزا ھېيت
1-ئاي:يېڭى يىلنى كۈتۈۋىلىش
2-ئاي:يۇەنشىياۋ بايرىمى(ئوشۇق-ھوشۇق بايرىمىنى يازغۇم كەلمىدى)
3-ئاي:نەۋرۇز بايرىمى،ئاياللار بايرىمى
4-ئاي:دەيزۇلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى،يالغانچىلار بايرىمى كۆچەت تىكىش بايرىمى،چوكانتال بايرىمى
5-ئاي:ئەمگەكچىلەر بايرىمى،ياشلار بايرىمى،ئانىلار بايرىمى،سېستىرالار بايرىمى
6-ئاي:بالىلار بايرىمى،ئاتىلار بايرىمى
7-ئاي:پارتىيە بايرىمى
8-ئاي:ھەربىيلەر بايرىمى
9-ئاي:ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى
10-ئاي:دۆلەت بايرىمى
11-ئاي:مۇخپىلار بايرىمى
12-ئاي:روژىستىۋا بايرىمى
بايرام يوق ئاي يوقكەن جۇمۇ!
دەم ئېلىش كۈنلىرى بىزنىڭ روھىي بېسىمىمىزنى يېنىكلىتىدىغان ياخشى ۋاقىت،مەن ئادەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە يېتىپ كىتاپ كۆرۈشنى،ئۇششاق يېمەكلىك يېگەچ مۇنبەر كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن.خوشياقسا ئۆزۈم ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ باقىمەن،دەم ئالغان كۈنلىرىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشىمنىڭ يەنە بىرى ئاپام بىلەن مۇڭدىشىش،دوستلىرىمنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا تەسەللى بېرىش.بۇ تەتىلمۇ شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆتتى.

قېنى مۇنبەرداشلار سىلەرمۇ دەپ بېقىڭلار، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە قانداق قارايسىلەر؟ ئادەتتە قانداق ئۆتكۈزىسىلەر؟بۇ تېمامنىمۇ ئارام ئېلىشنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئەركىن بىر مۇدىشايلىچۇ دوستلار!

   ئەسكەرتىش:قەدىرلىك مۇنبەرداشلار بۇ تېمام پەقەت دەم ئېلىش تەتىل كۈنلىرى ھەققىدىكى پاراڭلار،ئامال بار ئەتىدىكى نۇمۇسسىز ئاتالمىش بايرام توغۇرلۇق مۇنازىرە تەنقىدلەشلەر بولۇنمىسا،پاراڭلىرىمىز مەنىلىك دەم ئېلىش كۈنلىرىنى چۆرىدىگەن بولسا دېگەن ئۈمۈدتىمەن.يۇقىرىقى بايراملارنى قوشۇپ قويغىنىم مېنىڭ يۇقارقى ھەممە بايراملارنى ئېتراپ قىلىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىمدىن ئەمەس،پەقەتلا جۇڭگولۇقلار ئارىسىدا خېلى <ئابرويى بار>بايراملار بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنداقلا قوشۇپ قويۇلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nawruzay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-13 02:22 PM  


يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 05:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە ئنكاس يازماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2876
تۆھپە نۇمۇرى: 205
توردا: 1915 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 05:27:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-2-13 05:23 PM
ئەمسە ئنكاس يازماي

ھاھاھا  يەنە شۇ بايرامنى تىللاي دېگەنما ئەسلىدە؟!

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 05:46:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nawruzay يوللىغان ۋاقتى  2012-2-13 05:27 PM
ھاھاھا  يەنە شۇ بايرامنى تىللاي دېگەنما ئەسلىدە؟!

ھە ئە

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10342
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7738 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاساسەن دەش ئىلىش كۇنلىرى سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ... شارائىت ۋاقىت يۇز بەرسە  يىشىللىق يەرلەردە ساياھەت قىلىپ كىلىشنى ئويلايمەن . لىكىن جەمىيەت تەرتىۋى بۇنداق ئىشلارغا يار بەرمىگەچكە ئۇششاق چۇششەك نەرسە يىگەچ  مۇنبەر كۆرۈپ ، ياكى دوسلار بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەپ پاراڭلىشىپ چۈگىلەپ دىگەندەك ...
قالغان دائىم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ دىگەندەك ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawayi-0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-13 06:21 PM  


ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئۇيغۇر يىگىتلىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21563
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7135
تۆھپە نۇمۇرى: 662
توردا: 3574 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:38:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىلىرىمدا ، تەتىل ، دەم ئېلىش دېگەندىن بىزار ئىدىم ، تىزراق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، چاققانراق خىزمەت تېپىشنى ئويلايتتىم . گەرچە پىداگوگىيكا كەسپدە ئوقۇغان بولساممۇ ، ئۆزەمچە ئوقۇتقۇچى بولسام قىشلىق ، يازلىق تەتىللەردىكى ئۇزۇن كۈنلەردە زېرىكىپ كىتىمەن دەپ ، مەمۇرلۇق كەسپىنى تاللىۋالغانىدىم . مانا ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشكىلى 6يىل بۇلاي دەپتۇ ، مەمۇرى ئورگاندا تەتىل دىگەندىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ، ئالدىراشلىقتىن ، كۆپىنچە ھاللاردا ھەتتا شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرىمىزنىمۇ خىزمەت ئىچىدە ئۆتكۈزىۋىتىمىز . بۇلتۇر 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىمىزنىڭ 5يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان يىغىلىش پائالىيتىمىزنىمۇ ئۆتكۈزەلمىدۇق . مەن تېخى 2006-يىلى 7-ئايدا 5يىللىق ئوقۇشۇمىزنى تۈگىتىپ ، ساۋاقداشلار بىلەن خوشلاشقان دەقىقىدە ، قىزلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ،مەيدەمگە ئۇرۇپ ، 2011-يىلى 7-ئايدا ئۆزۈم باش بۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساۋاقداشلارنى بىر يەرگە يىغىپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىمىزنىڭ 5يىللىقىنى ئۆتكۈزۈشكە لەۋزە قىلغانىدىم . شۇ چاغدا ساۋاقداشلىرىم ، ئۈگىنىش ھەيئىتى ئەمىسە گېپىڭىز گەپ جۇمۇ ، ناۋادا ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دىمەيمىز دىگەنىدى ..... ئەپسوس ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 1-2يىلچە ئۇلار بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولساقمۇ ، لېكىن  خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچلىكى بىلەن كىيىنچە ئالاقىمىز سۇسلىشىپ كەتتى ، ئۆتكەن يىلى خىزمەت كۈتۈۋاتقان كۆپىنچە ساۋاقدىشىمىز شىنجاڭغا ساھەلەر بۇيىچە ياردەم بىرىۋاتقان  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بىر يېرىم يىللىق ئوقۇشقا كەتتى ، ئەمدى ئۇلار بىلەن قاچان يۈز كۆرىشەلەيمىز بۇنىسى قاراڭغۇ ، ئۈمىدىم شۇكى پەقەت ئۇلار سالامەت بولسىلا ئاللا خالىسا ھامان بىر كۈنى ئۇلار بىلەن چۇقۇم يۈز كۆرىشىمىز !!!
      سىڭلىم نەۋرۇزئاي ، سىلەر تېخى كىچىك ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمىدىڭلار ، مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھەم تولىمۇ بەك قىسقا ، شۇنداقلا بۇ ئادەمنىڭ كىشلىك تۇرمۇش ، كەلگۈسى نىشان ، دۇنيا ۋە قىممەت قاراش ، ئىجتىمائىي ئالاقە ، غايە ، ئېتقاد ....شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۆتكۈنچى بىر دەۋىر . سىلەرگە تۇلىمۇ بەك ھەۋەس قىلىمەن ، شۇنداقلا شىلەرگە ئۇتۇق ۋە مۇۋاپپەقىيەت ، ساغلاملىق ، چىدامچانلىق ، قەيسەرلىك ، تەۋەككۈلچىلىك ، شۇنداقلا مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئىتقاد تىلەيمەن !!!
     رەھمەت سىزنىڭ ماڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى ئەسلەتكەنلىكىڭىزگە !!!!  

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 07:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە مېنىڭ تەتىل كۈنلىرىممۇ سەل ئالدىراش ئۆتىدۇ....

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5420 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 07:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئالى مەكتەپتىكى ئەشۇ جۇشقۇن،ياشلىق چاغلىرىم!:qiray146

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7627
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 7014 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىلىدىغان ھەم ئۆتكۈزۈدىغان بايراملىرىڭىز خېلى كۆپ ئىكەندە ! ئەمما مىنىڭ ئۆتكۈزىدىغان بايرانلىرىم ئانچە كۆپ ئەمەس.:qiray124

كۇكۇيۇن

قانائەت--تۈگىمەس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 3311 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 10:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دەم ئالسا بەك راھەت- ھە !

بىراق مەن بۇ تەتىلدە دەم ئالمىدىم ......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش