ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(3)
فېليەتون
-«فېليەتون» دەيدىغان گەپنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن، بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز.
-چاتاقچىلار چاتاق ھەققىدە يازغان چاتاق گەپلەرنى فېليەتون دەيمىز.
-بىر-ئىككى جۈملە گەپنى فېليەتون دەۋالىدىغانلارمۇ بارىكەن-ھە.
-بار، چوڭراق بىر نەرسە يازالمايدىغانلار شۇنداق قىلىدۇ، گەپنىڭ قىسقا بولغىنى ياخشى دەۋالىدۇ تېخى.
-فېليەتونچىلار مەنسەبدارلارنى، خوشامەتگۇيلارنى، چۈپرەندە-پاسىقلارنى قامچىلايمىز دەپتۇيا، بۇ راستمىدۇ؟
-بۇ يالغانلا گەپ، تىرناق ئاستىدىن كىر كولاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگىنىنى پەدازلاپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن يازدىم دېيىشىدۇ.
-ئەدەبلەش تەدبىرى باردۇ؟
-بار، فېليەتون دېگەننى گېزىت-ژۇرنالغا باسمايمىز، بىرەر گالۋاڭ ئېزىقىپ بېسىپ سالسا، شۇ سان گېزىت-ژۇرنالنى بېسىپ قويۇپ، تەۋەيىمىزدە تارقاتمايمىز. يامان بولغىنى موشۇ تور، چۇرتلا ئۈزۈۋەتسە بولمامدۇ دەيمەن.
2012-يىل 28-يانۋار.
كىمدىن ئاغرىنار
بىر ئادەم روناق تېپىپ باي بولۇپ كەتسە، ھەممىدىن ئاۋال پارتىيەنىڭ دانا سىياسىتىگە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ھەشقاللا-رەھمەت ئېيتىدىكەن، ئۆزىنىڭ قانداق تىرىشقانلىقىنى تارتىنچاقلىق بىلەن ئاز-پاز سۆزلەپ قويىدىكەن. ئەگەر روناق تاپالمىسا ياكى تەس كۈنگە قالسا، كىمدىن ئاغرىنار؟
ئاقلاش
چېرىكلىك توغرىسىدا گەپ بولسا، بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، جۇڭگودىمۇ، چەتئەلدىمۇ، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە چېرىكلىك بولغان دەيدىكەنمىز. ئۇ جەمئىيەتلەر فېئودالىزىم ياكى كاپىتالىزىم تۇرسا، يېپ-يېڭى جەمئىيىتىمىزنى چېرىكلەشكەن جەمئىيەتلەرگە تەڭلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئاقلىغىنىمىز نېمە گەپ؟
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=518
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-12 10:19 PM